پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش زادى قانداق بولىدۇ؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش قانداق بولىدۇ؟

مۇجتەھىد تورى

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ﴾

﴿ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىڭلار.﴾ [سۈرە ئەئراف: 158-ئايەت]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ﴾

﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.﴾ [سۈرە ئال ئىمران: 31-ئايەت]

ئەللامە ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراك ھافىزەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش دېگەنلىك — ئۇ زاتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، توسقان ئىشلىرىدىن يېنىش دېگەنلىكتۇر؛ شۇنداقلا ناماز، روزا ۋە باشقا بارلىق پەرز-ۋاجىپ، سۈننەت-مۇستەھەب ئىبادەتلىرىدە ئۇ زاتنى ئۈلگە قىلىش دېگەنلىكتۇر.»

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىش ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى پەرز بولغان ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىش؛ يەنە بىرى مۇستەھەپ بولغان ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىشتۇر. كىشى پەرز بولغان ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىشنى تاشلاپ، مۇستەھەپ بولغان ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىشنىڭ ھەممىسىنى قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق كىشىنى رەسۇلۇللاھقا ئەگەشتى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇنداق كىشى ئەسلىدە رەسۇلۇللاھقا ھېچ ئەگەشمىگەن، ئەسلا ئىتائەت قىلمىغان بولىدۇ.
ئەگەر بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئەگىشىش پەرز بولغان ئىشلاردا چىڭ تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن، بولۇپمۇ دوزاخ بىلەن خەۋەر بەرگەن، لەنەتلىگەن چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرسا، قەتئىي رەۋىشتە بۇيرۇپ، ئۆزىمۇ ۋە باشقا ساھابىلەرمۇ قەتئىي ئەمەل قىلغان بۇيرۇقلىرىغا چىڭ يېپىشسا، مانا بۇنداق كىشى — رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش مۇستەھەپ ھېسابلانغان ئىشلاردىن بىرنىمۇ قىلمىغان تەقدىردىمۇ — رەسۇلۇللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگەشكەن ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي دوستى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقىقىي ئىخلاسمەن ئەگەشكۈچىسى بولغان بولىدۇ.

(1) پەرز ھېسابلانغان  ئەگىشىش \ ئىتائەت قىلىش.

ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ﴾

{رەسۇلۇللاھ سىلەرگە نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.}

— سۈرە ھەشر، 7-ئايەت

بۇ ئايەت ۋە مۇشۇ مەزمۇندا كەلگەن ئونلارچە ئايەتلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسەم ئۇنىڭدىن يېنىڭلار، سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇسام كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداڭلار.» (بۇخارى)

بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، ئىتائەت قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم قائىدىلەردىن بىرىدۇر.

مۇسۇلمان كىشى ئۆمۈرۋايەت دىققەت قىلىپ قەتئىي ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك بولغان ئىشلار — ئاللاھ ۋە رەسۇلى چەكلىگەن، دوزاخ بىلەن خۇش خەۋرە بەرگەن ياكى لەنەت قىلغان ئىشلاردۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەسكىن رەۋىشتە چەكلىگەن، لەنەت قىلغان، دوزاخ بىلەن خەۋەر بەرگەن بىر قىلمىش بولسا، ياكى «مەندىن ئەمەس»، «بىزدىن ئەمەس» دېگەن لەۋزدە چەكلىگەن بىر قىلمىش بولسا، بۇ خىل چەكلىمىلەرگە قەتئىي رىئايە قىلىش پەرز ئەيندۇر. بۇ خىل چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغۇچى رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بولىدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جانلىق نەرسىلەرنىڭ (يەنى ئادەمنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ) سۈرىتىنى ياساشنى، ياكى ھەيكىلىنى ياساشنى ھارام قىلدى؛ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنى، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنى ۋە يالغان سۆزلەشنى ھارام قىلدى؛ باشقىلارنى سۆز ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئالداشنى ھارام قىلدى. ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنى ھارام قىلدى؛  ئايال كىشىنىڭ كىيىم كىيسىمۇ بەدىنىڭ چوڭقۇر پەس يەرلىرى بىلنىشىپ قالغۇدەك، يات ئەرلەرنى مايىل قىلىدىغان ھەر قانداق ئەزاسى بىلنىشىپ قالغۇدەك ھالدا كىيىم كىيىشىنى ھارام قىلدى؛ ئەر كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاچا بىلەن سىڭىلنى، ياكى ھامما بىلەن ئۇنىڭ جىيەن قىزىنى نىكاھىدا تۇتۇشنى ھارام قىلدى؛ دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنى ھارام قىلدى؛  ئىبادەتتە، ئەخلاقتا ۋە يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىنىشتە كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشنى قەبرىلەرنى ئىبادەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشنى ھارام قىلدى؛ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ خىل مىڭلارچە چەكلىمىلىرى بار. بۇلاردىن قايسى بىرىنىڭ ھاراملىقىنى، چەكلەنگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ، بىلىشكە قىزىقماي بۇ چەكلىمىلەرنى قىلغان كىشى رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىشتىن يۈز ئۆرىگەن بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە گۇناھكار، ئاسىي بولىدۇ. 

(2) سۈننەت (مۇستەھەپ) ھېسابلانغان ئەگىشىش.

رەسۇلۇللاھ پەزىلەتلىك دەپ بايان قىلغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئەگىشىش سۈننەت ھېسابلانغان ئەگىشىشتۇر. سۈننەت ھېسابلانغان ئەمەلنى قىلغان ئادەم ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، ئەمما قىلمىغان ئادەم گۇناھكار بولمايدۇ. فىقھىي مەنىدىكى «سۈننەت» — «مۇستەھەپ» دېگەنلىك بىلەن ئوخشاشتۇر. مەسىلەن، تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئەر-ئايال بارچە مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن سۈننەت. كىشى تەھەججۇد نامىزىنى ئوقۇسا، بىر بۈيۈك ئىبادەتنى ئورۇندىغان بولىدۇ، بۈيۈك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. ئەمما ئوقۇمىسا گۇناھكار بولمايدۇ.

ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش سۈننەت. دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە روزا تۇتۇش سۈننەت. ئاشۇرا روزىسىنى تۇتۇش سۈننەت. قەبرە زىيارەت قىلىش سۈننەت. كىشى بۇلارنى ئورۇندىمىسا گۇناھكار بولمايدۇ. چاشگاھ (زۇھا) نامىزى ئوقۇش سۈننەت. كىشى سۈننەت ھېسابلانغان ئەمەللەرنى ئورۇندىسا بۈيۈك ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئورۇندىمىسىا گۇناھكار بولمايدۇ.

خۇلاسە، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش پەرز بولغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرمەي، ئەگىشىش سۈننەت بولغان، ئەگەشمىسە گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭرى تارقاپ كەتتى. دەۋەتچىلەر ھەتتا ئالىم ئاتالغانلار مۇسۇلمانلارنى رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن بارچە بىدئەتتى، شىركتىن ۋە ھارامدىن ئاگاھلاندۇرماي، ئۇلارنى مۇستەھەپ ئىشلارغا بۇيرۇپ قويىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋال بارچە ئىسلام دىيارلىرىدا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇرادىغا، دىننىڭ تەلەپ-تەقەززالىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس.
رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش، ئىتائەت قىلىش پەرز بولغان ئىشلارغا سەل قاراپ، رەسۇلۇللاھقا ئەگەشسە ساۋاب، ئەگەشمىسە گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالغۇچىنىڭ ھالى، قورسىقى قاتتىق ئاچقاندا ئالدىغا بىر چىنە پولو ۋە بىر كىچىك چىنىدە (تۆت چوكا چىققۇدەك) سالات (سوغۇق سەي) كەلسە، پولونى يېمەي، سالاتنى يېگەن كىشىنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ياكى دېڭىزدا كېتىۋاتقادا كېمىنىڭ ئاستى تېشىلىپ كەتسە، يېنىدىكى زاپاس ھاۋا بالونىغا يەل قاچىلىماي، زىكىر-تەسبىھ ئوقۇپ ئولتۇرغان، ياكى دېڭىز مەنزىرىسىنى ھەدەپ سۈرەتكە تارتىۋاتقان نادان ئادەمنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ.

رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش — ئۇ زات چەكلىگەندىن يېنىش، بۇيرۇغاننى قىلىش دېمەكتۇر. مانا مۇشۇنداق قىلغان كىشى رەسۇلۇللاھقا ھەقىقىي ئەگەشكەن بولىدۇ. مانا مۇنداق كىشىنى سۈننەت ساھىبى، تەقۋا كىشى دەپ ئاتايمىز. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە،سەھىھ سۈننەتتىكى پەزىلەتلىك ئەمەللەرگە ھېرىسمەن مۆمىن — كامىل، تەقۋا مۆمىندۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىسىگە كۆڭۈل بۆلمەي، پەزىلەت بابىدىكى سۈننەت\مۇستەھەپ ئەمەللەرگە ئېسىلىۋالغۇچى ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن، دىننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىگەن بەخىتسىز كىشىدۇر.

مۇھىم ئەسكەرتىش:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئەرلەرنى ساقالنى قويۇپ بېرىشكە، بۇرۇتلارنى قىسقارتىشقا بۇيرۇدى. ئالدىغا كەلگەن پارس دۆلىتىنىڭ ساقالسىز ئەلچىلىرىدىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرۇقىغا كايىپ «رەببىم مېنى ساقالنى كامىل قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى» دېدى. مەيلى رەسۇلۇللاھ، مەيلى ساھابىلەر، مەيلى سائادەت دەۋرىدىكى مۇجتەھىد ئىماملار، مەيلى ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىرى ساقىلىنى (ئىككى ئۈچ سانتا قالغۇدەك قىلىپ) قىسقارتىپ ، كۆتمەك ساقال قويىۋالىدىغان ئىشنى قىلمىدى؛ مەيلى ساقالنى تولۇق چۈشۈرۈۋېتىپ ئاياللارغا ۋە غىتمەكلەرگە ئوخشىۋېلىش يولىنى تۇتمىدى. دەۋرىمىزدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ساقالنى بىر ئىككى سانتا قالغۇدەك دەرىجىدە قىسقارتىپ تۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇنى پاك-پاكىز چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇ قىلمىش رەسۇلۇللاھنىڭ «ساقالنى كامىل قويۇپ، بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپ. شۇنداقلا، «كىمكى (بىزدىن بولمىغان، يەنى مۇسۇلمان ئەمەس) بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇمۇ شۇلاردىندۇر» دېگەن ھەدىسىگە چۈشۈپ قالىدىغان قورقۇنچلۇق ئىشتۇر. بۇنىڭدىن سىرت رەسۇلۇللاھ ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان. ئاياللار ساقالسىز، ئەرلەر ساقاللىق بولىدۇ. ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈستى ئۈستىلەپ ھارامغا بىۋاستە چۈشۈپ قېلىش، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈش دېگەنلىكتۇر. مۇسۇلمان دىيارلىرىدا ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش فرانسۇز ۋە بېرىتانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئىسلام دىيارلىرىغا بۆسۈپ كىرىپ نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان، يېقىنقى بىر ئىككى ئەسىر مابەينىدە باش كۆتۈرگەن ئىش بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق مۇسۇلمان ئەر كىشى ساقال چۈشۈرمەيتتى.  ئىگلىرىكى ئەسىرلەردە باشقىلارنىڭ ساقىلىغا زىيان سالغۇچىغا ئەر كىشىنىڭ كۆركىنى يوق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ بەدىلىگە ئىقتىسادىي جازا تۆلەش تەلەپ قىلىناتتى. ھەتتا ئېغىر يامان ئىشلارنى قىلغانلارنى جازالاش يۈزىسىدىن ساقىلىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، خەلقىئالەمگە ئىبرەت قىلىدىغان ئىشلار بار ئىدى. ساقالنى كامىل قويۇش پەرز ئەيىن، ئۇنى بىر نەچچە سانتا ئۇزۇنلۇقتا قالدۇرۇپ، كۆتمەك ساقال بولىۋېلىش رەسۇلۇللاھقنىڭ بۇ جەھەتتىن بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە تۈپتىن زىت. ئەرلەرنىڭ ساقالنى كامىل قويۇشى، يەنى بىر غېرىچ، ئىككى غېرىچ كەلگۈدەك كامىل، ئۇزۇن قويۇشى پەرزدۇر.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ