نىقاب تاقىغان ھالدا ھەج ياكى ئۆمرە قىلغان ئايالغا بىرەر جازا (فىديە) كېلەمدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: ياق، ئەگەر ئۇ (بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى) بىلمەي قىلغان بولسا، ھېچقانداق جازا كەلمەيدۇ. ئەمما ھەج – ئۆمرىدە ئايال كىشىنىڭ نىقاب كىيشىنىڭ (سەھىھ سۈننەتتە) چەكلەنگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قىلغان بولسا، ئۈچ سا (ئاشلىق)نى ئالتە مىسكىنگە سەدىقە قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. يەنى ئالتە مىسكىننىڭ ھەر بىرىگە يېرىم سا (تەخمىنەن بىر كىلو يېرىم)دىن ئاشلىق بېرىدۇ. ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ، ياكى بىر قوي سويىدۇ. بۇ ھۆكۈم، ئايال كىشى ئېھراملىق ھالەتتە نىقاب تاقاشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن تاقىغان ئەھۋال ئۈچۈندۇر.(1) (شەيخنىڭ پەتىۋاسى ئاخىرلاشتى)
ئىمام نەۋەۋى «المجموع شرح المهذب» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ئىمام شافىئىي <ئەلئۇم> ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن، شۇنداقلا بۇ شافىي مەزھىبى ئالىملىرىنىڭمۇ ھۆكمىدۇر: <ئايال كىشىنىڭ (سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا) كېچىسى سەي قىلىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى كېچىسى (بۇ ئىبادەتنى قىلىش) ئاياللارنى يات ئەرلەردىن تېخىمۇ يوشۇرىدۇ، ئەزالىرىنىڭ يات ئەرلەرگە كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ كېچسى سەئىي قىلىشى ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن پىتنىدىن تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئايال كىشىنىڭ كۈندۈزى تاۋاپ قىلىشىمۇ جائىز. لېكىن، ھەج – ئۆمرە قىلغۇچى ئايال يۈزنى يېپىپ تۇرىدىغان رەخت قاتارلىقلارنى، يۈز تېرىسىگە چاپلىۋالمىغان ھالدا (بېشىنىڭ ئۈستىدىن) ساڭگىلىتىش ئارقىلىق يۈزىنى ياپىدۇ. mujtehid.com (المجموع شرح المهذب 8\75)
مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
«ھەجدە يۈز يېپىشقا بولمايدۇ» ھۆكمى سەھىھ سۈننەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خاتا ھۆكۈم بولۇپ، دىنىي مەسىلىدە ئىختىلاپ بولغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قايتىش ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەين. مۇنۇ ھەدىس ئىختىلاپلىق مەسىلىدە سەھىھ سۈننەتكە ئۇيغۇن ھۆكۈمنى تۇتۇشنىڭ پەزلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇ ھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((تَلْبَسُ الْمُحْرِمَةُ مَا شَاءَتْ مِنَ الثِّيَابِ إلَّا الْبُرْقُعَ وَالْقُفَّازَيْنِ وَلَا تَنَقَّبُ)) «(ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) ئىھراملىق ئايال خالىغان بۇرقا، پەلەيدىن باشقا خالىغان كىيىمنى كىيسە بولىدۇ، شۇنداقلا نىقاب تاقىۋالسا بولمايدۇ.» hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 17067)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((وَلاَ تَنْتَقِبِ الْمَرْأَةُ الْمُحْرِمَةُ وَلاَ تَلْبَسِ الْقُفَّازَيْنِ)) «ئىھراملىق ئايال (يۈزىگە) نىقاب تاقىمىۋالمىسۇن، قوللىرىغا پەلەي كىيىۋالمىسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 1838؛ مالىك 724؛ ئەبۇ داۋۇد 1825؛ تىرمىزى 833؛ نەسائىي 2673؛ ئىبنى خۇزەيمە 2437؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا 3542؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 8361)
يۇقىرىقى ھەدىس ھىجاپ ئايىتىنىڭ ھۆر ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىش ئۈچۈن نازىل بولغىنىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ھەدىستە ئىھراملىق ئايال نىقاپ ۋە پەلەي تاقاشتىن توسۇلغان. بۇ ئاياللارنىڭ ئىھراملىق ھالىتىدىن باشقا چاغدا نامەھرەملەر كۆرۈش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالدا يۈزىگە نىقاب، قولىغا پەلەي تاقايدىغانلىقىنى، يەنى ئاياللار ئۈچۈن نىقاپ ۋە پەلەينىڭ خۇددى ئەرلەر ئۈچۈن ئىزار، تون، يەكتەكلەردەكلا ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرلەرنىڭ ھەج – ئۆمرىدە تون، يەكتەك، ئىشتان كىيشتىن چەكلەنگەنلىكى — ھەج – ئۆمرە قىلغان ئەرنىڭ بەدىنىنى ئوچۇق قويۇپ، قىپيالىڭاچ بولىۋېلىشىنى بىلدۈرمىگەندەك، ئاياللارنىڭ ھەج – ئۆمرىدە نىقاب ۋە پەلەي تاقاشتىن چەكلىنىشى — ھەجدە – ئۆمرە قىلغان ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ئوچۇق قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئائىشە ئانىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
(بۈيۈك ساھابە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) «بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىقمۇ بىز بىلەن بىللە ئىدۇق.» hedisim.com (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛ سەھىھ) * ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩)
ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((كَانَ الرُّكْبَانُ يَمُرُّونَ بِنَا وَنَحْنُ مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُحْرِمَاتٌ فَإِذَا جَاوَزُوا بِنَا سَدَلَتْ إِحْدَانَا جِلْبَابَهَا مِنْ رَأْسِهَا عَلَى وجهِها فإِذا جاوزونا كشفناهُ)) «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن (ھەج سەپىرىدە) بىللە ئىھرام باغلاپ (ھەج قىلىۋاتقان) ئىدۇق ۋە كىشىلەر ئۇلاغلىرىغا مىنىپ يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېنىمىزدىن ئۆتكۈدەك بولسا جىلبابىمىزنى سارقىتىپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد <1833> ۋە ئىبنى ماجە توپلىغان؛ مىشكات مەسابىھ 2690؛ وقال الألباني في «جلباب المرأة المسلمة» (ص107)حسن في الشواهد)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» mujtehid.com (ذم الكلام للهروي 3\15)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: (( المُتَمَسِّكُ بِسُنَّتِي عِنْدِ اخْتِلاَفِ أُمَّتِي كَالْقَابِضِ عَلَى الجمر)) «ئۈممىتىم (قۇرئان – سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشتىن چەتنەپ) ئىختىلاپقا چۈشكەن ۋاقىتتا سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلغۇچى خۇددى چوغنى سىقىمداپ تۇتۇپ تۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ.» hedisim.com (ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6676)
نەقىل مەنبەلىرى:
(1)
https://binbaz.org.sa/fatwas/14817/%D8%AD%D9%83%D9%85-%D9%84%D8%A8%D8%B3-%D8%A7%D9%84%D9%85%D8%B1%D8%A7%D8%A9-%D8%A7%D9%84%D9%85%D8%AD%D8%B1%D9%85%D8%A9-%D9%84%D9%84%D9%86%D9%82%D8%A7%D8%A8
