تەكىتلىك سۈننەت بىلەن مۇستەھەب سۈننەت ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟
شەيخ ۋەلىيد سەئىيدان پەتىۋاسى
سوئال سورىغۇچى:
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سۈننەت بىلەن تەكىتلەنگەن سۈننەت (سۈننەت مۇئەككەدە) نىڭ پەرقى نېمە؟
شەيخ ۋەلىد سەئىيداننىڭ جاۋابى:
ئالىملار رەھىمەھۇللاھ سۈننەتنى ئۇنىڭ تەكىتلىنىش ياكى تەكىتلەنمەسلىكىگە قاراپ ئىككى قىسىمغا ئايرىغان:
بىرى، تەكىتلەنگەن سۈننەت (سۈننەت مۇئەككەدە)؛
يەنە بىرى، تەكىتلەنمىگەن سۈننەت (سۈننەت غەيرى مۇئەككەدە).
بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى سۈننەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. لېكىن، بىرى «تەكىتلەنگەن» دەپ سۈپەتلەنسە، يەنە بىرى «تەكىتلەنمىگەن» دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەسلى ۋە ماھىيىتى يەنىلا سۈننەتتۇر.
تەكىتلەنگەن سۈننەت بىلەن تەكىتلەنمىگەن سۈننەتنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ئورتاق بىر سۈپەت شۇكى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم قىلغان، ئەمما بۇيرۇمىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر؛ ياكى ئۇ زات بۇيرۇغان، ئەمما ئۇنى ۋاجىبلىقتىن سۈننەتلىككە ۋە مۇستەھەبلىككە چۈشۈرۈۋېتىدىغان بىرەر دەلىل كەلگەن ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
دېمەك، تەكىتلەنگەن سۈننەت (سۈننەت مۇئەككەدە) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ھەر دائىم، ئىزچىل تۈردە قىلغان ۋە ھەرگىز تەرك ئەتمىگەن سۈننەتلەردۇر.
ئەمما تەكىتلەنمىگەن سۈننەت (سۈننەت غەيرى مۇئەككەدە) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بەزىدە قىلىپ، بەزىدە تەرك ئەتكەن سۈننەتلەردۇر.
تەكىتلەنگەن سۈننەتكە مىساللار:
ۋىتىر نامىزى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ۋىتىر نامىزىنى سەپەردىمۇ، مۇقىم ۋاقتىدىمۇ ئىزچىل ئوقۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ھاياتىدا بىز بىلىدىغان ۋە نەقىل قىلىنغانلارغا ئاساسلانغاندا، بىرەر كېچىمۇ ۋىتىرنى تەرك ئەتمىگەن.
ئەلۋەتتە، ئالىملار رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەمنىڭ قۇربان ھېيت كېچىسى ۋىتىر ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان. توغرا قاراش شۇكى، ئەسلى قائىدە بويىچە، ئۇنى تەرك ئەتكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل كەلمىگۈچە، ئۇ زاتنىڭ شۇ كېچىسىمۇ ۋىتىر ئوقۇغانلىقىنى قوبۇل قىلىمىز. بىز ئۇ زاتنىڭ شۇ كېچىسى ۋىتىرنى تەرك ئەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىرەر دەلىلنى بىلمەيمىز. شۇڭا، ۋىتىر نامىزى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ئىزچىل ئوقۇغان، سەپەردىمۇ، مۇقىم ۋاقتىدىمۇ تەرك ئەتمىگەن تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىندۇر.
نامازلاردىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سۈننەت نامازلار (رەۋاتىب سۈننەتلەر.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بۇلارنى پەقەت سەپەردىلا تەرك ئەتكەن. سەپەردە پەقەت بامداتنىڭ سۈننىتىنىلا ئوقۇغان، باشقىلىرىنى تەرك ئەتكەن. سەپەردىمۇ، مۇقىم ۋاقتىدىمۇ بامداتنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتمىگەن.
نامازلاردىن كېيىنكى زىكىرلەر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بۇ زىكىرلەرنى ئىزچىل ئوقۇغان. ئۇ زاتنىڭ بىرەر قېتىم پەرز نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ، ئاللاھنى زىكىر قىلمىغانلىقى سابىت بولمىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىندۇر.
نامازدىن بۇرۇن مىسۋاك ئىشلىتىش:.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۈممىتىمگە مۇشەققەت بولۇپ قالمىغان بولسا، ئۇلارنى ھەر بىر نامازدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم.» شۇڭا، ئالىملار رەھىمەھۇللاھ مىسۋاك ئىشلىتىش ۋاجىبمۇ ئەمەسمۇ دەپ ئىختىلاپ قىلىشقان. بۇ نامازدىن ئىلگىرىكى مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.
تەكىتلەنمىگەن سۈننەتكە مىساللار:
تەكىتلەنمىگەن سۈننەت — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەمنىڭ بەزىدە قىلىپ، بەزىدە تەرك ئەتكەنلىكى سابىت بولغان سۈننەتلەردۇر.
نامازدىكى ئىستىراھەت ئولتۇرۇشى (جەلسەتۇل ئىستىراھە): ئالىملارنىڭ ئەڭ توغرا قارىشىغا ئاساسلانغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بۇنى بەزىدە قىلغان، بەزىدە تەرك ئەتكەن. شۇڭا، بىز ئىستىراھەت ئولتۇرۇشىنى تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر قاتارىغا كىرگۈزمەيمىز. بەلكى ئۇنى بەزىدە قىلىنىدىغان، بەزىدە تەرك ئېتىلىدىغان سۈننەتلەر قاتارىغا كىرگۈزىمىز.
چاشگاھ نامىزى (دۇھا نامىزى). بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، چاشگاھ نامىزىمۇ تەكىتلەنمىگەن سۈننەتتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ئۇنى ئىزچىل ئوقۇمىغان. بەلكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغاندەك، ئۇ زات پەقەت سەپەردىن قايتقاندىلا ئوقۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بەزىدە ئوقۇپ، بەزى كۈنلەردە تەرك ئەتكەن. بۇ چاشگاھ نامىزىنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە باشقا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار نۇرغۇن.
خۇلاسىكالام، تەكىتلەنگەن سۈننەت — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ئىزچىل قىلغان ۋە تەرك ئەتمىگەن سۈننەتلەردۇر.
تەكىتلەنمىگەن سۈننەت — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەمنىڭ بەزىدە قىلىپ، بەزىدە تەرك ئەتكەنلىكى سابىت بولغان سۈننەتلەردۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://youtu.be/fUdWOD_eAcU?si=N03tqWBJE_QIYsdf
