رەفئۇل يەدەين قىلماستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟

رەفئۇل يەدەين قىلماستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ

(ئەسكەرتىش: «رەفئۇل يەدەين» دېگەنلىك «ئىككى قولنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ نامازلاردىكى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىلىدىغان يۆتكىلىش ئورۇنلىرىدا ئىككى قولنى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ نامازغا كىرگەندە، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.)

سوئال سورىغۇچى:
پەزىلەتلىك شەيخ، سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: نامازغا كىرىش تەكبىرى (تەكبىر تەھرىمە) ۋە باشقا تەكبىرلەردە ئىككى قولنى كۆتۈرمەسلىكنىڭ ھۆكمى نېمە؟

شەيخ سالىھ ئەل فەۋزاننىڭ جاۋابى:
سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس، لېكىن ئۇ (بۇ ھەقتىكى) سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. (شەيخنىڭ پەتىۋاسى تۈگىدى)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=PDoZLYAgUig

مەشھۇر مۇھەددىس ئالىم ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

نامازخان ناماز ئىچىدىكى ھەر بىر تەكبىردە ئىككى قولىنى كۆتۈرىدۇ. لېكىن، بۇ قول كۆتۈرۈشلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن كۈچلۈكرەكتۇر.

نامازغا كىرىش تەكبىرى (تەكبىر تەھرىمە) دە قول كۆتۈرۈش، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قول كۆتۈرۈشتىن كۈچلۈكرەكتۇر.

رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قول كۆتۈرۈش بولسا، بىرىنچى تەشەھھۇدتىن ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا قول كۆتۈرۈشتىن كۈچلۈكرەكتۇر.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق تۈردىكى قوللارنى كۆتۈرۈش، باشقا تەكبىرلەردە قول كۆتۈرۈشتىن كۈچلۈكرەكتۇر.

يەنى، بۇ يەردە ئىككى خىل قول كۆتۈرۈش بار:
بىرى، تەكىتلەنگەن سۈننەت (سۈننەت مۇئەككەدە) بولۇپ، ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردۇر.
يەنە بىرى، مۇستەھەب سۈننەت (سۈننەت مۇستەھەببە) بولۇپ، ئۇ باشقا تەكبىرلەردە، مەسىلەن: سەجدىگە بارغاندا، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئىككىنچى سەجدىگە قايتقاندا، ئىككىنچى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا قول كۆتۈرۈشكە ئوخشاش.

بۇ تەكبىرلەردىمۇ قول كۆتۈرۈش مۇستەھەبتۇر. شەرىئەتتە كۆرسىتىلگىنى، ھەر بىر تەكبىر بىلەن بىللە قول كۆتۈرۈشتۇر. لېكىن، بۇنىڭدا «تەكىتلەنگەن سۈننەت» بىلەن «مۇستەھەب سۈننەت» نىڭ پەرقىگە دىققەت قىلىش كېرەك. (شەيخ ئەلبانىنىڭ پەتىۋاسى بۇ يەردە تۈگىدى)

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=u-y6vXE0bus

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ