بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئۆيىدە ئوقۇغان كىشى مەسجىدكە كىرسە، تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇمدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«ئەگەر (بامداتنىڭ) سۈننىتىنى ئۆيىڭىزدە ئوقۇپ بولۇپ مەسجىدكە كەلگەن بولسىڭىز، ناماز تېخى باشلانمىغان بولسا، ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشۇڭىز شەرىئەتتە يولغا قويۇلغاندۇر. چۈنكى، ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى خەۋەر قىلغان: ((إِذَا دَخَلَ أَحَدُكُمُ الْمَسْجِدَ فَلاَ يَجْلِسْ حَتَّى يُصَلِّيَ رَكْعَتَيْنِ)) «سىلەردىن بىرىڭلار مەسجىدكە كىرسە، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ ئولتۇرمىسۇن.»1 بۇ ھۆكۈم بامدات نامىزىنى ۋە باشقا نامازلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇماي تۇرۇپ ئولتۇرۇشىڭىز توغرا بولمايدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
نەقىل مەنبەلىرى:
- بۇخارى 1167 – نومۇرلۇق ھەدىس
پەتىۋا مەنبەسى:
