كىشىنىڭ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ دۇئا قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

كىشىنىڭ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ دۇئا قىلىشى دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: كىشىنىڭ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ دۇئا قىلىشى دۇرۇسمۇ؟

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ دۇئا قىلىشى ھارام، جائىز ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: (( لاَ يَتَمَنَّيَنَّ أَحَدُكُمُ الْمَوْتَ لِضُرٍّ نَزَلَ بِهِ فَإِنْ كَانَ لاَ بُدَّ مُتَمَنِّيًا فَلْيَقُلِ اللَّهُمَّ أَحْيِنِي مَا كَانَتِ الْحَيَاةُ خَيْرًا لِي وَتَوَفَّنِي إِذَا كَانَتِ الْوَفَاةُ خَيْرًا لِي)) «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىغا كەلگەن بىرەر زىيان-كۈلپەت سەۋەبلىك ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىمىسۇن.  ئەگەر چوقۇم تىلىمەكچى بولسا مۇنداق دېسۇن: ((ئى ئاللاھ! ياشاش مەن ئۈچۈن خەيرلىك (ياخشى) بولسا مېنى ياشاتقىن، ئۆلۈم مەن ئۈچۈن خەيرلىك بولسا جېنىمنى ئالغىن.))» (مۇسلىم) شۇڭا، ئىنسان (بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا) سەبىر قىلىشى، ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىشى ھەمدە ئاللاھتىن ھىدايەت سورىشى ۋە (ھەق يولدا) مەزمۇت تۇرۇشنى سورىشى كېرەك. ئەگەر بىرەر زىيانغا دۇچار بولغان بولسا، ئاللاھتىن ئامانلىق، چىقىش يولى سورىسۇن. چۈنكى بارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. (مجموع فتاوى ورسائل 1\90) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ