ئايەتتە بۇيرۇلغان «جىلباب» قانداق كىيىم؟

جىلباب قانداق كىيىم؟

مۇجتەھىد تورى | mujtehid.com

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾

{ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، (چۆرىلەرنىڭ ئەكسىچە) جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن. بۇ  (يەنى جىلباب بىلەن ئورىنىشى) ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار سۈپىتىدە) تونۇلۇشى ۋە ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقى جەھەتتىن ئەڭ ئۇيغۇندۇر. (چۈنكى، چۆرىلەر جىلباب بىلەن يۈزلىرىنى ياپمايتتى، شۇ ۋەجىدىن مۇناپىقلار ئۇلارغا چېقىلاتتى.) ئاللاھ (ھۆر ئاياللارنىڭ ئىلگىرىكى چاغلاردىكى تولۇق ئورانماي يۈرۈشىنى) بەك مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا جىلبابنى ئەمىر قىلىپ مۇناپىقلارنىڭ ۋە قەلبى كېسەل كىشىلەرنىڭ ئازار بېرىشىدىن ساقلاش ئارقىلىق) بەك رەھىم قىلغۇچىدۇر.} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت) (جالالەين تەپسىرىگە بىنائەن تەرجىمە قىلىندى)

ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: يۇقىرىقى ھايەت «ھىجاب ئايىتى» دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر ئايەت بولۇپ، ئايەتتە «جلابيب» كەلىمىسى تىلغان ئېلىنغان بولۇپ، بۇ «جىلباب» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. (تفسير البغوي)

ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە سۈرە ئەھزابنىڭ، 59-ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە  {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان جىلبابقا ئېنىقلىما بېرىپ مۇنداق دېگەن: (وهي الملاءة التي تشتمل بها المرأة، أي يرخين بعضها على الوجوه إذا خرجن لحاجتهن إلا عينا واحدة) جىلباب ئايال كىشىنى پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرىدىغان ئورىغۇچى كىيىمدۇر. يەنى، ھاجىتى سەۋەبلىك سىرتقا چىققاندا ئۇ ئورانچىسىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن بىر كۆزىنى ئوچۇق قويغان ھالدا يۈزىنى ئورىسۇن. (تفسير الجلالين 560)
سەلەپ مۇپەسسىرلىرىدىن مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان رەھىمەھۇللاھ جىلبابنى «لېچەكنىڭ ئۈستىگە كىيىلىدىغان پۈركەنجە» دەپ سۈپەتلىگەن. (تفسير مقاتل بن سليمان ٣/‏٥٠٧)

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىلباب — ئاياللار بېشىدىن باشلاپ، كىيىمىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان، ئاياللارنىڭ بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. خىمار بولسا، پەقەت باشنىلا يېپىپ تۇرىدىغان (لېچەك تۈرىدىكى) كىيىمدۇر.  يۇقىرىقى ئايەتتە بۇيرۇلغىنىدەك، ئاياللار كىيىمىنىڭ ئۈستىگە جىلباب كىيىپ، ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ياپىدۇ. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 5-جىلد، 46-بەت)

سەلەپ مۇپەسسىرلىرىدىن يەھيا ئىبنى سالام رەھىمەھۇللاھ جىلبابقا تەبىر بېرىپ مۇنداق دېگەن: جىلباب — ئۈستى بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان پۈركەنجىدۇر. ئايال كىشى ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى، ئوڭ كۆزىنى ۋە بۇرنىنى ياپىدۇ. (يەنى يولنى كۆرۈشى ئۈچۈن بىرلا كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ، يۈز كۈزىنىڭ باشقا ھەممە قىسىمىنى ياپىدۇ، دېمەكچى.) (تفسير يحيى بن سلام ٢/‏٧٣٨)

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى، ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىدىن بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەل مۇشۇ جىلباب كەلمىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نامەھرەمدىن يۈزىنى ياپقانلىقىنى بايان قىلغان. سەھىھ بۇخارىدا ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، ئائىشە ئانىمىز  مۇنداق دېگەن: ((فَعَرَفَنِي حِينَ رَآنِي وَكَانَ رَآنِي قَبْلَ الْحِجَابِ فَاسْتَيْقَظْتُ بِاسْتِرْجَاعِهِ حِينَ عَرَفَنِي فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي)) «(سەفۋان) مېنى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئاۋۋال كۆرگەن بولغاچقا، مېنى تونۇپ <ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن> دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم (سەھىھۇل بۇخارى 4144-ھەدىس)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھاجىتى ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىققاندا جىلباپلىرى بىلەن بېشىنىڭ ئۈستى بىلەن قوشۇپ يۈزلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇدى، ئايال كىشى بۇ شەكىلدە يۈزىنى يېپىپ (يولنى كۆرەلىشى ئۈچۈن) بىر كۆزىنى ئوچۇق قويىدۇ. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٤)

چوڭ تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: يەنى ئاياللار جىلبابلىرى بىلەن پۈركەنسۇن. جىلباب — لېچەكنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدىغان چۈمبەلدۇر. مۇسۇلمان ئايالنىڭ لېچەكلىرىنى ئۈستىگە چۈمبەل ئارتىپ ئۈستى بېشىنى، يۈز-كۆزىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى (بىلنەشمەيدىغان شەكىلدە) يېپىپ ئۆرتۈنمەي تۇرۇپ يات ئەرگە كۆرۈنۈشى ھالال ئەمەس. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٥)

(مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، ئىشەنچىلىك ھەدىس راۋىيسى، سەلەپ مۇھەددىسلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن) يۇنۇس ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز زۇھرىيدىن توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان دېدەك ئايال لېچەك كىيەمدۇ؟ دەپ سورىساق، زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ توي قىلغان دېدەك بولسا، لېچەك كىيىدۇ، لېكىن جىلباب كەيمەيدۇ، چۈنكى دېدەك ئايالنىڭ جىلباپ كىيىپ ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. زۇھرىي مۇشۇنداق دەپ بولۇپ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى ﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٤) * يۇنۇس ئىبنى يەزىد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى.

تابىئىنلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەپسىرشۇناس ئالىمى سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەدىنىنىڭ پاسىقلىرى (بۇلار مۇناپىقلاردۇر) قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئاياللارنى كۆزلەپ مەدىنىنىڭ كوچىلىرىغا چىقاتتى. مەدىنىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى تار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللىرى كەچ بولغاندا (جاڭگاللارغا بېرىپ) ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا ئۆيىدىن كوچىغا چىقاتتى. پاسىقلارنىڭ كۈتكۈنى دەل مۇشۇ ئىدى. ئەگەر پاسىقلار كوچىغا چىققان ئايالنىڭ جىلباب بىلەن چۈمكەلگەن ئاياللىقىنى بايقىسا «بۇ ھۆر ئايالكەن» دېيىشىپ، بۇنداق ئايالدىن قولىنى تارتاتتى. ئەگەر جىلباب كىيمەستىن چىققان ئايالنى كۆرسە «بۇ دېدەك ئىكەن» دېيىشىپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاتتى. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٥) يەنە باشقا بايانلاردا، دېدەك ئاياللارغا چاقچاق قىلىپ، ھاجىتىنى قاندۇرۇپ قويسا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى، دېيىلگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((المَرْأَةُ عَوْرَةٌ فَإِذَا خَرَجَتْ اسْتَشْرَفَهَا الشَّيْطَانُ)) «ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر. ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا، شەيتان ئۇنى تاماشا قىلىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 1173؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 1685؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 5\138؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 9174؛ سەھىھ ھەدىس)

يۇقىرىقى ھەدىس ئالىملارنىڭ ئاياللارنىڭ يۈز ۋە قولىنىڭمۇ ئەۋرەت ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىغان ھەدىسلەردىن بىرىدۇر. چۈنكى، ھەدىستە، «ئايال كىشى ئەۋرەت دەپ» دېيىلىپ، بۇ ئەۋرەتتىن ھېچقايسى ئەزاسى مۇستەسنا قىلىنمىغان. بۇ يەردىكى «ئەۋرەت» نامەھرەملەرگە نىسبەتەن ئايال كىشى ئەۋرەت دېگەنلىكتۇر. ھەرگىزمۇ، ئايال كىشىنى پەس كۆرگەنلىك ئەمەس. «شەيتان»دىن مەقسەت — ئايال كىشى سىرتقا چىقسا ئۇنى ھەم ئادىمىي شەيتانلار، ھەم كاپىر جىن شەيتانلار تاماشا قىلىدىغانلىقى، ئىنسانلار سىرتقا چىققان ئاياللار سەۋەبىدىن تىل زىناسى، كۆز زىناسى قاتارلىق قەبىھ ئىشلارغا دۇچار بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇنداقلا، ئۇ ئايالنىڭمۇ بىر مۇنچە گۇناھلارنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاياللارنى جىلبابقا بۇيرۇغان مەركۇز ئايەتمۇ، دەل ئايال كىشىنىڭ ئاشۇ خىل كۆز ۋە تىل زىنالىرىغا ئوبيېكىت بولۇپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن نازىل بولغان.
يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتنى ئۆلىمالار دەلىلگە يارىمايدىغان بەك زەئىپ رىۋايەت دىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ تېمىغا مۇراجىئەت قىلغايسىز. (يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بەك زەئىپ)

مۇھەددىس، مۇپەسسىر، فەقىھ، ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ «ئاياللارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

31-بۆلۈم: ئاياللارغا لايىق بولغىنى ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى كۆرمەسلىكىدۇر

مەشھۇر تابىئىن ئالىم سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ  ئەنھۇ (ئۆزىنىڭ ئايالى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىزى، دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنلىرى جۈملىسىدىن بولغان) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىش قايسى؟» دەپ سورىغان ئىدى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى كۆرمەسلىكى، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرنى كۆرمەسلىكى ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىشتۇر» دېدى. ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ گەپنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە يەتكۈزىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «فاتىمە مېنىڭ بىر پارچەمدۇر» دېدى. (ئەبۇ نۇئەيم، ئەۋلىيالارنىڭ زىننىتى 2\41)

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى يۇقىرىقى نەقىلدىن كېيىن مۇنداق دېگەن:

بۇلار نامەھرەم ئەرلەر ئۈچۈن دېيىلگەندۇر. بىر (سالىھ) ئەر بىر ئايالنى كۆرۈش سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشى كېرەكمۇ يوق؟ ئەستىن چىقمىغايكى، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش (يات جىنىس سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشىدۇ.) ئاياللار ئەرلەرنى جەلپ قىلغىنىدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللارنى جەلپ قىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، بىر ئەر قېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قېرىپ كەتكەن بىر ئايالدىن؛ ئايال كىشىمۇ مەيلى قېرى، مەيلى ياش يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى لازىم. بۇ سۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش يۈزىسىدىن مۇنۇ ھەدىسنى بايان قىلىشىمىز پايدىلىقتۇر.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن:

ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس نەقىل قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: (مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللىرى بولغان) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھالدا ئىدى. بۇ پەيتتە ئەما ساھابە ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم يېتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى ئايالىغا: «تۇرۇپ كېتىڭلار» دېدى. ئىككەيلەن «ئۇ ئەما (بىزنى كۆرمەيدۇ)» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋاسسەللەم «ئىككىڭلار ئەما ئەمەسقۇ؟» دېدى. (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 6\296؛ ئەبۇ داۋۇد 4112؛ تىرمىزى 2778؛ ھەدىسنىڭ سەھىھ زەھىپلىكىدە ئىختىلاپ بار.) 

— مۇجتەھىد تورى | mujtehid.com

 مۇناسىۋەتلىك تېما:
ئايال كىشىنىڭ مەسجىدكە چىقىشى ھەققىدە ئىسلام بۈيۈكلىرى نېمە دېگەن؟

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ