ھەدىس - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
ئاياللار ئۈچۈن سەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((خيرُ صفوفِ الرجالِ أولُها، وشرُّها أخرُها، وخيرُ صفوفِ النساءِ آخرُها، وشرُّها أولُها)) «سەپلەرنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى — ئەڭ باشتىكى سەپتۇر، ئەڭ ناچىرى ئەڭ ئاخىرىدىكى سەپتۇر. سەپلەرنىڭ ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئەڭ ئاخرىدىكى سەپتۇر، ئەڭ ناچىرى ئەڭ باشتىكى سەپتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 781؛ ئەلبانى: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن؛ مۇسلىم، نەسائىي، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، بەيھەقى؛ ئىمام مالىك بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھازىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
* بۇ ھەدىستىن چىقىدىغان فىقھىي ھۆكۈملەردىن بىرى: ئاياللار ئىبادەت ئىشلىرىدىمۇ ئەرلەردىن قانچە ئۇزاق تۇرسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەجرى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. دۇنياۋىي ئىشلاردىمۇ يات ئەرلەردىن ئەڭ ئۇزاق مۆمىنە ئايالنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى شۇنچە ئۈستۈن بولىدۇ. سىرتقا چىققاندا يۈزىنى، قوللىرىنى يۆگەپ، بېشىنىڭ چوققىسىدىن تىرنىقىنىڭ ئۇچىغىچە كامىل يېپىپ، ئۆزىنىڭ قېرى ياكى ياشلىقىنى باشقىلار بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە مۇكەممەل ئورىنىدىغان، جىددىي زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۆيىدە ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدىغان مۆمىنە ئاياللارغا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بولسۇن.
The post ئاياللار ئۈچۈن سەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئاياللار ئۈچۈن سەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئوتتۇز بۈيۈك ئالىمدىن رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب
رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب
رەفىيەت، رەفئۇل يەدەين، رەفيەد قىلىش ھەققىدە
مۇجتەھىد تورى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەمدىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر دەلىلگە يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىسلەر بولۇپ،  بۇ ھەقتە بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن، نامازنى باشلىغان چاغدىن باشقىسىدا قوللىرىنى كۆتۈرمىدى، دېگەن رىۋايەتنى، ھەدىسشۇناسلىقتا ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىگە چىققان، فىقھتا يۈكسەك ماقام ھازىرلىغان كۆپلىگەن مۆتىۋەر ھەدىسشۇناسلار زەئىپ دەپ باھالىغان. ئىمام بۇخارى، ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد، ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، يەھيا ئىبنى مەئىين، ئەلىي ئىبنى مەدىينىي، ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى ھۇمەيدىي، ئىمام دارىمى، ئىمام ئىبنى خۇزەيمە، داراقۇتنى، ھاكىم، قاتارلىق  ئالىملار بۇ ھەقتىكى رىۋايەتنى دەلىلگە يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىس دەپ باھالىغان. (رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\44) ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن (تۇنجى قېتىمدىن باشقا چاغدا قوللارنى كۆتۈرمىدى دېگەن) ھەدىس، ھەدىس ئىماملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن زەئىپتۇر. (المجموع شرح المهذب 3\402) ئىمام زەھەبىيمۇ بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن؛ يېڭى زامان ھەدىسشۇناسلىرىدىن ئىمام ئەلبانىي، شۇئەيب ئارنائۇت، ئابدۇلمۇھسىن ئابباد قاتارلىق ھەدىسشۇناسلارمۇ بۇنى زەئىپ دېگەن. (شرح سنن أبي داود للعباد ٩٨/‏٢٢) بارچە مۆتىۋەر ئۆلىمالارنىڭ ئېيتقىنىدەك، شەرئىي ئىبادەتتە زەئىپ ھەدىسكە تايىنىشقا بولمايدۇ. (مقدمة مسلم ١/ ٢٨، وابن رجب في «شرح علل الترمذي» ٢/ ١١٢) نامازدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرمىگەنلىك توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى زەئىپ دېگەن يەنە بىر بۈيۈك سەلەپ ئالىمى، ئىمام سۇفيان سەۋرى (ت:97 ۋ:161) رەھىمەھۇللاھتۇر. ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭ رۇكۇغا بارغاندا ۋە تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرمەسلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەتنى زەئىپ دەپ رەت قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئىمام بۇخارى بايان قىلغان سەھىھ نەقىللەرنىمۇ ماقالىمىزنىڭ داۋامىدا نەقىل قىلىنىدۇ.
ئىمام بۇخارى مۇنداق نەقىل قىلغان: مەشھۇر ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرمىگەن كىشىنى كۆرسە (ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە ئەدەپلەش يۈزىسىدىن) ئۇنىڭغا تاش ئاتاتتى. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ بۈيۈك ساھابە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (لَمْ يَكُنْ أَحَدٌ أَلْزَمَ لِطَرِيقِ النَّبِيِّ ﷺ وَلَا أَتْبَعَ مِنِ ابْنِ عُمَرَ)
«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىنى لازىم تۇتۇشتا ۋە ئۇ زاتقا ئەگىشىشتە ئىبنى ئۆمەردەك بىرى بولۇپ باقمىدى.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)
رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش يالغۇز ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس قاتارلىق بىر قانچە ساھابىدىنلا نەقىل قىلىنغان ھەدىس بولماستىن، ئىمام بۇخارى نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش ئەسىرىدە نەچچە ئون ساھابىنىڭ ۋە نەچچە يۈز تابىئىننىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى بىرمۇ بىر نەقىل قىلغان.
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 256) تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسرىنىڭ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ناماز ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قوللىرى يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈپ تۇراتتى» دېگەنلىكىنى سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل.
ئىمام بۇخارى بۇ نەقىلدىن كېيىن «ھەسەن بەسرى بۇ يەردە ساھابىلەردىن ھېچكىمنى ئايرىپ قويمىغان (يەنى ھەممىسىنىڭ ئاشۇنداق كۆتۈرۈپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن)» دېگەن. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري؛ الاستذكار لابن عبد البر 1\410)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش جەريانىدا قوللىرىنىڭ (رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن) يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈلۈپ چۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان تابىئىن ئالىم ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ يۈزلەرچە ساھابىدىن ئىلىم ئۆگەنگەن زات بولۇپ، ھەزىرتى ئۆمەر خلاپىتىنىڭ 8-يىلى تۇغۇلغان. ھەسەن بەسرىنىڭ ئانىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ھەسەن بەسرى بوۋاقلىقىدا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۈتىنى ئەمگەن. ھەزىرتى ئۆمەر ھەسەن بەسرىگە «ئى ئاللاھ! بۇنى دىندا فەقىھ قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغان. بالىلىقىدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تاھارەت سۈيىنى يۇقۇپ بەرگەن. ھەسەن بەسرى «مەن ھەزىرتى ئوسمان شەھىد قىلىنغاندا 14 ياشتا ئىدىم» دېگەن. ساھابە ئەبۇ قەتادە ئەلئەنسارىي (ۋ: 54) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇ ھەسەن بەسرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مانداق دېگەن: (الزموا هذا الشيخ، فما رأيت أحدًا أشبه رأيًا بعمر منه) «بۇ شەيخنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىڭلار. مەن دىنىي چۈشەنچە جەھەتتە بۇنىڭدىنمۇ بەك ئۆمەر ئىبنى خەتتاپقا ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم.» [ابن سعد 7 / 161؛ المعرفة والتاريخ 2 / 47، 48؛ تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268]
ساھابە ئەبىي بۇردە ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى بىلال ئىبنى ئەبى بۇردە ھەسەن بەسرى توغرۇلۇق  مۇنداق دېگەن: مەن دادام (ئەبى بۇردە) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە (ئىلىمدە، ئىبادەتتە، ئەخلاقتا ۋە زۇھدتا) مۇشۇ شەيختىنمۇ (يەنى ھەسەن بەسرىدىنمۇ) بەك ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرمىدىم.» [تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268] يۇقىرىقىدا نەقىل قىلىنغىنىدەك، ھەسەن بەسرى «ساھابىلەر ناماز ئوقۇغاندا (رۇكۇغا بېرىش ۋە رۇكۇدىن تۇرۇشتا) قوللىرى بەئەينى يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈپ تۇراتتى» دېگەن. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ(ۋاپاتى: 423) مۇنداق بايان قىلغان: (چوڭ تابىئىن ئىمام) ئىبنى سىيرىن (ت: 32 ۋ:110) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «نامازنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا قوللارنى كۆتۈرۈش نامازنىڭ كامالىتىدىندۇر. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز مۇنداق دېگەن: نامازنىڭ يۆتكىلىش ئورۇنلىرىدا قوللىرىمىزنى كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇساق مەدىنىدە ئەدەپلىنەتتۇق.» (الاستذكار لابن عبد البر 1\411)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 423) رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىك توغرىسىدا ئوتتۇز ساھابىدىن سەھىھ ھەدىس كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. (الاستذكار في شرح مذاهب علماء الأمصار، 1\410) ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دېگەن: ئەبۇ مۇسئەب بىلەن ئىبنى ۋەھب ئىمام مالىكنىڭ ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، بۇنى ئىبنى ئۆمەرنىڭ (رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن قول كۆتۈرگەنلىكى) توغرىسىدىكى ھەدىسىگە بىنائەن قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.» (الاستذكار 1\408)
ئىمام مالىكنىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن ئىبنى ئابدۇلھەكەم (تۇغۇلۇشى: 150 ۋاپاتى: 214) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىمام مالىكنىڭ (رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن) ئىككى قولىنى كۆتۈرمىگەنلىكى ئىبۇل قاسىمدىن باشقا ھېچكىمدىن رىۋايەت قىلىنمىغان.» (المنهل العذب المورود شرح سنن أبي داود لالسبكي 5\121)
مالىكىي مەزھەپ بۈيۈكلىرىدىن مەشھۇر فەقىھ ۋە مۇھەددىس ئالىم قازى ئىياز (ت:476 ۋ:544) رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى»دە مۇنداق دېگەن: ساھابىلەرنىڭ ئەمىلى سۈپىتىدە تونۇلغىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسىرىدىكى — كۇفىلىكلەر مۇستەسنا — كۆپ سانلىق ئۆلىمانىڭ تۇتقان ھۆكمى ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنىڭ كۆتۈرۈلىدىغانلىقى بولۇپ، بۇ ئىمام مالىكتىن كەلگەن ئىككى مەشھۇر رىۋايەتتىن بىرىدۇر. ئىمام مالىكتىن ھەدىس نەقىل قىلغان كۆپلىگەن شاگىرتلىرى مۇشۇ بويىچە ئەمەل قىلغان. رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىككى قولنىڭ كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ئىمام مالىكنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ھۆكمىدۇر.» (شرح مسلم 2/ 261؛ إكمال المعلم بفوائد مسلم 1\31)
كىچىك ئىمام مالىك دەپ ئاتالغان مەشھۇر مالىكىي مەزھەپ فەقىھى ئىبنى ئەبىي زەيد قەيرىۋانى رەھىمەھۇللاھ (ت:310 ۋ:386) «النوادر والزيادات على ما في المدونة من غيرها من الأمهات» ناملىق مەشھۇر مالىكىي فىقھى ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:ئىمام مالىك (تۇغۇلۇشى:93 ۋاپاتى:179) رەھىمەھۇللاھتىن «ناماز ئوقۇغان كىشى رۇكۇ قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرەمدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئىمام مالىك «ھەئە» دېگەن. (النوادر والزيادات1/ 170)
ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ (ت:319 ۋ:388) مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكى رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىككى قول كۆتۈرۈلىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى بەردى. بۇ ھۆكۈم يەنە ئىمام مالىكنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا بەرگەن ھۆكۈمدۇر.» (معالم السنن 1/ 326)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ (تۇغۇلىشى: 150 ۋاپاتى: 204) مۇنداق دېگەن: «ناماز ئوقۇغان كىشى نامازنى باشلىغاندا، رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىككى قولىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. (رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەدىسىنى) بىلگەن مۇسۇلماننىڭ ئۇنتۇپ قېلىش ياكى خاتالىشىپ قېلىش مۇستەسنا، بۇنداق قىلىشنى تەرك ئېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ.» (الأم للشافعي 7\211)
ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىماملىرىدىن ئەبۇ بەكرى خەللال رەھىمەھۇللاھ «العلم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىمام ئەھمەدتىن (ت:164 ۋ: 241)  «نامازدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردا قوللارنى كۆتۈرۈشنى تەرك ئەتسە سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولامدۇ؟» دەپ سورىلىۋىدى، ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېدى: «سۈننەتنى تەرك ئەتتى دېمىگىن. بۇنداق قىلغان كىشى (ئۇنىڭدىن ئېشىپ) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىلغان ئەمەلدىن يۈز ئۆرىدى.» (رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\275)
قازى ئەبۇ يەئلا (ت: 380 ۋ: 458) رەھىمەھۇللاھ «الجامع الكبير» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: مۇھەممەد ئىبنى مۇسا مۇنداق دېگەن: خۇراسانلىق بىر كىشى ئىمام ئەھمەدتىن «بىزدە ناماز ئوقۇغاندا رەفىيەد قىلىپ ئوقۇشقا بۇيرۇيدىغان زاتلار بار، شۇنداقلا رەفىيەد قىلىپ ئوقۇشتىن چەكلەيدىغان كىشىلەرمۇ بار (بۇنداقلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟)» دەپ سورىۋىدى، ئىمام ئەھمەد «سېنىڭ نامازدا قوللىرىڭنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇشۇڭنى بىدئەتچىدىن باشقىسى چەكلىمەيدۇ، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاشۇنداق ئوقۇيتتى (يەنى رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرەتتى.) ساھابە ئىبنى ئۆمەر رەفىيەت قىلماي ناماز ئوقۇغۇچىغا شېغىل تاش ئاتاتتى» دېگەن. [ذكرها في «العدة»: (١/ ٣٢٣)، ونقلها ابن مفلح في «الفروع»: (٢/ ٢٠٠)، وابن رجب في «الفتح»: (٤/ ٣٠٧)]
ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئەمىرى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 256) رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قول كۆتۈرمەسلىكنىڭ سۈننەتتە ئورنى يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازغان مەخسۇس ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ( ولم يثبت عن أحد من أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم أنه لم يرفع يديه)
«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھېچقايسى بىرىدىن نامازدا (باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا) قوللىرىنى كۆتۈرمىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس يوق.»
[مەنبەسى: قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 7، 44؛ المجموع للنووي (3/399-406)، تلخيص الحبير للحافظ ابن حجر (1/221-223)]
رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۆز سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەردۇر. (ماقالىنىڭ داۋامىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسلىرى بايان قىلىنىدۇ.)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ (ۋ: 423) مۇنداق دېگەن:
«نامازدا بىرىنچى تەكبىردىن باشقا يەردە قوللارنى كۆتۈرمىدى دېگەن رىۋايەتنى كىم ئېيتسا، بۇ (رىۋايەت) بارچە ئەھلى ھەدىسنىڭ نەزىرىدە خاتادۇر.» (تەمھىد 9\22)
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ (شافىئىي) مۇنداق دېگەن:
بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن (تۇنجى قېتىمدىن باشقا چاغدا قوللارنى كۆتۈرمىدى دېگەن) ھەدىس، ھەدىس ئىماملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن زەئىپتۇر. (المجموع شرح المهذب 3\402)
شافىي مەزھىپىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مۆتىۋەر ئالىمى، مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى نەسىر ئەلمەرۋەزى (ت: 202 ۋ: 294) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز قەدىمكى ئەھلى ئىلىملەر ياشىغان ھەر قايسى يۇرت خەلقلىرىدىن نامازدىكى رۇكۇغا بېرىش، رۇكۇدىن تۇرۇش پەيتلىرىدە قوللارنى كۆتۈرۈشنى ئوپچە ھالدا تەرك ئەتكەن بىرمۇ يۇرت خەلقىنى بىلمەيمىز، لېكىن كۇفىلىكلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇلار پەقەت ناماز باشلاش تەكبىرىدىلا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى. (باشقا يەرلەردە كۆتۈرمەيتتى.) (طرح التثريب في شرح التقريب لالعراقي ٢/‏٢٥٥) * ئىمام ئىبنى سالاھ ئەلمەرۋەزىنى ھەدىسشۇناسلىقتا ۋە فىقھتا ئىنتايىن ئۈستۈن ماقام ھازىرلىغان، ئىمام شافىينىڭ يولىنى تۇتقان، مەزھەپ مۇتىئەسسىپلىكىدىن تامامەن ئۇزاق بۈيۈك ئالىم، دەپ تەرپلىگەن.
مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام ئىبنى قۇدامە (ھەنبەلىي) رەھىمەھۇللاھ (ۋ:651) مۇنداق دېگەن: رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قول كۆتۈرۈش ئون نەچچە ساھابىدىن سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر رىۋايەت يوللىرىنىڭ كۆپلىكى، سەنەدىنىڭ سەھىھلىكى بىلەن شەككە ئورۇن قالمىغۇدەك دەرىجىدە، مۇتىۋاتىرغا يېقىن شەكىلدە يېتىپ كەلگەن. ساھابە تابىئىننىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلىقى، بۇ ئورۇندا قوللىرىنى كۆتۈرمىگەنلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى مەلۇملۇق مەسىلىدۇر. بۇ ئورۇندا قول كۆتۈرمەيدىغانلار دەلىل قىلىۋالىدىغان ئىككى ھەدىس زەئىپ ھەدىستۇر. (المغني لابن قدامة 2\173) [ئىمام ئىبنى قۇدامە ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىرمۇ بىر رىۋايەت قىلىپ، زەئىپ دېيىلگەن ئىككى ھەدىسنى تەپسىلىي باھالاپ چىققان بولۇپ، قول كۆتۈرمەسلىكنىڭ زەئىپلىكى ھەققىدە ماقالىمىزنىڭ داۋامىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئىمام سانىغان ساھابىلەرنىڭ ئىسمى قىسقارتىلدى.]
ئىمام ئىبنى قەييىم (ۋ: 751) رەھىمەھۇللاھ «نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش» ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇز سەككىز ساھابىنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى بىر-بىرلەپ سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان. مۇھەددىس، فەقىھ، مۇپەسسىر ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەن بۇ ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ، ئەلىي ئىبنى ئەبۇ تالىپ، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام، سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ مۇسا، سالمان، ئەنەس، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزىرتى ئائىشە (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) … قاتارلىق 38 ساھابىنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى نەقىل قىلىپ، رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىكنىڭ سەھىھ سۈنەتكە تايانمىغان ئەمەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. (رفع اليدين في الصلاة 1\5)
دەل مۇشۇ سەۋەبلىك مۇھەددىسلەرنىڭ ئەمىرى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 256) مەخسۇس نامازدا رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە «قرة العينين برفع اليدين في الصلاة»  ناملىق ئەسەر يېزىپ، رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىكنى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى داۋا قىلغانلارغا ئىنتايىن كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرغان. ئىمام بۇخارى بۇ ئەسىرىدە نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە 17 ساھابىدىن سەھلىكىدە تالاش تارتىش بولمىغان سەھىھ ھەدىس كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان. (بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر ماقالىنىڭ داۋامىدا بايان قىلىنىدۇ.)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ئەسىرىنى مۇنداق باشلىغان:
«بۇ (كىتابتىكىسى) نامازدا رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈشكە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيەدۇر. ئۇلار ئۆزى شۇغۇللىنىشى لايىق بولمىغان ئىشقا سوقۇنۇپ كىرىپ، رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىنى ئەرەپ بولمىغانلارغا چۈشىنىكسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشتى. ھالبۇكى، رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پېئىلى ۋە سۆزى ئارقىلىق سابىت بولغان ئەمەلدۇر؛ شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ پېئىلى ۋە سۆزى ئارقىلىق سابىت بولغان ئەمەلدۇر. ساھابىلەردىن كېيىن تابىئىنلارمۇ رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەن؛ سەلەفلىرىمىزمۇ مۇشۇ بويىچە يول تۇتقان. ئوخشاشلا، رۇكۇغا بېرىشتىن ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش مەسلىسى ئۇلاردىن كېيىنكى ئادىل ۋە ئىشەنچىلىك زاتلاردىن سەھىھ ھالەتتە يېتىپ كەلگەن. ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە بولغان نەپرىتى سەۋەبلىك (بۇ ھەقتە سەھىھ سۈننەتكە ئەمەل قىلغۇچىلارغا) نەپرەتلىنىدىغان، قەلبىدە كېسەل بارلارغا ئاللاھ ئۆز ۋەدىسىنى (يەنى جازاسىنى) ئىشقا ئاشۇرسۇن. ئۇلار كىبىرى سەۋەبلىك، گۆشى، سۆڭىكى ۋە يىلىكىگە قەدەر سىڭىپ كەتكەن بىدئەتلىرى سەۋەبلىك؛ شۇنداقلا ئالداش ئۈچۈن ئەتراپىغا توپلىۋالغان ئەجەملەرگە بولغان يېقىنلىقلىرى سەۋەبلىك؛ سۈننەت ئەھلىگە دۈشمەنلىك قىلىش سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسىگە (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە، سەھىھ سۈننەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ بالا-قازاغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە) لايىق بولغۇچىلاردۇر.» [قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري]
ئىمام بۇخارىدەك بىر ھەدىس ۋە فىقھ پېشىۋاسىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە نىسبەت بېرىلگەن، ئۇ ساھابىنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلغان رىۋايەتلەرنىڭ ھېچقايسى بىرىنى سەھىھ ئەمەس دەپ باھالىشى، شۇنداقلا مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ئەسەر يېزىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. ھەمدە بۇ ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ھەدىسشۇناسلىقتا ئىمام بۇخارىغا تەڭداش مەرتىۋىگە يەتكەن كۆپلىگەن ھەدىس پېىشىۋالىرىنىڭ ئورتاق مەيدانىدۇر.
رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېييىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا بۇ ئىمام خارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئۈچ سەھىھ ھەدىس
ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[1] سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ دادىسىدىن (يەنى ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپتىن) مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ((أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ، كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ، وَإِذَا كَبَّرَ لِلرُّكُوعِ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَهُمَا كَذَلِكَ أَيْضًا، وَقَالَ: (سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ). وَكَانَ لَا يَفْعَلُ ذَلِكَ فِي السجود.)) رەسۇلۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى باشلىغاندا، رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئوخشاشلا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى ۋە  (رۇكۇدىن ئۆرە تۇرغاندا) «سەمىئەللاھۇ لىمەدەن ھەمىدەھ، رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەيتتى. لېكىن سەجدىدە قوللىرىنى كۆتۈرمەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 258؛ مۇسلىم 290)
سەلەف دەۋدىرىكى ھەدىس پېشىۋاسى، ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى ئەلىي ئىبنى مەدىينىي (ۋ: 234) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«بۇ ھەدىس كىشىلەر ئۈچۈن ھۆججەتتۇر. بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى بۇ ھەدىس بويىچە ئەمەل قىلىشى لازىم. چۈنكى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق.» (رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\14)
* ئىمام زەھەبى «سير أعلام النبلاء» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئەلىي ئىبنى مەدىينىينى «ھەدىستە ئەمىيرۇل مۇئمىنىن» دەپ ئاتىغان. ئەلىي ئىبنىي مەدىينىدىن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام بۇخارى قاتارلىق زاتلار ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلىي ئىبنى مەدىينىي توغرۇلۇق «ھەدىسشۇناسلىقتا ھېچكىم يېتىپ باقمىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى» دېگەن. (سير أعلام النبلاء 11\42)
ئىمام بۇخارى سالىم ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (رَفْعُ الْأَيْدِي حَقٌّ عَلَى الْمُسْلِمِينَ) «نامازدا (قوللارنى كۆتۈرىدىغان ئورۇنلاردا) قوللارنى كۆتۈرۈش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈسىتىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 9)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاققا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.» (الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن، شۇنداقلا بىرىنچى تەشەھھۇدتنى تۈگىتىپ، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرۈش ئەرلەرگىلا خاس ئەمەل ئەمەس، ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئورتاقتۇر.
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئايال ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىدىن ھېسابلانغان ئۇممۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 7)
مەشھۇر ئايال تابىئىنلاردىن ھەفسە بىنتى سىيرىننىڭمۇ (ۋ: 101) ناماز باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى مەلۇم. (المغني لابن قدامة 2\139)
ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[2] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ إذا قام في الصلاة، رفع يديه حتى تكونا حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَكَانَ يَفْعَلُ ذَلِكَ حِينَ يُكَبِّرُ لِلرُّكُوعِ، وَيَفْعَلُ ذَلِكَ إِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ، وَيَقُولُ: (سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ). وَلَا يفعل ذلك في السجود.)) مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرسا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىمۇ ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى ۋە «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەيتتى. سەجدىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرمەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 703)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىبنى ئەجلاننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان (سەنەدلەر قىسقارتىلدى) : مەن (ساھابە زەرقىي ئەلئەنسارىي ئەلمەدىينىينىڭ ئوغلى) نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياش رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: (لِكُلِّ شَيْءٍ زِينَةٌ، وَزِينَةُ الصَّلَاةِ أَنْ تَرْفَعَ يَدَيْكَ إِذَا كَبَّرْتَ، وَإِذَا رَكَعْتَ، وَإِذَا رَفَعْتَ رَأْسَكَ مِنَ الرُّكُوعِ) «ھەممە ئىشنىڭ زىننىتى بولىدۇ. نامازنىڭ زىننىتى نامازنى باشلىغان چېغىڭدا، رۇكۇغا بارىدىغان چېغىڭدا ۋە رۇكۇدىن تۇرغان چېغىڭدا ئىككى قولۇڭنى كۆتۈرۈشۈڭدۇر.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 45) * ئىمام بۇخارى تارىخ ئەلئەۋسەت ناملىق ئەسىرىدە بۇ سۆزنى قىلغۇچى نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياشنىڭ ساھابە زىرقىي ئەلئەنسارىي ئەلمەدىينىينىڭ ئوغلى بولۇپ، نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياشنىڭ بەك كۆپ ساھابىگە ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ساھابىلەرنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى ياشتا چوڭ كىشى ئىكەنلىكىنى، دادىسى زىرقىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئات باقارى بولغانلىقىنى نەقىل قىلغان. (التاريخ الأوسط لالبخاري 1\219)
ساھابە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
عَنْ أَبِي قِلَابَةَ:أَنَّهُ رَأَى مَالِكَ بْنَ الْحُوَيْرِثِ: إِذَا صَلَّى كَبَّرَ وَرَفَعَ يَدَيْهِ، وَإِذَا أَرَادَ أَنْ يَرْكَعَ رَفَعَ يَدَيْهِ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَ يَدَيْهِ، وَحَدَّثَ: أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ صنع هكذا.
[3] ئەبۇ قىلابە ھەدىس سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ (ساھابە) مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىسنىڭ ناماز ئوقۇسا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى، رۇكۇ قىلماقچى بولسىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس (بۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بولۇپ) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مانا مۇشۇنداق قىلاتتى. hedisim.com (بۇخارى 704؛ مۇسلىم 391)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
(من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة)
«كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.» (ابن الجوزي: المناقب (ص ١٨٢)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ (ۋ: 204) مۇنداق دېگەن: «كىتابىمدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە زىت بىرەر نەرسە بايقىساڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى تاشلاڭلار.» (النووي في المجموع ١ / ٦٣)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا صح الحديث فهو مذهبي) «ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (النووي ١ / ٦٣،صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئىنسانلارغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى مەجبۇرىيەت قىلغان. ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىشنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش دەپ بېكتىپ مۇنداق دېگەن: {مَنْ يُطْعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ} {كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.} (سۈرە نىسا، 80) .» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 5)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىنىڭ سەھىھ سۈننەتتىكى ئورنىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن راشىد خەلىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئايرىم-ئايرىم 17 ساھابىدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسنى، شۇنداقلا كۆپلىگەن تابىئىنلاردىن كەلگەن ئەسەرلەرنى نەقىل قىلغان بولۇپ، ماقالىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىمىدا ئىمام بۇخارى بۇ ھەقتە دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بىر-بىرلەپ بايان قىلىنىدۇ، ئىنشائاللاھ.
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىبنى مەسئۇدتىن، بەررا ئىبنى ئازىبتىن ۋە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نامازدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە (زەئىپ ھەدىس ئەمەس،) سەھىھ دەلىللەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردە، ئۇلاردىن بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ دەلىللەرمۇ يەنىلا ئۇ بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن (يەنى ھەدىسشۇناسلىقنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى بىلمەيدىغان، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىگە ئۆز ئارزۇسىغا يارىشا تاللاپ تۇرۇپ ئەگىشىشنىڭ كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن) ئىللەتلىك ھەدىسلەر جۈملىسىدىن بولۇپ قالاتتى. (نەتىجىدە ئۇلارنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن قول كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەرگە يەنىلا ئەگەشمەي تۇرۇۋالغان بولاتتى.) چۈنكى بۇنداق كىشىلەر «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىر سۈننەت سەھىھ ھالدا يېتىپ كەلسە، لېكىن بىزنىڭ ئىماملىرىمىز ئۇ ھەدىسنى ئالمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنداق ھەدىسكە ئەمەل قىلىنمايدۇ» دېيىشىدۇ. ئۇلار (مۇشۇ خىل باتىل چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز پېشىۋالىرى ئالمىغان، ئەمما سەھىھلىكى ئېنىق بولغان) ھەدىسلەرگە ئۆز رەيى بويىچە ئىللەت چاپلايدۇ. ۋەكى ئىبنى جەرراھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (مَنْ طَلَبَ الْحَدِيثَ كَمَا جَاءَ فَهُوَ صَاحِبُ سُنَّةٍ، وَمَنْ طَلَبَ الْحَدِيثَ لِيُقَوِّيَ هَوَاهُ فَهُوَ صَاحِبُ بِدْعَةٍ) «كىم (سەھىھ) ھەدىسنى قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە تەلەپ قىلسا، بۇنداق كىشى سۈننەت ئەھلىدۇر. كىم ئۆز نەپسى-خاھىشىنى توغرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلسا، بۇنداق كىشى بىدئەت ئەھلىدۇر.» يەنى كىشىنىڭ (سەھىھ) ھەدىس قايسى شەكىلدە يېتىپ كەلسە، ئۆزىنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، (شۇ ھەقتىكى) سەھىھ ھەدىسكە بويسۇنۇشى لازىم. سەھىھ ھەدىسكە ئىللەت ئارتىش ئارقىلىق ئۆز ھاۋايى-ھەۋىسىنى توغرىغا چىقىرىشقا تىركەشمەسلىكى لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَا يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يَكُونَ هَوَاهُ تَبَعًا لَمَّا جِئْتُ بِهِ)) «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ نەپسى خاھىشى مېنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىمگە ئۇيغۇنلاشمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» مەئمەر (معمر) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئەھلى ئىلگىرى ئۆتكەن زاتلاردۇر، ئىلگىرىكىلەر (قۇرئاننى، سۈننەتنى، فىقھنى، ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى) ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇلار بولسا كېيىنكىلەردۇر. بۇلارغا نىسبەتەن (يەنى ھەدىسنى نەپسى-خاھىشىغا توغرىلايدىغانلارغا نىسبەتەن) كېيىنكىلەر ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 37)
رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ زەئىپلىكى توغرىسىدا
ئىمام ئەبۇ داۋۇد (ۋ: ھ 275) رەھىمەھۇللاھ «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان:  ئەلقەمە مۇنداق دېدى: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېدى: (أَلَا أُصَلِّي بِكُمْ صَلَاةَ رَسُولِ اللهِ ﷺ، قَالَ: فَصَلَّى فَلَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ إِلَّا مَرَّةً) «مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرەيمۇ. ئۇ شۇنداق دەپ، ناماز ئوقۇدى ۋە قوللىرىنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆتۈردى.» (ئەبۇ داۋۇد 748) ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ رىۋايەتنى نەقىل قىلىپ بولۇپ، ئارقىسىدىنلا مۇنداق دېگەن: (هَذَا حَدِيثٌ مُخْتَصَرٌ مِنْ حَدِيثٍ طَوِيلٍ، وَلَيْسَ هُوَ بِصَحِيحٍ عَلَى هَذَا اللَّفْظِ) «بۇ ئۇزۇن بىر ھەدىستىن قىسقارتىلما بولۇپ، بۇ ھەدىس بۇ لەۋز بىلەن سەھىھ ئەمەس.»
ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك (ت: 128)  رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىبنى مەسئۇدتىن كەلگەن بۇ ھەدىس مەن ئۈچۈن سەھىھ ئەمەس. رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرگەن ھەدىسلەر مەن ئۈچۈن سەھىھتۇر. رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى، سەنەدلىرىنىڭ توغرا ۋە ئۈستۈنلىكى سەۋەبلىك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازلىرىدا (رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېين) قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ. (البيهقي: «السنن» (٢/‏٧٩) * ئىمام زەھەبى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ تەرجىمھالىدا مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك — شەيخۇل ئىسلام، زامانىسىنىڭ ئالىمى، تەقۋادارلارنىڭ ئەمىرى، مۇجاھىد… ئانىسى خارازىملىق ئىدى، دادىسى تۈرك ئىدى. ئىبنى مۇبارەك مۇھەددىسلەرنىڭ ئارىسىدا ئەمىيرۇل مۇئمىنىن ئىدى. (سير أعلام النبلاء 8\379)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدىدە ئاسىم ئىبنى كۇلەيب يالغۇز قالغان. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بۇ رىۋايەتنى زەئىپ دەپ باھالاپ، تەنقىدلىگەن ۋە رەت قىلغان.» (ابن عبد البر في «التمهيد»٩/‏٢٩١)
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ (شافىئىي) بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: (ئىمام) ئىبنى ھىببان «ناماز» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ كۇفىلىكلەرنىڭ رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈشنى رەت قىلىشتا تايىنىدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. ھەقىقەتتە بۇ دەلىل قىلىپ تايىنىشقا يارىمايدىغان ئەڭ ئاجىز رىۋايەتتۇر. چۈنكى، بۇ رىۋايەتنىڭ (ئۇنىڭ دەلىل بولۇشىنى) يوققا چىقىرىدىغان ئىللەتلىرى بار.» (ابن حجر في«التلخيص الحبير» 1\402)
ئىمام بۇخارى «رەفئۇل يەدەين» ئەسىرىدە بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: وَيُرْوَى عَنْ سُفْيَانَ، عَنْ عَاصِمِ بْنِ كُلَيْبٍ، عَنْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ الْأَسْوَدِ، عَنْ عَلْقَمَةَ قَالَ: قَالَ ابْنُ مَسْعُودٍ: «أَلَا أُصَلِّي بِكُمْ صَلَاةَ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ: فَصَلَّى وَلَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ إِلَّا مَرَّةً
«ئىبنى مەسئۇد مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىدەك ناماز ئوقۇپ بېرەيمۇ دەپ، ئاندىن ناماز ئوقۇدى ۋە قوللىرىنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆتۈردى.»
ئىمام ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ رىۋايەتنى نەقىل قىلغان: ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا ھەدىس نەقىل قىلىپ دېدىكى، بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى باشلاش تەكبىرىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن تاكى نامىزىنى تۈگەتكۈچە ئىككى قولىنى كۆتۈرمىدى.» (ئەبۇ داۋۇد 752) ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ بولۇپ، ئارقىسىدىن مۇنداق دېگەن: بۇ سەھىھ ھەدىس ئەمەس.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد بەررا ئىبنى ئازىبتىن باشقا بىر سەنەد بىلەن كەلگەن «نامازدا بىرلا قېتىم ئىككى قولىنى كۆتۈردى» دېيىلگەن رىۋايەتنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ھۇشەيم ۋە خالىد ئىبنى ئىدرىسمۇ يەزىد ئارقىلىق رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رىۋايىتىدە «كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرمىدى» دېگەن لەۋز يوق. ئەبۇ داۋۇد سۇفيان سەۋرىنىڭ بەررا ئىبنى ئازىبتىن كەلگەن «كېيىن كۆتۈرمىدى» جۈملىسى بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىس ھەققىدە «بۇرۇن كېيىن كۆتۈرمىدى» جۈملىسى يوق ئېدى، كېيىن قوشۇلۇپ قالدى، دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 751) بۇنى ئىمام بۇخارىمۇ «رەفئۇل يەدەين» ئەسىرىدە نەقىل قىلغان بولۇپ، ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ ھەقتىكى نەقىللىرىدىكى مەزمۇن مۇنداق: بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى نەقىل قىلغان شەيخ بەك قېرىپ كەتكەندە بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان، ئەتراپىدىكىلەر «كېيىن كۆتۈرمىدى» دېيىشىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ بەرگەندە، شەيخمۇ «كېيىن كۆتۈرمىدى» دەپ قوشۇپ رىۋايەت قىلغان.  (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 29)
ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتلىرىدىن ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەدىس ئالىملىرىدىن، فەقىھلىرىدىن، شۇنداقلا ئەڭ تەقۋادارا زاتلىرىدىن ئىدى. ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى ئاتايىن زەئىپلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن  نەقىل قىلىپ، ئارقىسىدىنلا زەئىپىكىنى بايان قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇشۇ ھەدىسكە تايىنىپ تۇرۇپ نامازدا بىرلا قېتىم قول كۆتۈرۈش يولىنى تۇتىۋالدى. بۇ بەئەينى دادىسى بالىسىغا «بالام، بۇ ئالما سېىپ قالغان ئالما، يەپ سالما» دەپ كۆسىتىپ تۇرۇپ دەپ بەرسە، بالىسى كېيىنكى كۈنلەردە ئوغرىلىقچە بېرىپ شۇ ئالمىنى يەۋالغاندەكلا بىر ئىشتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان.
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ  (ۋاپاتى: ھ 751-يىلى) «رفع اليدين في الصلاة» (نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش) ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىقى رىۋايەتنى بايان قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ سەھىھ رىۋايەت ئەمەس. ھەدىس ئىماملىرى بۇ رىۋايەت ھەققىدە (سەلبىي) سۆز قىلغان. ئىمام ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ «بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس» دېگەن. (رفع اليدين في الصلاة 1\50)
ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭ رۇكۇ قىلىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرمەسلىكىنى تاللىغانلىقى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەر بۇ ئورۇنلاردا قوللىرىنى كۆتۈرمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم كۆتۈرۈۋېلىنىدىغان بولغاچقا، ئىمام بۇخارى ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭمۇ مەزكۇر ئورۇنلاردا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى سەھىھ سەنەد بىلەن بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:  بىزگە مۇھەممەد ئىبنى يەھيا مۇنداق سۆزلەپ بەردى: ئەلىي (ئىبنى مەدىينىي) مۇنداق دېدى: (مَا رَأَيْتُ أَحَدًا مِنْ مَشْيَخَتِنَا إِلَّا يَرْفَعُ يَدَيْهِ فِي الصَّلَاةِ) ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ نامازدا (باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا) قوللىرىنى كۆتۈرىدىغانلىقى كۆردۈم.
(يۇقىرىقى باياننى ئاڭلىغان) ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: مەن (بۇنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن) مۇھەممەد ئىبنى يەھيادىن «سۇفيان سەۋرىمۇ قوللىرىنى كۆتۈرەمتى؟» دەپ سورىسام، «شۇنداق» دېدى. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17) دىققەت: ئىمام بۇخارى بۇ باياننى باشقا يەردە ئەمەس، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرىدىغاندا قوللارنى كۆتۈرمەسلىكنىڭ سەھىھ سۈننەتكە زىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازغان مەخسۇس ئەسىرىدە بايان قىلماقتا.
ئىمام بۇخارى مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامازدا تۇنجى قېتىمدىن باشقىسىدا قوللىرىنى كۆتۈرمىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، ئاسىم ئىبنى كۇلەيبتىن كەلگەن رىۋايەتنى (ئىشەنچىلىك ئەمەس، زەئىپ دەپ) رەت قىلغان. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دېدى: (رَأَيْتُ مُعْتَمِرًا، وَيَحْيَى بْنَ سَعِيدٍ، وَعَبْدَ الرَّحْمَنِ، وَيَحْيَى، وَإِسْمَاعِيلَ: يَرْفَعُونَ أَيْدِيَهُمْ عِنْدَ الرُّكُوعِ، وَإِذَا رَفَعُوا رُءُوسَهُمْ) «مەن مۇئتەمىرنىڭ، يەھيا ئىبنى سەئىدنىڭ، ئابدۇراھمان (ئىبنى مەھدى) نىڭ، ئىسمائىلنىڭ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە (رۇكۇدىن) بېشىنى كۆتۈرگەندە قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 79) * بۇ يەردە ئىسمى كەچكەن زاتلار ئۆز دەۋرىنىڭ ۋە ئۆزىدىن كېيىن بارچە دەۋرلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئالىمىرىدىندۇر. سەھىھ سۈننەتلەر، ئىسلام شەرىئىتى بىزگە ئەنە شۇ زاتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن. ئۇلار ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۇستازلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[4] ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ قَالَ: كَانَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ «يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ حِينَ يُكَبِّرُ يَفْتَتِحُ الصَّلَاةَ وَحِينَ يَرْكَعُ»)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەكبىر ئېيتىپ نامازنى باشلىغاندا ۋە رۇكۇ قىلغاندا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 44)
ساھابە ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[5] ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئابدۇررازاق مۇنداق دېگەن: مەككىلىك (ھەدىسشۇناس) زاتلار مۇنداق دېيىشەتتى: ئىبنى جۇرەيج نامازنى (تابىئىن ئىمام) ئەتا ئىبنى ئەبى راباھتىن ئۆگەنگەن، ئەتا نامازنى (ساھابە) ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردىن ئۆگەنگەن، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير (چوڭ دادىسى) ئەبۇ بەكرى سىددىقتىن ئۆگەنگەن، ئەبۇ بەكرى سىددىق بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئۆگەنگەن. (ئابدۇررازاق مۇنداق دەيدۇ) «مەن نامازنى ئىبنى جۇرەيجدىنمۇ گۈزەل ئوقۇيدىغان كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىبنى جۇرەيج (رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن) قوللىرىنى كۆتۈرەتتى.» (مسند أحمد 73؛ سۇيۇتى: جامع الأحاديث ٢٤/‏٤٧٢ رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\9)
ساھابە ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[6] ئىمام ھاكىم ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئەبۇ ئىسمائىل تىرمىزى مۇنداق دېدى: مەن ئەبۇ نۇئمان ئىبنى فەزلنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ نامازغا كىرىش تەكبىرىدە ئىككى قولىنى كۆتۈردى، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەن ئىككى قولىنى كۆتۈردى، ئۇ نامازنى ياخشى ئوقۇدى. ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئۇنىڭدىن «بۇ كىمدىن كەلگەن ناماز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھامماد ئىبنى زىيادنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان ئىدىم، مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇدى، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىسام، (ھامماد مۇنداق دېدى) مەن ئەييۇب ساختىيانينىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ مۇشۇنداق ئوقۇغان ئىدى، دېدى. ئەييۇب ساختىيانىدىن «بۇ كىمنىڭ نامىزى» دەپ سورىسام، «ئاتا ئىبنى ئەبى راباھنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ مۇشۇنداق ئوقۇيتتى، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىسام، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير مۇشۇنداق ئوقۇيتتى» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردىن، «رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈپ ئوقۇلىدىغان بۇ ناماز كىمنىڭ نامىزى» دەپ سورىسام، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير «مەن (چوڭ دادام) ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئەبۇ بەكرى سىددىق نامازنى باشلىغاندا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى، رۇكۇ قىلىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تورغاندىن كېيىن يەنە قوللىرىنى كۆتۈرەتتى» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ بەكرى سىدىق ماڭا «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، رەسۇلۇللاھ نامازنى مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى، دېدى.» [البيهقي: «السنن الكبرى»: (٢/ ٧٣) بەيھەقى بۇ ھەدىسنى راۋىيلىرى ئىشەنچىلىك، دېگەن؛ ئىمام ئىبنى قەييىم «نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش» ناملىق ئەسىرىدە ئىشەنچىلىك دەپ دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن]
ساھابە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇ ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن
[7] ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل بۇخارى»دا (وإذا قام من الركعتين رفع يديه) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككىنچى رەكئەت (تەشەھھۇدى) دىن كېيىن (ئۈچۈنچى رەكئەت ئۈچۈن) تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (سەھىھۇل بۇخارى 1\188)
ساھابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن
[8] ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە «مۇسەننەف» تە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: بىزگە مۇئاز ئىبنى مۇئاز ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ ھۇمەيدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى: (أَنَّهُ كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ إِذَا دَخَلَ فِي الصَّلَاةِ، وَإِذَا رَكَعَ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ) «ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماز باشلىغاندا، رۇكۇ قىلىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2433)
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ساھابە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن
[9] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى رافىئ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ رَفَعَ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَإِذَا أَرَادَ أَنْ يَرْكَعَ وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ، وَكَانَ لَا يَفْعَلُ ذَلِكَ فِي شَيْءٍ مِنْ سُجُودِهِ، وَإِذَا قَامَ مِنَ السَّجْدَتَيْنِ مِثْلَ ذَلِكَ)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇ قىلماقچى بولسا ۋە رۇكۇدىن تۇرسىمۇ ئىككى قولىنى مۇشۇنداق كۆتۈرەتتى، ئەمما سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە بۇنداق قىلمايتتى. ئىككى سەجدىدىن (كېيىنكى رەكئەتكە) تۇرغاندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى.» (سۇنەن ئىبنى ماجە 864؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 2304، 2\37؛ بۇنىڭ ئوخشىشىنى بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ داۋۇد سۇنەندە (744) ۋە ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە نەقىل قىلغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ساھابە ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن
[10] ئاسىم ئىبنى كۇلەيبىب دادىسىدىن ھەدىس سۆزلەپ، ئۇنىڭ دادىسى ساھابە ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەپ ھەدىس سۆزلىگەنلىكىنى بايان قىلغان: (رَأَيْتُ رَسُولَ اللهِ ﷺ إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَإِذَا رَكَعَ، وَبَعْدَ مَا يَرْفَعُ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ) «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى مۈرىسىگىچە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. شۇنداقلا، رۇكۇ قىلغاندىمۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.» (سۇنەن نەسائىي 1263، 1159؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 2305)
أَخْبَرَنِي مُحَمَّدُ بْنُ عَمْرِو بْنِ عَطَاءٍ، قَالَ: سَمِعْتُ أَبَا حُمَيْدٍ السَّاعِدِيَّ، فِي عَشَرَةٍ مِنْ أَصْحَابِ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ مِنْهُمْ أَبُو قَتَادَةَ، قَالَ أَبُو حُمَيْدٍ: أَنَا أَعْلَمُكُمْ بِصَلَاةِ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ، قَالُوا: فَلِمَ؟ فَوَاللَّهِ مَا كُنْتَ بِأَكْثَرِنَا لَهُ تَبَعًا وَلَا أَقْدَمِنَا لَهُ صُحْبَةً، قَالَ: بَلَى، قَالُوا: فَاعْرِضْ، قَالَ: «كَانَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ إِذَا قَامَ إِلَى الصَّلَاةِ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ، ثُمَّ يُكَبِّرُ حَتَّى يَقِرَّ كُلُّ عَظْمٍ فِي مَوْضِعِهِ مُعْتَدِلًا، ثُمَّ يَقْرَأُ، ثُمَّ يُكَبِّرُ فَيَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ، ثُمَّ يَرْكَعُ وَيَضَعُ رَاحَتَيْهِ عَلَى رُكْبَتَيْهِ، ثُمَّ يَعْتَدِلُ فَلَا يَصُبُّ رَأْسَهُ وَلَا يُقْنِعُ، ثُمَّ يَرْفَعُ رَأْسَهُ، فَيَقُولُ: سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، ثُمَّ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ مُعْتَدِلًا، ثُمَّ يَقُولُ: اللَّهُ أَكْبَرُ ثُمَّ يَهْوِي إِلَى الْأَرْضِ فَيُجَافِي يَدَيْهِ عَنْ جَنْبَيْهِ، ثُمَّ يَرْفَعُ رَأْسَهُ وَيَثْنِي رِجْلَهُ الْيُسْرَى فَيَقْعُدُ عَلَيْهَا، وَيَفْتَحُ أَصَابِعَ رِجْلَيْهِ إِذَا سَجَدَ، وَيَسْجُدُ ثُمَّ يَقُولُ: اللَّهُ أَكْبَرُ، وَيَرْفَعُ رَأْسَهُ وَيَثْنِي رِجْلَهُ الْيُسْرَى فَيَقْعُدُ عَلَيْهَا حَتَّى يَرْجِعَ كُلُّ عَظْمٍ إِلَى مَوْضِعِهِ، ثُمَّ يَصْنَعُ فِي الْأُخْرَى مِثْلَ ذَلِكَ، ثُمَّ إِذَا قَامَ مِنَ الرَّكْعَتَيْنِ كَبَّرَ وَرَفَعَ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ كَمَا كَبَّرَ عِنْدَ افْتِتَاحِ الصَّلَاةِ، ثُمَّ يَصْنَعُ ذَلِكَ فِي بَقِيَّةِ صَلَاتِهِ حَتَّى إِذَا كَانَتِ السَّجْدَةُ الَّتِي فِيهَا التَّسْلِيمُ أَخَّرَ رِجْلَهُ الْيُسْرَى وَقَعَدَ مُتَوَرِّكًا عَلَى شِقِّهِ الْأَيْسَرِ»  قَالُوا: صَدَقْتَ هَكَذَا كَانَ يُصَلِّي ﷺ
ئون بىر ساھابىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى
[11] ھەمىيد ئىبنى جەئفەر ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: بىزگە مۇھەممەد ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئەتا مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى: مەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئون ساھابىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ — ئۇ ئون ساھابىنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ قەتادەمۇ بار ئىدى —  مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مەن ئاراڭلاردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىمەن» دېۋىدى، ساھابىلەر «قانداقسىگە؟ سەن رەسۇلۇللاھقا بىزدىن كۆپراق ئەگەشمىگەن، ياكى بىزدىن بۇرۇنراق مۇسۇلمان بولمىغان تۇرساڭ؟» دېۋىدى. ئەبۇ ھۇمەيد «شۇنداق» دېدى. ساھابىلەر «قېنى (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى) بايان قىلىپ باققىن» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىردە كۆتۈرۈپ، ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتاتتى، قوللىرىنى سۆكەڭلىرى ئۆز ئۈگىلىرىدە قارار تاپقانغا قەدەر راۋۇرۇس كۆتۈرەتتى، ئاندىن قىرائەت قىلاتتى. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئىككى قولىنى تاكى مۈرىسىگە قەدەر كۆتۈرەتتى. ئاندىن رۇكۇ قىلىپ ئىككى ئالقىنىنى ئىككى تىزىغا قوياتتى، رۇكۇدا مۇشۇ ھالەتتە بېشىنى كۆتۈرۈۋالماستىن ياكى ساڭگىلىتىۋاتماستىن رۇس تۇراتتى. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەپ، ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە راۋۇرۇس كۆتۈرەتتى. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ (سەجدە قىلىش ئۈچۈن) يەرگە ئېڭىشەتتى، (سەجدىدە) جەينەكلىرىنى ئىككى بىقىنىدىن نېرى تۇتاتتى. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ، سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. سەجدە قىلغاندا پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنى (تۈگىۋالماستىن يەرگە نىقتاپ) ئاچقان ھالەتتە تۇتاتتى. (مۇشۇ ھالەتتە) سەجدە قىلىپ ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، سول پۇتىنى قاتلاپ، سۆڭەكلىرى ئۈگىلىرىگە ئولتۇرۇشقانغا قەدەر ئولتۇراتتى. ئاندىن كېيىنكى رەكئەتنىمۇ مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى. ئىككىنچى رەكئەتنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرسا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ قوللىرىنى ناماز باشلىغان چاغدا كۆتۈرگەندىكىدەك ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. ئاندىن نامازنىڭ قالغان قىسىمىنىمۇ مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى. ئاخىرىدا، سالام بېرىپ نامازدىن چىقىشتىن ئىلگىرىكى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سول پۇتىنى (قاتلاپ ئوڭ پاچىقىنىڭ ئاستىغا) قويۇپ سول كاسىسىنى يەرگە قويۇپ ئولتۇراتتى.» (ساھابە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ بايانلىرىنى ئاڭلىغان) ساھابىلەر «توغرا ئېيتتىڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى مۇشۇنداق ئوقۇيتتى» دېيىشتى. (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 730؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 1\57؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 6\77؛ بەيھەقى: خلافيات 2\339؛ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن)
رۇكۇدىن بۇرۇن ۋە كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ قول كۆتۈرگەنلىكى توغرۇلۇق سانسىزلىغان ھەدىس ۋە ئەسەرلەر بولۇپ، يۇقىرىدا پەقەت بىر قىسىمىنىلا تاللاپ نەقىل قىلدۇق. سەھىھۇل بۇخارىدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەققىدە نەچچىلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر بولغان ئىكەن، سەھىھۇل بۇخارى قۇرئاندىن كېيىنكى ئەڭ سەھىھ كىتاب بولغان ئىكەن، ھەدىسكە ھەقىقىي ئەگىشىشنى نىيىتىدە راستچىل ئىنسانلار بۇخارىدىكى ھەدىسكە ھەر خىل سۆزلەرنى دەپ باقماي، شۇ ھەدىس بويىچە ئەمەل قىلىۋەتسىلا بۇ ھەقتە ھېچقانداق تالاش-تارتىش قىلمىغان بولاتتى. سەھىھۇل بۇخارىنىڭ قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئەڭ ئىشەنچىلىك كىتاب بولىشىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق سەۋەب، ئىمام بۇخارى راۋىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدىلا ئەمەس، بارچە سەلەپ ھەدىسشۇناسلىرىنىڭ نەزىرىدە شەكسىز ئىشەنچىلىك بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ چوقۇم بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى شەرتىنى قويغانلىقى. ئىسلام دۇنياسىدا سەھىھۇل بۇخارىدىن باشقا ھېچبىر ھەدىس كىتابىدا راۋىيلارنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇپ قالماي، چوقۇم بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشىنى شەرت قىلغان سەھىھۇل بۇخارىدىن باشقا ھەدىس كىتابى يوق. ئىمام مۇسلىمنىڭ سەھىھۇل مۇسلىمدىكى ھەدىسلەرگە قويغان شەرتى بولسا، كىتابتىكى ھەدىسلەرنى نەقىل قىلغان راۋىيلارنىڭ چوقۇم ئىشەنچىلىك راۋىيلار بولۇشىنى، بىر دەۋردە ياشىغان بولۇشىنى شەرت قويغان، ئەمما، ئىمام بۇخارىدەك بۇنىڭدىن ئېشىپ ئۇچراشقان بولۇشىنى شەرت قويمىغان.
رۇكۇدىن ئىلگىرىكى كېيىن قوللارنى كۆتۈرمىگەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىسلەر مەيلى بۇخارىنىڭ شەرتىگە، ھەتتا مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشمەيدىغان، سەنەدىدە مەسىلە بار ھەدىسلەر بولغاچقا، سەلەپنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئومۇمەن ھەممىلا مۇھەددىسلىرى قول كۆتۈرمەسلىك ھەدىسى بىلەن ئەمەل قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان.
بەزى كىشىلەر قول كۆتۈرمەسلىك ھەدىسلىرىنىڭ سەنەدىدىكى ئىللەتلەرنىڭ مۆتىۋەر ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىتلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاقىۋەتتە بۇخارى ۋە مۇسلىمدىكى قول كۆتۈرۈش بايان قىلىنمىغان ھەدىسلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، شۇ ھەدىسلەرنى قول كۆتۈرمەسلىكنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇرمىلاپ قوللانغان. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئون بىر ساھابىنىڭ قول كۆتۈرۈشكە گۇۋاھلىق بېرىش ھەدىسى مۇشۇنداق زاتلارنىڭ قول كۆتۈرۈش بايان قىلىنمىغان ھەدىسلەرنى قول كۆتۈرمىگەنلىككە دەلىل قىلىشىنىڭ باتىللىقىغا دەلىل بولىدۇ. چۈنكى، (1) ھەدىستە ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ تەشەھھۇد دۇئاسى ئوقۇش، رۇكۇ ۋە سەجدىدىكى زىكىرلەرنى ئوقۇش ھەققىدە ھېچقانداق بايان يوق. بۇنداق زاتلار ئەمدى نېمىشقا مۇشۇ ھەدىسكە قاراپ تۇرۇپ، دېمەك سەجدىدە، رۇكۇدا زىكىر، دۇئا ئوقۇش يوق، ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئەتتەھىيياتۇنى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇش يوق، نامازدىن ئوڭغا ۋە سولغا سالام بېرىپ چىقىش يوق، دەپ تۇرۇۋالمايدىكىنە؟   (2) ئىمام بۇخارىنىڭ ئېيتقىنىدەك، بىر مەسىلىدە بىر قانچە ھەدىس كەلگەن بولۇپ، بىرىدە مەلۇم بىر پېئىلنىڭ قىلىنغانلىقى بايان قىلىنمىغان، يەنە بىرىدە شۇ پېئىلنىڭ قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىنغان بولسا، ھەم بۇ ئىككىلى ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ ھالدا زىيادە بايان قىلىنغان ھەدىستىكىسى بويىچە ئەمەل قىلىنىدۇ. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري) بۇ خۇددى، بىر شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى بايان قىلغان بىرى «شوپۇر ماشىنىنى بىرىنچى خوتتا ھەيدەپ قوزغالدى، چوڭ كوچىغا چىققاندا بەشىنچى خوتقا سېلىپ بولۇشىغا تېز ھەيدىدى» دەپ خەۋەر بەرسە، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ شوپۇرنىڭ ماشىنىنى بىرىنچى خوتتىن بىراقلا بەشىنچى خوتقا سالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. شوپۇرنى بايان قىلغۇچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ «چوڭ كوچىدا ساقچىنى كۆرۈپ دەرھال كەينىمىزگە قايتتۇق» دەپ بايان قىلسا، بۇ ھەرگىزمۇ «بەشىنچى خوتتا كېتىۋاتقان ماشىنىنى، بەشىنچى خوتتىكى ھالىتى بويىچە كەينىگە ماڭغۇزدۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. بايان قىلغۇچى پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن شەكىلدىلا بايان قىلىپ، ئارىدىكى تەپسىلاتلارنى قىسقارتتى. ھەم، ھەر قايسى تىللاردىكى بايان ئۇسلۇبىمۇ دەل شۇنداقتۇر. ھېچقانداق بىر ئىختىيارىي بايان قىلغۇچى، مەيلى ھەدىسنى، مەيلى باشقا ۋەقەلىكنى بايان قىلغاندا ھېچقانداق تەپسىلاتنى قالدۇرۇپ قويماي، ئىشنىڭ يىپىدىن يىڭنىسغىچە يۈزدە يۈز تولۇق بايان قىلمايدۇ.
رەفئۇل يەدەيندىن ئىبارەت ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سۈننەتنى يوققا چىقىرىشقا، ياكى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان زاتلارنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىككى قولنى كۆتۈرگەنلىك توغرىسىدىكى نەچچىلىگەن سەھىھ ھەدسىلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن رەفىيەت قىلىش بىلەن ئالاقىسى بىۋاستە بولمىغان ھەدىسلەرنى «مانا بۇ يەردە رۇكۇدا قولىنى كۆتۈردى دېمىدى» دەپ، بۇ رەفئۇل يەدەين سۈننىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنىشى، دەل «ساقچىنى كۆرۈپ كەينىمىزگە ياندۇق» دېگەن بايانىنى قەستەن بۇرمىلاپ «شوپۇر ماشىنىنى بەشىنچى خوت بىلەنلا كەينىگە ياندۇردى» دەپ چۈشىنىشكە ئۇرۇنغانلىقىغا ئوخشايدۇ. كىشىنىڭ يولى، ئوچۇق سەھىھ سۈننەتلەرنى سۇسلاشتۇرۇش بولماسلىقى، دەل ئەكسىچە سەھىھ سۈننەتلەرگە مەھكەم ئېسىلىش بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولمىغۇچە، ھېچكىم ئىككى دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) ”كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.“ (ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشى ئەبۇ ھەنىفەگە، ياكى مالىكقا، ياكى شافىيغا ۋەياكى ئەھمەدكە ئەگىشىدىغان بولسا، بەزى مەسلىلەردە ئۆزى تۇتقان مەزەپتىن باشقا مەزھەپتىكى ھۆكۈم ئۆز مەزھىپىدىكى ھۆكۈمدىنمۇ كۈچلۈكراق \ توغرىراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتسە، بۇنداق ئەھۋالدا باشقا مەزھەپتىكى ئاشۇ كۈچلۈك ھۆكۈمگە ئەگەشسە، ياخشى قىلغان بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ دىنىغا نۇقسان يەتكۈزمەيدۇ. بۇنداق قىلىش ھەقكە تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر، ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا تېخىمۇ سۆيۈملۈكتۇر.» (مجموع الفتاوى 22/247)
— مۇجتەھىد تورى
مۇناسىۋەتلىك تېما:
نامازنى توغرا ئوقۇش قائىدىسى | ئىمام ئىبنى باز
The post ئوتتۇز بۈيۈك ئالىمدىن رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئوتتۇز بۈيۈك ئالىمدىن رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ((نضَّر الله امرأً سمع منا شيئًا فبلّغه كما سمعه، فَرُبَّ مُبلَّغٍ أوْعى من سامعٍ)) «مەندىن بىر ھەدىسنى ئاڭلاپ، ئۇنى (باشقىلارغا) مەندىن ئاڭلىغىنى بويىچە يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈۋەتسۇن. ئۆزىگە ھەدىس يەتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچىدىنمۇ بەكراق ياخشى چۈشىنەلەيدۇ.» hedisim.com (ئەھمەد 5\49؛ ئەبۇ داۋۇد 3175؛ تىرمىزى 2581؛ رىيازۇس سالىھىن 2581)
بۇ ھەدىس سەھىھ سۈننەتنى يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن بۈيۈك خۇش خەۋەردۇر.
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستىكىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر ھەدىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى باشقىلارغا ئاڭلىغىنى بويىچە ئۆز پېتى يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىلغان دۇئاسىدۇر.
«ئۆزىگە ھەدىس يەتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچىنمۇ بەكراق ياخشى چۈ (شىنەلەيدۇ» — ھەدىسلەرنى ياخشى يادلاپ، باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان ئالىملار بولغىنىدەك، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن ھەدىسنى ئۆزىگە نەقىل قىلغۇچىلاردىنمۇ ياخشى چۈشەنگەن ۋە ئۇ ھەدىستىن نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، (مۇسۇلمانلارغا) تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولىدىغان ئالىملارمۇ بار. (شرح رياض الصالحين 4\523)
The post سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەدىس | راستچىللىقنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: يالغان سۆزلەش ھارام. ھەتتا بەزى ئۆلىمالار يالغان سۆزلەشنى گۇناھى كەبىرە دېگەن. يالغان سۆزنىڭ ھەر قاندىقى ھارام، ھەر قانداق يالغان سۆز كىشىنى ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىككە باشلايدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سىلەرنى ياخشى كۆرۈشىنى ئارزۇلايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇڭلار، سۆزلىگەندە راست سۆزلەڭلار، قوشنىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.» hedisi.com (جامىئۇس سەغىر 2657؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر،1409)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((آيَةُ الُمنافِقِ ثَلَاثٌ: إذا حَدَّثَ كَذَبَ وإذا وعد أَخْلَفَ وإِذا ائْتُمِنَ خَانَ.)) «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ.» hedisi.com (مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس؛ بۇخارى 33-نومۇرلۇق، مۇسلىم 59-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 1467-نومۇرلۇق ھەدىس)
The post ھەدىس | راستچىللىقنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەدىس | راستچىللىقنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەدىس | ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بەرگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْقُضَاةُ ثَلَاثَةٌ: اثْنَانِ فِي النَّارِ، وَوَاحِدٌ فِي الْجَنَّةِ: رَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَقَضَى بِهِ، فَهُوَ فِي الْجَنَّةِ، وَرَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَلَمْ يَقْضِ بِهِ، وَجَارَ فِي الْحُكْمِ، فَهُوَ فِي النَّارِ، وَرَجُلٌ لَمْ يَعْرِفِ الْحَقَّ، فَقَضَى لِلنَّاسِ عَلَى جَهْلٍ، فَهُوَ فِي النَّارِ)) «قازى (ھۆكۈم-پەتىۋا) بەرگۈچى ئۈچ تۈرلۈكتۇر. ئىككى تۈرلۈكى دوزاختا، بىرى جەننەتتىدۇر. ھەقنى بىلگەن ۋە ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم بەرگەن كىشى جەننەتتە بولىدۇ. ھەقنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم-پەتىۋا بەرمەستىن، ھەقكە زىت ھۆكۈم چىقارغۇچى دوزاختىدۇر. ھەقنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ، كىشىلەرگە جاھالەت بىلەن (يەنى ئۆز خىيالى، ئۆزىنىڭ شەخسىي رەيى بىلەن) ھۆكۈم (پەتىۋا) بېرىدىغان كىشى دوزاختىدۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، نەسائى توپلىغان؛ ئىمام ھاكىم ۋە باشقا ئالىملار سەھىھ دېگەن)
The post ھەدىس | ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بەرگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەدىس | ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بەرگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە دوزاختىن يىراق قىلىدىغان بىر ئەمەلنى ماڭا دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بەك چوڭ ئىش توغرۇلۇق سورۇدۇڭ. بۇ ئاللاھ ئاسان قىلىپ بەرگەن كىشىگە ئاساندۇر. پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك قىلىۋالمىغىن؛ نامازلىرىڭنى مۇكەممەل ئادا قىل، زاكاتنى بەر، رامزان روزىسىنى تۇتۇ ۋە بەيتۇللاھنى ھەج قىل» دېدى. ئاندىن يەنە مۇنداق دېدى: «ساڭا ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ روزا قالقاندۇر. سۇنى ئوتنى ئۆچۈرگىنىدەك، سەدىقە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىنىڭ كېچىنىڭ يېرىمىدا ئوقۇغان نامىزىمۇ ھەم گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ.» ئاندىن ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىنى ئوقۇدى:{ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن-كۆرپىدىن ئۇزاقتۇر، قورققان ۋە ئۈمىد قىلغان ھالدا رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، رىزىق قىلىپ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.} (سەجدە سۈرىسى، 16-ئايەت ئايەتلەر) ئاندىن «ساڭا ئىشنىڭ بېشىنى، تۈۋرۈكىنى ۋە يۇقىرى پەللىسى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر، يۇقىرى پەللىسى جىھادتۇر» دېدى. ئاندىن «ساڭا بۇلاردىن ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «بۇنى ساقلا» دېۋىدى، مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، سۆزلىگەن سۆزلىرىمىز سەۋەبلىكمۇ ھېسابقا تارتىلامدۇق؟» دەپ سورىدىم. «ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن! ئىنسانلارنىڭ يۈزىچىلەپ (ياكى بۇرنىچىلاپ) دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان نەرسە ئۇلارنىڭ تىللىرى ئارقىلىق قىلغان گۇناھلىرى بولماي نېمە؟» دېدى. hedisim.com (تىرمىزى 2616؛ ئەھمەد 22016؛ مۇھەددىسلەردىن ئەھمەد شاكىر ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن)
عَن مُعَاذ بن جَبَلٍ رضي الله عنه قَالَ: قُلتُ يَا رَسُولَ الله أَخبِرنِي بِعَمَلٍٍ يُدخِلُني الجَنَّةَ وَيُبَاعدني منٍ النار قَالَ: (لَقَدْ سَأَلْتَ عَنْ عَظِيْمٍ وَإِنَّهُ لَيَسِيْرٌ عَلَى مَنْ يَسَّرَهُ اللهُ تَعَالَى عَلَيْهِ: تَعْبُدُ اللهَ لاَتُشْرِكُ بِهِ شَيْئَا، وَتُقِيْمُ الصَّلاة، وَتُؤتِي الزَّكَاة، وَتَصُومُ رَمَضَانَ، وَتَحُجُّ البَيْتَ. ثُمَّ قَالَ: أَلاَ أَدُلُّكَ عَلَى أَبْوَابِ الخَيْرِ: الصَّوْمُ جُنَّةٌ، وَالصَّدَقَةُ تُطْفِئُ الخَطِيْئَةَ كَمَا يُطْفِئُ المَاءُ النَّارَ، وَصَلاةُ الرَّجُلِ فِي جَوْفِ اللَّيْلِ ثُمَّ تَلا : (تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ) حَتَّى بَلَغَ: (يَعْلَمُونْ) [السجدة:16-17] ثُمَّ قَالَ: أَلا أُخْبِرُكَ بِرَأْسِ الأَمْرِ وَعَمُودِهِ وَذِرْوَةِ سَنَامِهِ ؟ قُلْتُ: بَلَى يَارَسُولَ اللهِ، قَالَ: رَأْسُ الأَمْرِ الإِسْلامُ وَعَمُودُهُ الصَّلاةُ وَذروَةُ سَنَامِهِ الجِهَادُ ثُمَّ قَالَ: أَلا أُخبِرُكَ بِملاكِ ذَلِكَ كُلِّهِ ؟ قُلْتُ:بَلَى يَارَسُولَ اللهِ. فَأَخَذَ بِلِسَانِهِ وَقَالَ: كُفَّ عَلَيْكَ هَذَا. قُلْتُ يَانَبِيَّ اللهِ وَإِنَّا لَمُؤَاخَذُونَ بِمَا نَتَكَلَّمُ بِهِ ؟ فَقَالَ: ثَكِلَتْكَ أُمُّكَ يَامُعَاذُ. وَهَلْ يَكُبُّ النَّاسَ فِي النَّارِ عَلَى وُجُوهِهِمْ أَو قَالَ: عَلَى مَنَاخِرِهِمْ إِلاَّ حَصَائِدُ أَلسِنَتِهِمْ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن صحيح.
The post رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
فىتىر زاكىتى (پىتىر سەدىقىسى) توغرىسدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
فىتىر زاكىتى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىغان
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305) ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس.»  (فەتھۇل بارى، 14/379)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كىچىك-چوڭلارغا خورمىدىن، ئارپىدىن بىر سادىن(ئۈچ كىلو ئەتراپىدا) پەرز قىلدى.  hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984-ھەدىس]. رواه ابن عمر رضي الله عنهما قال : (فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَكَاةَ الْفِطْرِ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ ، عَلَى الْعَبْدِ وَالْحُرِّ ، وَالذَّكَرِ وَالْأُنْثَى ، وَالصَّغِيرِ وَالْكَبِيرِ مِنْ الْمُسْلِمِينَ ) رواه البخاري ( 1503)، ومسلم ( 984) .
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: (فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ زَكَاةَ الْفِطْرِ طُهْرَةً لِلصَّائِمِ مِنَ اللَّغْوِ وَالرَّفَثِ، وَطُعْمَةً لِلْمَسَاكِينِ) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلغان.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى (بىر جان ئۈچۈن) يېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلو) بېرەتتۇق.» hedisim.com(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
فىتىر زاكىتىنى بېرشىتىكى پەزىلەتلىك ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئېتىبارەن باشلىنىپ، ھېيىت نامىزى ئوقۇلۇشتىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنىڭ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىلىشىنى بۇيرۇدى.» (بۇخارى 1503؛ مۇسلىم 984)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«كىم فىتىر سەدىقىسىنى (روزى ھېيىت) نامازدىن ئاۋۋال بەرسە، بەرگىنى قوبۇل قىلىنغان زاكات ھېسابىدا بولىدۇ. كىم ئۇنى نامازدىن كېيىن بەرسە، بەرگىنى پەقەت سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1872؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 843-تە ‹ھەسەن› دېگەن.)
كۇۋەيت فىقھ ئىنسكلوپىدىيىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئەھلى سۈننەتنىڭ تۆت قانۇنىي فىقھىي مەزھىبىدىن ئۈچى، يەنى مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىدە فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق\ يېمەكلىك بەرمەستىن، پۇل بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس، دەپ قارايدۇ.  پەقەت ھەنەفىي مەزھىپىلا فىتىر زاكىتىغا ئاشلىق ئورنىغا پۇل بېرىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ. (الموسوعة الفقهية الكويتية 23\344)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتىنىڭ مىقدارىنى كىشى بېشىغا بەلگىلەنگەن بىر سائ (ئۈچ كلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاشۇرۇپ بېرىش دۇرۇس. ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق قىلىش دۇرۇس. پۈتكۈل ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائى بويىچە پىتىر زاكىتىنىڭ كىشى بېشى مىقدارىنى بىر سائ (ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاز بېرىش دۇرۇس ئەمەس.[مەجمۇئۇل فەتاۋا 25\70]
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئالىم فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشكە رۇخسەت قىلمىغان، ئەمما ئەبۇ ھەنىفە رۇخسەت قىلغان. [وقال النووي -﵀-: «ولم يُجز عامّة الفقهاء إخراج القيمة، وأجازه أبو حنيفة» -«شرح النّووى» (٧/ ٦٠)]
ئىمام ئىبنى ھەزم فىتىر زاكىتى ھەققىدە توختىلىپ «قىممىتىنى بېرىش (يەنى يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش) ئەسلا جائىز ئەمەس» دېگەن. قال ابن حزم -﵀- في «المُحلّى» (٦/ ١٩٣) مسألة (٧٠٨): «… ولا تجزئ قيمة أصلًا».
ئىبنى ھۇبەيرە رەھىمەھۇللاھ «اختلاف الأئمة العلماء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئۇلار (يەنى مەزھەب پېشىۋالىرى) فىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى (يەنى پۇلىنى) بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاق ئىچىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە بۇنىڭ سىرتىدا، ئەبۇ ھەنىفە بۇنى دۇرۇس دېگەن. (واتَّفَقُوا على أنه لا يجوز إخْراج القيمَة فِي زَكاة الفطر.إلّا أبا حنيفَة فَإنَّهُ قالَ: يجوز.) [ختلاف الأئمة العلماء ١/‏٢١٤]
شەيخ مۇھەممەد نەئىم سائىي مۇنداق دېگەن: ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك بېرىشنىڭ ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن بولۇپ، بۇ ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام شاپىينىڭ ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىنىڭ ھۆكمىدۇر.  جمهور الفقهاء على عدم جواز إخراج القيمة في زكاة الفطر وهو مذهب مالك والشافعي وأحمد— موسوعة مسائل الجمهور في الفقه الإسلامي ١/‏٢٩٠
مەشھۇر ھەرەم ئالىملىرىدىن شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم تۇۋەيجرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك ئورنىدا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس ئەمەس. (ولا يجوز إخراج القيمة بدل الطعام-مختصر الفقه الإسلامي في ضوء القرآن والسنة ١/‏٦٠٦)
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى توغرا دەپ تاللانغان ھۆكۈم شۇكى: پىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى بېرىش (يەنى يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش) دۇرۇس ئەمەس. [القول الصحيح الراجح الذي لا شك فيه عندنا أن إخراج القيمة في زكاة الفطر لا يجزئ —جلسات رمضانية للعثيمين ١٤/‏٦]
شەيخ، دوكتور ئابدۇلئەزىم بەدەۋىي مۇنداق دېگەن: فەقىھلەرنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى ھۆكمىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە (جۇمھۇرنىڭ ئەكسىچە) دۇرۇس دېگەن. بۇ ھۆكۈمنى ئىمام نەۋەۋى مۇسلىم شەرھىدە نەقىل قىلغان. دەيمەنكى: ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ كۆز قارىشى رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى:«رەببىڭ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.» (سۈرە مەريەم 64-ئايەت) (شەيخ بۇ ئايەتنى بۇ يەرگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق — ئەگەر قىممىتىنى بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ياكى كىتابىدا يا رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق بۇنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدە سۆز قىلغان بولاتتى ، بۇنىڭ دۇرۇسلۇقىنى كىتابىدا ياكى رەسۇلىنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتى،دېمەكچى.) ئەگەر فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا،  ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇنى بايان قىلغان بولاتتى. شۇڭا، شەرئىي دەلىلنى تولغاپ، بۇرمىلىماستىن، شەرئىي دەلىلنىڭ ئاشكارا ھۆكمى تۇرغان يەردە تۇرۇش لازىم. [الوجيز في فقه السنة والكتاب العزيز ١/‏٢٣١ — عبد العظيم بدوي] — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
The post فىتىر زاكىتى (پىتىر سەدىقىسى) توغرىسدىكى سەھىھ ھەدىسلەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post فىتىر زاكىتى (پىتىر سەدىقىسى) توغرىسدىكى سەھىھ ھەدىسلەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
تىلغا ھېزى بولۇش، ھەق ۋە توغرا سۆز قىلىش توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر
تىلغا ھېزى بولۇش، ھەق ۋە توغرا سۆز قىلىش توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:
«يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا (٧٠) يُصْلِحْ لَكُمْ اَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْۜ وَمَنْ يُطِعِ اللّٰهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظ۪يمًا(٧١)» [سورة الأحزاب]
«ئى ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە توغرا سۆز قىلىڭلار.(70) (تەقۋادارلىقنى ۋە ياخشى سۆزنى لازىم تۇتقىنىڭلاردا ئاللاھ) ئىشلىرىڭلارنى ئوڭشاپ بېرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. كىم ئالللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا (يەنى، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلسا)، بەك بۈيۈك بەخت-سائادەتكە نائىل بولىدۇ.(71)» (ئەھزاب سۈرىسى، 70 ئايەت)
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە بۇ ئايەتتىكى «القول السداد» نى، يەنى «توغرا سۆز» نى —كىشىنىڭ ئىچى بىلەن تېشى ئوخشاش ھالدا ئېيتىلغان، ھەقكە ئۇيغۇن بولغان، پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىلا كۆزلەنگەن، ھەممىلا خىل ئەھۋالدا ياخشى ھېسابلانغان سۆز، دەپ تەپسىرلىگەن.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:
وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ
16. ئىنساننى شەكسىزكى بىز ياراتتۇق، نەپسىنىڭ  ئىنساننى قانداق ۋەسۋەسىلەرگە سېلىۋاتقانلىقىنى (يەنى ئىنساننىڭ ئىچىدە ئويلاۋاتقان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى1) بىز بىلىپ تۇرىمىز. بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز2 ئىنسانغا  ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن.
إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ
17. بىرى ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئىنساننىڭ سول تەرىپىدە (ھېچبىر زامان ئىنساندىن ئايرىلماي) ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان1 (ۋە قىلغان ھەر بىر ئىشىنى، ئېيتقان ھەر بىر سۆزىنى  خاتىرلەپ تۇرىدىغان2) ئىككى پەرىشتە بار.
مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ
18. ئىنسان قانداقلا بىر سۆزنى قىلسا، ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان، ئىنساندىن ئەسلا ئايرىلمايدىغان2 (بۇ ئىككى) پەرىشتە ھازىر ھالەتتە (ئېيتقانلىرىدىن بىر ھەرپنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي خاتىرىلەپ1) تۇرىدۇ.
ھەسەن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:  (بَيْنا رَجُلٌ راكِبًا حِمارًا إذْ عَثَرَ بِهِ فَقالَ: تَعِسْتَ، فَقالَ صاحِبُ اليَمِينِ: ما هِيَ بِحَسَنَةٍ فَأكْتُبُها، وقالَ صاحِبُ الشِّمالِ: ما هِيَ بِسَيِّئَةٍ فَأكْتُبُها فَأُوحِيَ إلى صاحِبِ الشِّمالِ ما تَرَكَ صاحِبُ اليَمِينِ فاكْتُبْهُ فَكُتِبَتْ فِي السَّيِّئاتِ) بىر كىشى ئۇلىغىغا مىنىپ كېتىۋاتاتتى ئۇلىغى مۈدۈرۈپ كەتتى. ئۇ كىشى «مۈدۈرۈپ كەتتىڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوڭ مۈرىسىدىكى  كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى يازىدىغان پۈتۈكچى پەرىشتە «يازاي دېسەم بۇ ياخشى سۆز ئەمەس» دېدى. سول مۈرىسىدىكى يامانلىقىنى يازىدىغان پۈۈتۈكچى پەرىشتە «يازاي دېسەم بۇ سۆز يامانلىق ئەمەس» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سول تەرەپتىكى پۈتۈكچى پەرىشتىگە «ئوڭ تەرەپتىكى پەرىشتە يازمىغاننى سەن ياز» دەپ ۋەھىي قىلدى، نەتىجىدە ئۇنىڭ بۇ سۆزى يامانلىق سۈپىتىدە ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلدى.  hedisim.com (حلية الأولياء 6\76)
تابىئىن ئىمام ئەھنەف ئىبنى قەيس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«مەن (ئېيتقان ھەر بىر ئېغىز سۆزۈمدىن) ھېساب ئېلىنىشىدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى كۆپ گەپ قىلىشتىن چەكلەيمەن.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 1299)
فەزل ئىبنى مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھنى يا ھەدىس سۆزلەۋاتقان ۋەياكى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىۋاتقان ھالەتتىلا كۆردۈم.»  hedisim.com (سىيەر ئەئلام نۇبەلا، 10\405)
ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنۇ نەقىللەرنى كەلتۈرگەن:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى، بۈيۈك تابىئىن مۇپەسسىر ئالىم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە — ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇنىڭ بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: پەرىشتە ئىنساننىڭ مەيلى ياخشىلىق تۈرىدىن، مەيلى يامانلىق تۈرىدىن سۆزلىگەن ھەر قانداق سۆزىنى يازىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ «يېدىم، ئىچتىم، كەلدىم، كەتتىم، كۆردۈم…» دېگەن سۆزلىرىنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. ئاقىۋەتتە، ھەر پەيشەنبە كۈنى پەرشىتىلەر ئىنساننىڭ ئەمەل دەپتىرىدىكى سۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ياخشىلىق تۈرىدىكى ۋە يامانلىق تۈرىدىكى سۆزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، باشقا (مۇباھ) سۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئەمەل دەپتىرىدىن ئۆچۈرىۋېتىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنۇ سۆزىدە مۇشۇ ئىشنى بايان قىلغان: «ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ، خالىغىنىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئانا كىتاب ئۇنىڭ يېنىدىدۇر.» (سۈرە رەئد 39-ئايەت)
نەقىل قىلىنىشىچە، ئىمام ئەھمەد كېسەل كارىۋىتىدا ياتقىنىدا ئىڭرىغان ئىدى. بۈيۈك تابىئىن مۇپەسسىرلەردىن تاۋۇس رەھىمەھۇللاھنىڭ «پەرىشتىلەر ئىنساننىڭ ئىڭرىغىنىنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭىدۇ» دېگەن سۆزى ئىمام ئەھمەد يەتكۈزۈلىۋىدى، شۇ ھامان ئىڭراشتىن توختاپ، قايتا ئىڭراپمۇ سالمىدى. [تەپسىر ئىبنى كەسىردىن ئېلىنغان نەقىل تۈگىدى.]
ئائىشە ئانىمىز ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئى ئائىشە! («ھېچنېمە بولمايدىغۇ» دەپ) كىچىك كۆرىلىدىغان ئىشلاردا دىققەتلىك بولۇڭ. چۈنكى، ئاشۇ ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن (ۋەزىپىگە قويۇلغان پۈتۈكچى) پەرىشتە باردۇر.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 35487؛ ئىبنى ماجە 4243؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5568؛ مۇسنەد ئەھمەد 6\70)
بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: «سۆز قىلغىنىڭدا ئاللاھنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت. سۈكۈتتە تۇرغىنىڭدا ئاللاھنىڭ سېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت.» (جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم، 1\294) hedisim.com
ئىمام ئىبنى كەسىر تەپسىرىدە مۇنۇ نەقىلنى كەلتۈرگەن:
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ «ئىساننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە كۆزىتىپ خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى پەرىشتە بار» ئايىتىنى ئوقۇپ مۇنداق دېگەن:
ئەي ئادەم بالىسى! سېنىڭ ئالدىڭدا بىر سەھىپە (يەنى ئەمەل دەپتىرىڭ) ئېچىغلىقتۇر. سەن ئۈچۈن ئىككى شەرەپلىك پەرىشتە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. پەرىشتىلەرنىڭ بىرى ئوڭ تەرىپىڭدە، يەنە بىرى سول تەرىپىڭدىدۇر. ئوڭ تەرىپىڭدىكى پەرىشتە ياخشىلىقلىرىڭنى يېزىپ تۇرىدۇ، سول تەرىپىڭدىكى پەرىشتە يامانلىقلىرىڭنى يېزىپ تۇرىدۇ. ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر، ئۇنداقتا خالىغىنىڭنى قىل، خالىساڭ ئاز، خالىساڭ كۆپ ئەمەل قىل. ئاقىۋەتتە ئۆلگىنىڭدە، ئەمەل دەپتىرىڭ قاتلىنىپ، (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) بوينىڭغا يۆگىلىدۇ ۋە سەن بىلەن بىللە قەبرىگە قويۇلىدۇ. (ئەمەل دەپتىرىڭ) قىيامەت كۈنى قەبرىڭدىن چىققانغا قەدەر سەن بىلەن قەبرەڭدە قالىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: «ھەر ئىنساننىڭ ئەمىلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئاسىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قارشىسىدا ئېچىلغان ھالەتتە كىتابىنى قويىمىز. كىتابىڭنى ئوقۇ! بۈگۈن، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكسەن.» (سۈرە ئىسرا، 13-،14-ئايەت) [تەپسىر ئىبنى كەسىر، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرى]
* ياخشى سۆز قىلىشنىڭ ئىسلامدىكى مۇھىم ۋاجىباتلاردىن بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يوللارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى مۇھەممەدنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردۇر. ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم، بۇغۇلمەرام 439)
وعن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر، فليقل خيرًا، أو ليصمت.»((متفق عليه)).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ياخشى سۆز قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ رىيازۇس سالىھىن 1511) hedisim.com
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ اللهَ تعالى جَميلٌ يحبُّ الجمالَ)) «ئاللاھ تائالا گۈزەلدۇر. (سۆزدە، ھەرىكەتتە ۋە ئەخلاقتا) گۈزەل بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 1720؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1741) hedisim.com
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَن أقَرَّ بِعَيْنِ مُؤْمِنٍ، أقَرَّ اللَّهُ بِعَيْنِهِ يَوْمَ القِيامَةِ)«كىم بىر مۆمىننى خۇش قىلسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى خۇش قىلىدۇ.» (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد 637) *مۇسۇلمان خوش بولىدىغان ياخشى ۋە راست سۆزنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى خوش قىلىشمۇ مۇشۇ ھەدىسنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، تىلى بىلەن مۇسۇلماننىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان كىشى گۇناھ قىلغان، مۇسۇلمانغا تىلى بىلەن ئازار بېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.
فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «گۈزەل ئەخلاق» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «بارچە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئاساسى — كىشىلەرگە سۆز، تىل ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشتۇر. ھەممە گۈزەل ئەخلاق باشقىلارغا ئازار بېرىش، زىيان سېلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.»  hedisim.com (ئىبنى ئۇسەيمىن: گۈزەل ئەخلاق)
* راست سۆزلەشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
عَلَيْكُمْ بِالصِّدْقِ فَإِنَّ الصِّدْقَ يَهْدِي إِلَى الْبِرِّ وَإِنَّ الْبِرَّ يَهْدِي إِلَى الْجَنَّةِ وَمَا يَزَالُ الرَّجُلُ يَصْدُقُ وَيَتَحَرَّى الصِّدْقَ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللَّهِ صِدِّيقًا وَإِيَّاكُمْ وَالْكَذِبَ فَإِنَّ الْكَذِبَ يَهْدِي إِلَى الْفُجُورِ وَإِنَّ الْفُجُورَ يَهْدِي إِلَى النَّارِ وَمَا يَزَالُ الرَّجُلُ يَكْذِبُ وَيَتَحَرَّى الْكَذِبَ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللَّهِ كَذَّابًا
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: يالغان سۆزلەش ھارام. ھەتتا بەزى ئۆلىمالار يالغان سۆزلەشنى گۇناھى كەبىرە دېگەن. يالغان سۆزنىڭ ھەر قاندىقى ھارام، ھەر قانداق يالغان سۆز كىشىنى ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىككە باشلايدۇ.
إن أحببتم أن يحبكم الله تعالى ورسوله فأدوا إذا ائتمنتم، واصدقوا إذا حدثتم، وأحسنوا جوار من جاوركم
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سىلەرنى ياخشى كۆرۈشىنى ئارزۇلايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇڭلار، سۆزلىگەندە راست سۆزلەڭلار، قوشنىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.» (جامىئۇس سەغىر 2657؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر،1409)
ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزىنىڭ ھەق تۇرۇپ (باشقىسى بىلەن) تالاش-تارتىش قىلىشنى تەرك ئەتكەن كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ بۇلۇڭىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن. چاقچاق قىلسىمۇ يالغان سۆزلەشتىن ئۇزاق تۇرغان كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن. ئەخلاقى گۈزەل بولغان مۆمىن ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن يېرىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4800؛ رىيازۇس سالىھىن 630 ؛ تەبراني: ئەلئەۋسەت 5\68) أنا زَعِيمٌ بِبَيْتٍ فِي رَبَضِ الجَنَّةِ لِمَن يَتْرُكِ المِراءَ وإنْ كانَ مُحِقًّا، وبَيْتٍ فِي وسَطِ الجَنَّةِ لِمَن تَرَكَ الكَذِبَ وإنْ كانَ مازِحًا، وبِبَيْتٍ فِي أعْلى الجَنَّةِ لِمَن حَسُنَ خُلُقُهُ
* خەتەر ئالدىدىمۇ ھەق سۆزنى سۆزلەيدىغان كىشىنىڭ ئۈستۈن پەزىلىتى توغرىسىدا
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: أَفْضَلُ الْجِهَادِ كَلِمَةُ عَدْلٍ عِنْدَ سُلْطَانٍ جَائِرٍ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى — زالىم ھۆكۈمدار ئالدىدا ھەقنى سۆزلەشتۇر.» hedisim.Com (ئەبۇ داۋۇد 4344؛ تىرمىزىي بەغەۋى: شەرھۇس سۇننە؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان؛ تەبرانى: ئەلكەبىير؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) تىرمىزىنىڭ لەۋزىدە مۇنداق كەلگەن: إنَّ مِن أعْظَمِ الجِهادِ كَلِمَةَ عَدْلٍ عِنْدَ سُلْطانٍ جائِرٍ «جىھادنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى — زالىم ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەشتۇر.» (ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((منْ ردَّ عَنْ عِرْضِ أخيهِ، ردَّ اللَّه عنْ وجْههِ النَّارَ يوْمَ القِيَامَةِ)) «كىم دىنىي قېرىندىشىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى (تۆھمەتتىن ياكى غەيۋەتتىن) قوغدىسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى بۇنداق قىشىنىڭ يۈزىنى دوزاخ ئوتىدىن قوغدايدۇ.» hedisim.com (مۇسنەد ئەھمەد 6\450؛ تىرمىزى 1854؛ رىيازۇس سالىھىن 1528)
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سۆزلىرىنىڭمۇ ئەمەل جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپ بولىدۇ.» hedisim.com (حلية الأولياء، 4\169)
* تىلنى يامان سۆزلەردىن ساقلاشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا
عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «إذا أصْبَح ابن آدَم، فإن الأعضاء كلَّها تَكْفُرُ اللِّسان، تقول: اتَّقِ الله فِينَا، فإنَّما نحن بِك؛ فإن اسْتَقَمْتَ اسْتَقَمْنَا، وإن اعْوَجَجْت اعْوَجَجْنَا».
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ مۇنداق دەيدۇ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا باغلىقمىز. ئەگەر سەن دۇرۇست بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇست بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز.» (تىرمىزى، سەھىھ)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە ئويلاشماستىنلا (ئاللاھنى نارازى قىلىدىغان) بىر سۆزنى دەۋېتىدۇ، ئاقىۋەتتە (مۇشۇ سۆزى سەۋەبلىك) چوڭقۇرلۇقى شەرق بىلەن غەرپنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپىدەك چوڭقۇر بولغان دوزاخ چوڭقۇرلۇقىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5996؛ مۇسلىم 5304؛ رىيازۇس سالىھىن 1514)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى ھەر سۆزنى سۆزلەپ يۈرۈشى ئۇنىڭغا يالغانچىلىقتا يېتىپ ئاشىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 6؛ رىيازۇس سالىھىن 1548)
سەھل ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم ماڭا ئىككى كالپۇكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكىنى (يەنى جىنسىي ئەزاسىنى يامان سۆزلەردىن ۋە زىنادىن) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋەدە قىلىمەن.» hedisim.com (بۇخارى 5993؛ رىيازۇس سالىھىن 1513)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىر تۈركۈم مۇھىم مەسىلىلەردە تەلىم بەرگەن ھەدىستە مۇنۇ مەزمۇن مەۋجۇت:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر، يۇقىرى پەللىسى جىھادتۇر» دېدى. ئاندىن «ساڭا بۇلاردىن ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «بۇنى ساقلا» دېۋىدى، مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، سۆزلىگەن سۆزلىرىمىز سەۋەبلىكمۇ ھېسابقا تارتىلامدۇق؟» دەپ سورىدىم. «ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن! ئىنسانلارنىڭ يۈزىچىلەپ (ياكى بۇرنىچىلاپ) دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىش ئۇلارنىڭ تىللىرى ئارقىلىق قىلغان گۇناھلىرى بولماي نېمە؟» دېدى. (تىرمىزى 2616؛ ئەھمەد 22016؛ مۇھەددىسلەردىن ئەھمەد شاكىر ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن) hedisim.com
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشى كىچىك ئىش چاغلاپ يامان سۆزدىن بىرنى دەيدۇ. شۇ سۆزى ئۇنىڭ دوزاخنىڭ يەتمىش يىللىق چوڭقۇرىغا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.» (تىرمىزى 2314) hedisim.com
ئىرباز ئىبنى سارىيە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر-بىرىنى تىللىغان ئىككى كىشى — بىر-بىرىگە يامان سۆز ۋە يالغان سۆز قىلىۋاتقان ئىككى شەيتاندۇر.» (ئىبنى ھىببان، سەھىھ؛ فەتھۇلبارى 12\133)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر-بىرى بىلەن تىللاشقان ئىككى كىشىنىڭ تىللاشقان گۇناھى — مەزلۇم ھەددىدىن ئاشمىغان تەقدىردە تىللاشنى باشلىغۇچىغا بولىدۇ.» (مۇسلىم 4688، رىيازۇس سالىھىن 1562)
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((سِباب المُسْلِمِ فُسوقٌ، وقِتَالُهُ كُفْرٌ)) «مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، مۇسۇلمانغا قارشى ئۇرۇشۇش كاپىرلىقتۇر.» (بۇخارى 46؛ مۇسلىم 97؛ رىيازۇس سالىھىن 1560)
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى باشقا بىرىنى پاسىقلىق بىلەن ياكى كاپىرلىق بىلەن ھاقارەتلىسە، ھاقارەتلەنگەن كىشى پاسىق ياكى كاپىر بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇ سۈپەت ھاقارەتلىگۈچىگە قايتىدۇ.» (بۇخارى 5585؛ رىيازۇس سالىھىن 1561) بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان كىشىنىڭ كاپىر بولۇشى تىلى ئارقىلىق بولىدۇ. تىلغا ئىگە بولماسلىقنىڭ خەتىرى مانا مۇشۇنداق چوڭدۇر.
* ئايالىغا يامان سۆز قىلماسلىق ھەققىدە
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ائت حرثك أنى شئت، وأطعمها إذا طعمت، واكسها إذا اكتسيت، ولا تقبح الوجه، ولا تضرب)) «ئايالىڭ بىلەن خالىغىنىڭچە يېقىنچىلىق قىل؛ ئۆزۈڭ يېسەڭ ئۇنىڭغىمۇ يېگۈز، ئۆزۈڭ كەيسەڭ ئۇنىڭغىمۇ كەيگۈز، ئۇنىڭ يۈزىگە يامان سۆز قىلما، ئۇنى ئۇرما.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 17؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2143؛ ھەسەن سەھىھ)
* يالغان سۆزلەشنىڭ خەتىرى
جەمئىيەتتە ئەڭ كەڭرى تارقالغان تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىرى يالغان سۆزلەشتۇر. يالغان سۆزلەش مۇناپىقلىق ئالامىتىدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((آيَةُ الُمنافِقِ ثَلَاثٌ: إذا حَدَّثَ كَذَبَ وإذا وعد أَخْلَفَ وإِذا ائْتُمِنَ خَانَ.))«مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ.» (مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس؛ بۇخارى 33-نومۇرلۇق، مۇسلىم 59-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 1467-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«كىشىنىڭ نامىزىغا ۋە روزىسىغا قارىماڭلار. ھالبۇكى، كىشىنىڭ سۆز قىلغاندا توغرا سۆز قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا، ئامەتكە خىيانەت قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا ۋە  گۇناھلاردىن ساقلىنىپ ساقلانمايدىغانلىقىغا قاراڭلار.» hedisim.com (شۇئبۇل ئىيمان 4895)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أفْرَى الفِرَى أنْ يُرِيَ الرجُلُ عيْنَيْهِ مَا لَمْ تَرَيا)) «يالغاننىڭ ئەڭ يامىنى — كىشىنىڭ كۆرمىگەن ئىشنى (ياكى نەرسىنى) كۆردۈم دەپ، ئۆزىنىڭ ئىككى كۆزىگە يالغان چاپلىشىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 6521؛ رىيازۇس سالىھىن 1545)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆت يامان خىسلەت بولۇپ، كىمدە بۇ  يامان خىسلەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا ئۇ سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭدا مۇناپىقلىق خىسلەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت شۇكى) ئۇنىڭغا ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، جاڭجاللىشىپ قالسا ئېغزىنى بۇزىدۇ.» (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58)
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (قالَ رسولُ اللَّه صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم: «ألا أُنبِّئكُم بِأكْبَرِ الكَبائِر؟ قُلنَا: بَلَى يَا رسولَ اللَّهِ. قَالَ:»الإشراكُ باللَّه، وعُقُوقُ الوالِديْنِ»وكان مُتَّكِئا فَجلَس، فَقَالَ:»ألاَ وقَوْلُ الزُّورِ، وشهادةُ الزورِ»فَمَا زَالَ يُكَرِّرُهَا حَتَّى قلنا: لَيْتَهُ سكَت.) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە «چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىنى سىلەرگە دەپ بەرمەيمۇ؟» دېۋىدى، بىز «شۇنداق قىلغايلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «(چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى) ئاللاھقا شىرىك قوشۇش؛ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىپ، ئاتا-ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (بۇلارنى دەۋاتقاندا) يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (دەرھال) رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ «ئاگاھ بولۇڭلار، (گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى يەنە) يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» دەپ، بۇ سۆزىنى شۇنچە كۆپ قېتىم تەكرار-تەكرار ئېيتتىكى، ئاقىۋەتتە بىز «كاشكى ئەمدى توختاپ قالغان بولسىچۇ» دەپ كېتىشتۇق. hedisim.com (بۇخارى 5519؛ مۇسلىم 126؛ رىيازۇس سالىھىن 1551)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا (ئاخىرقى تەشەھھۇددا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ((اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِن عَذَابِ القَبْرِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَسِيحِ الدَّجَّالِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَحْيَا وَالْمَمَاتِ، اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِنَ المَأْثَمِ والْمَغْرَمِ)) «ئاللاھىم، ساڭا سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، گۇناھ قىلىشتىن ۋە قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. (ساھابىلەردىن) بىرەيلەن «قەرزگە چۈشۈپ قېلىشتىن ھەجەپ كۆپ پاناھ تىلەيدىكەنلا» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«كىشى قەرزگە چۈشۈپ قالغاندا سۆزلىسە يالغان سۆزلەپ قالىدۇ، ۋەدە بەرسە سۆزىدە تۇرالماي قالىدۇ.» (بۇخارى 883؛ مۇسلىم 589؛ مىشكات 939؛ مۇسنەد ئەھمەد 26075؛ نەسائى: سۈنەن كۇبرا 7\217؛ نەسائى: سۈنەن نەسائى 5472؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 4613)
نەسائىنىڭ لەۋزىدە «يُكْثِرُ التَّعَوُّذَ مِنَ المَغْرَمِ، والمَأْثَمِ»«قەرزگە ۋە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن كۆپ پاناھ تىلەيتتى» دەپ كەلگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: « ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، قېرىنداش بولۇشۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ، ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئۇنى تۆۋەن كۆرمەيدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 2564؛ رىيازۇس سالىھىن 234)
* يالغان سۆزلەش كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ
كەئىب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەۋبىسى ھەققىدىكى ئۇزۇن ھەدىستە، كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالانىڭ مېنى مۇسۇلمان قىلىپ ھىدايەت قىلغانلىقىدىن قالسىلا، ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ نېئمىتى مېنى رەسۇلۇللاھقا راست سۆزلەيدىغان قىلغانلىقىدۇر. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىگەن بولسام، بۇرۇن يالغان سۆزلەپ ھالاك بولغانلاردەك ھالاك بولغان بولاتتىم.» (بۇخارى 4418؛ مۇسلىم 2769؛ رىيازۇس سالىھىن 21) hedisim.com
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي.» (مۇسنەد ئەھمەد 5\7؛ ئەبۇ داۋۇد 4388؛ تىرمىزى 2237) hedisim.com
رىفائە ئىبنى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((التُّجَّارُ يُحْشَرُونَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فُجَّارًا إِلَّا مَنِ اتَّقَى وَبَرَّ وَصَدَقَ))«تىجارەتچىلەر قىيامەت كۈنى فاجىرلار ھالىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ. پەقەتلا تىجارىتىدە ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىغا دائىما رىئايە قىلىدىغان، دۇرۇست، راست سۆزلۈك تىجارەتچىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» (تىرمىزى 1210، ئىبنى ماجە 2146، مىشكات مەسابىھ 2800، سەھىھۇت تەرغىب 1785، سەھىھ؛ بۇ ھەدىسنى ئىمام بەيھەقى «شۇئبۇل ئىيمان»دا بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان)
* سۆزمەنلىك قىلىپ، تىلى ئارقىلىق نۇرغۇن ھاراملارنى ھالال، ھالاللارنى ھارام قىلىدىغان كىشىنىڭ خەتىرى توغرىسىدا
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ أخوَفَ ما أخافُ على أمَّتي كلُّ مُنافقٍ عَليمِ اللِّسانِ)) «ئۈممىتىم ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغىنىم بارچە سۆزمەن مۇناپىقلاردۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2191؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1554؛زەھەبى-سىيەر 11\445، ئەھمەد شاكىر-تەخرىج مۇسنەد ئەھمەد 1\86؛سەھىھ ھەدىس)
* تىل زىناسىدىن ساقلىنىش ھەققىدە
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن. ئۇ بۇنى مۇتلەق ئورۇندايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر. قەلب ئارزۇلاپ-تەلەپ قىلىدۇ. جىنسىي ئەزا بۇنى ياكى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى رەت قىلىدۇ.» (بۇخارى 5774؛ مۇسلىم 4802؛ رىيازۇس سالىھىن 1623)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى گەپ قىلماي سۈكۈت قىلسۇن. كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، قوشنىسىنى ھۆرمەتلىسۇن. كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن.» (بۇخارى 5672؛ مۇسلىم 48) hedisim.com
وعن سفيان بن عبد الله رضي الله عنه قال: قلت يا رسول الله حدثني بأمر أعتصم به قال: «قل ربي الله ثم استقم» قلت: يا رسول الله ما أخوف ما تخاف علي؟ فأخذ بلسان نفسه، ثم قال: «هذا». رواه الترمذي وقال حديث حسن صحيح.
سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا مەھكەم ئېسىلىشىم كېرەك بولغان بىر ئىشنى دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «رەببىم ئاللاھتۇر دېگىن. ئاندىن توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن» دېدى. مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مەن ئۈچۈن ھەممىدىن بەك قورقىدىغانلىرى قايسى» دەپ سورىۋىدىم، تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «مانا بۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد 3\413؛ تىرمىزى 2334؛ ئىبنى ماجە؛ ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ ھەسەن سەھىھ دېگەن دەپ قەيت قىلغان؛ رىيازۇس سالىھىن 1517-نومۇرلۇق ھەدىس) hedisim.com
وعن أبي موسى رضي الله عنه قال: قلت: يا رسول الله أي المسلمين أفضل؟ قال:  «من سلم المسلمون من لسانه ويده». ((متفق عليه)).
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى مۇسۇلمان ئەڭ ئۈستۈن؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت قالغان مۇسۇلمان (ئەڭ ئۈستۈن)» دېدى. (بۇخارى 10؛ مۇسلىم 57؛ رىيازۇس سالىھىن 1512) hedisim.com
وعن سهل بن سعد قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:  «من يضمن لي ما بين لحييه، وما بين رجليه أضمن له الجنة»((متفق عليه)).
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىككى ئېڭىكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى (جىنسىي ئەزاسىنى) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋەدە بېرىمەن.» (بۇخارى 5993؛ رىيازۇس سالىھىن 1514) hedisim.com
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : (كُلُّ سُلامَى مِنَ النَّاسِ عَلَيْهِ صَدَقَةٌ كُلُّ يَومٍ تَطْلُعُ فِيْهِ الشَّمْسُ: تَعْدِلُ بَيْنَ اثْنَيْنِ صَدَقَةٌ، وَتُعِيْنُ الرَّجُلَ في دَابَّتِهِ فَتَحْمِلُ لَهُ عَلَيْهَا أَو تَرْفَعُ لَهُ عَلَيْهَا مَتَاعَهُ صَدَقَةٌ، وَالكَلِمَةُ الطَّيِّبَةُ صَدَقَةٌ، وَبِكُلِّ خُطْوَةٍ تَمْشِيْهَا إِلَى الصَّلاةِ صَدَقَةٌ، وَتُمِيْطُ الأَذى عَنِ الطَّرِيْقِ صَدَقَةٌ) رواه البخاري ومسلم.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كۈن چىققانلىكى ھەر بىر كۈندە ئىنسانغا ئۆز بەدىنىدىكى ھەر بىر بۇغۇم ئۈچۈن سەدىقە بېرىشى كېرەك بولىدۇ. ئىككى كىشى ئارىىسدا ئادالەتلىك بولۇش سەدىقىدۇر. براۋنىڭ ئۇلىقىغا مىشىنىگە ياردەملىشىشىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەشياسىنى ئۇلىقىغا ئېلىشىپ بېرىشىڭ سەدىقىدۇر. گۈزەل سۆز سەدىقىدۇر، ناماز ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭ سەدىقىدۇر. يولدىن ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىنى نېرى قىلىشىڭ سەدىقىدۇر.» (بۇخارى 2734، 2827) hedisim.com
The post تىلغا ھېزى بولۇش، ھەق ۋە توغرا سۆز قىلىش توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تىلغا ھېزى بولۇش، ھەق ۋە توغرا سۆز قىلىش توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ھەدىس | ھەقنى بىلىدىغان، لېكىن ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بېرىدىغان كىشى دوزاختا
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْقُضَاةُ ثَلَاثَةٌ: اثْنَانِ فِي النَّارِ، وَوَاحِدٌ فِي الْجَنَّةِ: رَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَقَضَى بِهِ، فَهُوَ فِي الْجَنَّةِ، وَرَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَلَمْ يَقْضِ بِهِ، وَجَارَ فِي الْحُكْمِ، فَهُوَ فِي النَّارِ، وَرَجُلٌ لَمْ يَعْرِفِ الْحَقَّ، فَقَضَى لِلنَّاسِ عَلَى جَهْلٍ، فَهُوَ فِي النَّارِ)) «قازى (ھۆكۈم-پەتىۋا) بەرگۈچى ئۈچ تۈرلۈكتۇر. ئىككى تۈرلۈكى دوزاختا، بىرى جەننەتتىدۇر. ھەقنى بىلگەن ۋە ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم بەرگەن كىشى جەننەتتە بولىدۇ. ھەقنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم-پەتىۋا بەرمەستىن، ھەقكە زىت ھۆكۈم چىقارغۇچى دوزاختىدۇر. ھەقنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ، كىشىلەرگە جاھالەت بىلەن (يەنى ئۆز خىيالى، ئۆزىنىڭ شەخسىي رەيى بىلەن) ھۆكۈم (پەتىۋا) بېرىدىغان كىشى دوزاختىدۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، نەسائى توپلىغان؛ ئىمام ھاكىم ۋە باشقا ئالىملار سەھىھ دېگەن) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى
The post سەھىھ ھەدىس | ھەقنى بىلىدىغان، لېكىن ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بېرىدىغان كىشى دوزاختا first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ھەدىس | ھەقنى بىلىدىغان، لېكىن ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بېرىدىغان كىشى دوزاختا appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر سەھىھمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر سەھىھمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتىكى سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى قىرائەت قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى زەئىپ. لېكىن بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر بىر-بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەر جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلغانلىقى سابىتتۇر. كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرگە ئېرىشىدۇ. جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلىش مۇستەھەب. [ئىمام ئىبنى باز: فضل قراءة سورة الكهف يوم الجمعة]
زامانىمىزنىڭ ئەڭ پېشقەدەم ۋە مۆتىۋەر مۇھەددىسى ئابدۇلمۇھسىن ئابباد ھافىزەھۇللاھ ئىمام ئىبنى بازنى «مۇھەددىس، فەقىھ، شەيخۇل ئىسلام» دەپ تەرىپلىگەن. بىر مۆتىۋەر مۇھەددىس باشقا بىر ئالىمنى ئەگەر ئۇ ئالىمدا مۇھەددىسلىك شەرتلىرى تېپىلمىسا، ئەسلا «مۇھەددىس» دەپ سۈپەتلىمەيدۇ. (مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ)
جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى قىرائەت قىلغۇچى جۈمە كۈنى كۈن چىققاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغۇچە بولغان ئارىلىقنىڭ قايسى بىرىدە ئوقۇسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. [ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن: وقت قراءة سورة الكهف _ يوم الجمعه – ابن عثيمين]
The post جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر سەھىھمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر سەھىھمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» ھەدىسى ۋە شەرھى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: مَا جَلَسَ قَوْمٌ مَجْلِسًا، يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا حَفَّتْ بِهِمُ الْمَلَائِكَةُ، وَغَشِيَتْهُمُ الرَّحْمَةُ، وَذَكَرَهُمُ اللَّهُ فِيمَنْ عِنْدَهُ «كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ.» (مۇسلىم 2700، بۇلۇغۇلمەرام 1522) hedisim.com
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇغۇلمەرام شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ يەردىكى «زىكىر» — يا پەرز نامازلاردىن كېيىن ئوقۇلىدىغان «سۇبھانەللا، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» قاتارلىق زىكىرلەردىن ئىبارەتتۇر؛ ياكى بولمىسا بۇ يەردىكى «زىكىر» — قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {إِنَّا نَحْنُ نـزلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ} «شەكسىزكى زىكىرنى بىز نازىل قىلدۇق، شەكسىزكى زىكىرنى قوغدايمىز.» (ھىجر سۈرىسى، 9-ئايەت) (بۇ ئايەتتىكى زىكىر قۇرئاندۇر.) قۇرئان تىلاۋەت قىلىش زىكىردۇر، زىكىرنىڭ يىلتىزىدۇر. ياكى بۇ يەردىكى «زىكىر» — شەرئىي ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، شەرئىي ئىلىم زىكىر جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لا تَعْلَمُونَ}  {ئەگەر (بىر ئىشنىڭ ھالال-ھاراملىقىنى، سۈننەت ياكى بىدئەتلىكىنى، بىر ئىبادەتنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراڭلار.} (سۈرە ئەنبىيا، 7-ئايەت) شەرئىي ئىلىمنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش ياكى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار (زىكىر ئەھلى بولۇپ، ئۇلار)  بۇ ئارقىلىق ئىسلام شەرىئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّه} {ئىي ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلسا، ئاللاھنىڭ زىكىرىگە ئالدىراڭلار} (سۈرە جۇمۇئە، 9-ئايەت) بۇ ئايەتتىكى «زىكىر» جۈمە خۇتبىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۈمە خۇتبىسى (ئىسلام شەرىئىتىنى) تەلىم بېرىش ھېسابلىنىدۇ. ئايەتتىكى زىكىردىن مەقسەت نامازدۇر.
«پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ» — يەنى، يا ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن قورشاپ تۇرىدۇ، ياكى پەزىلەتتە ئۇلارغا شىرىك بولۇش ئۈچۈن قورشايدۇ، ياكى ھەر ئىككىسىنى تەڭ مەقسەت قىلىپ قورشايدۇ. «ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ» — يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇلارنى ئورايدۇ. «ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» — يەنى پەرىشتىلەرگە زىكىر. بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ زىكىرى ئۈچۈن يىغىلىشنىڭ بۈيۈك پەزىلىتىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بىر سورۇنغا يىغىلىپ، ئوخشاش ئاۋازدا، بىردەك ھالدا ئاللاھنى زىكىر قىلىش سوپىلار ئوتتۇرىغا چىقارغان بىدئەت بولۇپ، ئۇلار ئوڭغا ياكى سولغا تولغىنىپ تۇرۇپ بىردەك ئاۋازدا «زىكىر» قىلىدۇ. (ياكى، نامازدىن كېيىن بىر ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىكىرلەرنى ئوپچە ئوقۇيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مۇخالىپ بىدئەت ئىشلاردۇر.) مۇھىم قائىدە شۇكى، ھەر قانداق ئىبادەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن ئاساستا قىلىنىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇزاتنىڭ ساھابىلىرى بىردەك ئاۋاز بىلەن ئوپچە زىكىر قىلغانمۇ؟ ياق. بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىمىز، لېكىن ھەر بىرىمىز ئۆز ئالدىمىزغا زىكىر قىلىمىز. (شرح حديث أبي هريرة ما جلس قوم مجلسا يذكرون الله – الشيخ محمد بن صالح العثيمين)
ئىمام ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارى شەرھىدە مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى شەرھلەپ «ئاللاھنىڭ بەندىنى زىكىر قىلىشى بەندىگە رەھمەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. بۈيۈك تابىئىن سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق ئىنسان ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھمۇ مۇتلەق ئۇنى زىكىر قىلىدۇ. مۆمىن بەندە ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھ ئۇنى رەھمىتى بىلەن زىكىر قىلىدۇ. كاپىر ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھ ئۇنى ئازابى بىلەن زىكىر قىلىدۇ.» (ئىبنى بەتتال: سەھىھۇل بۇخارى شەرھى 10\136) | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | فۇرقان دەۋەت مەركىزى
The post «كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» ھەدىسى ۋە شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» ھەدىسى ۋە شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ سَبْعَةٌ يُظِلُّهُمُ اللَّهُ فِي ظِلِّهِ يَوْمَ لاَ ظِلَّ إِلاَّ ظِلُّهُ الإِمَامُ الْعَادِلُ، وَشَابٌّ نَشَأَ فِي عِبَادَةِ رَبِّهِ، وَرَجُلٌ قَلْبُهُ مُعَلَّقٌ فِي الْمَسَاجِدِ، وَرَجُلاَنِ تَحَابَّا فِي اللَّهِ اجْتَمَعَا عَلَيْهِ وَتَفَرَّقَا عَلَيْهِ، وَرَجُلٌ طَلَبَتْهُ امْرَأَةٌ ذَاتُ مَنْصِبٍ وَجَمَالٍ فَقَالَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ. وَرَجُلٌ تَصَدَّقَ أَخْفَى حَتَّى لاَ تَعْلَمَ شِمَالُهُ مَا تُنْفِقُ يَمِينُهُ، وَرَجُلٌ ذَكَرَ اللَّهَ خَالِيًا فَفَاضَتْ عَيْنَاهُ
* «ئۆزى ياراتقان سايە بىلەن» دېگەن مەزمۇندا تىرناق ئىچىدىگە ئېلىنغان ئىزاھات ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى شەرھىدۇر. (رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
«ئادىل» ئاتالغۇسى، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى ئورۇنداشتا ئاشۇرىۋېتىش ياكى كېمەيتىۋېتىشتىن خالىي ھالدا ھەر ھۆكۈمنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەلەپ قىلغىنى بويىچە ئۆز ئورنىغا قويۇپ يۈرگۈزگەن كىشىدۇر. ئادالەتلىك بولۇشنىڭ پايدىسى ھەممە كىشىگە يېتىدىغانلىقى ئۈچۈن (ھۆكۈمدار مۇسۇلمان ئادالەتلىك بولسا، ئۇنىڭ ئادالىتىدىن مۇسۇلمانلاردىن تارتىپ كاپىرغىچە، جانلىق ھايۋاناتتىن تارتىپ جانسىز نەرسىلەرگىچە پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقى، زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقى ئۈچۈن)، ھەدىستە ھۆكۈمدارنىڭ ئادىل بولۇشى ھەممىدىن ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان. (فەتھۇل بارى)
سەلەپ ئالىمىرىدىن بەزىلىرى «ئەگەر مېنىڭ بىرلا دۇئانى قىلىش پۇرسىتىم قالغان تەقدىردە، ھۆكۈمدارنىڭ ئىسلاھى ئۈچۈن (يەنى ئادالەتلىك، تەقۋادار بولۇشى ئۈچۈن) دۇئا قىلغان بولاتتىم» دېيىشكەن. (بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان)
كىشىنىڭ جىمىي ئىشلاردا ئادىل بولۇشى پەرزدۇر. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
«قەلبى مەسجىدلەرگە باغلانغان كىشى»
مەسجىدلەر ناماز ئوقۇلۇپ، سەجدە قىلىنىدىغان جايلاردۇر. بۇنداق كىشىڭ قەلبى دائىما ناماز ئوقۇشقا مايىل بولىدۇ، بىر پەرز نامازنى ئوقۇپ بولسا، يەنە بىر پەرز نامازنى ئارزۇلايدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير ھەدىستىكى بۇ جۈملىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇنداق كىشى مەسجىدتە بىر ۋاخ  پەرز نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئائىلىسىگە قايتىپ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرغان پەيتلىرىدىمۇ قەلبىدە كېيىنكى نامازغا بولغان ئىشتىياق ئوخچۇپ تۇرىدۇ، نامازغا ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. كېيىنكى نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇۋېلىش ئۇنىڭغا ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك تۇيىلىدۇ. ئۇنىڭ نامازغا بولغان ئىنتىزارلىقى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ماقاملىقىنىڭ ئۆزىنى زىيارەتكە كېلىشىدىنمۇ بەك سۆيۈملۈكتۇر. (يەنى ئۇ ھەممە پەرز نامازلىرىنى مەسجىدتە ئوقۇشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە بۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن جىمى كۈچىنى ۋە ئىمكانىنى ئىشقا سالىدۇ.) [معنى (ورجل قلبه معلّق في المساجد)]
ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئايال (مەسىلەن، پادىشاھنىڭ، ۋەزىرنىڭ، چوڭ باشلىقنىڭ قىزى ياكى ئايالى دېگەندەك چوڭ چوڭ ئىشلارغا چىشى پاتىدىغان، بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەر زىنھار ھەل قىلالمايدىغان، قىيىن دەپ قارالغان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان دەرىجىدە) ئۈستۈن مەرتىۋىگە ۋە بايلىققا ئىگە، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھايىتى گۈزەل ھۆسۈنلۈك ئايالدۇر. (فەتھۇل بارى)
«مەن ئاللاھتىن قورقىمەن»  — ئىمام قۇرتۇبى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: بۇ سۆز ئاللاھتىن قورقۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى، تەقۋاسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە ھاياسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى سەۋەبلىك سۆزلەنگەن سۆزدۇر. (فەتھۇل بارى)
«ئاللاھنى زىكىر قىلىپ» — مەيلى تىلى بىلەن، ياكى پەقەتلا قەلبى بىلەن زىكىر قىلىپ، مەنىسىدىدۇر. (فەتھۇل بارى)
«كۆزلىرى ياشقا تولىدىغان» — يەنى كۆزىدىن ياش ئاقىدىغان، مەنىسىدىدۇر. (فەتھۇل بارى)
ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ئىچىدە «ئادىل ھۆكۈمدار» بىلەن «قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشى» دىن باشقا بەش تۈرلۈك كىشى ئايال كىشىگىمۇ ئورتاقتۇر. ئەمما، ئائىلىدە بالا-چاقىسى ئارىسىدا (ئائىلىۋى مەسىلىلەردە) ئادالەتلىك بولغۇچى ئايال — ئادالەتلىك ھۆكۈمدار دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. (فەتھۇل بارى) (چۈنكى، ئايال ئائىلىۋى ئىشلاردىن مەسئۇل بولۇپ، ئائىلىدە ئەر يوق چاغدا ئائىلىنى ئايال كىشى باشقۇرىدۇ، يەنى ئائىلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئائىلىنىڭ ھۆكۈمدارى بولىدۇ. بالا-چاقىلىرى ئارىسىدا مەيلى ئۆگەي، مەيلى ئۆز بولسۇن، ياكى ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقان كىچىك بالىلار بولسۇن، ئۇلارغا  ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ئادالەتلىك بولسا، ھەدىستە بايان قىلىنغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.)
«قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشى» ئايال كىشىنىمۇ تەڭ ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، ئەرلەرگىلا خاس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇشى مەسجىدتە ئوقۇشىدىن ئەۋزەل. (فەتھۇل بارى)
«نەسەپلىك ۋە گۈزەل جاماللىق ئايال ئۆزىگە چاقىرسا» —  بۇ ھۆكۈمدە ئايال كىشىمۇ ئورتاقتۇر. ئەگەر ئايال كىشىنى يۇقىرىقى سۈپەتتىكى بىر نامەھرەم ئەر ئۆزىگە چاقىرسا، ئايال (پۇرسەت كەڭرى تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقۇشى، تەقۋاسى ۋە ھاياسى سەۋەبلىك) ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقىنى رەت قىلسا، ھەدىستىكىدەك ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. (فەتھۇل بارى)
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
The post قىيامەت كۈنى ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post قىيامەت كۈنى ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەدىس | غېرىپلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بَدَأَ الإِسْلامُ غَرِيبًا ، وَسَيَعُودُ كَمَا بَدَأَ غَرِيبًا ، فَطُوبَى لِلْغُرَبَاءِ)) «ئىسلام غېرىپ ھالەتتە باشلاندى، (كەلگۈسىدە) باشلانغان چېغىدىكىدەك غېرىپلىق ھالىتىگە قايتىدۇ، غېرىپلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇن.» hedisim.com (مۇسلىم 145) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىسلەر يۇقىرىقى ھەدىستىن كۆزدە تۇتۇلغان غېرىپلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ
ئەبۇ سەئلەبە ئەلكۇشانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ «چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ چاغدا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ» دېۋىدى. ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجر بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ نەجىھ ئىرباز ئىبنى سارىيەدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: (بىر كۈنى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق بىر ۋەز نەسىھەت قىلدىكى، بۇ سەۋەبلىك قەلىبلەر تىتىرەپ، كۆزلەردىن ياش ئاقتى. بىز «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچى كىشىنىڭ نەسىھەتلىرىدۇر. بىزگە ۋەسىيەت قىلغايلا» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە تەقۋادارلىق قىلىشنى، بېشىڭلارغا بىر قۇل ھۆكۈمدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن) عَن أَبي نَجِيحٍ العربَاضِ بنِ سَاريَةَ رضي الله عنه قَالَ: وَعَظَنا رَسُولُ اللهِ مَوعِظَةً وَجِلَت مِنهَا القُلُوبُ وَذَرَفَت مِنهَا العُيون. فَقُلْنَا: يَارَسُولَ اللهِ كَأَنَّهَا مَوْعِظَةُ مُوَدِّعٍ فَأَوصِنَا، قَالَ: (أُوْصِيْكُمْ بِتَقْوَى اللهِ عز وجل وَالسَّمعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ تَأَمَّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ، فَإِنَّهُ مَنْ يَعِشْ مِنْكُمْ فَسَيَرَى اخْتِلافَاً كَثِيرَاً؛ فَعَلَيكُمْ بِسُنَّتِيْ وَسُنَّةِ الخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ المّهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الأُمُورِ فإنَّ كلّ مُحدثةٍ بدعة، وكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ) رواه أبو داود والترمذي وقال : حديث حسن صحيح.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنِ التَمَسَ رِضَاءَ اللهِ بِسَخَطِ النَّاسِ كَفَاهُ اللَّهُ مُؤْنَةَ النَّاسِ ، وَمَنِ التَمَسَ رِضَاءَ النَّاسِ بِسَخَطِ اللهِ وَكَلَهُ اللَّهُ إِلَى النَّاسِ) «كىمكى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە ئاللاھنى رازى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ ۋە كىشىلەردىن ئۇنى ساقلايدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە كىشىلەرنى رازى قىلماقچى بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى كىشىلەرگە تاشلاپ قويىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 2414؛ ئەلبانى سىلسىلە ئەسسەھىھ-2311-دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئ 6097؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 276؛ ئىبنى مۇفلىھ-ئەلئەدەب ئەششەرئىيە 1\164؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، دېگەن) بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئىبنى ھىببان ۋە ئىمام سۇيۇتى نەقىل قىلغان بولۇپ، ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، دېگەن، ئەلبانى سەھىھ جامىئۇس سەغىردە سەھىھ دېگەن.
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ھەدىس | غېرىپلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇن first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەدىس | غېرىپلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇن appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى
بۇ ھەدىستە شەك بارمۇ؟
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ ، وَجَنَّةُ الكَافِرِ))«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.» (مۇسلىم 734)
بۈيۈك تابىئىن ھەيسەمە ئىبنى ئابدۇراھماننىڭ تۆۋەندىكى سۆزى يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ناھايىتى گۈزەل شەرھى بولالايدۇ:
مەشھۇر تابىئىن ئالىم ئەئمەش رەھىمەھۇللاھ، ھەيسەمە ئىبنى ئابدۇراھمان رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ھەيسەمە مۇنداق دېدى: پەرىشتىلەر ئاللاھقا «ئى رەببىم! مۆمىن بەندەڭدىن مال-دۇنيانى قىسىسەن، يەنى تېخى مۆمىن بەندەڭنى بالا-مۇسىبەتلەرگە مۇپتىلا قىلىسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «مۆمىن بەندەمگە تەييارلاپ قويغان ساۋاب، مۇكاپاتلارغا قاراڭلار» دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇ خىل مۆمىن بەندىلەرگە تەييارلاپ قويغان ساۋاب، مۇكاپاتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئى رەببىم! دېمەك، مۆمىن بەندەڭگە دۇنيادا كەلگەن ئېغىرچىلىق، بالا-مۇسىبەتلەر زىيان سالالمايدىكەن» دېيىشىدۇ. ئاندىن، پەرىشتىلەر ئاللاھقا «ئى رەببىم! كاپىرلارنى بالا-مۇسىبەتلەردىن ئۇزاق قىلىدىكەنسەن، ئۇنىڭغا قوشۇپ مال-دۇنيانى ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىغا كەڭرى يېيىپ بېرىدىكەنسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا بېرىدىغان جازايىمغا قاراڭلار» دەيدۇ. پەرىشتىلەر كاپىرغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ بېرىدىغان جازاسىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئى رەببىم! كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قولغا كەلتۈرگەنلىرى ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدىكەن» دېيىشىدۇ. (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\53)
ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى پۇل-مالدىن قىسىشى — يەر يۈزىدىكى مۆمىنلەرنىڭ كۆپچىلىكى پۇل-مېلى كۆپ بولمىغان، دۇنيالىق ئېھتىياجلىرىنى تەستە ياكى ئاران-ئاران قامدايدىغان كىشىلەردۇر. پۇلدار، باي مۆمىنلەر تارىختىن بۇيان ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. «مۆمىن بەندەڭنى پۇل-مالدىن قىسىسەن» دېيشىتىن قىسمەن باي مۆمىنلەر ئەمەس، كۆپ ساندىكى بايلىقى ئاز مۆمىنلەر كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.
ئىمام ئىبى ھەجەر جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
«ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىدە، ھەقلىقىدە ۋە توغرىلىقىدا شەك يوق. سېنىڭ نەزىرىڭدە بىز راھەت – پاراغەت، ئىززەت – ھۆرمەت ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتىمىز. سەن بولساڭ خارلىق ۋە پېقىرلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتىسىەن. ئەمما، مۆمىننىڭ ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان راھەت – پاراغەتكە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ دۇنيادىكى راھەت – پاراغەتلىرىمىز پەقەت تۈرمىدىكى ئادەمنىڭ راھەت – پاراغىتىگە ئوخشايدۇ. بىزنىڭ دۇنيادىكى ئۈستۈنلىكىمىز ۋە راھەت – پاراغىتىمىز ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، بىزنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئاخىرەتتىكى ھاياتىمىزغا سېلىشتۇرغاندا بەئەينى تۈرمىدىكى ئادەمدەك چەكلىمە ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدىدۇر.
ئەمدى، سېنىڭ دۇنيادىكى بۇ پېقىرلىقىڭ ۋە خارلىقىڭ — ئاخىرەتتە تارتىدىغان جازايىڭ ۋە قىينچىلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. سەن ھازىر دۇنيادا بەئەينى جەننەتتە ياشىغاندەك ياشاۋاتىسەن، ئەمىنلىك ئىچىدە، خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتىسەن. ھېچكىم جېنىڭغا ۋە مېلىڭغا چېقىلالمايدۇ. ھېچكىم سېنى شەخسىي ئەركىنلىكىڭدىن توسالمايدۇ. ئۆيۈڭدەخالىغىنىڭنى قىلىسەن، سىرتقا چىقىپ خالىغان يەرگە بارالايسەن. خالىغان تامىقىڭنى يەپ، خالىغان ئايال بىلەن ئۆيلىنەلەيسەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەت ھاياتىڭغا سېلىشتۇرغاندا سەن ئۈچۈن بەئەينى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك بىر ئىش. مۇشۇ ھالىتىڭدە، ئىسلامدىن باشقا دىن ئۈستىدە ئۆلسەڭ، ئاخىرەتتە تارتىدىغان جازايىڭ بەك شىددەتلىك بولىدۇ، ئاقىۋەتتە دۇنيادا بەئەينى جەننەتتە ياشىغاندەك ياشاپتىكەنمەن دەپ قالىسەن. شۇڭا، ھەدىس توغرا. سەن ھەر قانچە پېقىر ۋە خار ھالەتتە ياشاۋاتقاندەك تۇرساڭمۇ، بۇ ھاياتىڭ ئاخىرەت ھاياتىڭغا سېلىشتۇرغاندا سەن ئۈچۈن جەننەتتەك كەڭرى ۋە راھەت ھايات. بىز ھەر قانچە راھەت – پاراغەت ۋە ئىززەت ھۆرمەت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك تۇرساقمۇ، دۇنيادىكى بۇ ھاياتىمىز ئاخىرەتتىكى نازۇ – نېمەتلەر ۋە ئىززەت – ئېكراملارغا سېلىشتۇرغاندا بەئەينى دوزاختەك تار ھايات ھېسابلىنىدۇ.»
يۇقىرىدا ئىككى مىسال بېرىلدى. بىرىنچىسى، دۇنيادا قىينچىلىق ئىچىدە ياشىغان مۆمىن بىلەن كەڭچىلىك ئىچىدە ياشىغان كاپىرنىڭ سېلىشتۇرمىسى. ئىككىنچىسى، دۇنيادا كەڭچىلىك ئىچىدە ياشىغان مۆمىن بىلەن تارچىلىقتا ياشىغان كاپىرنىڭ سېلىشتۇرمىسى. «دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى، كاپىرنىڭ جەننىتى» دېگەن سەھىھ ھەدىس ھەر ئىككىلى ھالەتتىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئاللاھ بىزلەرنى مۆمىنلىك ھالىتىدە ياشاپ، مۆمىنلىك ھالىتىدە ۋاپات تېپىشقا نېسىپ قىلسۇن.
— قۇدرەت بارات تەييارلىدى
The post «دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ناخشا مۇزىكا توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
hedisim.com | mujtehid.com
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
1. ئەبۇ ئامىر ئەشئەرىي ياكى ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رضي الله عنهما  ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى نەقىل قىلغان: (لَيَكُونَنَّ مِنْ أُمَّتِي أَقْوَامٌ يَسْتَحِلُّونَ الْحِرَ وَالْحَرِيرَ وَالْخَمْرَ وَالْمَعَازِفَ) «ئۈممىتىمدىن زىنا- پاھىشىنى، (ئەرلەرنىڭ) يىپەكنى (كىيىنىشى)، ھاراق ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ.» hedisim.com (سەھىھۇلبۇخارىي 5590سەھىھ ئىبنى ھىببان 6719- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4039- ھەدىس؛ سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 91 – ھەدىس)
2.ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: يشرب ناس من أمتي الخمر، يسمونها بغير اسمها يضرب على رءوسهم بالمعازف والقينات يخسف الله بهم الأرض، ويجعل منهم القردة والخنازير «ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدۇ، باشلىرىدا نەغمە – مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ئايال ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.» hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە: 5\67؛ بۇخارىي تەئرىخ 967- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6721- ھەدىس؛ ئىبنى ماجە 4020- سەھىھ ھەدىس)
3. ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:إِنَّ اللَّهَ تَعَالَى حَرَّمَ الْخَمْرَ وَالْمَيْسِرَ وَالْكُوبَةَ وَقَالَ: كُلُّ مُسْكِرٍ حَرَامٌ  «ئاللاھ ھاراقنى، قىمارنى، ناغرا – دۇمباقنى ھارام قىلدى.» رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق دەپ بولۇپ، «بارلىق مەست قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر» دېگەن. hedisim.com (ئەھمەد 2476- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5341- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 4503- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىس توپلىمى 1708 – ھەدىس)
4. ناپىئ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بارماقلىرى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋالدى ۋە يولدىن چەتكە چىقىپ، ماڭا قاراپ: ناپىئ بىرەر ئاۋاز ئاڭلاۋاتامسەن دېدى، مەن: ياق ئاڭلىمىدىم دېگەندىن كېيىن، بارمىقىنى قۇلىقىدىن ئىلىپ، مەن بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدىم، ئۇ يۇقىرىقىدەك ئاۋازنى ئاڭلىغاندا، مۇشۇنداق قىلغان ئىدى، دىدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
5. ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەتتە ناخشا-مۇزىكىچى ئاياللار، نەغمە-ناۋا، ھاراق ئىچىش يېيىلغاندا يەر يۈتۈپ كېتىش، سۈرىتى ئۆزگىرەپ كېتىش، ئاسماندىن تاش يېغىش قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 2212؛ سەھىھۇل جامىئ 4273)
6. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ «ئەدەب ئەلمۇفرەد» ناملىق ھەدىس كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ {وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لقمان}{بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ}(لوقمان سۈرىسى،6-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ئايەتنى ناخشا ۋە شۇ تىپتىكى نەرسىلەر ئۈچۈن نازىل بولغان دەپ تەپسىرلىگەن. hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ ئەلبانى: سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد،603)
7. ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: (خرجْتُ مع عَبْدِ اللهِ بنِ عمرَ إلى السُّوقِ فمرَّ على جَارِيَةٍ صَغِيرَةٍ تُغَنِّي فقال إِنَّ الشيطانَ لَوْ تركَ أحدًا لَتركَ هَذِهِ) مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن كوچىغا چىقتىم. ئۇ زات ناخشا ئېيتىۋاتقان كىچىك دېدەك قىزنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«ئەگەر شەيتان بۇ يەردە بىر نەرسە قويۇپ قويغان بولسا، چوقۇمكى مۇشۇ ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزنى قويۇپ قويدى» دېدى. hedisim.com (ئىمام بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 784-ھەدىس؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
8. ئۇممۇ ئەلقەمەدىن مۇنداق دەيدۇ: (أَنَّ أُمَّ عَلْقَمَةَ أَخْبَرَتْهُ، أَنَّ بَنَاتَ أَخِي عَائِشَةَ اخْتُتِنَّ، فَقِيلَ لِعَائِشَةَ: أَلاَ نَدْعُو لَهُنَّ مَنْ يُلْهِيهِنَّ؟ قَالَتْ: بَلَى. فَأَرْسَلْتُ إِلَى عَدِيٍّ فَأَتَاهُنَّ، فَمَرَّتْ عَائِشَةُ فِي الْبَيْتِ فَرَأَتْهُ يَتَغَنَّى وَيُحَرِّكُ رَأْسَهُ طَرَبًا، وَكَانَ ذَا شَعْرٍ كَثِيرٍ، فَقَالَتْ: أُفٍّ، شَيْطَانٌ، أَخْرِجُوهُ، أَخْرِجُوهُ) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىنىسىنىڭ قىزىنىڭ خەتمىسى قىلىنغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان بىرەرسىنى چاقىرساق بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەدىي دېگەن كىشى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ قويۇق چاچلىق ئەدىينىڭ مەجنۇنلارچە بېشىنى چايقاپ ناخشا توۋلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ «(ئۇ) شەيتان (ئىكەن) . ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار! ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. hedisim.com (بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 1247؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
The post ناخشا مۇزىكا توغرىسىدىكى ھەدىسلەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ناخشا مۇزىكا توغرىسىدىكى ھەدىسلەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىگە ئېيتقان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((كَانَ آخِرُ كَلاَمِ رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم » الصَّلاَةَ الصَّلاَةَ اتَّقُوا اللَّهَ فِيمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ.»)) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (ساھابىلىرىگە ئېيتقان) ئەڭ ئاخىرقى سۆزى «ناماز (غا ئەھمىيەت بېرىڭلار)، ناماز (غا ئەھمىيەت بېرىڭلار)؛ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا قاراشلىق ئادەم ياكى ھايۋان قاتارلىقلاردا* (يەنى ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەلەپ قىلغان رەۋىشتە ئادا قىلىش جەھەتتە) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېيىش بولغان ئىدى. hedisim.com (بۇخارى-ئەلبانى: سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد 158؛ مۇسنەد ئەھمەد 585؛  سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 5137؛سەھىھ جامىئۇس سەغىر 4616) * مەناۋى: فيض القدير شرح الجامع الصغير
The post رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىگە ئېيتقان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىگە ئېيتقان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.