ئەقىدىدە ياكى ئەمەل-ئىبادەت مەسىلىلىرىدە زەئىپ ھەدىسكە ئەگىشىشكە بولامدۇ؟

ئەقىدىدە ياكى ئەمەل-ئىبادەت مەسىلىلىرىدە زەئىپ ھەدىسكە ئەگىشىشكە بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

(شەيخ مەشھۇر ئىمام ئەلبانىينىڭ ئەڭ سەۋىيەلىك ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر، شۇنداقلا زامانىمىزنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرىدۇر)

سوئال:
ئەقىدە مەسىلىلىرىدە زەئىپ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىش (دەلىل قىلىش) دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب:
ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى (بىرلىككە كېلىشى) بىلەن بۇ توغرا ئەمەس. ئەقىدىنى زەئىپ ھەدىستىن ئېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
ئەقىدە پەقەتلا ئاللاھنىڭ كىتابى (قۇرئان)، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە ئۈممەتنىڭ سەلەپلىرىدىن بولغان، ئەۋزەل ئەسىرلەردە ئۆتكەن چوڭ ئالىملاردىنلا ئېلىنىدۇ.

زەئىپ ھەدىسكە كەلسەك، ئەسلىدە: «پەزىلەتلىك ئەمەللەردە زەئىپ ھەدىسنى قوبۇل قىلىشقا (ئەمەل قىلىشقا) بولامدۇ؟» دەپ سورىلىشى كېرەك ئىدى.
ھەدىس ئىلمىنىڭ ئىككى پېشۋاسى بولغان ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم پەزىلەتلىك ئەمەللەردىمۇ زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى توغرا كۆرمەيدۇ. ئىبنى ھەزىمنىڭ ۋە ئىمام ئەبۇ بەكرى ئىبنۇل ئەرەبىي ئەلمالىكىينىڭ قارىشىمۇ مۇشۇنداق.

مەسىلىنى ئىنچىكە تەتقىق ۋە تەھقىق قىلغاندا، بۇ قاراشنىڭ (يەنى زەئىپ ھەدىسكە قەتئىي ئەمەل قىلماسلىق قارىشىنىڭ) ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بۇنىڭدىن چەتنەپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بايقايسىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «پەزىلەتلىك ئەمەللەردە زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ» دېگەن ئالىملارنىڭ قويغان شەرت-چەكلىمىلىرىگە دىققەت قىلغىنىڭىزدىمۇ، يەنىلا بۇ پىرىنسىپتىن چەتنەشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىسىز.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئۆزىنىڭ «تبيين العجب بما ورد في فضل رجب» (رەجەب ئېيىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن رىۋايەتلەردىكى ئەجەبلىنەرلىك ئىشلارنى بايان قىلىش) ناملىق كىتابىدا: «زەئىپ ھەدىسكە پەزىلەتلىك ئەمەللەردە ئۈچ شەرت بىلەن ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن:

بىرىنچى شەرت:
ئۇ زەئىپ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئىبادەت شەرىئەتتە بار بولغان ۋە سەھىھ دەلىل بىلەن سابىت بولغان بولۇشى كېرەك. زەئىپ ھەدىس پەقەت شۇ ئەمەلگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈنلا كەلگەن بولۇشى لازىم. يەنى، ئىبادەتنىڭ ئۆزى سەھىھ دەلىل بىلەن بېكىتىلگەن بولۇشى شەرت.
ئۇنداقتا «زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىش» دېگەنلىك نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۇ — شۇ ئىبادەتنىڭ ئەسلىدە سەھىھ دەلىل بىلەن سابىت بولغان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى شەرت:
ھەدىسنىڭ زەئىپلىكى ئېغىر بولماسلىقى كېرەك. يەنى، ھەدىس سەنەدىدە (راۋىيلار قاتارىدا) ھەدىسى ئېلىنمايدىغان، ھەدىسى رەت قىلىنغان، يالغانچى (كەززاب) ياكى كىملىكى نامەلۇم (مەجھۇل) كىشىلەر بولماسلىقى لازىم.
بىز ئادەتتىكى (يەنى زەئىپلىكى كۈچلۈك بولمىغان، نورمال رەۋىشتىكى) زەئىپ ھەدىسنى «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەتئىي دېگمىگەن (ياكى قىلمىغان)» دەپ كېسىپ ئېيتالايمىزمۇ؟ ياق. بىز ئۇنى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقان» دەپمۇ، «ئېيتمىغان» دەپمۇ كېسىپ ئېيتالمايمىز. ئەمما زەئىپلىكى ئېغىر، رەت قىلىنغان، ئىنتايىن ئاجىز، توقۇلما ۋە قوبۇل قىلىنمايدىغان ھەدىسلەرگە كەلسەك، بىز ئۇلارنى «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەتئىي ئېيتمىغان» دەپ جەزملەشتۈرەلەيمىز.

ئۈچىنچى شەرت:
شۇ زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگۈچى كىشى، ئۇ ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىشى كېرەك.
سىز ئۇنى پەزىلەتلىك ئەمەللەر توغرىسىدا رىۋايەت قىلغىنىڭىزدا ئۇنىڭ زەئىپلىكىنى بايان قىلىسىز، شۇنداقلا بۇ ئىبادەت ئەسلىدە سەھىھ دەلىل بىلەن سابىت بولغان بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىبادەت ئەسلىدىنلا سەھىھ دەلىل بىلەن سابىت بولغان بولسا، ئۇنداقتا «پەزىلەتلىك ئەمەللەردە زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش» دېگەن بۇ گەپ ماھىيەتتە ئىختىلاپلىق مەسىلە ئەمەس، بەلكى پەقەت لەۋزىي (سۆز ئويۇنى) ۋە شەكىل جەھەتتىكىلا بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
شۇڭلاشقا، ئالىملار پەزىلەتلىك ئەمەللەردە زەئىپ ھەدىسنى تىلغا ئالغاندا مۇشۇ ئۈچ شەرتنى ئالدىنقى شەرت قىلىىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

بۇ پەتىۋانىڭ سۆزلەنگەن ۋاقتى:
ھىجرىيە: 1444-يىلى 1-جۇمادىيەل ئەۋۋەل
مىلادىيە: 2022-يىلى 25-نويابىر

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://meshhoor.com/fatwa/f575/

مۇجتەھىد تورىدىن ئەسكەرتىش:

زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىغان مەشھۇر مۇھەددىس ئالىملار 15 تىن ئاشىدىغان بولۇپ، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ سۇلمايمان خەتتابى، ئەبۇ بەكرى ئىبنۇل ئەرەبىي، ئىبنى تەيمىييە، شەۋكانىي، ئەھمەد شاكىر، ئەلبانىي قاتارلىقلار ئالىملار مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. زەئىپ ھەدىسكە يۇقىرىدا شەيخ مەشھۇر ھەسەن بايان قىلغاندەك شەرتلەر بىلەن ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىغانلار تۆت ئىمامنى ۋە ئىمام ئەبۇ داۋۇدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بۆلۈك ئالىملاردۇر. (دىققەت،  ئەھلى بىدئەت پىرقىلىرى ئىچىدە زەئىپ ھەدىس شۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىسكە زىت كەلسە، سەھىھ ھەدىسنى تاشلاپ — نەپسىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن — زەئىپ ھەدىسنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر كۆپ بولۇپ، تۆت ئىمام باشچىلىقدىكى مۇجتەھىدلەر سەھىھنى تاشلاپ، زەئىپنى تاللايدىغان بۇ خىل كىشىلەردىن ئادا-جۇدادۇر.) بۇ ھەقتە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولغان مۇسۇلمانلار ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەيرنىڭ «الحديث الضعيف وحكم الاحتجاج به» ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلغاي.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ