جاھالەت سەۋەبلىك ئەۋلىيانىڭ قەبرىسىدىن بەرىكەت ئۈمۈت قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات
رىياسەتچىنىڭ سوئالى: قاھىرەدىن مەھمۇد ئەھمەد ئۇمەيرە مۇنداق سوئال سوراپتۇ: ئىنسان جاھالىتى سەۋەبلىك ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنامدۇ؟ مەسىلەن، بىر كىشى بىرەر ئەۋلىيانىڭ قەبرىسىدىن بەرىكەتكە ئېرىشىش نىيىتىدە ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلسا، ئەمما بۇنىڭ چوڭ شىرك قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، بۇنداق كىشى ئۆزرىلىك ھېسابلىنامدۇ؟ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللەر كەلتۈرۈش ئاساسىدا بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشلىرىنى سورايمىز، ئاللاھ سىلىنى مۇكاپاتلىسۇن.
ئىمام ئىبنى بازنىڭ جاۋابى:
جاۋاب: تەۋھىد ۋە شىرككە ئالاقىدار ئەقىدە مەسىلىلىرىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاۋاتقان، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ئوقۇپ، ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان؛ ھەمدە سوراپ بىلىش ئىمكانىيىتى بار بولغان كىشى جاھالىتى (بىلمەسلىكى) سەۋەبلىك ئۆزرىلىك ھېسابلانمايدۇ. قەبرىلەرگە دۇئا قىلىش، ئۆلۈكلەردىن مەدەت سوراش (ئىستىغاسە قىلىش) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا ئۆزرە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە، كىشىنىڭ دىنىنى ئۆگىنىشى ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋاجىپتۇر، بۇ مەسىلىدە سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جاھىلىيەت دەۋرىدە (ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇن) ۋاپات بولغان ئانىسىغا مەغپىرەت تىلەش ئۈچۈن ئاللاھتىن ئىزىن سورىغاندا، ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ ئانىسى ئۈچۈن مەغفىرەت سورىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. شۇنىڭدەك، بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتىسى ھەققىدە سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئاتاممۇ، سېنىڭ ئاتاڭمۇ دوزاختا» دېگەن. ھالبۇكى ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىدە ۋاپات بولغان ئىدى. (يەنى، دىن تولۇق يېتىپ كەلمىگەن شارائىتتا ئۆلگەنلەرنىڭ شىرك سەۋەبلىك ئەھۋالى مۇشۇنداق بولغان يەردە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تۇرۇپ شىرك قىلغانلارنىڭ ئۆزرى قوبۇل قىلىنمايدۇ.)
بىر تۈركۈم ئىلىم ئەھلىلىرى مۇنداق دېگەن: بۇنىڭ سەۋەبى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىن خەۋەردار ھالەتتە ۋاپات بولغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى شىركتىن توسۇشنى ئاساس قىلاتتى. بەلكىم ئانىسىغا بۇ دەۋەت يەتكەن (ئەمما خىلاپلىق قىلغان) بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا رەسۇلۇللاھنىڭ ئانىسى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىشى مەنئى قىلىنغان. بەلكىم ئاتىسىغىمۇ بۇ دەۋەت يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: <مېنىڭ ئاتاممۇ، سېنىڭ ئاتاڭمۇ دوزاختا> دېگەن. ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتا-ئانىسى جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇرۇپمۇ ئۆزرىلىك ھېسابلانمىغان بولسا، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاۋاتقان، ئەتراپىدا ئۆلىمالار بار بولغان، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان كىشى قانداقمۇ ئۆزرىلىك بولسۇن؟
خۇلاسە شۇكى، قەبرىلەرگە بېرىۋېلىپ ئۇ يەردە ئېتىكاپ قىلىدىغان ۋە ئۆلۈكلەردىن مەدەت سورايدىغانلار (بۇ قىلمىشىنىڭ ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ھېسابلىنىدىغان چوڭ شىرك ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى سەۋەبلىك) ئۆزرىلىك ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىلىم ئەھلىدىن سورىشى ۋاجىپتۇر (ئەمما ئۇلار بۇ ۋاجىپنى ئورۇندىمىدى)، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يامان ھالىتىدە چىڭ تۇرۇۋالماسلىقى ۋاجىپتۇر، چۈنكى شىركتىن ئاگاھلاندۇرغان ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر ئۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئۇلار شىركتىن ئاگاھلاندۇرغان ئايەت – ھەدىسلەرگە پەرۋا قىلمىسا، بۇ پەرۋاسىزلىقى سەۋەبلىك ئۆزرىلىك ھېسابلانمايدۇ، بەلكى شىرك ئەھلى ھېسابلىنىدۇ.)
— مۇجتەھىد تورى تارقاتتى
مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/8242/حكم-من-زار-قبور-الاولياء-للتبرك-بها-جاهلا
