پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەتمۇ؟

پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەتمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە، پروفىسور، دوكتور سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ

سوئال: پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

شەيخ سالىھ ئەل فەۋزاننىڭ جاۋابى:
بۇنداق قىلىش دۇرۇس ئەمەس، پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم پەرز نامازلاردىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان.

    • مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://youtu.be/I7Z5J36iJxg?si=LuU8eEUhM6Ic7-IT

ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە، ساھابە ئۇمەرە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنە ھاكىمى بىشىر ئىبنى مەرۋاننىڭ جۈمە خۇتبىسىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشىغا «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلغىنىنى كۆرمىدىم» قاتتىق قارشى چىققان ۋە بىشىر ئىبنى مەرۋاننى بۇ قىلىقى سەۋەبلىك سۆككەن.

وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)
سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۈمە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (ساھابە) ئۇمارە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مۇنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ (خۇتبىدە كۆتۈرۈلگەن) بۇ قوللارنى قۇرۇتىۋەتسۇن. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (جۈمە خۇتبىسىدە دۇئا قىلسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئەمەس، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ) مۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم.» ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇنداق دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. | hedisim.com (مۇسلىم 873؛ ئەبۇداۋۇد؛ نەسائىي 1413؛ تىرمىزىي 515 )

بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ مەلۇم بىر ئىبادەتنىڭ بىر بۆلىكىدە مەلۇم بىر ئەمەلنى قىلمىغان بولسا، ئەمما ئۇ ئەمەلنى باشقا بىر ئىبادەتتە قىلغان بولسا، مۇسۇلمانغا لازىم بولغىنى رەسۇلۇللاھ بىر ئىبادەتتە تەرك ئەتكەن ئەمەلنى تەرك ئېتىشى، باشقا بىر ئەمەلدە قىلغان شۇ ئەمەلنى قىلىشتۇر. رەسۇلۇللاھ قول كۆتۈرۈشنى تەرك ئەتكەن يەردە قول كۆتۈرۈش بىدئەت بولىدۇ. باشقا يەردە قول كۆتۈرگەنلىكى خۇتبىدە ياكى نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. مۇشۇ توغرا بولغان بولسا، بىشىر ئىبنى مەرۋانغا ساھابە ئۇمەرە يۇقىرىقىدەك قارشى چىقمىغان، سۆكمىگەن، بەددۇئا قىلمىغان بولاتتى. ساھابىلەر دىندا بىدئەت پەيدا قلىشنىڭ بەك قەبىھ ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ھەر جۈمە خۇتبىسىدە ئۈممىتىنى دىندا پەيدا قىلماسلىققا بۇيرۇپ، بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلاتتى، شۇ سەۋەبلىك خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى ساھابە ئۇمەرە ھەرگىز قوبۇل قىلماي دەرھال قارشى چىققان. خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشقا قارشى چىققان ساھابىلەر، نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشقا چوقۇم قارشى چىقىشى ئېنىق ئىدى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلغانلىقى خاتىرىلەنمىگەن. رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى قىلىش بىدئەتتۇر. بۇنىڭدا بىر مۇستەسنا باركى، رەسۇلۇللاھ بىر ئەمەلنى قىلمىغان، ئەمما ئۇنى تۆت خەلىپىدىن بىرەرسى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئۇ خىل ئەمەلمۇ سۈننەت ھېسابلىنىدۇ، بىدئەت ھسابلانمايدۇ. بەئەينى ھەزىرتى ئوسمان يولغا قويغان — جۈمەنىڭ تۇنجى ئەزىنىدەك. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ «مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بىر ئىشنى دىندا قىلىش بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر، بىر دىنىي ئەمەلنى قىلىشتا بىر ۋاسىتىگە ھاجەت تۇغۇلغان بولسا، ئۇ ۋاسىتە دىنىي ئەمەلنى قولايلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولسا، ئۇ ھالدا شۇ ۋاسىتىنى ئىشلىتىش بىدئەت ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن، مىكروفوندا ئەزان توۋلاش، نامازدىكى تىلاۋەتنى — جامائەتنىڭ ئېنىق ئاڭلىشى، يىراقتىكى جامائەتنى تىلاۋەتنى ۋە تەكبىرنى ئاڭلىيالماي قالماسلىقى ئۈچۈن ئاۋاز ياڭراتقۇدا تارقىتىش … دېگەندەك. چۈنكى، بۇنىڭغا كۈنىمىزدە كۈچلۈك ھاجەت بار. يۇقىرىقىلارنى ھېچكىم ئىبادەت، ساۋاب ھېسابلىمايدۇ، ئەمما ھاجەت بولغاچقا ئاۋاز ياڭراتقۇدا ئىمامنىڭ ئاۋازى تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭدا ھېچبىر چەكلىمە يوق. بىدئەتچى كىشىلەر ئۆز بىدئەتلىرىنى توغرىغا چىقىرىش ئۈچۈن كاللىسىنى شۇ قەدەر كۆپ ئىشلىتىشقا تىرىشىدۇكى، بىز ئۇلارنى خاتا ئىشقا كاللا ئىشلىتىشتىن خالاس قىلىش، كاللىسىنى ئېچىش ئۈچۈن يۇقىرىقىلارنى بايان قىلىشقا ھەقلىقمىز.

ئەسكەرتىش: بەزى كىشىلەر «ئەمىسە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تېلفۇن ئىشلەتمىگەن، ماشىنا، ئايروپىلانغا ئولتۇرمىغان، ئۇنداقتا بۇمۇ بىدئەتمۇ؟» دەپ ئۆكتە قوپىدۇ. بۇ بىر بولسا دىندىكى جاھالەتتىن، بىر بولسا خۇپسەنلىك قىلىپ ئۆز بىدئىتىنى توغرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بىدئەتننىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر، ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ» دېگەن. «بىدئەت» — رەسۇلۇللاھ دۇنيالىقتا قىلمىغان ئىشنى قىلىش بىدئەت ئەمەس، ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىش، مانا بۇ بىدئەتتۇر.
يەنى، بىر ئىش «بىدئەت» دېيىلگەندە، ئۇ دىنغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ قالغان ئىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق قىلىش ھارام. بىدئەت دىندا بولىدۇ، دۇنياۋى ئىشلاردا بولمايدۇ. ئەگەر رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىش دۇرۇس بولغان بولسا، رەسۇلۇللاھ ھەرگىزمۇ «بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق» دېمىگەن بولاتتى. رەسۇلۇللاھ دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنى ئازغۇنلۇق دېگەن ئىكەن، ئۇنىڭدىن قېچىش، بىدئەت-ئازغۇنلۇقتىن ئۇزاق تۇرۇش ھەممە مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. بىدئەتنى يوللۇققا چىقىرىشقا تىرىشىپ مۇغەمبەرلىك قىلىش گۇناھى كەبىرە ھېسابلىنىدۇ. پەرز نامازدىن كېين قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ بىدئەتلىكىنى بىلمەستىن مۇشۇنداق قىلغان كىشى بەلكىم ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما بىدئەت ئەمەلنى قىلىشنى يوللۇققا چىقىرىش ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىش — مانا بۇ ئەڭ قەبىھ گۇناھتۇر. شۇڭا، ھەر قانداق بىدئەت ئەمەلنى قانۇنلاشتۇرۇشقا، يوللۇققا چىقىرىشتىن ئۇزاق تۇرۇش ئاقىل كىشىنىڭ ئىشى، بىدئەتنى يوللۇققا چىقىرىشقا تىرىشىش نادان، شەقىي كىشىنىڭ ئىشىدۇر. — مۇجتەھىد تورى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ