ئىبلىس پەرىشتىلەردىنمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

ئىبلىس پەرىشتىلەردىنمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى

جاۋاب:

ئىبلىس پەرىشتىلەردىن ئەمەس، چۈنكى ئىبلىس ئوتتىن يارىتىلغان، پەرىشتىلەر بولسا نۇردىن يارىتىلغان. شۇنداقلا ئىبلىسنىڭ تەبىئىتى پەرىشتىلەرنىڭ تەبىئىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: ﴿لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ﴾ ﴿ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرى بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئادا قىلىدۇ.﴾ ئاللاھ تائالا يەنە ئۇلارنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: ﴿وَمَنْ عِنْدَهُ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَلَا يَسْتَحْسِرُونَ يُسَبِّحُونَ اللَّيْلَ وَالنَّارَ لَا يَفْتُرُونَ﴾ ﴿ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلمايدۇ ۋە ھېرىپ-چارچاپ قالمايدۇ. ئۇلار كېچە-كۈندۈز (ئاللاھنى) پاك دەپ بىلىدۇ، بوشاپ قالمايدۇ.﴾

شەيتان بولسا بۇنىڭ ئەكسىچىدۇر، ئۇ ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتتە ئېيتقاندەك، شەيتان كبىرلىك قىلغۇچى ئىدى: ﴿إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَى وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ﴾ ﴿پەقەت ئىبلىسلا (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، كبىرلىك قىلدى ۋە كاپىرلاردىن بولدى.﴾

ئاللاھنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىش خىتابى پەرىشتىلەرگە قارىتىلغاندا، ئىبلىس پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى، يەنى ئىبلىس ئۇلار بىلەن بىللە بىللە ئىبادەت قىلاتتى، گەرچە ئۇنىڭ قەلبى كۇفرى ۋە كبىرلىك بىلەن تولغان بولسىمۇ، بۇ خىتاب ھەممىگە ئورتاق بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ پەرىشتىلەردىن مۇستەسنا قىلىنىپ تىلغا ئېلىنىشى توغرا بولدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ﴾ ﴿پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا قىلمىدى.﴾ ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىنىڭ پەرىشتىلەردىن ئەمەسلىكىدە شەك يوقتۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەندەك: ﴿فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ﴾ ﴿ئۇلار سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا قىلمىدى، ئۇ جىنلاردىن ئىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىدى.﴾

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ