رەسۇلۇللاھنىڭ ئادەت يۈزىسىدىن قىلغان ئىشلىرىغا ئەگەشسەكمۇ ساۋاب ئالىمىزمۇ؟

رەسۇلۇللاھنىڭ ئادەت يۈزىسىدىن قىلغان ئىشلىرىغا ئەگەشسەكمۇ ساۋاب ئالىمىزمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراك ھافىزەھۇللاھ

سوئال:
مۇسۇلمان كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەبىئىي (ئىنسانىي) ئىشلاردا ياكى ئۇ زاتتىن تاسادىپىي (تەبىئىي ھالدا) سادىر بولغان ئىشلاردا ئەگەشسە، بۇنىڭغا ساۋاب ئالامدۇ؟

جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇسانا يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

دىننىڭ ئىككى چوڭ ئاساسى بار. بىرىنچى ئاساسى — دىننى (ئىبادەتنى) ئاللاھ ئۈچۈنلا خالىس قىلىشتۇر (يەنى قىلىنماقچى بولغان ئەمەلنى چوڭ كىچىك شىركتىن خالىي ھالدا، پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىش.) يەنە بىرى — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشتۇر. (بۇ ئىككى ئاساس ھەر زامان، ھەر ماكاندا مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدۇ.)

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ﴾

﴿ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىڭلار.﴾ [سۈرە ئەئراف: 158-ئايەت]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ﴾

﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.﴾ [سۈرە ئال ئىمران: 31-ئايەت]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش دېگەنلىك — ئۇ زاتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، توسقان ئىشلىرىدىن يېنىش دېگەنلىكتۇر؛ شۇنداقلا ناماز، روزا ۋە باشقا بارلىق پەرز-ۋاجىپ، سۈننەت-مۇستەھەب ئىبادەتلىرىدە ئۇ زاتنى ئۈلگە قىلىش دېگەنلىكتۇر.

ئەمما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېيىش، ئىچىش، ئۇخلاش، مېڭىش، ئولتۇرۇپ-قوپۇش ۋە كىيىنىش قاتارلىق ئىنسانىي تەبىئەتكە ۋە ئادەتكە ئاساسەن قىلغان كۈندىلىك ئىش-ھەرىكەتلىرىگە كەلسەك، بۇ ئىشلاردا ئۇ زاتقا ئەگىشىشنى مەقسەت قىلىش شەرىئەتتە پەرز ياكى مۇستەھەب (سۈننەت) دەپ بەلگىلەنمىگەن.

شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ قىلىنىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىغا، مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېڭىش، ئولتۇرۇش، يېتىش ۋە تاماق يېيىش ئۇسۇللىرىغا ئەگىشىش ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىپ كېتىشى (يەنى ساۋابلىق ئىشقا ئايلىنىشى) مۇمكىن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق، ھەسەل ۋە كاۋا قاتارلىقلارنى يېيىشنى، شۇنداقلا قەمىيسكە ئوخشاش كىيىملەرنى كىيىشنى ئىبادەت دەپ قەستەن تاللاش شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن. بەلكى بۇ خىل ئەگىشىش — سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇ زاتقا مۇھەببەت باغلاش ۋە ماسلىشىش يۈزىسىدىن بولىدۇ. خۇددى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ((رأيت النبي -صلى الله عليه وسلم- يتتبع الدَّبَّاء من حوالي القصعة، فلم أزل أحبُّ الدُّبَّاء بعدَ يومئذ)) «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاۋاقنىڭ ئەتراپىدىن كاۋىلارنى ئىزدىگەنلىكىنى كۆردۈم، شۇ كۈندىن باشلاپ مەن كاۋىنى ياخشى كۆرىدىغان بولدۇم» [3] (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى) دېگىنىگە ئوخشاش.

دېمەك، ئەگەر مۇسۇلمان كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇ زاتقا ماسلىشىشقا تىرىشسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاب ئالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ساۋابقا ئېرىشىش سەۋەبلىرى پەقەت ئىبادەتلەر دائىرىسىدىنلا ئىبارەت بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كەڭدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇسۇلۇل پىقھى ئالىملىرى ئەگىشىش شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئىشلاردا ئادەتلەر بىلەن ئىبادەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئېنىق بايان قىلغان.

ئاللاھتىن بىزنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشكە ۋە ئۇ زاتنىڭ سۈننىتىدە چىڭ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: ئەللامە ئابدۇرراھمان ناسىر بەرراك ھافىزەھۇللاھنىڭ تور بېتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ