ئاياللارنىڭ ئاياللار ئارىسىدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ، تار كىيىم كىيىشى ياكى يالغان كۆز تاقىشىنىڭ ھۆكمى؟

ئاياللارنىڭ ئاياللار ئارىسىدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشى، رەڭلىك لىنزا تاقىشى ۋە تار كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا بەرگۈچى: مەشھۇر ھەرەم ئالىملىرىدىن ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال:
ئاياللارنىڭ «پەقەت ئاياللار ئارىسىدا بولىمىز» دېگەن باھانە بىلەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشى، رەڭلىك لىنزا تاقىشى ۋە تار كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب:
بۇنداق قىلىشتىن توسىمىز. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش شەكسىزكى بىر تەقلىدچىلىك بولۇپ، ئۇ پەقەت كاپىر ئاياللار ياكى ئۇلارغا ئەگەشكۈچى ئاياللار ئارىسىدىلا تونۇلغان قىلمىشتۇر. ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىش كاپىر ئاياللارنى دوراپ، تەقلىد قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا يەنە جىسمانىي خەتەرمۇ بار. چۈنكى پاشنىسى ئېگىز ئاياغ بىلەن ماڭغاندا، مېڭىش تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئاسانلا يىقىلىپ كېتىشى مۇمكىن، سالامەتلىكى زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ھەتتا ئاياغنى سالغاندىن كېيىن ئادەتتىكىچە ماڭماقچى بولسىمۇ، پۇتلىرى (بىر ھازا) شۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. قىسقىسى، بۇ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان بىر تەقلىدچىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلى ھۆكۈم بويىچە جائىز ئەمەس.

رەڭلىك لىنزا (كۆز قارچۇقىغا تاقىلىدىغان رەڭلىك ئەينەك) مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىدە شەك يوق. شۇڭا مەيلى ئەركىشى بولسۇن، ياكى ئايال كىشى بولسۇن، رەڭلىك لىنزا ئىشلىتىشى جائىز ئەمەس. ئايال كىشى كۆز قارىچۇقىنىڭ رەڭگىنى تەبىئىي ھالىتىدىن ئۆزگەرتىپ، يېشىل ياكى جەلپكار باشقا رەڭلەردە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بىز مۇنداق دەيمىز: ھەتتا يولدىشى بۇنى ياقتۇرغان تەقدىردىمۇ، ئايال كىشىنىڭ بۇنداق قىلىشى جائىز بولمايدۇ.

شۇنداقلا، ئاياللارنىڭ ئاياللار ئارىسىدا تار كىيىملەرنى كىيىشى ھەققىدە مۇنداق دەيمىز: ئايال كىشىگە بەدەن ئەزالىرىنىڭ شەكلىنى ۋە تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان تار كىيىملەرنى ياكى ئىچىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان نېپىز كىيىملەرنى تەقلىد قىلىپ كىيىش جائىز ئەمەس. گەرچە پەقەت ئاياللار ئارىسىدا بولسىمۇ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى بۇ بارا-بارا كىشىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، ئۇ كىشى بۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىپ، بۇنى «ياخشى» دەپ قاراشقا باشلايدۇ، نەتىجىدە ئۆزى كۆنمىگەن كەڭرى كىيىملەرنى كىيىشنى ئېغىر كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مەيلى ئۇ كىيىم پەقەت ئاياللار ئالدىدا ياكى مەھرەملىرىنىڭ ئالدىدا كىيىلگەن بولسۇن، ھۆكۈم ئوخشاشتۇر.

ھەتتا ئايال كىشى يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا، يېنىدا ھېچكىم بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى تولۇق يوشۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۇنىڭ پەقەت يۈزىلا ئوچۇق قالىدۇ، قالغان ئىككى ئالقىنىدىن تارتىپ پۇت بارماقلىرىنىڭ تىرناقلىرىغىچە تولۇق يوشۇرىدۇ. ھەتتا قاراڭغۇ ئۆيدە ناماز ئوقۇماقچى بولغان تەقدىردىمۇ بەدەن ئەزالىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ بىلىنىپ قالمايدىغان دەرىجىدە كەڭرى كىيىم كىيىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئايال كىشىنىڭ زىننەتلىرىنى كۆرسىتىش ياكى نامايان قىلىشقا ئوخشاش (تەبەررۇج) سۈپەتلەرگە كۆنۈپ قالماسلىقىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئاللاھنىڭ سالات – سالامى ۋە ماختىشى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن،. [دروس للشيخ عبد الله بن عبد الرحمن الجبرين 4\8]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ