ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى

ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟

14-مەسىلە: كىشى بىر ئىشنىڭ ھاراملىقىنى ياكى مەكرۇھلۇقىنى بىلسە، ئاندىن ئۇ ئىشنى قىلغان بولسا، بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك پاسىق بولامدۇ، بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 676) رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن شۇ مەكرۇھنى قىلمىغان كىشىگە قارىغاندا ئەجرى كېمىيىدۇ.

ھارام ئىشنى قىلغۇچىغا كەلسەك، ھارام ئىشنى قىلغۇچى ئەگەر قىلغان ئۇ ھارام ئىشىدىن توغرا رەۋىشتە تەۋبە قىلمىغان بولسا، بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرايدۇ.

ئەمدى پاسىق بولۇشقا كەلسەك، گۇناھى كەبىرىنى قىلىدىغان كىشى پاسىق بولىدۇ؛ شۇنداقلا گۇناھى سەغىيرىدە (كىچىك گۇناھتا) داۋام قىلغۇچى كىشىمۇ پاسىق بولىدۇ. (فتاوى النوويِ 237)

* مەكرۇھ ئىش — قىلسا گۇناھ بولمايدىغان، تەرك ئەتسە ساۋاپ بولىدىغان ئىشلاردۇر. (ابن عثيمين: كتب أصول الفقه) مەكرۇھ — مۇستەھەپنىڭ زىتىدۇر.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ