بىدئەتچى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
مۇتلەق مۇجتەھىد، مۇھەددىس فەقىھ، ئىمام ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ «الإشراف على مذاهب العلماء» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
[خاۋارىجلارنىڭ ۋە (باشقا) ئەھلى بىدئەتلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش بابى]
ئالىملار خاۋارىجلارنىڭ ۋە باشقا ئەھلى بىدئەتتىن (دىنىي) ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان كىشىلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشتى. بىر تۈركۈم ئالىملار ئۇلارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى دۇرۇس دەپ قارىدى. خاۋارىجلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشنى جائىز دەپ قارىغانلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ جەئفەر (ئىمام باقىر) باردۇر.
ھەسەن (بەسرى) «بىدئەتچى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇلىدۇ» دېگەن. ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش دۇرۇس. گەرچە ئۇ كىشىنىڭ دىنىي ئەھۋالى مەدھىيەلەشكە ئەرزىمىسىمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس بولىدۇ.»
سۇفيان سەۋرىي قەدەرىيلەر (تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىلار) ھەققىدە: «ئۇلارنى ئىماملىققا ئۆتكۈزمەڭلار» دېگەن.
ئىمام ئەھمەد (ئىبنى ھەنبەل) مۇرجىئيلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇ (ئۆز بىدئىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى بولسا، ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇلمايدۇ. كىمكى بىر جەھمىينىڭ، ياكى ھەدىسلەرنى رەت قىلىدىغان قەدەرىينىڭ، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر راپىزىينىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان بولسا، نامىزىنى قايتا ئوقۇسۇن.»
ئىمام ئەھمەد يەنە مۇنداق دېگەن: «نەپسى – خاھىشىغا ئەگىشىپ كەتكەنلەرنىڭ (يەنى بىدئەتچىلەرنىڭ) كەينىدە — ئەگەر ئۇلار ئۆز نەپسى – خاھىشلىرىغا (بىدئىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى بولسا — ناماز ئوقۇلمايدۇ.»
ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: «قەدرىيلەر ۋە باشقا بىدئەتچىلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇلمايدۇ. لېكىن زالىم ھۆكۈمدارلارنىڭ (ئەئىممەتۇل جەۋر) كەينىدە ناماز ئوقۇلىدۇ» دېگەن.
ئەبۇ بەكرى (ئىمام ئىبنى مۇنزىر) مۇنداق دېدى: كىمنىڭ بىدئىتى ئۇنى كاپىرلىققا ئېلىپ بارغان (يەنى ئىسلامدىن چىقارغان) بولسا، ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش جائىز ئەمەس. كىمنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولمىسا (يەنى كاپىرلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسا)، ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش جائىزدۇر. لېكىن بىز بۇنداق سۈپەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىماملىققا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ياقتۇرمايمىز. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(مەنبە: الإشراف على مذاهب العلماء لابن المنذر)
