ئەقىدىدە مەسىلىلىرىدە جاھالەت (بىلمەسلىك) ئۆزۈر ھېسابلىنامدۇ؟

ئەقىدىدە مەسىلىلىرىدە جاھالەت (بىلمەسلىك) ئۆزۈر ھېسابلىنامدۇ؟

سوئال: ھۆرمەتلىك شەيخ، سىلىنىڭ بولۇپمۇ ئەقىدە مەسىلىسىدە بىلمەسلىك (جاھىللىق) سەۋەبلىك ئۆزرىلىك سانىلىش ھەققىدىكى قاراشلىرى قانداق؟ بىزگە بۇ مەسىلىنى ئېنىق بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا؟ ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

جاۋاب: ئەقىدە ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ۋە ۋاجىپلارنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر. ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ھەقىقىتى: ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئەلچىلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. شۇنداقلا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئىبادەتكە لايىق بىردىنبىر مەبۇد ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشتۇر — يەنى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» (ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھەق مەبۇد يوق) دەپ گۇۋاھلىق بېرىشتۇر. مۆمىن كىشى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن باشقا ھېچقانداق ھەق مەبۇد (ئىبادەت قىلىنغۇچى) يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئىككى تۈرلۈك مەخلۇقاتقا — جىن ۋە ئىنسانلارغا ئەۋەتكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى (ئاخىرقىسى) ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر.

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم كىشىدە بولۇشى شەرت بولغان، ئەقىدىنىڭ ئەڭ جەۋھەر قىسمىدۇر. ئەر-ئايال ھەممەيلەننىڭ چوقۇم بىلىشى شەرتتۇر. چۈنكى بۇ ھەق دىننىڭ ئاساسىدۇر. يەنە ئاللاھ ۋە رەسۇلى قىيامەت ئىشلىرىدىن خەۋەر بەرگەن جەننەت، دوزاخ، ھېساب-كىتاب، مۇكاپات-جازا، ئەمەل دەپتەرلىرىنىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئۇنى ئوڭ ياكى سول قول بىلەن ئېلىش، ئەمەللەرنىڭ تارازىغا تارتىلىشى… قاتارلىق قۇرئان ئايەتلىرى ۋە نەبەۋىي ھەدىسلىرىدە كەلگەن غەيبىي ئىشلارغا ئىمان كەلتۈرۈش ھەممەيلەنگە ۋاجىپتۇر.

بۇ ئىشلارنى بىلمەسلىك ئۆزرە سانالمايدۇ. ئەكسىچە كىشىنىڭ بۇ ئىشلارنى ئۆگىنىشى ۋە بۇ ھەقتە توغرا بىلىمگە ئېرىشكەن بولۇشى ۋاجىپتۇر. بىر كىشى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاۋاتقان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى ئۇنىڭغا يەتكەن تۇرۇپ: «مەن بۇلارنى بىلمەيتتىم» دېگەن سۆزى بىلەن ئۆزرىلىك سانالمايدۇ. بۇنداق كىشى (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈگۈچى، غەپلەتتە قالغۇچى ۋە بۇ مۇھىم ئىشلارغا سەل قارىغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزلىرىلىك بولالمايدۇ.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ إِنْ هُمْ إِلا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا } «سەن ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) كۆپىنچىسىنى (ھەقنى) ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار پەقەت چارۋا ماللارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر.»

— فۇرقان سۈرىسى، 44-ئايەت

(بۇ ئايەتتە ئاللاھ ئازغۇن يولدىكىلەرنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزرىلىك دەپ ھېسابلىماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارغا ئازغۇنلۇق ھۆكمىنى بېرىۋاتىدۇ.)

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: {وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لا يَسْمَعُونَ بِهَا أُولَئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُولَئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ} «بىز نۇرغۇن جىن ۋە ئىنسانلارنى دوزاخ ئۈچۈن ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرى بار تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن (ھەقنى) چۈشەنمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن (ھەقنى) كۆرمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن (ھەقنى) ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇلار چارۋا ماللارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر. ئۇلار (ھەقنى كۆرۈش، بىلىش، چۈشىنىشتىن) غەپلەتتە قالغۇچىلاردۇر»

— ئەئراف سۈرىسى، 179-ئايەت

(بۇ ئايەتتە ئاللاھ ئەقىل ۋە كۆز – قۇلاقلىرىنى ھەقنى تونۇشقا سەرپ قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بىلمەسلىكىنى، چۈشەنمەسلىكىنى ئۆزرە سانىماستىن، ئەكسىچە بۇنداقلارنىڭ دوزاخ ئۈچۈن يارتىلىغانلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.)

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇشۇنداق كىشىلەر ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:

{إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ}

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى دوست تۇتتى. (شۇنداق تۇرۇقلۇق) ئۇلار ئۆزلىرىنى ھىدايەت تاپقۇچىلار دەپ گۇمان قىلىشىدۇ.»

— ئەئراف سۈرىسى، 30-ئايەت

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەردە زالىملارنى جاھىللىقى، (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ۋە غەپلەتتە قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزرىلىك سانىمىغان.

ئەمما مۇسۇلمانلاردىن يىراقتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، مۇسۇلمانلار بولمىغان، قۇرئان ۋە سۈننەت خەۋىرى يەتمىگەن چەت ئەللەردە ياشايدىغان (ئۆزلىرىگە قۇرئان ۋە ئىسلام توغرۇلۇق ھېچقانداق خەۋەر يېتىپ كەلمىگەن) كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئۆزرىلىكتۇر. ئەگەر ئۇلار مۇشۇ ھالەتتە ئۆلسە، ھۆكمى قىيامەت كۈنى ئىمتىھان قىلىنىدىغان «ئەھلى فەترەت»لەرنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئۇلاردىن كىمكى (قىيامەت كۈنىدىكى ئىمتىھاندا) چاقىرىققا جاۋاب بېرىپ، بۇيرۇققا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىمكى ئاسىيلىق قىلسا دوزاخقا كىرىدۇ.

ئەمما نامازنىڭ، زاكاتنىڭ ياكى ھەجنىڭ بەزى ئەھكاملىرىغا ئوخشاش، بەزىدە بەزى كىشىلەرگە يوشۇرۇن (مەخپىي) قالىدىغان مەسىلىلەردە، كىشى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزرىلىك سانىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ھېچقانداق تەرەددۇت يوق. چۈنكى بۇنداق مەسىلىلەر نۇرغۇن كىشىلەرگە نامەلۇم قالىدۇ. ھەممە ئادەم بۇ مەسىلىلەرنىڭ فىقھىي نازۇكلۇقلىرىنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمى (ئەقىدە مەسىلىلىرىگە قارىغاندا) يېنىكرەكتۇر.

مۆمىن كىشىنىڭ دىنىنى ئۆگىنىشى، دىنىي بىلىملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە ئەھلى ئىلىملەردىن سورىشى ۋاجىپتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: {فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لا تَعْلَمُونَ} «ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىملەردىن سوراڭلار» [نەھل سۈرىسى، 43-ئايەت]. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىلىمسىز پەتۋا بەرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرگە: «بىلمىگەن بولسا سورىسا بولمامدۇ؟ جاھىللىقنىڭ شىپاسى سوراشتۇر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من يرد الله به خيرا يفقهه في الدين)) «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق خالىسا، ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ.»

شۇڭا مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارنىڭ دىنىنى ئۆگىنىشى، ئۆزلىرىگە نائېنىق بولغان مەسىلىلەرنى سورىشى، جاھالەت – بىلىمسىزلىتە داۋام قىلماسلىقى، (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈمەسلىكى ۋە غەپلەتتە قالماسلىقى ۋاجىپتۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان، بۇنىڭغا ئىلىم-مەرىپەتسىز يەتكىلى بولمايدۇ. ئىلىم غەپلەت ۋە يۈز ئۆرۈش بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئىلىم تەلەپ قىلىش بىلەن ۋە بىلمىگەنلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەھلى ئىلىملەردىن سوراش بىلەن قولغا كېلىدۇ.

مەنبە: شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتۋالار ۋە ماقالىلەر توپلىمى، 9-جىلد، 398-بەت

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ