تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرى توغرا يولمۇ؟
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بىر خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:
مەن سىلەرگە يۇقىرىدا ئۆتكەنلەردىن باشقا، كىشىلەر يېڭىدىن پەيدا قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتتىن چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم ئىشلارنىمۇ بايان قىلىپ بېرەي.
كىشىلەر دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلغان ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن سوپىلىق تەرىقەتلىرىدۇر. مەسىلەن: رىفائىييە، نەقشىبەندىييە، تىجانىييە، مەرامىييە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلىرى ئىسلام شەرىئىتىدىن چىقىپ كەتكەن قانۇنسىز يوللاردۇر.
سوپىلار پەيدا قىلغان بۇ تەرىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە شەيتانىي يوللاردۇر، قەبىھ بىدئەتلەردۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تەرىقەتلەرنىڭ ھەر قايسى بىر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، بۇ يولدا مېڭىشىغا ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىغا بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋاجىپتۇر. چۈنكى ئاللاھ جەللە ۋەئەلا بىزگە ھېچكىمنىڭ تولۇقلىشىغا ئەسلا موھتاج بولمايدىغان، توغرا ۋە مۇكەممەل بىر دىننى شەرىئەت قىلىپ بەردى. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، بۇ دىن ئۆزىنىڭ شەرىئىتى، ھۆكۈملىرى، ئاساسلىرى ۋە تارماقلىرى بىلەن تولۇق ۋە مۇكەممەلدۇر.
خۇددى ئاللاھ جەللە ۋەئەلا ئېيتقاندەك: ﴿شۈبھىسىزكى، بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (باشقا) يوللارغا ئەگەشمەڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ﴾ (سۈرە ئەنئام 153-ئايەت).
(ئايەتتىكى) بۇ «يوللار» بولسا بىدئەتلەر ۋە شەھۋەتلەردۇر. ئاللاھنىڭ يولى ۋە ئاللاھ بەندىلىرىگە شەرىئەت قىلىپ بەرگەن دىن بولسا — ئاللاھ جەللە ۋەئەلانى تەۋھىدلەش، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) بۇيرۇغان ۋە توسقان ئىشلاردا پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتۇر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ يولىدۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ توغرا يولىدۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ دىنىدۇر.
ئەمما كىشىلەر پەيدا قىلغان، بۇنىڭغا خىلاپ بولغان تەرىقەتلەر، مەيلى ئۇ تىجانىييە، نەقشىبەندىيە، رىفائىييە، قادىرىييە، خەلۋەتىييە ياكى باشقىلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتىل يولدۇر، قەبىھ بىدئەتلەردۇر ۋە دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردۇر. كىشىلەرنى ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەرك ئېتىش ۋاجىپتۇر. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://youtube.com/shorts/R8r5urVgPaM?si=eiQKzX63npRjroRo
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ (سوپىلىقنىڭ) ھۆكمى نېمە؟
سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟
ماختىلىدىغان تەسەۋۋۇپ بارمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ئاشقۇن سوپىلار ئۆزىنى ئىلاھ دەپ قارامدۇ؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى
ئوپچە زىكىر قىلىش سوپىلار ئوتتۇرىغا چىقارغان بىدئەتتۇر | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن
تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ (سوپىلارنىڭ) مەسجىدىدە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى؟
