ئەر بىلەن ئايال قانچىلىك ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرسا بولىدۇ؟

ئەر بىلەن ئايال قانچىلىك ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرسا بولىدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام مۇھەممەد بىن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال:
قۇرئان ئەرنىڭ ئايالىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش مۇددىتىنى تۆت ئاي دەپ بەلگىلىگەن. (دىققەت: بۇ بايان خاتا.-ت) لېكىن مەن بۇ يەردە توختام بىلەن ئىشلەيمەن، بىر يىل ئۆتمىگۈچە رۇخسىتىم يوق. خىزمەت ئەھۋالىغا قاراپ بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب:
بىرىنچىدىن، سوئال سورىغۇچىنىڭ: «قۇرئان ئەرنىڭ ئايالىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش مۇددىتىنى تۆت ئاي دەپ بەلگىلىگەن» دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ بەلگىلىمە قايسى ئايەتتە كەپتۇ؟
قېنى جامائەت، جاۋاب بېرىڭلار.
ھە؟
ياخشى. توغرا ئېيتتىڭىز.
سوئال سورىغۇچىغا شۇنداق دەيمىزكى: قۇرئان كەرىمدە ئەرنىڭ ئايالىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش مۇددىتىنى تۆت ئاي دەپ بەلگىلەيدىغان ھېچقانداق ئايەت كەلمىگەن.

قۇرئاندا كەلگەن بەلگىلىمە پەقەت ئاياللىرىغا ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم قىلغانلارغا قارىتىلغان. ئۇ بولسىمۇ، بىر ئەرنىڭ ئۆز ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىككە قەسەم قىلىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق كىشىگە تۆت ئاي مۆھلەت بەرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم قىلغانلارغا تۆت ئاي مۆھلەت بېرىلىدۇ.﴾ [سۈرە بەقەرە، 226-ئايەت]

ئەمما ئەرنىڭ ئايالىدىن يىراقتا (سەپەردە) بولۇشىغا كەلسەك، ئەگەر ئايالى ئۇنىڭ يىراقتا تۇرۇشىغا رازى بولسا، ئايالى تۇرۇۋاتقان شەھەر (ياكى يۇرت) تىنچ-ئامان بولۇش شەرتى بىلەن، ئەرنىڭ تۆت ئاي، ئالتە ئاي، بىر يىل ياكى ئىككى يىل يىراقتا تۇرۇشىنىڭ ھېچقىسى يوق. ئەگەر ئايال تىنچ-ئامان بىر يۇرتتا بولسا ۋە ئېرىنىڭ رىزىق تەلەپ قىلىپ (ئىشلەپ) سىرتتا تۇرۇشىغا رازى بولسا، ئەر بىرنەچچە ئاي تۇرۇپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ.

ئەمما ئايال تۇرۇۋاتقان يۇرت تىنچ-ئامان بولمىسا، ئۇنداقتا ئەرنىڭ سەپەرگە چىقىپ كېتىپ، ئايالىنى تىنچسىز بىر يۇرتتا تاشلاپ قويۇشى ھالال بولمايدۇ. ( «تىنىچ-ئامان يۇرت» بولۇشىدىن مەقسەت، ئايال كىشى ئېرى يوق ۋاقىتتا يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن، يېقىنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ياكى سۆز-ھەرىكەت ئارقىلىق تېگىش قىلىشىدىن ئامان بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا، ئايالنىڭ ئىززىتى ۋە نىكاھ ھۆرمىتىگە داغ تەككۈزىدىغان ھەر قانداق خەۋپتىن يىراق بولۇشى كېرەك.)

ئەگەر ئايال تىنچ-ئامان بىر يۇرتتا بولسىمۇ، لېكىن قازى (سوتچى) نىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئاساسەن، ئېرىنىڭ تۆت ئايدىن ياكى ئالتە ئايدىن كۆپرەك يىراقتا تۇرۇشىغا رازى بولمىسا، ئۇنداقتا ئەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سىرتتا تۇرۇشى ھالال بولمايدۇ. ئۇ ئۆز ئايالى بىلەن ياخشىلىقچە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=5dYOcJ3HiFM

دىققەت: زامانىمىزدا زىنا، بۇزۇقچىلىق، ئەرنىڭ ياكى ئايالنىڭ تالاغا قارىشى قاتارلىق پىتنىلەر ئاۋۇپ كەتتى. بەزى قېرىنداشلار ئىشلەش نىيىتى بىلەن ئايالىنى مەلۇم بىر يۇرتقا قويۇپ قويۇپ، باشقا يۇرتلاردا يۈرىدۇ. جاھاندا يامان ئادەملەر، قەلبى كېسەل، ۋىجدانسىز ئادەملەر ئاۋۇپ كەتتى. ئۇنداقلار ئېرى يوق، يالغۇز قىز ئاياللارغا دەرھال كۆز تاشلايدۇ. بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا، ئۇ ئايالنى يولدىن چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.

گەرچە ئايال ئىپپەتلىك، نومۇسچان ئايال بولسىمۇ، يامان كىشىلەر ئۇ ئايالنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ھەر خىل سۆز تاشلىشى؛ ھەتتا ئۇيەر، بۇ يەرلىرىنى سىلىۋېلىشى مۇمكىن. ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ زىيانكەشلىكنى قىلىشى مۇمكىن. ئېرى يىراقتىكى، ياكى ئېرى ئۆيدىكى ئايال بۇ خىل ئەھۋالنى ئېرىگە دېيىشتىن قورقىدۇ. چۈنكى، ئايال ئۇنداق دېگەن ھامان، ئەرنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپ، سېنىڭ زادى ئاشۇنىڭ بىلەن بىرەر چاتىقىڭ بولمىسا، خەق ساڭا بىكاردىن يېقىنلىشامتى دەپ، ئايالىنى ئەيىپلەپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئىپپىتىدىن گۇمانلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئايال كىشى قاتتىق قورقىدۇ. شۇڭا، ئېرى ياخشى ئاسىراپ، قوغدىماي خالىغانچە تاشلاپ قويىدىغان بەزى ئاياللار بۇ جەھەتتە بېشىغا كەلگەن كەلگۈلۈكلەرنى ئىچىدە بىلىپ، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتۈپ، پىسخىكىلىق جەھەتتىن ئۆمۈرۋايەت ھەسرەتتە ياشىشى مۇمكىن.

ئايال كىشى سىرتقا يالغۇز چىققاندىمۇ، يامان ئەرلەر ئايالغا سۆز ياكى قاش-كۆز ئاتسا، ياكى ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى تۇتۇۋالسا، ئايال كىشى ئۆيگە قايتقاندا بۇنى ئېرىگە دېيىشتىن قورقىدۇ. سەۋەب، بايا ئېيتقاندەك، بۇنى ئاڭلىغان ئەر ئاچچىقىنى ئايالىدىن چىقىرىشقا، ئايالىنى ئەيىپلەشكە ئارانلا تۇرىدۇ. مۇسۇلمان ئەر ئۈچۈن ئۆز ئايالىغا يات ئەرنىڭ شەھۋەت بىلەن يېقىنلىشىشى، يامان كۆز بىلەن قارىشىدىن ئۆلۈم ئەلا. ئاشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن ئايال كىشىنى خۇددى قاراۋۇل-كېنىزەكلەر پادىشاھنىڭ خانىشىنى قوغدىغاندەك ئوڭ سولدىن، ئالدى كەينىدىن، ئۇ زاق يېقىندىن، جۈملىدىن بارچە ئىمكانىيىتى بىلەن تولۇق قوغداپ، قانات ئاستىغا ئېلىش ئەر كىشى ئۈچۈن پەرز.

شۇڭا، ئەرلەر يىراقنى كۆرەر بولۇشى كېرەك. «مەن ئايالىمنىڭ ئەخلاقىغا ئىشىنىمەن» دەپ قويۇپ، ھە دېسىلا ئايالىنى ياتلارنىڭ ئالدىغا، كوچىغا ياكى ياقا يۇرتقا تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك. ئەر كىشى كۈنلەمچىلىكىنى دەل مۇشۇنداق چاغلاردا ئىشقا سېلىشى. ئايالىنى ھە دېسىلا يالغۇز ھالدا سىرتلارغا قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەك، باشقا يۇرتلاردا يالغۇز يولغا سېلىپ قويماسلىقى ياكى باشقا يۇرتلاردا يالغۇز قويۇپ قويماسلىقى كېرەك. ھەر دائىم ئېسىدە تۇتۇشى لازىمكى، ئايال كىشى ئىپپەتلىك بولغان بىلەن، سىرتتىكى مىڭلارچە يامان ئەرلەر ھەرگىز ئىپپەتلىك ئەمەس. ئايال كىشى ئۆزىنى يات ئەردىن تارتقىنى بىلەن، يامان نىيەتلىك مىليونلارچە، مىليارتلارچە يات ئەر ئايال كىشىدىن، بولۇپمۇ يېنىدا ئېرى يوق ئايال كىشىدىن ھەرگىز ئۆزىنى تارتمايدۇ. مۇسۇلمان ئەردە ۋە مۇسۇلمان ئايالدا مانا مۇشۇلارنى ئويلىيالىغۇدەك ئەقىل بولۇشى كېرەك.

ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى قوغداش بىلەن بىرگە، ئايال-قىزلىرىنىڭ ئىپىپىتىنى قوغدىشىمۇ پەرز ئەيندۇر. كىشىنىڭ قىز-ئاياللىرىنىڭ ئىپپىتىنى قوغدىشى — ئۇنىڭغا سەپەردە ھەمراھ بولۇش، قولىدىن كەلسىلا ياقا يۇرتلارغا يالغۇز تاشلاپ قويماسلىق، سىرتقا ھەدېسىلا يالغۇز قويۇپ بەرمەسلىك، ھەر دائىم ئايالىنى قوغداپ ئىگە چىقىش بىلەن بولىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنى  ھارام قىلىشى، ئەرنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئايالنىڭ يېنىغا كىرىشىنى ئۆلۈم دەپ ئاتىشى، ئىككى نامەھرەمنىڭ ئۈچىنچى بىرى يوق ئەھۋالدا يالغۇز قېلىشىنى چەكلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ خىل يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ چىقىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. 

نۇرغۇن مۇسۇلمان ئەرلەر ئايالىنى يات ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن، تىلىدىن ۋە تېخىمۇ چوڭ ئەسكىلىكلىرىدىن ئايالىنى تولۇق قوغداش جەھەتتە  ئەركەكتەك تۇرماي، ئاقىۋەتتە ئايال كىشىگە بىرەر زىيان يېتىپ قالغان، يات ئەرنىڭ قولى تېگىپ قالغان چاغدا غورۇرى بەك تۇتۇپ، كۈنلەمچىلىكى ئېشىپ كېتىپ ئولتۇرالماي قالىدۇ.


ئايالغا يات ئەرنىڭ پېشى تېگىپ كەتكەندىن كېيىن قىلىنغان كۈنلەمچىلىك نۆلگە تەڭ. بۇ قىلمىشنى كۈنلەمچىلىك دېمەي، «ئېشەكنىڭ ھۆل تامغا تېپىشى» دېسەك مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقىي كۈنلەمچىلىك قىز ئاياللارغا يات كۆز، يات نەزەر، يات قولنىڭ تېگىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش يولىدىكى كۈنلەمچىلىك بولۇپ، بۇ خىل كۈنلەمچىلىك — بولۇپمۇ كۈنىمىزدىكىدەك زىنا-پاھىشە يامراپ كەتكەن دەۋردە — ئىنتايىن بۈيۈك سالىھ ئەمەل جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ئايالنى ھە دېسىلا كوچىغا، بازارغا قويۇپ بېرىش، ھە دېسىلا باشقا يۇرتقا تاشلاپ قويۇش ئايال كىشىگە ئەڭ كۆپ زىيان سالىدىغان ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك، قاپاقباشلىق، گالۋاڭلىق، يۇمشاقباشلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئاياللار ئۆز ئۆيىدە ئەڭ خاتىرجەم، ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ. ئايالنىڭ ئىپپىتى ۋە ئەخلاقى، قەلبىنىڭ پاك، نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۆز ئۆيىدە ئەڭ ياخشى ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا شۇڭا ئاياللارنى {ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار} دەپ بىكار بۇيرۇمىغان. «ئايال كىشى سىرتقا چىقسا، شەيتان ئۇنى تاماشا قىلىدۇ.» (سەھىھ ھەدىس) ئايال كىشى يالغۇز يۇرتتا يۈرسە، يالغۇز ھالدا تالادا يۈرسە ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ باققىسى، ئۇرۇلۇپ باققۇسى، گەپ قىلىپ ئازدۇرۇپ باققۇسى كېلىدىغان شەيتانلار ئازمۇ؟ مۇسۇلمان ئايالمۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ، ئۆز ئىپپىتىنى ساقلاشقا، يامان كۆزلەردىن ئۆزىنى قوغداشقا، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلماسلىققا بەل باغلىشى لازىم.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ