مۇسۇلمان قاچان جاھالەت سەۋەبلىك ئۆزرىلىك بولىدۇ، قەبرىپەرەسلەر ئۆزرىلىكمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

مۇسۇلمان قاچان جاھالەت سەۋەبلىك ئۆزرىلىك بولىدۇ، قەبرىپەرەسلەر ئۆزرىلىكمۇ؟

سوئال: كىشى قاچان جاھالەت سەۋەبلىك ئۆزرىلىك دەپ قارىلىدۇ؟ قەبرىپەرەسلەر ئۆزرىلىك ھېسابلىنامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: كىشى يوشۇرۇن، مۇرەككەپ مەسىلىلەردە، خۇسۇسەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئۆگىنىپ – ئاڭقىرىپ بولغانغا قەدەر بىلەلمەي قالىدىغان بەزى شەرئىي ھۆكۈملەردە ئۆزرىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئاشكارا مەلۇم بولغان ئىشلارغا كەلسەك، مەسىلەن، بىر كىشى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ياشاپ تۇرۇپ: «مەن زىنانىڭ ھاراملىقىنى بىلمەپتىمەن» دېسە، ئۇ ئۆزرىلىك ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى زىنانىڭ ھاراملىقى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېنىق مەلۇم بولغان ئىشتۇر. شۇنىڭدەك، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاۋېتىپ: «مەن ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى بىلمەپتىمەن» دېسە، بۇ جەھەتتىمۇ ئۆزرىلىك دەپ قارالمايدۇ. لېكىن، ئىنچىكە فىقھىي ھۆكۈملەرگە ئوخشاش، ئىلىم ئەھلى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەرگە يوشۇرۇن قالىدىغان بەزى مەسىلىلەردە ئۆزرىلىك بولىدۇ.

شۇنداقلا، بىر كىشى: «ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىشنىڭ ۋە ئۇلاردىن ياردەم سوراشنىڭ (ئىستىغاسە) چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەپتىمەن» دېسە، بۇنىڭدىمۇ ئۆزرىلىك ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ (يەنى ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھتىنلا دۇئا ئارقىلىق ياردەم سوراش) تەۋھىدنىڭ ئەسلى ۋە دىننىڭ ئۇلىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى دەل مۇشۇنداق ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشنى مەنئىي قىلىش ۋە يوق قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان، قۇرئاندا مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھقا قانداق شىرك كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان. (شۇڭا، قەبرىپەرەسلەر ئۆزرىلىك ھېسابلانمايدۇ.)

— قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلدى

مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/8243/الامور-التي-يعذر-فيها-المسلم-بالجهل

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ