ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئەقىدىسى قانداق ئەقىدە؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئەقىدىسى قانداق ئەقىدە؟

سوئال: ئىمام نەۋەۋىينىڭ ئەقىدىسى توغرىسىدىكى ئەڭ توغرا قاراش قايسى؟
(ئەسكەرتىش: ئىسلام دۇنياسىدا ئىمام نەۋەۋىنى «ئەشئەرىي» دەپ قاراش مەشھۇر بولۇپ، ئەشئەرىيلەر «نەۋەۋىمۇ ئەشئەرىي ئىدى» دەپ، ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى نەۋەۋى قاتارلىق بۈيۈك ئالىملار ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ سوئال مۇشۇ سەۋەبلىك سورالغان)

پەتىۋا بەرگۈچى:

پەتىۋا بەرگۈچى: مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

(شەيخ مەشھۇر ئىمام ئەلبانىينىڭ ئەڭ سەۋىيەلىك ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر، شۇنداقلا زامانىمىزنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرىدۇر)

جاۋاب: ئىمام نەۋەۋىينىڭ (ئاللاھنىڭ سۆزىدىكى) «ھەرپ ۋە ئاۋاز» غا ئائىت بىر رىسالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ (ئەشئەرىيلەرنىڭ قارىشى بولغان) «كەلام نەفسىي» قارىشىدىن يانغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان. شۇنداقلا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز زاتىغا لايىق رەۋىشتە، ئۆزى خالىغان شەكىلدە سۆزلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئىمام نەۋەۋىينىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىبنى ئەتتار دەمەشقىي بولۇپ، ئۇ «مۇختەسەر نەۋەۋىي» (ئىمام نەۋەۋىينىڭ قىسقارتىلمىسى) دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر ئىچىدە ئىمام نەۋەۋىينى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشى دەل مۇشۇ ئىبنى ئەتتاردۇر. ئىبنى ئەتتار ئىمام زەھەبىي بىلەن ئېمىلداش قېرىنداش ئىدى. (ئىمام زەھەبى بولسا ئۆز زامانىسىدا سەلەپ ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ گېگانىت قوغدىغۇچىسى ئىدى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى ئىدى.) ئەللامە ئىبنى ئەتتارمۇ ئۆزىنىڭ (بۇرۇنقى ئەشئەرىي) ئەقىدىسىدىن يانغانلىقى توغرىسىدا بىر كىتاب يېزىپ، ئۇنى «الاعتقاد الخالص من الشك» (شەك-شۈبھىدىن خالىي ساپ ئەقىدە) دەپ ئاتىغان. ئۇ مەزكۇر كىتابىدا «ئىسبات» (ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆز پېتى قوبۇل قىلىش) ئەقىدىسىگە (يەنى سەلەپنىڭ ئەقىدىسىگە) قايتقانلىقىنى، شۇنداقلا قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن (ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە) ئۆزگەرتمەستىن (مەنىسىنى بۇرمىلىماستىن)، تەكيىپ قىلماستىن (كەيپىياتىنى، قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن)، تەئتىل قىلماستىن (ئىنكار قىلماستىن) ۋە تەشبىھ قىلماستىن (مەخلۇقاتلارغا ئوخشاتماستىن) ئىمان ئېيتىشقا قايتقانلىقىنى بايان قىلغان. (شەيخ بۇ يەردە ئىمام نەۋەۋىنىڭ شاگىرتى ئىبنى ئەتتارغا ئوخشاشلا سەلەپ ئەقىدىسىدە ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىۋاتىدۇ.)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://meshhoor.com/fatwa/3054/

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ