«ناخشا – مۇزىكا جېدىلى» ھەققىدە ئويلار
قۇدرەت بارات
(2026-يىلى، 21- تومۇز)
قارا كىيىم جېدىلى تۈگەپ بىرەر ھەپتە بولار بولماي، ئەمدى بىر زىيالىرىمىز چىقىپ ناخشا-مۇزىكا جېدىلىنى قىلغىلى تۇرۇپتۇ.
ئەلۋەتتە، ئۇ زىيالىي ئەپەندىم ئۆزىنى «ناخشا-مۇزىكا جېدىلى قىلىۋاتىمەن» دەپ ئويلىمايدۇ، ئەكسىچە يازغانلىرى ئارقىلىق «ناخشا – مۇزىكىنى ھارام دەيدىغانلارنىڭ كاللىسىنى ئېچىپ قويىۋاتىمەن» دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
تېخى نەچچە ھەپتە ئىلگىرىلا بىرى چىقىپ قارا كىيىملىك خانىم – قىزلارغا تىل سالغان ئىدى، ئۇنىڭ چىقارغان جېدىلى بېسىقىپ تۇرۇشىغا ئۈلگۈرتىپلا ئۇنىڭ دوستى چىقىپ «ناخشا مۇزىكىنى يامان كۆرىدىغانلارنىڭ پىسخىكىسىدا چاتاق بار» دەپ يېزىپ، ناخشا-مۇزىكا جېدىلى، ياكى «ناخشا مۇزىكا ئىنقىلابى» قوزغىغىلى تۇرۇپتۇ.
بۇ خىل شاماللار ئارقا – ئارقىدىن چىققاندا، شاھىت بولغۇچىلارنىڭ «بىر گورۇھ سېكۇلار دوست-بۇرادەرلەر مۇشۇ خىل مەسىلىلەردە شامال چىقىرىشقا ئەنت ئىچىشكەنمۇ قانداق» دەپ ئويلاپ قېلىشى تەبئىي.
«ناخشا – مۇزىكىنى يامان كۆرىدىغانلارنىڭ پىسخىكىسىدا چاتاق بار» دەپ يېزىۋاتقان زىيالىي ئەپەندىممۇ، شۇنداقلا باشقا ھەر قانداق بىرىمۇ نېمىنى يېزىشتا، نېمىنى يازماسلىقتا مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە. ھېچكىم ھېچكىمنى سەن ئاۋۇنى يازماي ماۋۇنى ياز، سەن ئۇنى دېمەي بۇنى دەپ مەجبۇرلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.
ئەمما، مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، ئاللاھتىن ۋە ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان مۆمىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بار. بۇ خىل ئۇيغۇرلار مۇشۇ زىيالىي ياشاۋاتقان نورۋېگىيەدىمۇ بار. بۇ زىيالىيرىمىز ئەسلىدە ئىشنى تېخىمۇ ئىلمىي ۋە رېئاللىققا ئۇيغۇن شەكىلدە «ھەل قىلىش» ئۈچۈن، ئەڭ كەمىدە ئەتراپىدىكى ياكى توردىكى دىندار دەپ قارالغان ئۇيغۇرلاردىن «سىلەر نېمىشقا ناخشا – مۇزىكىنى يامان كۆرىسىلەر» دەپ سوراپ، دوستانە رەۋىشتە پاراڭلىشىپ باققان بولسا، «ناخشا – مۇزىكا ھارام» دەپ قارايدىغان ۋە نېمىشقا ھاراملىقىنى دەلىلى بىلەن بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلىشىپ باققان بولسا، ئۇ چاغدا «ناخشا-مۇزىكىغا ئۆچ ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىدا چاتاق بار» دېگەن سېپى ئۆزىدىن خاتا جۈملىنى تۈزۈشتىن نومۇس قىلغان بولاتتى.
مەزكۇر زىيالىيلىرىمىز بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلماستىنلا، ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئوي-خىيالىغا بىنائەن يۇقىرقى دىئاگنوزنى يامپاشقا ئۇرۇپلا توقۇپ چىقتى.
مەيلى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، مەيلى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئارىسىدا ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھالال – ھاراملىقى توغرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى بار. لېكىن بۇ مەسىلىدە ساھابە – تابىئىنلار ئىختىلاپ قىلمىغان، تۆت ئىمام ئىختىلاپ قىلمىغان. ئەڭ مۇھىمى قۇرئان كەرىمدە ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان تۆت ئايەت، ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان ئونلارچە سەھىھ ھەدىس بار.
ناخشا مۇزىكىنى ھارام دېگۈچىلەر ھەرگىز پىسخىكىسى بۇزۇلغان، ئۈمىدسىزلىنىپ، چۈشكەنلەشكەن بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام دېمەيدۇ. ئەكسىچە، كىتاب – سۈننەتنىڭ تەقەززاسىغا، تۆت ئىمامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەلەپ ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئان – سۈننەتتىن چۈشەنگىنىگە بىنائەن كەسكىن رەۋىشتە «ناخشا مۇزىكا ھارام» دەيدۇ. سەلەپ دەۋرىدە ناخشا – مۇزىكا ھالالمۇ، ھاراممۇ، دەيدىغان ئىختىلاپ يوق ئىدى. بارچە سەلەپ ئالىمى بىردەك ھالدا «ناخشا مۇزىكىنى ھارام» دەپ بىلەتتى. ناخشا – مۇزىكا ھالالمۇ – ھاراممۇ مەسىلىسى كېيىن بىدئەتچى – پاسىقلار ئوتتۇرىغا چىقارغان مەسىلە.
يىللار ئىلگىرى «ئىسلامدا ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان – سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر » ماۋزۇلۇق بىر ماقالە يازغان ئىدىم. بۇ ماقالىدە ناخشا مۇزىكا ھەققىدە قانداق ئايەت، قانداق ھەدىس بار، سەلەپ – سالىھىن نېمە دېگەن، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن مەشھۇر ئۆلىمالار بۇ ھەقتە نېمە دېگەن، دەلىللىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قىززىققۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن ئوقۇپ باقسا بولىدۇ:
ئىسلامدا ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان – سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر
https://mujtehid.com/2024/04/25/331/
بەزىلەر «سەن دۇنيادىن خەۋىرىڭ يوق، كەچكىچە دىن – دىن دەپلا تۇرىدىغان قارا قورساق بولغانكىن مۇشۇنداق دېيىشىڭ تەبئىي» دەپ ئۆكتە قوپۇشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن مەن ئۆزۈم بىر زىيالىي. زىيالىي ئائىلىسىدە چوڭ بولدۇم، شۇنداقلا بىر تۈركۈم مەشھۇر زىيالىيلارنىڭ ئالدىدا دېگۈدەك ئۆسۈپ يېتىلدىم. كىچىكىمدىن باشلاپ كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ ۋە ئىلم سورۇنلىرىنىڭ ئارىسىدا يېتىشتىم. ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈپ باشقۇرۇش ۋە مالىيە ئىلىمىدە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىن باشلاپلا قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا ئۈرۈمچىدە چىقىپ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىدىغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا تەرجىمە ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا دۇنياغا مەشھۇر، مەزمۇنى ئېسىل بىر ئەدەبىي ئەسەرنى خىتايچىدىن تەرجىمە قىلدىم. بىر – ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ئەسىرىم ۋەتەندىكى نوپۇزلۇق نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىردىن چىقتى. خىتايچىدىن رومان تەرجىمە قىلغان چېغىمدا 22 ياشتا ئىدىم. بىر قىسىم مەشھۇر زىيالىيلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەش، نەشىرگە تەييارلاش خىزمەتلىرىگە ئىزچىل قاتناشتىم. غەرپ ئەدەبىياتى، جەمئىيەتشۇناسلىق، سىياسەت، غەرپ پەلسەپىسى، پسخولوگىيە، تارىخ ساھەسىدە خىتايچە، ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە قاتارلىق دۇنياۋى تىللاردىن تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىم مەۋجۇت.
دىنىي ساھەدە ھەدىس تەرجىمىسى، قۇرئان تەرجىمىسى، تەپسىر تەرجىمىسى، سىيرەت، تەرجىمھال، دىنىي تارىخى ئەسەرلەر تەرجىمىسى ۋە فىقھىي ساھەلەردىكى ئەمگەكلىرىم ئاز ئەمەس. ئۆز ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرىنى كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇش جەھەتتىمۇ خىزمەتلىرىم مەۋجۇت. دىنىي ۋە پەننىي ساھەدە قىلغان ھەممە ئشنى تىلغا ئېلىپ يۈرسەك گەپ ئۇزۇراپ كېتىدۇ.
2009 – يىللىرىدىن ئىلگىرى مەنمۇ ناخشا – مۇزىكىنى ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى قىلغان، دۇتتارنى راۋۇرۇس چالىدىغان، ناخشا – ئۇسۇلغا ئامراق، دۇنيادىكى ئەڭ داڭدار ناخشىچىلارنى تولا ئاڭلاپ، باشقىلارغا يېڭى ناخشا – مۇزىكىلارنى تەشەببۇس قىلىدىغان، سورۇنغا كەلسەم دۇتارنى قولغا ئېلىپ ئىككى پەدە چېلىپ سورۇن قىزىتالىغۇدەك ياش ئىدىم. ئائىلە ساياھەتلىرىمىز كۆپ ئىدى. نەگە بارساق ناخشا – مۇزىكىنىڭ ئىچىدە ئىدۇق. مەنچە بۇ كۆپىنچە ئۇيغۇرلارغا ئورتاق ئەھۋال. (ئىسلامدا ئۆزىمىز قىلغان گۇناھلارنى ئوتتۇرىدا سۆزلەپ يۈرۈش جائىز ئەمەس. ئەمما، بۇنى دېيىشنىڭ بەزى مۇستەسنا تەرەپلىرى بار. يۇقىرىقى يامان ئۆتمۈشلەر شۇ خىل مۇستەسنالىققا بىنائەن دېيىلدى.)
2008 – يىلىدىن باشلاپ ئىسلامنىڭ بىرىنچى قول مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەدىس كىتابلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇش، ئىسلام ھەققىدە توختىماي ئىزدىنىش، دىنىي ساھەدە ئۆزۈم ئېرىشەلىگەنلىكىنى ھەر قانداق مەشھۇر ئەسەرلەرنى خىتايچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە ۋە كېيىنچە قىسمەن ئەرەپچە قاتارلىق تىللاردىن ئوقۇپ ئىزدىنىش جەريانىدا، يەنى ھەقنى ئىزدەش جەريانىدا ناخشا – مۇزىكىنىڭ — كىشىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخىت – سائادەتكە يېتىشىدىكى بىر زىيانلىق ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكىنىمگە مانا 15 يىل بوپتۇ.
ناخشا – مۇزىكا دېگەن ئىنتايىن جەزبىدار نەرسە. ئۇنىڭدىن مېھىر ئۈزمەك تەس. ئىلگىرى ناخشا – مۇزىكا بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىغان، ھەتتا ئاز – تولا شۇغۇللىنىدىغان بىرىنىڭمۇ ناخشا – مۇزىكىنى ئۈزۈل – كېسىل تاشلىشى تەسكە توختايدۇ. كىشىنى تاماكا قانداق خۇمار قىلسا، ناخشا – مۇزىكا ئۇنىڭدىنمۇ بەك خۇمار قىلىدۇ.
ناخشا – مۇزىكا ھارام دەۋاتقان مۆمىنلەر ھەرگىزمۇ «سەنئەت»تىن زوق ئالالمايدىغان ھېسسىياتسىز، قاپاقباش كىشىلەر ئەمەس. «سەنئەت» كاتېگورىيىسىگە تەۋە قىلىنغان ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشقا، ئۇنىڭدىن زوق ۋە ھوزۇر ئېلىشقا ساپا، سەۋىيە كەتمەيدۇ، ئەقىل ياكى ئىلىم كەتمەيدۇ. سىزنىڭ ناخشا – مۇزىكىدىن ھوزۇر ئېلىشىڭىز سىزنىڭ سەنئەت ھۈجەيرىڭىزنىڭ بەك تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىدىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئاتالمىش ھوزۇردىن ئۇزاق تۇرۇشى ئۇلاردا سەنئەت ھۈجەيرىسىنىڭ، ئاڭ ۋە ھېس تۇيغۇنىڭ، گۈزەللىك قارىشىنىڭ، ئىستېتىك تۇيغۇنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس. ناخشا-مۇزىكىنىڭ «چاپىنىنى» كۆتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقىنى ئۆزىدىكى بىرەر ئىلىمدىن، ياكى قەلب گۈزەللىكىدىن، ياكى ئەقىلدىن، ئىشقىلىپ بىرەر ئالاھىدە تالانت ۋە ئالاھىدىلىكتىن بولغان، دەپ قارىۋالسا بۇ تولىمۇ ئەخمەقلىك بولىدۇ. ناخشا – مۇزىكىدىن ھوزۇر ئېلىش دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان، ئەڭ قولاي ئىش. ئۇنىڭدىن ئەقىل دەيدىغان نەرسە ئاساسەن بولمىغان بىر ياشلىق بالىمۇ، كالا – قوي قاتارلىق ھايۋاناتلارمۇ ھوزۇر ئېلىشنى بىلىدۇ. ناخشا-مۇزىكىدىن ئۇزاق تۇرىدىغان مۆمىنلەر ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش سەۋەبلىك كىشىدە ھاسىل بولىدىغان قەلىب غاپىللىقى ۋە نەپسى-خاھىشنىڭ يامانلىققا كۈشكۈرتۈش خەتىرىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن، ئاقىل كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ناخشا – مۇزىكىدىن ئۇزاق تۇرۇشى بەئەينى تەمى ناھايىتى مەززىلىك، پۇرىقى ئىنتايىن گۈزەل، ئەمما يېگەن كىشىنىڭ بەدىنىگە، سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ئەخلەت يېمەكلىكلەر تەنگە زىيان سالسا، ناخشا-مۇزىكا قەلىب ساغلاملىقىغا، ئەقلىي ئۆتكۈرلۈككە ۋە ئىمانغا زىيان سالىدۇ. ئۇلار «ناخشا – مۇزىكا ئىمانىمنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھارام قىلغان بۇ شەيتان نەغمىسى ماڭا ياراشمايدۇ» دەپ قاراپ، جەزبىدار ناخشا – مۇزىكىغا قارشى كۈچلۈك رەۋىشتە نەپسىي جىھاد قىلىدۇ. ناخشا – مۇزىكىدىن ئېسىللەرچە ئۇزاق تۇرۇشنى ئىنسانىي ۋە ئىمانىي تاكامۇللۇق يولىدىكى ئاددىي ۋە زۆرۈر قەدەم دەپ بىلىدۇ.
ناخشا-مۇزىكىدىن ئۇزاق تۇرۇش دىندارلارنىڭ نەزىرىدە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋاپا مەسىلىسىدۇر. ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورقىدىغان، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىنى ۋە جامالىنى ئارزۇلايدىغان تەقۋا مەسىلىسىدۇر. بولمىسا قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئالدىدىكى تاماقنى بىردەمدىلا پاك – پاكىزە يۇغۇشتۇۇرۋېتىشى بىر ئارتۇقچىلىق ياكى قالتىسلىق بولمىغىنىدەك، «ناخشا – مۇزىكىدىن ھوزۇر سۈرۈش»مۇ قالتىسلىق ياكى ئالاھدىلىك ئەمەس. ھەتتا، ئېشەك – كالىلارغىمۇ ناخشا – مۇزىكا قويۇپ بەرسە ھوزۇرىنى سۈرۈشنى بىلىدۇ. شۇڭا، بەزى نادان كىشىلەر ئويلىغاندەك، ناخشا مۇزىكىغا خۇشتارلار — سەنئەت ھۈجەيرىسى بار، ئىلمىيلىكتىن، مەدەنىيلىكتىن نېسىۋىسى بار كىشىلەر ئەمەس. ئەسلا بۇنداق ئەمەس.
ئەگەر ناخشا – مۇزىكىنى شەكسىز ھالال دەپ بىلسەك، بىرىنچى بولۇپ ئاڭلايدىغىنى بىز بولغان بولاتتۇق. ئەڭ كەمىدە بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىدا شەك – شۈبھە بولمىغان ئىكەن، ناخشا – مۇزىكىدىن ئۇزاق تۇرۇش — ئۆز ئېتىقادىغا ۋە پىرىنسىپىغا ساداقەت كۆرسەتكەنلىك بولۇپ، كاللىسى نورمال ئىشلەيدىغان بىر كاپىرمۇ بۇ خىل ئېتىقادىي ساداقەتكە ھۆرمەت بىلدۈرۈشى ئۇنىڭ ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىدۇر.
***
ناخشا – مۇزىكا نېمىشقا زىيانلىق؟
توغرا، ناخشا – مۇزىكا ئاڭلىسا كىشى دەمال دىندىن چىقىپ كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ. ناخشا – مۇزىكا ئاڭلايدىغان بىر مۇسۇلمان بىر ئۆمۈر دىندىن چىقىپ كەتمەي، ھەتتا بەش نامىزىنىمۇ تاشلىماي، مۇسۇلمان ھالەتتە ئۆلۈپ تۈگەپ كېتەلىشى تامامەن مۇمكىن.
ئەمما، بارچە ساھابىلەر بىرلىككە كەلگەن بىر ھۆكۈم بار. ئۇ بولسىمۇ «ناخشا – مۇزىكا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ.»
نىفاق — ھەقنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرمەسلىك، ئەكسىچە ھەقكە زىت نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش، لېكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق، ھەقنى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىش، دېگەنلىكتۇر.
يەنى ناخشا – مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغانسېرى كىشىنىڭ ئىمانى زەئىپلىشىدۇ. ناماز خۇش ياقماس، قۇرئان ئوقۇش خۇش ياقماس، پەرز – مۇستەھەپ ئىبادەتلەر خۇش ياقماس بولۇپ قالىدۇ.
زىيالىيلار ئارىسدا ناخشا – مۇزىكا دەپ سەكراۋاتقانلار ئاساسەن بىر ۋاخ نامازمۇ ئوقۇمايدىغان، رامزان كەلسە ئوتتۇز كۈنلۈك رامزان روزىسىنى تولۇق تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىر كۈن روزا تۇتۇشمۇ ئېغىر كېلىدىغان، مېلىنىڭ زاكىتىنى ئىسلام شەرىئىتىگە بىنائەن بەرمەيدىغان، ئىسلامدىكى ھىجاپ ۋە مەھرەمىيەت مەسىلىلىرىگە دۈمبىسىنى قىلىۋالىدىغان كىشىلەر بولۇپ چىقىدۇ.
دۇنيادا ناخشا مۇزىكىنى بەك تەشۋىق قىلىدىغان، ئىسلامغىمۇ بەك ياخشى ئەمەل قىلىدىغان بىرمۇ شەخس يوق.
كۈنىمىزدە بامدات نامىزىغا قوپمايدىغان مۇسۇلمانلار ئاۋۇپ قالدى. قۇرئان ئوقۇش خوش ياقمايدىغان مۇسۇلمانلار تېخىمۇ ئاۋۇپ قالدى. مانا بۇ كىشىنىڭ قەلبىدە نىفاق ئۇرۇقلىرىنىڭ بىخ سۈرۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل ئاشۇ شەيتانىي ناخشا-مۇزىكىلار، جاھىلىيەتچە كىنو فىلىملەردۇر.
سىز ناخشا – ئاڭلىغانسېرى، كىنو كۆرگەنسېرى نامازغا شۇنچە ھېرىسمەن بولۇپ كېتىۋاتقان، ئەخلاقى شۇنچە ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقان، ياخشىلىققا شۇنچە خۇشتار بولۇپ كېتىۋاتقان بىرمۇ مۇسۇلماننى، ھەتتا بىرمۇ كاپىرنى تاپالمايسىز.
مەيلى مۇسۇلماننىڭ، مەيلى كاپىرنىڭ ئىچىدە كىشى ناخشا – مۇزىكا، كىنو فىلىم بىلەن قانچە كۆپ شۇغۇللىنىدىغانلىرىنىڭ يامانلىققا، ھەتتا جىنايەتلەرگە چېتىلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى.
ھەتتا، مۇشۇ ناخشا – مۇزىكا «جېدىلى»نى كۆتۈرۈپ چىققان زىيالىرىمىزمۇ — ئەگەر ئۇنىڭ ناخشا – مۇزىكا خۇشتارلىقى يەنە بىر نەچچە بالداق ئۆسسە، ئۇ ھالدا ھازىرقىدەك كىتاپ – ماقالە يېزىش، يەنى ئازدۇر – كۆپتۇر ھوسۇل بېرىش ھالىتىدىن كۆپلەپ چېكىنىپ كېتىشى يۈزدە يۈز.
ناخشا مۇزىكا ئاڭلاش بىلەن بىرگە كىتاب – ماقالە يېزىۋاتقان، بەزى پايدىلىق دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشىلەر ئەگەر ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش ۋە كىنو – فىلىم كۆرۈش چاستوتىسىنى يەنە بىر نەچچە بالداق كۆتۈرسە، ئاز كۈندىلا ئەخلەتكە ئوخشاشلا قىممىتى يوق، مېىۋە بەرمەس ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
يەنى ناخشا – مۇزىكا، كىنو – فىلىملەر دىندار كىشىنىڭ دىنىغا زىيان سېلىپلا قالماي، دىنسىز كىشىنىڭ ئەقلىنى، ئۆتكۈرلۈكىنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئىسلام ئۆلىمالىرىلا ناخشا – مۇزىكا ھارام دەپ قارىمايدۇ. غەرپتە بەزى پسخولوگ ۋە نېرۋولوگلارنىڭ «ناخشا – مۇزىكا ئىنسانغا زىيانلىق» دەپ يازغان ماقالە – ئەسەرلىرى مەۋجۇت.
***
ناخشا – مۇزىكغا ھەققىدىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتلەر
ئەگەر ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان بىر بالىنى ناخشا – مۇزىكا، كىنو – فىلىم يولىغا باشلىۋەتسەك، ئۇ بىر نەچچە ئايغا بارمايلا دەرس خوش ياقمايدىغان، ئويۇن – تاماشىغا ئامراق بالىغا ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ.
ئەگەر بىر مۇتەپەككۇر ياكى پەيلاسوپ ناخشا – مۇزىكىغا بەكراق بېرىلسە، ئۇنىڭ پىكرىي قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئەگەر بىر مول – ھوسۇللۇق زىيالىي ناخشا – مۇزىكىغا خۇشتارلىق كۆرسىتىپ، ناخشىچى – كومپوزىتورلار بىلەن سورۇنداش بولۇش يولىنى تۇتسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئۆتكۈر قەلىمى، ئىزدىنىشچان روھى، مول – ھوسۇللۇق ئىلىم ھاياتى ئۇنىڭ بىلەن تېزلا خوشلۇشۇپ — تاكى ئۇ ناخشا – مۇزىكىدىن ئۇزاق تۇرمىغۇچە — كەلمەسكە كېتىپ قالىدۇ.
شۇنىڭدەك، بېرىلىپ قۇرئان يادلاۋاتقان بىر بالىنى ناخشا – مۇزىكا بىلەن شۇغۇللاندۇرساق، ئۇنىڭ كۈچلۈك يادلاش ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە چېكىنىپ كېتىدۇ.
ناخشا – مۇزىكىدا كۈچلۈك ھېس – تۇيغۇ ئەۋج ئېلىپ تۇرىدۇ، ناخشا – مۇزىكا ئەقىلگە ئەمەس ھېسسىياتقا، ئىپپەتكە ئەمەس شاللاقلىققا، ئالىي مەرتىۋىلەرگە ئەمەس پەسكەش يوللارغا جەلىپ قىلىدىغان نەرسە بولغاچقا، قۇرئاندا ناخشا مۇزىكا «شەيتاننىڭ ئاۋازى» دەپ ئاتالغان.
ناخشا – مۇزىكا — كىشىنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ؛ كىشىنى دىققىتىنى يىغالماس، چوڭقۇر مەسىلىلەردە ئويلىنالماس، لوگىكىلىك تەپەككۇر قىلالماس قىلىپ قويىدۇ.
ئەگەر ئىسلامدىن خالىي پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر ياكى كەشپىياتچىلار ناخشا – مۇزىكىدىن ئۇزاق تۇرغان بولسا، ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقارغان پىكىر ۋە ئەقىل – پاراسىتىنىڭ نەچچە ھەسسە ئۈستىنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالىغان بولاتتى.
بىر دۇنياۋى يازغۇچى ئەسەر يېزىۋاتقاندا چوقۇم ناخشا – مۇزىكا ئاۋازىنى كۆزدىن يوقىتىدۇ. بىر مۇتەپەككۇر پىكىر ئىشلەپچىقىرىۋاتقاندا ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرگەن ناخشا – مۇزىكا ئاۋازى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ قىلىچتەك ئۆتكۈر پىكىرلىرىنىڭ بىر قىسىمى ئۇنىڭدىن قېچىپ كېتىدۇ. بىر تەقۋادار مۇسۇلمان ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ، شەيتان ئۇنى ئورىۋالىدۇ.
***
ناخشا چولپانلىرى، كىنو ئارتىسلىرى ئارىسىدىكى سەت قىلىقلار، ناشايان ئىشلار، زىنا – پاھىشىلەر، شەيتانلىقلار باشقا يەردىن كەلگەن ئەمەس، دەل شۇ ناخشا – مۇزىكىنىڭ كىشىنى ھاۋايى ھەۋەسكە، شەھۋەتكە، زىنا – پاھىشىگە ئىنتىلدۈرىدىغان «شەيتاننىڭ قۇرئانى» بولغانلىقىدىن كەلگەن.
ئەگەر ناخشا – مۇزىكا ياخشى نەرسە دەپ قارايدىغان داموللاملار بولسا، ئۇنداقلار «ئى ئاللاھ، مېنى ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان ھالدا جېنىمنى ئال، قىيامەت كۈنى ناخشا – مۇزىكا ئەھلى بىلەن بىر سەپتە قىل» دەپ دۇئا قىلىشىقا تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يازارمەن داموللاملار «ناخشا – مۇزىكىنى ھالاللاشتۇرۇپ بەرگەن پەتىۋالىرىم سەۋەبلىك قىيامەت كۈنى ماڭا كۆپلەپ ساۋاپ بەر» دەپ دۇئا قىلسا يارىشىدۇ.
****
ھەر كىمنىڭ دىن ھەققىدە سوئال قويۇش ھەققى بار
ھەر قانداق زىيالىيرىمىزنىڭ چىقىپ «نېمىشقا ناخشا – مۇزىكا ھارام دەيسەن؟» دەپ سوئال قويۇشى ئۇنىڭ «ھەققى.» دىندارلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىلمىي جاۋاپ بېرىشى دىندارلارنىڭ مەجبۇرىيىتى.
گېپى بولۇنغاندەك سېكۇلار زىيالىيلار چىقىپ «ناخشا – مۇزىكىنى يامان كۆرۈپ ئاشقۇنلىشىپ كەتتىڭلار» دەپ جار سالسا، بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىمىز، بۇنداق دېگۈچىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ – تىللىشىپ يۈرۈشنىڭ قىلچە ئورنى يوق.
ئەمما، شۇ خىل جارنى سېلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ، يەنى بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىمىزنى، قانداق چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىش قارشى تەرەپنى مەسىلە ھەققىدە ئەڭ كەمىدە رېئاللىققا ۋە ئىلمىيلىككە زىت تەنتەكلەرچە خۇلاسە چىقىرىشتىن قىسمەن بولسىمۇ ساقلاپ قالالايتتى.
ھەر كىمنىڭ دىن ھەققىدە سوئال قويۇش ھەققى بار. زىيالىيلارنىڭ بۇنىڭغا تېخىمۇ ھەققى بار. چۈنكى، سوئال قويغاندا، ئاندىن ئۆزىنىڭ نېمىنى خاتا چۈشەنگىنىنى ئەڭ ئۇدۇل، ئەڭ ۋاسىتىسىز ھالدا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمما، مەزكۇر زىيالىيلىرىمىز سوئالنى قويار قويمايلا، ئۆز سوئالىغا ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ شەخسىي چۈشەنچىسى بويىچە — رېئاللىققا تامامەن زىت — رەۋىشتە جاۋاپ بېرىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ.
***
دىندارلارنىڭ پىسخىكىسى ئەڭ كۆتۈرەڭگۈ
زىيالىيرىمىز «ناخشا مۇزىكا دۈشمەنلىرىنىڭ پىسخىكىسى ئىنتايىن بۇزۇلۇپ كەتكەن، شۇڭا ئۇلار ناخشا – مۇزىكىدىن ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ» دېگەن ناھايىتى تۇتۇرۇقسىز ھۆكۈمنى چىقىرىپتۇ.
كىشىنىڭ پىسخىكىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشى بىلەن ناخشا مۇزىكىنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئەكسىچە، كىشىنىڭ پىسخىكىسى بۇزۇلغانسېرى — ناخشا – مۇزىكىغا شۇنچە يېقىنلىشىپ كېتىدۇ. دەردىنى ناخشا – مۇزىكىدىن ئالماقچى بولىدۇ، يالغۇزلۇقىنى ناخشا – مۇزىكا ئارقىلىق كەتكۈزمەكچى بولىدۇ. بۇزۇق پىسخىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قانۇنسىز يار – يۆلىكى دەل ناخشا – مۇزىكىدۇر.
بىدئەتچىلەرنىڭ كەينىگە كىرمىگەن دىندارلارنىڭ دەرت – ئازاپلىرى ئويناپ يۈرگەن زىيالىيچاقلارنىڭكىدىن ئەلۋەتتە نەچچە ئون ھەسسە كۆپ بولۇشى تەبئىي. ئەمما، دىندارلار ناماز، قۇرئان، زىكىر ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ خىل ئىبادەتلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پايدىسىدىن بىرى — كىشىنىڭ پىسخىكىسىنى ساغلام ۋە كۆتۈرەڭگۈ تۇتۇشتۇر.
ناخشا مۇزىكىغا «دۈشمەنلىك قىلىدىغان» دىندارلار يالغۇز يەردە يىغلىشى مۇمكىن، ئەمما كىشىلەر بار يەردە ئۇنىڭ ھەممىدىن خۇشخۇي، ھەممىدىن چاقچاقچى ۋە چىقىشقاقلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ياخشىلىق، ياخشى ئوي پىكىرلەر جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ. دەرت ئۇلارنى ياتقۇزۇۋەتمەيدۇ، مۇسىبەتلەر ئۇلارنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن يورۇپ، ئەڭ ئېغىر قىينچىلىقلاردىمۇ تىنىچ ۋە خاتىرجەم تۇرىدۇ.
﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾
{ھەر قانداق ئەر ياكى ئايال كىشى مۆمىنلىك ھالىتىدە سالىھ ئەمەللەرنى قىلسا،
بىز ئۇنىڭغا (دۇنيادا) گۈزەل ھايات ئاتا قىلىمىز. (ئاخىرەتتە بولسا) قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى مۇكاپاتلايمىز.}
— نەھل سۈرىسىنى 97 – ئايىتى
يۇقىرىقىسى «ناخشا مۇزىكا ھارام» دەيدىغانلارغا، شۇنداقلا ئاللاھ ۋە رەسۇلى چەكلىگەن بارچە ئىشلاردىن يىرگىنىدىغانلارغا ئاللاھنىڭ قىلغان گۈزەل ۋەدىسىدۇر. ئاللاھ ھەرگىزمۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئايەتتە «مۆمىن بولغان ھالدا سالىھ ئەمەل قىلغۇچى» دەپ شەرت قوشۇلغان بولۇپ، ئەقىدە توغرا بولماي تۇرۇپ سالىھ ئەمەل ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ناخشا – مۇزىكا ھارام، زىنا ھارام، ھاراق – تاماكا ھارام، زۇلۇم – ئادالەتسىزلىك ھارام، دېيىشنىڭ ئۆزى دەل سەھىھ ئېتىقادتىن ئاساس قىلغان سالىھ ئەمەلنىڭ ئۆزىدۇر.
ناخشا مۇزىكىغا «دۈشمەنلىك قىلىدىغان» دىندارلار نۇرغۇن ئازاپلىرىنى بىر قېتىملىق ناماز، بىر قېتىملىق ئۆمرە، ھەتتا بىر قېتىملىق دۇئا ئارقىلىقلا يېڭىپ كېتەلەيدۇ. ئەمما، ناخشا – مۇزىكىغا ئامراق دىنسىزلار ئازغىنە ئازاپنى ھەر قانچە قىلىپمۇ يىللاپ ئۇنتىيالمايدۇ، ھەتتا ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇيالمايدۇ. نەتىجىدە دەردىنى تاماكىدىن، ھاراقتىن، ھەتتا زىنا – پاھىشىدىن چىقارماقچى بولۇشىدۇ.
ئالدىنقىسىنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولغاچقا نالايىق نەرسىلەر ئارقىلىق دەرتنى قوغلاشقا ھاجىتى قالمايدۇ. لېكىن، كېيىنكىسىنىڭ پىسخىكىسى ناھايىتى بۇزۇق بولغاچقىلا، ئەپ تاپسىلا دەرتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر خىل يىرگىنىشلىك، ھەتتا قانۇنسىز ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇرۇپ بېقىشى مۇمكىن.
«ناخشا – مۇزىكا ھارام» دېيىش ئۇيىلىدىغان، خىجىل بولىدىغان ئىش ئەمەس. خىجىل بولىدىغان ئىش بولسا، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرىگەن، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارغا كانىدەك يېپىشىۋالىدىغان باتىل ئەھلى، ئويۇن – تاماشا ئەھلى، كۇفۇر ۋە بىدئەت ئەھلى خىجىل بولسا بولىدۇ.
ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە شەرئىي دەلىللەر بىلەن تونۇشۇپ چىقماقچى بولسىڭىز، مۇنۇ ماقالەمنى ئوقۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ:
ئىسلامدا ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان – سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر
https://mujtehid.com/2024/04/25/331/
