نامەھرەم ئەر-ئاياللارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى ھاراممۇ؟
سوئال:
ئاياللارنىڭ ئۆزىگە مەھرەم بولمىغان ئەرلەر بىلەن، مەسىلەن: تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرى، ھاممىسىنىڭ ئوغۇللىرى ۋەياكى باشقا نامەھرەم ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: پروفىسور، دوكتور سەئىد خەسلان ھافىزەھۇللاھ
جاۋاب:
ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى ھارام، قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان ئىش بولۇپ، يات ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ پىتنىسى (يات ئايالغا) قاراشتىنمۇ ياماندۇر.
ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ وَقُلْ لِلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ﴾ ﴿مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، (كۆرۈشى ھارام بولغان نەرسىلەرگە قاراشتىن نامەھرەمگە قاراشتىن) كۆزلىرىنى پەس قىلسۇن. ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر. * مۆمىنە ئاياللارغا ئېيتقىنكى، (كۆرۈشى ھارام بولغان نەرسىلەرگە قاراشتىن نامەھرەمگە قاراشتىن) كۆزلىرىنى پەس قىلسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن﴾ (سۈرە نۇر: 30-، 31-ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا نامەھرەم ئايالغا قاراشنى ھارام قىلغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش تېخىمۇ بەكرەك ھارام بولىدۇ. شۇڭىلاشقا، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ((ما مَسَّتْ يد النبي يد امرأةٍ قط، ما كان يُبايعهن إلا بالكلام)) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولى ھەرگىزمۇ (نامەھرەم) بىرەر ئايالنىڭ قولىغا تېگىپ باقمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن پەقەت سۆز بىلەنلا بەيئەت ئالاتتى» (رواه البخاري: 5288، ومسلم: 1866)
بەزى كىشىلەردە ئەر كىشى ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى بولغان تاغىسىنىڭ قىزى، ھاممىسىنىڭ قىزى قاتارلىقلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان ئادەتلەر بار. بۇ شەرىئەتكە خىلاپ ئادەت بولۇپ، ئۇنى تەرك ئېتىش ۋاجىپتۇر.
ئەر كىشىنىڭ نامەھرەم ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى دۇرۇس بولمايدۇ. مادامىكى بۇ ئايال ئۇنىڭغا نامەھرەم ئىكەن ۋە ئۇنىڭغا ھالال بولمايدىكەن (يەنى نىكاھلىنىشى چەكلەنمىگەن تۇغقىنى بولىدىكەن)، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ھارام بولىدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=etqtUTTQOuM)
حكم مصافحة المرأة للرجال الأجانب
