دىن دۈشمەنلىرىگە رەددىيە(2): رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ نىكاھى سەنلەر بۇرمىلىغاندەك ئەمەس
قۇدرەت بارات
دىن ئەھلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تىلىدا يازىدىغان بەزى غالچىلار ئىسلامغا، پەيغەمبىرىمىزگە توختىماستىن تىل-ھاقارەت ياغدۇرىۋاتىدۇ.
بۇ ئارقىلىق ئىسلام ئەھلىنى رەسۋا قىلىشتىن بەك، دىنىي چۈشەنچىسى تېيىز، دىندىن ئۇزاق ياشايدىغان، ئەمما «ئەلھەمدۇلىللاھ بىزمۇ مۇسۇلمان» دەپ ئاغزىدا ئىسلام داۋاسى قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى دىندىن شەكلەندۈرۈشكە، دىندىن سوۋۇتۇشقا توختىماستىن كۈچەۋاتىدۇ.
دۈشمەن بەرگەن ئازغىنە مائاش بەدىلىگە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سېستىمىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان بۇ خىل دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى قۇلاقنى يوپۇرۇپ، كۆرمەسكە سېلىپ تۇرۇۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دىنىي ئىلىمدىن خەۋەردار قېرىنداشلار پەيغەمبىرىمىزگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا قۇلاق يوپۇرۇپ تۇرۇۋالغانسېرى، ئېتىقادى ۋە ئىمانى ئاجىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنغا بولغا قارىشى تېخىمۇ بەك بۇرمىلىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ۋەتەندىكىگە ئوخشاش دىندىن ئۇزاقلىشىش خاھىشى كۈنسېرى ئېغىرلاپ ماڭىدۇ.
دىندىن ئايرىلغان كىشى — باشتىن ئايرىلغان جەسەتتىن ئىبارەت. دۈشمەننىڭ كۈتىدىغىنى ئارىمىزدا ئەنە شۇنداق باشسىز جەسەتلەرنى بولۇشىغا ئاۋۇتۇشتۇر.
خوش، دۈشمەننىڭ پەيغەمبىرىمىزگە قىلغان ھۇجۇملىرىدىن بىرى — رەسۇلىمىزنى خوتۇنغا دۈم چۈشكەن، كۆرگەنلا ئاياللارغا كۆز تاشلايدىغان، ناچار تەبىئەتلىك كىشى قىلىپ كۆرسىتىش بولىۋاتىدۇ. دۈشمەن مۇشۇ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەدىسلەرنىڭ باش ئاخىرىنى، ئۇ ھەدىس بايان قىلغان ئەسلى مەقسەتنى كېسىپ چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىپلاس نىيىتىگە قىلچىلىك پايدىسى بار دەپ قارايدىغان قۇرلارغا ئۆزىنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق «بازارغا سېلىپ»، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىندىن شەكلىنىش، دىندىن سوۋۇش قەدىمىنى — خوجايىنلىرىنىڭ تەلىمى بويىچە — تېزلەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.
دۈشمەننىڭ رەسۇلىمىزنى ئەخلاقسىز كىشى قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن دەلىل قىلغان تېكىستلىرىدىن بىرى تۆۋەندىكىچە:
حَدَّثَنَا أَبُو نُعَيْمٍ: حَدَّثَنَا عَبْدُ الرَّحْمَنِ بْنُ غَسِيلٍ، عَنْ حَمْزَةَ بْنِ أَبِي أُسَيْدٍ، عَنْ أَبِي أُسَيْدٍ رضي الله عنه قَالَ: «خَرَجْنَا مَعَ النَّبِيِّ ﷺ حَتَّى انْطَلَقْنَا إِلَى حَائِطٍ يُقَالُ لَهُ الشَّوْطُ، حَتَّى انْتَهَيْنَا إِلَى حَائِطَيْنِ فَجَلَسْنَا بَيْنَهُمَا، فَقَالَ النَّبِيُّ ﷺ: اجْلِسُوا هَا هُنَا. وَدَخَلَ وَقَدْ أُتِيَ بِالْجَوْنِيَّةِ فَأُنْزِلَتْ فِي بَيْتٍ فِي نَخْلٍ فِي بَيْتِ أُمَيْمَةَ بِنْتِ النُّعْمَانِ بْنِ شَرَاحِيلَ، وَمَعَهَا دَايَتُهَا حَاضِنَةٌ لَهَا، فَلَمَّا دَخَلَ عَلَيْهَا النَّبِيُّ ﷺ قَالَ: هَبِي نَفْسَكِ لِي. قَالَتْ: وَهَلْ تَهَبُ الْمَلِكَةُ نَفْسَهَا لِلسُّوقَةِ؟ قَالَ: فَأَهْوَى بِيَدِهِ يَضَعُ يَدَهُ عَلَيْهَا لِتَسْكُنَ، فَقَالَتْ: أَعُوذُ بِاللهِ مِنْكَ، فَقَالَ: قَدْ عُذْتِ بِمَعَاذٍ، ثُمَّ خَرَجَ عَلَيْنَا فَقَالَ: يَا أَبَا أُسَيْدٍ، اكْسُهَا رَازِقِيَّتَيْنِ، وَأَلْحِقْهَا بِأَهْلِهَا»
ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن:
«بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە چىقىپ، ‹شەۋت› دەپ ئاتىلىدىغان باغقا قاراپ ماڭدۇق. ئاقىۋەتتە ئىككى باغنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىپ، شۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇردۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سىلەر مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار› دېدى. ئاندىن ئۆزى (باغقا) كىردى.
بۇ ۋاقىتتا جەۋنىييە (قەبىلىسىدىن بولغان ئايال) ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، نۇئمان ئىبنى شەراھىلنىڭ قىزى ئۇمەيمەنىڭ خورمىلىق ئىچىدىكى ئۆيىگە چۈشۈرۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى باققان سۈت ئانىسىمۇ بىللە ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ: ‹ئۆزۈڭنى ماڭا بېغىشلىغىن (يەنى نىكاھىمغا كىرگىن)› دېدى. ئۇ ئايال: ‹بىر مەلىكە ئۆزىنى ئاددىي پۇقراغا بېغىشلامدۇ؟› دېدى.
(راۋىي) ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن قولىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. ئۇ ئايال: ‹سەندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ پاناھگاھقا سېغىندىڭ› دېدى.
ئاندىن بىزنىڭ يېنىمىزغا چىقىپ: ‹ئى ئەبۇ ئۇسەيد! ئۇنىڭغا ئىككى قۇر رازىقىييە (رەختىدىن تىكىلگەن) كىيىم كىيدۈرۈپ، ئائىلىسىگە ئاپىرىپ بەرگىن› دېدى.» (بۇخارى 5255، «بَابُ مَنْ طَلَّقَ وَهَلْ يُوَاجِهُ الرَّجُلُ امْرَأَتَهُ بِالطَّلَاقِ» «ئايالىنى تالاق قىلىش ۋە ئەرنىڭ تالاقنى ئايالىنىڭ يۈزىگە بىۋاسىتە ئېيتامدۇ؟» بابى)
(دىققەت، بۇ ئايال رەسۇلۇللاھنى تونىمىغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھنىڭ نىكاھلىنىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسنىمۇ ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ «سەھىھۇل بۇخارى»سىدا نەقىل قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىستىكى ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئۇ ھەدىس يازمىمىزنىڭ داۋامىدا نەقىل قىلىنىدۇ.)
دۈشمەن بۇ ھەدىسنىڭ بىر قىسىمىنى تەرجىمە قىلىپ، دىندا ساۋادى يوق كىشىلەرنى ئالدىماقچى بولسىمۇ، بۇ ھەدىستىكى تىلغا ئېلىنغان ئايال يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان، يولدىشىدىن تۇل قالغان ئايال بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەدىسلەردە، بەزى ساھابىلەر تەرىپىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئايال سايە قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ بۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنىش ئۈچۈن بارغاندا، يۇقىرىقىدەك ھالەتلەر يۈز بەرگەن.
دۈشمەن دېگەندەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئايالنىڭ يېنىغا كىرىپلا «ئۆزىڭىزنى ماڭا تەقدىم قىلىڭ» دېگەن ئەمەس. بەلكى، ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن. ھەدىستىكى باشقا مەزمۇنلار تۆۋەندە ئىزاھلىنىدۇ. بۇ ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھ نىكاھلانماقچى بولغان ئايال بولغانلىقىنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەردىن ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز:
حَدَّثَنَا الْحُمَيْدِيُّ: حَدَّثَنَا الْوَلِيدُ: حَدَّثَنَا الْأَوْزَاعِيُّ قَالَ: «سَأَلْتُ الزُّهْرِيَّ: أَيُّ أَزْوَاجِ النَّبِيِّ ﷺ اسْتَعَاذَتْ مِنْهُ؟ قَالَ: أَخْبَرَنِي عُرْوَةُ، عَنْ عَائِشَةَ رضي الله عنها: أَنَّ ابْنَةَ الْجَوْنِ لَمَّا أُدْخِلَتْ عَلَى رَسُولِ اللهِ ﷺ وَدَنَا مِنْهَا قَالَتْ: أَعُوذُ بِاللهِ مِنْكَ، فَقَالَ لَهَا: لَقَدْ عُذْتِ بِعَظِيمٍ، الْحَقِي بِأَهْلِكِ» قَالَ أَبُو عَبْدِ اللهِ: رَوَاهُ حَجَّاجُ بْنُ أَبِي مَنِيعٍ عَنْ جَدِّهِ عَنِ الزُّهْرِيِّ: أَنَّ عُرْوَةَ أَخْبَرَهُ: أَنَّ عَائِشَةَ قَالَتْ.
ئىمام بۇخارى ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھۇمەيدى بىزگە ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ۋەلىدتىن، ۋەلىد ئەۋزائىيدىن، ئەۋزائىي ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى:مەن زۇھرىيدىن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە كىم ئۇ زاتتىن (ئاللاھقا) سېغىنغان؟» دەپ سورىدىم.زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئۇرۋە ماڭا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلىپ مۇنداق خەۋەر بەرگەن ئىدى:«جەۋننىڭ قىزى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، ئۇ ئايال: ‹سەندىن ئاللاھقا سېغىنىمەن› دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ‹سەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ زاتقا (يەنى ئاللاھقا) سېغىندىڭ، ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ يېنىغا قايتقىن› دېدى.» (بۇخارى 5254)
عَنْ عَبَّاسِ بْنِ سَهْلٍ، عَنْ أَبِيهِ وَأَبِي أُسَيْدٍ قَالَا: تَزَوَّجَ النَّبِيُّ ﷺ أُمَيْمَةَ بِنْتَ شَرَاحِيلَ، فَلَمَّا أُدْخِلَتْ عَلَيْهِ بَسَطَ يَدَهُ إِلَيْهَا، فَكَأَنَّهَا كَرِهَتْ ذَلِكَ، فَأَمَرَ أَبَا أُسَيْدٍ أَنْ يُجَهِّزَهَا وَيَكْسُوَهَا ثَوْبَيْنِ رَازِقِيَّيْنِ.
ئابباس ئىبنى سەھل دادىسى ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق ھەدىس نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇمەيمە بىنتى شەراھىيلغا نىكاھلانغان ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزارتىۋىدى، ئۇمەيمە بۇنى يامان كۆرگەندەك ئەلپازدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ئۇسەيدنى ئۇنىڭغا (ئېسىل رەخت ھېسابلىنىدىغان) رازىقىييە رەختىدىن ئىككى قۇر كىيىم كەيدۈرۈپ (ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا) بۇيرۇدى. (بۇخارى 2526)
تۆۋەندىكى ھەدىس يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بولۇپ، بۇ ھەدىس دۈشمەننىڭ سۈيقەستىنى تارمار قىلىدۇ:
حَدَّثَنَا سَعِيدُ بْنُ أَبِي مَرْيَمَ، حَدَّثَنَا أَبُو غَسَّانَ، قَالَ حَدَّثَنِي أَبُو حَازِمٍ، عَنْ سَهْلِ بْنِ سَعْدٍ ـ رضى الله عنه ـ قَالَ ذُكِرَ لِلنَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم امْرَأَةٌ مِنَ الْعَرَبِ، فَأَمَرَ أَبَا أُسَيْدٍ السَّاعِدِيَّ أَنْ يُرْسِلَ إِلَيْهَا فَأَرْسَلَ إِلَيْهَا، فَقَدِمَتْ فَنَزَلَتْ فِي أُجُمِ بَنِي سَاعِدَةَ، فَخَرَجَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم حَتَّى جَاءَهَا فَدَخَلَ عَلَيْهَا فَإِذَا امْرَأَةٌ مُنَكِّسَةٌ رَأْسَهَا، فَلَمَّا كَلَّمَهَا النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم قَالَتْ أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنْكَ. فَقَالَ » قَدْ أَعَذْتُكِ مِنِّي «. فَقَالُوا لَهَا أَتَدْرِينَ مَنْ هَذَا قَالَتْ لاَ. قَالُوا هَذَا رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم جَاءَ لِيَخْطُبَكِ. قَالَتْ كُنْتُ أَنَا أَشْقَى مِنْ ذَلِكَ. فَأَقْبَلَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم يَوْمَئِذٍ حَتَّى جَلَسَ فِي سَقِيفَةِ بَنِي سَاعِدَةَ هُوَ وَأَصْحَابُهُ، ثُمَّ قَالَ » اسْقِنَا يَا سَهْلُ «. فَخَرَجْتُ لَهُمْ بِهَذَا الْقَدَحِ فَأَسْقَيْتُهُمْ فِيهِ، فَأَخْرَجَ لَنَا سَهْلٌ ذَلِكَ الْقَدَحَ فَشَرِبْنَا مِنْهُ. قَالَ ثُمَّ اسْتَوْهَبَهُ عُمَرُ بْنُ عَبْدِ الْعَزِيزِ بَعْدَ ذَلِكَ فَوَهَبَهُ لَهُ. (بۇخارى 5637)
ئەبۇ ھازىم سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەرەبلەردىن (يېڭى مۇسۇلمان بولغان ۋە تۇل قالغان) بىر ئايال (ياخشى سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىپ) تىلغا ئېلىندى (يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى ئۈچۈن تەۋسىيلەر بولدى.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ئۇسەيد سائىدىيگە ئۇ ئايالنى چاقىرتىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئەبۇ ئۇسەيد ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتتى. ئۇ ئايال كېلىپ بەنى سائىدە جەمەتىنىڭ قەلئەسىگە چۈشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىقىپ، ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، قېشىغا كىردى. قارىسا، ئۇ ئايال بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا سۆز قىلغاندا، ئۇ ئايال: «سەندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سېنى ئۆزۈمدىن پاناھلاندۇردۇم (يەنى سېنى ئۆز ئەركىڭگە قويۇپ بەردىم)» دېدى.
(شۇنىڭدىن كېيىن) كىشىلەر ئۇ ئايالغا: «بۇ زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى. ئۇ ئايال: «ياق» دېدى. كىشىلەر: «بۇ ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، سېنى نىكاھىغا ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى» دېدى. ئۇ ئايال: «ئۇنداقتا مەن نېمىدېگەن تەلەيسىز (بەختسىز) ئايال-ھە!» دېدى. (يەنى رەسۇلۇللاھنى تونىماي، رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى.)شۇ كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قايتىپ كېلىپ، ساھابىلىرى بىلەن بىللە بەنى سائىدە جەمەتىنىڭ چەللە-بارىڭى ئاستىدا ئولتۇردى. ئاندىن: «ئى سەھل! بىزگە سۇ بەرگىن» دېدى. (سەھل رەزىيەللھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى،) مەن ئۇلارغا مۇشۇ قەدەھتە سۇ ئېلىپ چىقىپ بەردىم.(ئەبۇ ھازىم دەيدۇكى:) سەھل بىزگە شۇ قەدەھنى ئېلىپ كۆرسەتتى، بىز ئۇنىڭدىن سۇ ئىچتۇق. كېيىنچە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۇ قەدەھنى ئۆزىگە ھەدىيە قىلىشنى سورىغان ئىدى، سەھل ئۇنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە ھەدىيە قىلىۋەتتى. (بۇخارى 5637، ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى ئىچىملىكلەر بابىدا نەقىل قىلغان.)
دۈشمەن ئەنە شۇنداق رەزىل. ئۇ ھەر دائىم ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىپ كۆرسىتىشكە، شەيتان خوجايىنىغا ئەڭ كامىل رەۋىشتە قۇلچىلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ.
بۇ ئايالنىڭ زادى نېمىشقا «سەندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگەنلىكىنى، نېمىشقا «بىر مەلىكە ئاۋامغا تەۋە ئاددىي كىشى بىلەن توي قىلامدۇ؟» دېگەنلىكىنى يۇقىرىقى ھەدىس ئارقىلىق بىر بالداق چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز. يەنى، بۇ ئايال يېنىغا كەلگەن رەسۇلۇللاھنى تونىمىغان. شۇڭا ئاشۇنداق دېگەن. بۇ ۋەقەلىك توغرىسىدىكى باشقا ۋاريانتلارنىمۇ يازمىمىزنىڭ داۋامىدا نەقىل قىلىمىز.
دىققەت قىلىش كېرەك بولغان بىر نۇقتا شۇكى، دۈشمەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى «سېسىتىش» ئۈچۈن بۇرمىلاپ نەقىل قىلغان ھەدىس سەھىھۇل بۇخارىدا مەۋجۇت، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ دۈشمەن ئېيتقاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى تونىمىغانلىقى ھەققىدىكى ھەقىقەتمۇ ئوخشاشلا سەھىھۇل بۇخارىدا مەۋجۇت. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، دۈشمەن ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ئۈچۈن بىر مۆتىۋەر ھەدىس كىتابىدا مەۋجۇت ھەدىسنىڭ بىر قىسىمىنى «بازارغا سېلىپ»، ئۇ ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان يەنە بىر ھەدىسنى خەلقتىن يوشۇرىدۇ. دۈشمەن ئەنە شۇنداق نامەرت. ئەمما، ئەقىلسىز، ئويۇنچى كىشىلەر دۈشمەننىڭ مۇشۇ خىل پىتنىلىرىگە تېزلا ئىشىنىپ قالىدۇ.
بۇ ھەدىستە شۇ ئايالنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن رەسۇلۇللاھنى تونىمىغانلىقىنى، ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدەك بىر بۈيۈك زاتنىڭ ئايالى بولۇشنى قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن «مەن نېمىدېگەن تەلەيسىز ئايال-ھە!» دەپ ئاھ ئۇرغانلىقىنى ئوقۇپ ئۆتتۇق.
بۇ ئايالنىڭ نېمە ئۈچۈن رەسۇلۇللاھقا «بىر مەلىكە ئۆزىنى ئاددىي پۇقراغا بېغىشلامدۇ؟» دېگەنلىكىگە كەلسەك، بۇ ئايال ئىلگىرى بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ قىزى بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ قەبىلىسى ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ ئايال يېڭى مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنىگە كەلگەن. ئەر ساھابىلەردىن بەزىسى بۇ ئايالنى رەسۇلۇللاھقا مۇشۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولغانلىقتىن، ساھابىلەر باشقا قەبىلىنىڭ مۇسۇلمان بولغان ياكى ئەسىرگە چۈشكەن ئېسىلزادە ئاياللىرىنى پەقەت رەسۇلۇللاھقىلا لايىق كۆرگەن. يەنى ئېسىلزادە ئايال، ئېسىلزادە زات بىلەن ئۆي تۇتسۇن، دەپ ئويلىغان. ئەسلىدە بۇ بارچە دىن ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەسىلە. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، رەسۇلۇللاھ نىكاھلانغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىگە چاقىسىز، يېشى چوڭ، ئاجىزە ئەمما پەزىلەتلىك، ئېسىل ئاياللار ئىدى. بۇنىڭ بايانى ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىىدا مەۋجۇت.
سۆزىمىزگە قايتساق، بۇ ئايال مەدىنىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، مەدىنىدىكى بەزى ئاياللار بۇ ئايالنى يۇيۇپ – تاراپ تەييارلىغان، ئەمما ئۇ ئايالغا «سىز رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى بولىسىز» دەپ ھېچقانداق ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سىرىنى ساقلاش جەھەتتىن بولغان. شۇ جەرياندا، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەدىنىدىكى بەزى ئاياللاردا بۇ ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن نىكاھلىنىشىدەك بۈيۈك شەرەپكە نائىل بولۇشىغا چىدىيالماي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.
بولۇپمۇ مەدىنىدىكى يەھۇدى قەبىلىلىرى رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلايدىغان ۋە دۈشمەنلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ھەم يەھۇدىلار ناھايىتى شۇم نىيەت خەلق بولغاچقا، ئۇلار دائىملا رەسۇلۇللاھقا زىيانكەشلىك قەستىدە يۈرەتتى. بۇ ئايالنىڭ خەۋىرىمۇ ئەنە شۇ قىلتاقچى يەھۇدىلارغا ئاللىقاچان كېلىپ بولغان ئىدى.
يەھۇدىلار گەرچە ئىچىدە رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلىسىمۇ، رەسۇلۇللاھقا ناھايىتى ھەسەت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېشىدا يالغاندىن مۇسۇلمان بولىۋېلىپ، ئىچىدە رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا توختىماي سۈيقەست پىلانلايدىغان مۇناپىقلار كۆپ ئىدى. ئۇلار مەدىنىدە مۇسۇلمان سىياقتا مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا كىرىپ چىقىپ يۈرەتتى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا كىملەرنىڭ مۇناپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئاشۇ مۇناپىقلارنىڭ كىملىكىنى كېيىنكى چاغدا ھۇزەيفە ئىبنى يەماندىن باشقا ساھابىسىگە بىلدۈرمىگەن. (بۇ خىل بىلدۈرمەسلىككە بۈيۈك ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ ھېكمەتلىرىنى بۇ يەردە بايان قىلساق سۆز ئۇزۇراپ كېتىدۇ.)
يەنى مەدىنىدىكى يەھۇدىلار ئارىسىدا راست مۇسۇلمان بولغان ئازغىنە مۆمىنلەر بولۇش بىلەن بىرگە، يالغان مۇسۇلمان بولىۋالغان كۆپ ساندىكى يەھۇدى مۇناپىقلىرى بار ئىدى. بۇ مۇناپىقلار بەدىر غازىتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئەرەپلەرنىڭ ئەڭ كاتتا قەبىلىسى بولغان قۇرەيشلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاز ئادەم كۈچى ۋە ئاددىي قوراللار بىلەن تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، مەدىنىدە ئىلگىرى مۇسۇلمان بولماي يۈرگەن بىر تۈركۈم يەھۇدىلار مۇسۇلمانلاردىن قورقۇپ يالغاندىن مۇسۇلمان بولىۋالغان. ئاللاھ قۇرئاننىڭ كۆپ يېرىدە مۇشۇ يالغان مۇسۇلمان بولىۋالغان يەھۇدى مۇناپىقلىرىدىن سۆز قىلىدۇ.
يەھۇدىلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قىلغان زىيانكەشلىكى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۇقىرىقى ئايالنىڭ ۋەقەلىكىدىمۇ يەھۇدىلارنىڭ قولى بار. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ساھابىلىرى بىلەن قوشۇپ مېھمانغا چاقىرىپ، ئاندىن رەسۇلۇللاھنى زەھەرلىك گۆش بىلەن زەھەرلىگەنمۇ يەھۇدى ئايال ئىدى. بۇ قەستلەشتە رەسۇلۇللاھ گۆشتە زەھەر بارلىقىنى بىر چىشلەپلا سېزىۋېلىپ، يەنە بىر باياندا رەسۇلۇللاھقا بۇ ھەقتە ۋەھىي كېلىپ، رەسۇلۇللاھ گۆشنى يۇتمىغان، ئەمما يېنىدىكى بىر ساھابە گۆشنى تېزلا يۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقەلىكمۇ يەنىلا سەھىھۇل بۇخارىدا مەۋجۇت.
شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھنى سھېرلەپ، قەست قىلغانمۇ يەنە يەھۇدى ئايال بولغان.
رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا ئۆگزىدىن تاش تاشلىماقچى بولغانلارمۇ يەھۇدىلار بولغان. رەسۇلۇللاھقا قارشى بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلدۇرغانلارمۇ ئوخشاشلا يەھۇدىلار بولغان.
شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ بىر سەپەردە قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن ئۇلاغلىق كېتىۋاتقاندا، ئون ئىككى مۇناپىق پەيدا بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلىغى داۋانلىق يولغا كەلگەندە، ئۇلاغنى داۋان تەرەپكە قىستاپ، رەسۇلۇللاھنى ئۇلىغى بىلەن قوشۇپ يادىن ئىتتىرىۋېتىپ كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇش ئۈچۈن تىركەشكەنمۇ يەنە شۇ يالغان مۇسۇلمان بولۇۋالغان يەھۇدى مۇناپىقلىرى ئىدى.
سۆزىمىگە قايتساق، رەسۇلۇللاھ نىكاھلانماقچى بولغان بۇ ياش ئايالنىڭ يېنىغا مۇسۇلمان سىياققا كىرىۋالغان بەزى مۇناپىق يەھۇدى ئاياللار مەخپىي كىرىپ، ئۇنىڭغا گەپ ئۆگىتىپ، گەرچە ئۇنىڭ دادىسى پەقەتلا بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى بولسىمۇ، ئۇنى كۆككە ئۇچۇرۇپ ماختاپ، «سىز ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ قىزىكەنسىز، سىزگە پەقەت سىزدەك پادىشاھنىڭ جەمەتىدىن بولغان ئەرلەرلا ماس كېلىدۇ. ھە راس، رەسۇلۇللاھ يېنىڭىزغا كىرىپ قالسا <سەندىن سېغىنىپ ئاللاھقا پاناھ تىلەيمەن> دېسىڭىز، رەسۇلۇللاھ بۇنداق سۆزدىن خۇش بولىدۇ» دەپ «تەلىمات بەرگەن.» بۇ ئايال بۇ سۆزگە راست دەپ ئىشىنىپ قالغان. بۇ ئايال ئېرىدىن تۇل قالغان ناھايىتى ياش ئايال بولغانلىقتىن، ھىيلىگەر يەھۇدى مۇناپىقلىرىنىڭ گەپ سۆزلىرىگە ساددىلىقى تۈپەيلىدىن تېزلا ئىشىنىپ قالغان. ئەگەر ئوتتۇز، قىرىقنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئەقلى توختىغان تەجرىبىلىك ئايال بولغان بولسا، يەھۇدى ئاياللارغا بۇنچە تېز ئالدىنىپ كەتمىگەن بولاتتى.
باشقا مەنبەلەردە، بۇ ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ ئەسما ئىكەنلىكى، كېيىن بىر مۇھاجىر ساھابە بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلىقى، رەسۇلۇللاھنى تونىمىغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولۇش شەرىپىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت قاتتىق ھەسرەت چەككەنلىكى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە مەدىنىدە ۋاپات تاپقانلىقى قەيت قىلىنغان.
باشقا ھەدىس مەنبەلىرىدە، ھەزىرتى ئۆمەر خەلىپىلىك دەۋرىدە بۇ ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھقا يامان سۆز قىلىپ رەنجىتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ ۋە بۇ ئايالنى «رەسۇلۇللاھنى رەنجىتكەنلىكى يۈزىسىدىن» جازالىماقچى بولىدۇ. ئەمما، بۇ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغان ھەزىرتى ئۆمەرگە ئۆزرە بايان قىلىپ «مەن ئالدىنىپ قالغان ئىدىم» دەيدۇ. ھەزىرتى ئۆمەر قايىل بولماي قاتتىق ئاچچىقلانغاندا بۇ ئايال:«مەن <مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى> دەپ ئاتالمىدىم، ھەم ھىجاپلاندۇرۇلمىدىم» دەپ، ئىككىنچى ئۆزرە بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ.
ئەرەپلەر ئاز سۆز بىلەن كۆپ ۋە چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن تىل ئۇستىسى قەۋم بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قىلغان كېيىنكى سۆزىنىڭ مەنىسى: مېنىڭ ئالدانغىنىم راست، بۇنىڭ يەنە بىر پاكىتى شۇكى، رەسۇلۇللاھ كىرگەندە ئۇ زاتنى تونىمىغانلىقىم ئۈچۈن نىكاھلىنىش تەكلىپىنى رەت قىلدىم. ئەگەر ماڭا «سىز مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولىسىز» دەپ ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن بولسا، «مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدەك تولۇق ئورىنىپ ھىجاپلىنىسىز» دېيىلگەن بولسا، شۇنداقلا ھازىر يېنىڭىزغا رەسۇلۇللاھ كىرىدۇ دەپ ماڭا بىلدۈرۈلگەن بولسا، مەن رەسۇلۇللاھ كىرگەندە ئۇ زاتنى تونىغان، نىكاھلىنىش تەكلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلغان بولاتتىم. شۇڭا، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، بۇ جەھەتتە مەن ئۆزرىلىك، مەن ئالدانغۇچى ۋە خەۋەرسىز قالغۇچى، ماڭا جازا بېرىش بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇن بولمايدۇ، دېگەن مەقسەتنى بىلدۈرۈش ئىدى.
ھەدىستىكى ئوخشاش ۋەقەنىڭ ئوخشىمىغان بايانلىرى ھەققىدە قىسقا چۈشەندۈرۈش
دىن دۈشمىنى بىر قىسىمىنى ئۈزۈپ ئېلىپ، ئۆگەرتىپ تەرجىمە قىلغان سەھىھۇل بۇخارىدىكى ھەدىس بىلەن، شۇ ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھنى تونىمىغانلىقى توغرىسىدىكى سەھىھۇل بۇخارىدىكى يەنە بىر ھەدىس يۇقىرىدا نەقىل قىلىندى. ئەمدى بۇ ئىككى ھەدىس ئارىسىدا بايان پەرقى بارلىقى مەلۇم. ئەمما، ئاساسى مەنە بىر يەردە ئۇچرىشىدۇ، ئاساسى مەقسەت جىپىسلىشىدۇ، باشتىكى ھەدىستىكى نائېنىقلىق كېيىنكى ھەدىس ئارقىلىق ئوچۇقلىشىدۇ. نۇرغۇن ھەدىسلەردە مۇشۇ خىل ئەھۋال بار. مەسىلەن، بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ پالانچى يەرگە چۈشكۈن قىلغان ئىدى، ساھابىلەردىن بىرى ئۇنى قۇياش نۇرىدىن ساقلاش ئۈچۈن، يەكتىكى بىلەن بېشىدا سايە تاشلاپ تۇردى، دەپ كەلسە. يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ «رەيھان» ئىسىملىك بىر باغقا كىرگەن ئىدى، پالانچى ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ يەكتىكى بىلەن ئۇ زاتنىڭ بېشىغا سايە تاشلاپ تۇرغاچ، قۇرئان ئايىتى ئوقۇدى … دېگەندەك لەۋزلەر مەۋجۇت. بۇ ھەرگىزمۇ ھەدىس تېكىستىدىكى خاتالىق ئەمەس، شۇ ھەدىسنى بايان قىلغان ئىككى ساھابىنىڭ بايان ئۇسلۇبى بىلەن، شۇنداقلا ئېسىدە قالغان مەزمۇننى قانداق بايان قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ خۇددى بىر دادىنىڭ ئىككى قىزىدىن بىرىنىڭ «دادام بىر تېلفۇن كېلىشى بىلەنلا تۈركىيەدىن سېتىۋالغان پەلتوسىنى كىيىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى، كېيىن ئۇ پەلتۇنىڭ يانچۇقىدىن ئالتۇن چىقىپتۇ» دېسە، يەنە بىر قىزىنىڭ «دادام ئازراق پۇلغا ھاجەتمەن بولغان ئىدى، پالانچى دوستىغا ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى، كېيىن ئۇ دوستى پۇلنى ئېلىپ كەلدى، دادام پەسكە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، كېيىن چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن ئالتۇن ئۈزۈك چىقىپتۇ» دەپ بايان قىلغىنىغا ئوخشايدۇ. بىر ۋەقەلىكنى ئوخشىمىغان راستچىل كىشى بايان قىلسا، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن، ئۆزى توغرا كۆرگەن، ياكى ئۆزى ئاسان كۆرگەن بايان شەكلى بىلەن بايان قىلىدۇ. ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە دەپ يۈرمەيدۇ. مەسىلە سەھىھ ھەدىس ئۈستىدە بولغاندا، باياندىكى پەرق ۋەقەلىكنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەتلا بىر ھەدىستە قىسقىچە، بىر ھەدىستە سەل تەپسىلىيراق بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇر؛ بىر ساھابىنىڭ ئۇ نۇقتىدىن، بىر ساھابىنىڭ بۇ نۇقتىدىن، يەنى ئوخشىمىغان جەھەتلەردىن ئوخشاش ۋەقەلىكنى بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ۋە قەدىمقى دەۋردىكى ئاياللارنىڭ تەقدىرى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەندە مەيلى ئەرەپ جەمئىيىتىدە، مەيلى باشقا دۆلەت، باشقا قىتئەلەردە، ئاياللار قۇلنىڭ ئورنىدا كۆرۈلەتتى، مىراس ئالالمايتتى. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال يا شۇ ئەر بىلەن بىللە تىرىك كۆمۈلەتتى، ياكى شۇ ئەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قولىدىكى مال سۈپىتىدە قالاتتى. ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئۇ ئايالنى قانداق بىر تەرەپ قىلغۇسى كەلسە شۇنداق بىر تەرەپ قىلاتتى. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن دەۋرلەردە مەيلى ئەرەپلەردە، مەيلى باشقا مىللەتلەردە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى مەۋجۇت ئىدى. قۇرەيش كاتتىباشلىرىنىڭ ئونلارچە ئايالى بار ئىدى، رۇم پادىشاھلىرىنىڭ مىڭلارچە كېنىزەكلىرى، خىتاي ئىمپراتورلىرىنىڭ يۈزلەرچە خوتۇنى ۋە مىڭلارچە دېدەكلىرى بار ئىدى. پارس ئىمپراتورلىرىدا ئۆزىنىڭ سىڭلىسى، ئاچىسى، ھەتتا ئانىسى بىلەن نىكاھلىنىدىغان، ئۇنىڭدىن سىرت يۈزلەرچە ئايالنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا تۇتىدىغان ئادەت بار ئىدى.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ 99 ئايالى بار ئىدى. بۇ ھال ھەدىستە ئېنىق كەلگەن بولۇپ، قۇرئاندىكى توقسان توققۇز قويغا بىر قوينى قوشۇۋېلىش قىسسىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئىشارە قىلىنىدۇ.
نۇرغۇن ساھابىلەرنىڭ جاھىلىيەت ۋاقتىدا ئون نەچچە ئايالى بار بولۇپ، ئىسلام كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قۇرئاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ سانىغا تۆت بىلەن چەكلىمە قويۇلدى ۋە ئاياللارغا مىراس بېرىش، ئاياللارنى قولدىن قولغا ئۆتىدىغان مال قىلىۋېلىشنى ھارام قىلىش ھەققىدە ئايەتلەر نازىل بولدى. تۆت ئايال بىلەن چەكلىنىش بەلگىلىمىسى شەرىئەت قىلىنغاندا، ساھابىلەر ئارىسىدىكى تۆتتىن كۆپ ئايالى بارلار تۆت ئايالىنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلىرىنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا رەسۇلۇللاھقا 11 ئايال ئېلىشنى ھالال قىلغان. بۇ سان شۇ دەۋردىكى مۆتىۋەر زاتلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاز، يوق ھېسابتىكى سان ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ نىكاھلانغان ئاياللاردىن پەقەت ئائىشە ئانىمىزدىن باشقىسى ئىلگىرى بىر، ھەتتا بىر نەچچە تۇرمۇشلۇق بولۇپ تۇل قالغان، زور كۆپ قىسىمى قارىغۇچىسى يوق، ئاجىز، ئەمما ئېسىل ئاياللار ئىدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە پەقەت ئائىشە ئانىمىزلا قىز، باشقا ئاياللىرى چوكان ئىدى. ئەمما، شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە، شۇنداقلا شۇ دەۋردىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە بىر دۆلەتنىڭ، ھەتتا بىر قەبىلىنىڭ باشلىقىمۇ جۇۋان ئايالنى ئېلىشنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت ھېسابلايتتى. ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئىمپراتورلار جېنىغا ئىلگىرى توي قىلىپ باقمىغان ياش قىزلاردىنلا خوتۇن، كېنىزەك تاللايتتى ۋە قولىدىكى خوتۇنلىرىنى توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى.
ئەمما، رەسۇلۇللاھ 10 تۇل ئايال بىلەن ئۆيلەندى. رەسۇلۇللاھنىڭ بىر قىسىم ئاياللىرى ياشتا ئۆزىدىن چوڭ ئاياللار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۆزى بىلەن ئۆي تۇتقان بىرمۇ ئايالىنى قويىۋەتمىدى. خوتۇن يەڭگۈشلىمىدى، باشقا لېدىر، باشلىقلاردەك ياش قىزلارنىلا ئېلىش يولىنى تۇتمىدى. ھېچقايسى ئايالنى مەجبۇرىي نىكاھىغا ئالمىدى. ھېچقاچان قىز-ئاياللارنىڭ پېشىدە يۈگۈرمىدى. يەنى، رەسۇلۇللاھ ئايال مەسىلىسىدە ناھايىتى ئىپپەتلىك ۋە ئالىيجاناپ يول تۇتتى. ھەتتا رەسۇلۇللاھقا قارشى بىر ئۆمۈر جەڭ قىلغانلارمۇ رەسۇلۇللاھنى شائىر، ساراڭ، كاززاپ دېگەندەك يالغانلار بىلەن ئەيىپلىدىيۇ، ئايال مەسىلىسىدە ئەيىپلەپ باقالمىدى.
چۈنكى، ئەگەر ئايال مەسىلىسىدە ئەيىپلىنىشكە توغرا كەلسە، رەسۇلۇللاھ ئەمەس، بەلكى دەل ئاشۇ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى مۇشرىكلار ئەيىپلەنسە بولاتتى. چۈنكى، ئۇلار قول ئىلىكىدىكى سانسىز ئاياللارغا ماڭدامدا زۇلۇم سالاتتى، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى بەرمەيتتى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قېتىم «ماڭا ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرسىتىلدى، ناماز، ئەتىر ۋە ئايال» دېگەن ئىدى. بۇ سەھىھ ھەدىس بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال ساغلام ئەرلەرگە ئېنىقكى، ھەر قانداق ساغلام ئەردە ئايال كىشىگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت بولىدۇ. ئۆي تۇتۇپ باققان ئاياللارغىمۇ مەلۇمكى، ھەر قانداق ساغلام ئەر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئايال كىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەر پەقەتلا ئايال بولىۋېلىشنى خالايدىغان، ئەركەكلىكتىن ئەسەرمۇ يوق زەيپانە ئەرلەردۇر.
ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەر كىشىنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىنى، ئاياللار بىلەن ئۆي تۇتۇشىنى ۋە ئاياللارنى ياخشى كۆرۈپ، نىكاھىدىكى ئاياللارنى خۇش قىلىش ۋە بەخىتلىك قىلىشىنى ئەركەكلىكنىڭ مۇكەممەللىكى دەپ قارايدۇ.
كۈنىمىزدە نۇرغۇن دۇنياۋى ئاتالمىش رەھبەرلەرنىڭ جىنسىي سەتچىلىكى، ئاشنىدارچىلىقى ھەممە يەردە ئېقىپ يۈرىدۇ. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئاشنىدارچىلىقنى توغرا كۆرىدىغان جاھلىيەت، ئىش ئىسلامغا، رەسۇلۇللاھقا كەلگەندە بىر ئەرنىڭ بىر نەچچە ئايالنى ياخشى قوغداپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئىنتايىن قەبىھ تىللار بىلەن ئەيىبلەيدۇ.
رەسۇلۇللاھنى ئاياللارغا دۈم چۈشكەن قىلىپ تەسۋىرلەۋاتقان ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ھەقىقەتنى يۈزدە يۈز ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقتا. ئەگەر رەسۇلۇللاھ راستتىنلا ئاياللارغا دۈم چۈشكەن بولسا، ئۇ زاتنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى توي قىلىپ باقمىغان ياش قىزلار بولغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھ ئاياللارغا دۈم چۈشكەن بولسا، بىر ئايال بىلەن بىر نەچچە ھەپتە ئۆي تۇتۇپلا تالاق قىلىپ، يەنە باشقا ياش قىز-ئاياللارنى ئالغان، شۇ دەۋردىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ياش قىزلارنى ئىزدەپ، توختىماي خوتۇن يەڭگۈشلىگەن بولاتتى. ئەمما، ئاللاھنىڭ بۈيۈك پەيغەمبىرى بۇنداق چاكىنىلىقتىن پاك بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر توي قىلىشنى خالىمايدىغان ئاجىز، تۇل ۋە يېشى چوڭ ئاياللارنى نىكاھىغا ئالدى.
بىزنىڭ رەسۇلىمىز بىر ئۆمۈر راھەت-پاراغەتتىن، ئەيش-ئىشرەتتىن ئۇزاق ياشىدى. يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارغا بىر ۋادى توشقۇدەك ساناقسىز تۆگە قويلارنى بېرىۋەتكەن، ھەتتا ئۆزىدىن مال سورىغان كاپىرلارغىمۇ يېنىدىكى پۇل-مال تۈگەپ كېتىشتىن قورقمايدىغان دەرىجىدە سېخىيلىق بىلەن پۇل-مال بېرىدىغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئىش ئۆزىگە كەلگەندە كۈنلەرچە ئاچ قورساق ياشىدى، يەيدىغان نەرسىسى يوق قورسىقىغا تاش باغلاپ ياشىدى. بورىدا يېتىپ بىقىنلىرىغا ئىز چىقىپ كەتتى. كېچىلەپ ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كەتتى. ھاياتىدا كاۋاپ قىلىنغان پاقلان گۆشىنى، كېپىكى تاسقىۋېتىلىگەن ساپ ئۇندا قىلىنغان بۇغداي نېنىنى يەپ باقماي ئالەمدىن ئۆتتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى پۈتكۈل ئەھلى جاھانغا ئۈلگە بولىدىغان زاھىدلىق ۋە ئالىيجانابلىق ھاياتى بولۇپ، ئۇ زاتنىڭ ھاياتى زۇھد ۋە تەقۋالىقنىڭ ئەڭ ئۈستۈن پەللىسى ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم راھىبلاردەك دۇنيانى، ئايال كىشىنى ۋە جىھادنى تەرك ئەتمىدى. ساھابىلەر جەڭ ئەڭ قىيىن پەيتكە كەلگەن رەسۇلۇللاھ بىلەن دالدىلاندى. رەسۇلۇللاھ ھېچبىر جەڭدىن قېچىپ باقمىدى. رەسۇلۇللاھ چېلىشىپ ھېچبىر پالۋانغا يېڭىلىپ باقمىدى. ساھابىلەر «رەسۇلۇللاھتا يۈز ئەرنىڭ كۈچى بار» دېيىشەتتى. ھەقىقىي قەھرىمان ئەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ئۈلگىسى — دەل بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.
بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولغان، ئەمما پادىشاھ پەيغەمبەر بولۇشتىن قەتئىي ئۇزاق تۇرۇپ، بەندە پەيغەمبەر بولۇشنى تاللىغان بۇ ئۇلۇغ زات ساھابىلىرىگە باشلامچىلىق قىلىپ مۈرىسىدە كەپىش ۋە تاش توشۇپ قۇبا مەسجىدى ۋە مەسجىد نەبەۋىينى ئۆز قولى بىلەن سالدى. خەندەك ئۇرۇشىدا ئۆز قولى بىلەن خەندەك كولىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچبىر زامان ساھابىلىرىدىن ئالاھىدە بولۇۋالمىدى. بىر قېتىم بىر بەدەۋىي ئەرەپ رەسۇلۇللاھنى ئىزدەپ كەلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرى بىلەن ھالقا بولۇپ، سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ قايسى كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بەدەۋىي ئەرەپ «قايسىڭلار مۇھەممەد بولىسىلەر؟» دەپ سورىدى. يەنى، رەسۇلۇللاھ مەيلى كىيىنىشتە، مەيلى سورۇندىكى تۆر-پەگا جەھەتتە ساھابىلىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيتتى. رەسۇلۇللاھ ھەزىرتى ئەبۇ بەكرى بىلەن بىللە مەدىنىگە كېلىپ، بىر خورمىلىق باغقا كەلگەندە، مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنى قارشى ئالغىلى شۇ باغقا كەلدى، ئەمما زادى كىمنىڭ رەسۇلۇللاھ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قېلىشتى، بۇ ئەسنادا ھەزىرتى ئەبۇ بەكرى رىداسىنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىنى كۈندىن توسۇپ سايىداتقان ئىدى، سايىدىتىلىۋاتقان كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ ئىكەنلىكىنى بىلگەن مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا يۈگۈرەپ بېرىشتى ۋە رەسۇلۇللاھنى ھاياجان بىلەن تۇشمۇتۇشتىن قارشى ئالدى.
دۈشمەننىڭ تۆھمىتىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئاشۇ ھەدىستىكى ئايالمۇ رەسۇلۇللاھ يېنىغا كىرگەندە رەسۇلۇللاھنى تونىمىغان، ئۆزىگە ئۆگىتىلگىنى بويىچە ئاشۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى بولۇش شەرىپىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھەسرەت چەككەن.
فەتھۇل بارىدا ۋە باشقا مەنبەلەردە بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن بىرىدە ئۇ ئايالنى «ئېغىر ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى» دېيىلگەن.
رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى بولۇش، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىسى بولۇش، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى بولۇش بۈيۈك شەرەپ. بۇ شەرەپكە ھەممىلا ئىنسان نائىل بولىۋەرمەيدۇ.
يۇقىرىقىدەك، دىن دۈشمەنلىرىگە «دەسمىي» بولۇپ بېرىش خاراكتېرىغا ئىگە ھەدىسلەرمۇ دەل چىن مۆمىننى ساختىپەز مۇناپىقتىن ئايرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. چىن مۆمىن ئۇ خىل ھەدىسلەرنى ئوقۇغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۈيۈك پەزىلىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەدىسنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ، ۋەقەلىكنى ئەسلى ئورنىغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ، توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. رەسۇلۇللاھقا نىسبەتەن قىلچىلىكمۇ يامان گۇماندا بولمايدۇ. مۇناپىق ياكى قەلبىدە كېسىلى بار ئىمانى لىڭشىپ قالغان كىشىلەر ئۇ خىل ھەدىسنى كۆرگەن ھامان ئېزىش ۋە توغرا يولدىن چىقىشقا ئارانلا تۇرىدۇ.
مەيلى قۇرئاندا، مەيلى سەھىھ ھەدىسلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى قىزارتىدىغان بىرمۇ ئايەت، بىرمۇ جۈملە مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر بىر دىن دۈشمىنى ياكى غالچا ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەلۇم ھەدىسلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى قىزارتماقچى، شەرمەندە قىلماقچى بولۇۋاتقان بولسا، ئۇ ھەدىس يا شۇ غالچا تەرىپىدىن بۇرمىلىنىۋاتقان، ئۇ ھەدىسكە ئالاقىدار ئېنىق پاكىتلار غالچا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن يوشۇرۇلۇپ، ھەدىسنىڭ بەزى بۆلەكلىرى مەقسەتلىك يۇلۇپ ئېلىنىپ، قەستەن پىتنە چىقىرىلىۋاتقان بولىدۇ.
بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتسە يۈزىمىزگە سەت بولىدىغان بىرمۇ سەھىھ ھەدىسىمىز مەۋجۇت ئەمەس. ئەكسىچە، ھەدىسلەر قانچە كۆپ ئاشكارا بولۇپ، كىشىلەر ھەدىسلەرنى قانچە ياخشى بىلسە، جاھاندا ياخشى كىشىلەر ئاۋۇيدۇ، ئادالەت ھاكىم بولىدۇ، ئاجىزلار بوزەك قىلىنمايدىغان، زومىگەرلەر زوراۋانلىق قىلىشقا پېتىنالمايدىغان كۈنلەر كېلىدۇ.
***
رەسۇلۇللاھنىڭ شەنىنى، ئىسلامنىڭ شەنىنى قوغداش ئۈچۈن ئېغىز مىدىتلىتىش، قەلەم تەۋرىتىش ئاللاھنىڭ يولىدىكى ئەڭ كاتتا جىھاد بولۇپ، دىن ساھىبلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە شۈكلەپ كەتمەي، تىل ۋە قەلىمىنى ئايىماي سەرپ قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئىسلامغا ۋە پەيغەمبىرىمىزگە قىلىنغان ئەنە شۇنداق سەۋىيەسىز، ئەرزان باھالىق، ئەمما سېستىمىلىق ھۇجۇملار سەۋەبلىك، شۇنداقلا بۇ خىل ھۇجۇمغا كۆكرەك كېرىپ جاۋاب بېرىدىغان «ئەركەكلەر»نىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار شەكسىزلا بارغانچە دىندىن سوۋۇش، دىندىن ئۇزاقلىشىش، دىندىن گۇمانلىشىش يولىغا ماڭىدۇ. دۈشمەننىڭ دىنغا قىلغان ھۇجۇمى داۋام قىلغان، دىن ئەھلىنىڭ تۈگۈلۈپ تۇرۇۋېلىشىمۇ داۋام قىلغان مۇددەتتە، دىندارلار تارتىدىغان ئازار ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىندىن گۇمانلىنىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ.
دىنغا قىلىنىۋاتقان بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ كەينىدە بىز پەرەز قىلالايدىغان تۈرلۈك سەۋەبلەر بولۇشى تەبئىي. بىز ئۇ خىل شەك-شۈبھەلەرگە جاۋاپ بەرمىگەن تەقدىردە، دۈشمەننىڭ دەۋاتقىنىغا ئىشىنىپ قالىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر دائىم مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېتىۋېرىدۇ. دىندارلارنىڭ تۈگۈلۈپ تۇرۇۋېلىشى — مىللەتنىڭ دىنسىزلىشىشى يولىنى، توغرىسى مىللەتنى دىنسىزلاشتۇرۇش يولىنى تېخىمۇ داغدام ۋە راۋانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئارىمىزدىن چىققان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە قىلغان ھۇجۇملىرىدىن بىئارام بولماسلىق، مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى جىمىي ئۇيغۇرلارغا توغرا ۋەرىشتە بىلدۈرۈشكە تىرىشماسلىق — دىن ۋە ئىلىم ئەھلى كىشىلەر ئۈچۈن يېتىپ ئاشقۇچە نۇقساندۇر.
مەن يۇقىرىقىلارنى دېيىش ئارقىلىق، دىندا ئۇزاق ئوقۇغان دوستلار ۋە ئۇستازلارنىڭ دىنغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ قارشىسىدا — ئۇنىڭغا سەل قاراپ — تۈگۈلۈپ تۇرۇۋالماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرىمەن.
ئوقۇغانلارغا ئايان بولۇشى لازىمكى، رەسۇلۇللاھنىڭ، ھەدىس-سۈننەتنىڭ شەنىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىلىم ئاساسىدا ئېيتىلغان ھەر بىر سۆز جىھادتۇر، بۇ يولدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ھەر بىر كىشى ئەڭ كەمىدە شۇ قەلەم تەۋرىتىۋاتقان پەيتتە ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدتۇر. بۇنداق مۇجاھىدنىڭ رەسۇلىمىزنىڭ شەنىنى قوغداش، بۇرمىلانغان ھەقىقەتنى يورىتىپ بېرىش يولىدا ئېرىشىدىغان ساۋابى — كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقان ئابىد كىشىنىڭ ئەجرىدىن يۈزلەرچە دەرىجە ئۈستۈن. بۇ ئەھلى ئىلىم ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلە بولۇپ، دىندا ياخشى ئوقۇغان كىشىلەر بۇ گەپنىڭ كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك شەرئىي دەلىللەرگە ئاساسەن دېيىلگەنلىكىنى ئوچۇق تونۇپ يېتەلەيدۇ.
بىز دىن دۈشمەنلىرى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتقان پىتنىلەرگە ھەر قانچە قۇلاق يوپۇرۇۋالساقمۇ، خەلق ئۇنى كۆرىۋېرىدۇ، ئۇنىڭدىن خەۋەر تېپىۋېرىدۇ. قەلبىدە كېسەللىك بارلار «مانا ئەمەسمۇ، ئىسلامنىڭ زادى بىر يېرى بىر قانداق» دېيىشىپ، قەلبىدىكى كېسەللىككە ئۆزىنىڭ شەك-شۈبھە ۋە جاھالىتىنى مەلھەم قىلىپ كېتىۋېرىدۇ.
بۇرمىلانغان ھەقىقەتلەرنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىش، شەنى بۇلغانماقچى بولىۋاتقان رەسۇلىمىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ بولالماس بۇرچى. تۇنجى قېتىملىق رەددىيەرىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، ئاۋام مۇسۇلمانغا ناھايىتى تەس كەلگەن بىر دىنىي مەسىلە دىندا ئوقۇغان، ئىزدەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن كۆپىنچە ھالدا ئىنتايىن ئاددىي مەسىلە بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق پىتنە بولغاندا، ئۇ ھەقتىكى توغرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئۇستازلاردىن، سالاھىيەت ئىگىلىرىدىن سوراپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىۋېلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ زۆرۈر مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
