زامانىمىزنىڭ خاۋارىجلىرى كىم؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

زامانىمىزنىڭ خاۋارىجلىرى كىم؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

سوئال: زامانىمىزدىكى خاۋارىجلار كىملەر؟

مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان ھافىزەھۇللاھ
(ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتلىرىدىن بىرىدۇر، شۇنداقلا سەلەپ ئەقىدىسىگە مەھكەم ئېسىلغان، زامانىمىزنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرىدۇر.)

جاۋاب:
مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، (مۇسۇلمانلىقىنى ئىزھار قىلغان) دۆلەت رەھبەرلىرىنى كاپىرغا چىقىرىدىغان، يەنى ئۇلارنى «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن باشقا نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن كاپىرغا چىقىرىدىغان ھەر قانداق كىشى خاۋارىجدۇر.

ئەمما، كىمكى (بۇنى دېگۈچى مەيلى دۆلەت رەھبىرى بولسۇن، ياكى باشقا ھەر قانداق كىشى بولسۇن) «ئىسلام بۇ زامانغا ماس كەلمەيدۇ» ياكى «مېنىڭ چىقارغان ھۆكۈمۈم ئىسلامنىڭ ھۆكۈمىدىن ياخشىراق» دېگۈچىنى كاپىرغا چىقارسا، ئۇنىڭ بۇ كاپىرغا چىقىرىشى ئۆز ئورنىدا بولغان، يوللۇق رەۋىشتىكى كاپىرغا چىقىرىشتۇر. ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قائىدىلىرىمۇ دەل مۇشۇنى تەقەززا قىلىدۇ.

ھاكىملارنى (يەنى مۇسۇلمان ھۆكۈمدار، رەھبەرلەرنى) كاپىرغا چىقىرىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار گوياكى شۇ ھاكىملار بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ ئىچكى-سىرتقى بارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىنچىكىگىچە تولۇق بىلىدىغاندەكلا (ئۆزلىرىچە جەزملەشتۈرۈپ كەسكىن) ھۆكۈم چىقىرىۋېرىدۇ.

ئەسلىدە، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن تۈپ قائىدە — ئۇلارنىڭ ئىسلام دائىرىسىدە قېلىشى (يەنى شەك-شۈبھە ياكى خىيال بىلەنلا مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقارماسلىقى) دۇر.

ئەگەر سەن (خاۋارىجلارنى كاپىرغا چىقىرىش-چىقارماسلىقتا) ئىككىلىنىپ قالساڭ، (ياكى ئىسلامنى ئىزھار قىلغان ھۆكۈمدارنىڭ خاۋارىج ئىكەنلىكىدە ئىككىلىپ قالساڭ) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇتقان يولنى تۇتقىن. چۈنكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارنى ئۆلتۈرۈش (ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىش) ئىشىنى دەل ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://meshhoor.com/category/%d8%a7%d9%84%d9%81%d8%aa%d8%a7%d9%88%d9%89/%d8%a7%d9%84%d8%b9%d9%82%d9%8a%d8%af%d8%a9/

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ