مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرتى مۇئاۋىيە توغرۇلۇق مۇنداق دۇئا قىلغان: ((اللَّهُمَّ عَلِّمْ مُعَاوِيَةَ الْكِتَابَ وَالْحِسَابَ، وَقِهِ الْعَذَابَ)) «ئى ئاللاھ، مۇئاۋىيەگە كىتاپنى (يەنى قۇرئاننىڭ ھېكمەت، ھۆكۈم، مەنىلىرىنى) ۋە ھېساپنى ئۆگەتكىن، ئۇنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.» hedisim.com (فضائل الصحابة لأحمد بن حنبل 1748) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرتى مۇئاۋىيەگە يەنە مۇنداق دۇئا قىلغان: ((اللَّهُمَّ عَلِّمْهُ الْكِتَابَ، وَمَكِّنْ لَهُ فِي الْبِلَادِ، وَقِهِ الْعَذَابَ)) «ئى ئاللاھ، ئۇنىڭغا كىتابنى ئۆگەتكىن، ئۇنى يۇرتلاردا كۈچلەندۈرگىن، ئۇنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.» hedisim.com (فضائل الصحابة لأحمد بن حنبل 1750)
ھەزىرتى مۇئاۋىيە — ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ئوغلى. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى. پەيغەمبەرلىكتىن بەش يىل ئاۋۋال تۇغۇلغان. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا پەيغەمبەرلىكتىن يەتتە يىل بۇرۇن، يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا پەيغەمبەرلىكتىن 13 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان. پەيغەمبەرلىكتىن بەش يىل بۇرۇن تۇغۇلغان دېگەن قاراش ئەڭ توغرا. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات بولغاندا 28 ياشلاردا ئىدى.) ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ، مۇسۇلمانلىقىنى مەككە فەتھىگىچە يوشۇرغان دېيىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىي كاتىپى بولغان. سىڭلىسى ئۇممە ھەبىبە بىنتى ئەبۇ سۇفيان رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئىدى. ھېساپ ۋە پاساھەتلىك سۆزلەش-يېزىشقا ئۇستا ئىدى، مۇلايىم ۋە مەرت زات ئىدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ قەددى قامەتلىك زاتلاردىن ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى (مۇئاۋىيەنىڭ قېرىندىشى يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفياندىن كېيىن) شامغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكىدىمۇ ۋالىيلىق ماقامىنى داۋاملاشتۇرغان. يىگىرمە يىل ئەمىر، 18 يىلدىن ئارتۇق خەلىپە بولغان. ئىبنى ئابباس مۇئاۋىيەنى «فەقىھ» دەپ ئاتىغان. ئىبنى ئابباس يەنە «ھۆكۈمدارلىققا مۇئاۋىيەدىنمۇ بەك لايىق باشقا بىرىنى كۆرمىدىم» دېگەن. بۇنى ئىمام بەيھەقى «پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان. مۇئاۋىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇئاۋىيە كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنى ئەرەپلەرنىڭ ھۆكۈمدارى بولىدۇ، دېگەندەك سۆزلەرنى دەيتتى. ئىمام ئەبۇ يەئلاد «مۇسنەد ئەبۇ يەئلا» دا مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (ھاجەتكە كېتىۋىدى) ئارقىسدىن تاھارەت سۈيى ئېلىپ باردى. رەسۇلۇللاھ مېنى كۆرۈپ:«ئەي مۇئاۋىيە! ئىش بېشىغا چىققىنىڭدا ئاللاھتىن قورق، ئادالەتتىن ئايرىلما» دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئىش بېشىغا چىقىدىغانلىقىمنى ئويلاپ تۇردۇم. زەيد ئىبنى سابىت ۋەھىي كاتىپلىقى قىلسا، مۇئاۋىيە رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئەرەپ قەبىلىرى بىلەن يېزىشىدىغان مەكتۇپلىرىغا مەسئۇل بولاتتى. ھىجرەتنىڭ 60-يىلى (تەخمىنەن 78 ياشلاردا) ۋاپات بولغان. [ئىمام ئىبنى ھەجەر: ئەلئىسابە]
ساھابە ئىبنى ئابباس ھەزىرتى مۇئاۋىيەنى «بۇ دىننىڭ فەقىھى» دەپ ئاتىغان. (سەھىھۇل بۇخارىغا قاراڭ) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
ئىمام ئىبنى ھەجەر: ساھابە ئانىلىرىمىزنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى ۋە پەزىلىتى
ساھابە خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
ئايال ساھابە ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق