نۇرغۇن ئالىملار ئەشئەرىي ئىدى، دېگۈچىگە رەددىيە | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

نۇرغۇن ئالىملار ئەشئەرىي ئىدى، دېگۈچىگە رەددىيە | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

سوئال:
مىسىردىن كەلگەن بىر قېرىندىشىمىز يەنە مۇنداق دەيدۇ: بەزى ئەشئەرىيلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرىلىقىغا: «تەپسىرشۇناس، ئۇسۇلشۇناس ۋە ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئەشئەرىي ئىدى» دەپ دەلىل كەلتۈرىدۇ. ئۇلارغا قانداق رەددىيە بېرىمىز؟

مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان ھافىزەھۇللاھنىڭ جاۋابى:
بۇ ھەقتىكى سۆزلەر ناھايىتى ئۇزۇن ۋە كۆپ. لېكىن ئۇلارغا قىسقىچە رەددىيە بەرگەندە مۇنداق دەيمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى «ئەڭ ياخشى دەپ تەرىپلەنگەن» دەسلەپكى ئۈچ ئەۋزەل ئەسىرگە (زامانغا) باغلىغان. (يەنى شۇ دەسلەپكى ئۈچ ئەسىردىكى سەلەپ-سالىھىننىڭ ئەقىدىسىدە بولۇشقا بۇيرۇغان.) بۇ دەۋرلەردە ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي تېخى تۇغۇلمىغان ئىدى. باشقا كىشىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئۆلچەممۇ دەل شۇ دەۋردۇر.  (يەنى كىشىنىڭ يولى، ئەقىدىسى دەسلەپكى ئۈچ ئەسىر سەلەپ-سالىھىننىڭ ئەقىدىسىگە توغرا كەلسە، ئۇ ھەق ئۈستىدە. ئەكسىچە بولسا باتىل ئۈستىدە بولغان بولىدۇ.) ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىيدىن ئىلگىرى كىشىلەر ساپ دىن، ياخشىلىق ۋە پەزىلەت ئۈستىدە ئىدى. ئۇ دەۋرلەر دەل شۇ ئەۋزەل ئەسىرلەردۇر.

ئاندىن، ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئەسلىدە مۇئتەزىلىي ئىدى، كېيىن تەۋبە قىلىپ، (سەلەپ ئەقىدىسىگە) قايتقانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىغان. ئۇنىڭ قايتىشى ئومۇمىي جەھەتتىن بولغان بولۇپ، شەيخۇل ئىسلام (ئىبنى تەيمىيە) بايان قىلغاندەك، ئۇنىڭدا يەنىلا بەزى تەنقىدلىنىدىغان (تولۇق قۇتۇلالمىغان) قاراشلار قېپقالغان ئىدى. مەن «سەھىھۇل مۇسلىم» دەرىسىدە بىر قېتىم بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم.

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن تەپسىرشۇناس ۋە ھەدىسشۇناس ئالىملار بىر-بىرىدىن نەقىل قىلىشىپ (ئەگىشىپ) كەلگەن. شۇڭا، جۇۋەينىي ۋە باقىللانىي قاتارلىقلارنى بىر تارازىغا، ئىبنى ھەجەر ۋە نەۋەۋىي قاتارلىقلارنى يەنە بىر تارازىغا قويۇش (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش بىر مىزاندا ئۆلچەش) ئادالەتسىزلىكتۇر. چۈنكى ئالدىنقىلىرى (ئەشئەرىي مەزھىپىنى) قۇرغۇچىلار (ئاساس سالغۇچىلار)، كېيىنكىلىرى بولسا پەقەت نەقىل قىلغۇچىلار (ئەگەشكۈچىلەر) دۇر. قۇرغۇچىنىڭ ھۆكمى بىلەن نەقىل قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ.

بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىلىملەردىكى كەسىپلىشىش (تەخەسسۇس) ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. زاماننىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ھايات ۋە ياشاش ئۇسۇلى شاخلىنىپ، مۇرەككەپلىشىپ كەتكەچكە، كەسىپلىشىشمۇ كۈچەيدى. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە مۇئامىلە ئىلمىنىڭ ئىچىدىمۇ يەنە ئايرىم كەسىپلەر بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان بىر ساھەنى چۈشەنسە، باشقا ساھەلەرنى چۈشەنمەيدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. نەتىجىدە، بەزى ھەدىسشۇناس ۋە پىقھىشۇناس ئالىملار ئەقىدىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلماستىن ۋە تەكشۈرمەستىن، پەقەت باشقىلاردىن ئۆگىنىش ۋە تەقلىد قىلىش ئارقىلىقلا قوبۇل قىلدى. شۇڭلاشقا، بۇنداق ئالىملارنى «ئەشئەرىي» دەپ ئاتاش خاتا. شۇنداق، ئۇلار ئەشئەرىيلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىن نەقىل ئالغان، لېكىن ئۇلار دەل شۇنداق قاراشلار ئومۇملاشقان بىر مۇھىتتا ياشىغانلىقى ئۈچۈن، شۇلارغا ئەگىشىپ قالغان.

ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا ھەدىس ئىلمىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بەزى يېتۈك ھەدىسشۇناسلارنىڭ سۆزلىرىنىمۇ ئىلىم بىلەن رەت قىلغانغا ئوخشاش، تەۋھىد (ئەقىدە) ئىلمىدىمۇ تەتقىقاتچى بولۇشقا مۇيەسسەر بولغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە مۇنداق (ئەشئەرىيچە) خاتالىقلار كۆرۈلمىگەن بولاتتى.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئۆلچەم كۆپ سانلىق بولۇشتا ئەمەس. كۆپ سانلىق بولۇش پەقەت دەسلەپكى ئەۋزەل ئەسىرلەردىلا ئۆلچەم بولالايدۇ. خاتالىقتا بىر-بىرىگە ئەگىشىپ مېڭىش — كۆپ سانلىقنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشنى تەقەززا قىلمايدۇ (يەنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ بىر خاتالىققا ئەگىشىپ قېلىشى ئۇنى توغرا قىلىپ قويمايدۇ.)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://meshhoor.com/fatwa/f869/

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ