ھارام - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى
ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟
14-مەسىلە: كىشى بىر ئىشنىڭ ھاراملىقىنى ياكى مەكرۇھلۇقىنى بىلسە، ئاندىن ئۇ ئىشنى قىلغان بولسا، بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك پاسىق بولامدۇ، بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 676) رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن شۇ مەكرۇھنى قىلمىغان كىشىگە قارىغاندا ئەجرى كېمىيىدۇ.
ھارام ئىشنى قىلغۇچىغا كەلسەك، ھارام ئىشنى قىلغۇچى ئەگەر قىلغان ئۇ ھارام ئىشىدىن توغرا رەۋىشتە تەۋبە قىلمىغان بولسا، بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرايدۇ.
ئەمدى پاسىق بولۇشقا كەلسەك، گۇناھى كەبىرىنى قىلىدىغان كىشى پاسىق بولىدۇ؛ شۇنداقلا گۇناھى سەغىيرىدە (كىچىك گۇناھتا) داۋام قىلغۇچى كىشىمۇ پاسىق بولىدۇ. (فتاوى النوويِ 237)
* مەكرۇھ ئىش — قىلسا گۇناھ بولمايدىغان، تەرك ئەتسە ساۋاپ بولىدىغان ئىشلاردۇر. (ابن عثيمين: كتب أصول الفقه) مەكرۇھ — مۇستەھەپنىڭ زىتىدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر
ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر؟
(قوشۇمچە ماۋزۇ: ناخشا-مۇزىكىنى ھاللاشتۇرغۇچىغا يېتەرلىك جاۋاب)
مۇجتەھىد تورى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
مۇندەرىجە
مۇقەددىمە
قۇرئان كەرىمدىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىللەر
سەھىھ ھەدىسلەردىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىللەر
ساھابىلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
تابىئىنلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
تۆت ئىمامنىڭ ناخشا مۇزىكىنى ئىنكار قىلىشى
باشقا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالىرى
مۇقەددىمە
قۇرئاندا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بولىدىغان قۇياشتەك ئايدىڭ دەلىللەر بار. ساھابىلەر باشچىلىدىقىكى ھەقىقەتپەرۋەر ئىسلام ئۆلىمالىرى تارىختىن كۈنىمىزگە قەدەر ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ خەتىرىدىن ئۈممەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. مەزكۇر ماقالىمىزدە قۇرئان كەرىمدىن، سەھىھ ھەدىسلەردىن ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل كەلتۈرىمىز. بىلىنگىنىدەك، قۇرئان، ھەدىس ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى دىندا دەلىلدۇر. بۇ دەلىللەرگە زىت سۆزنى قىلغۇچى ۋە زىت يول تۇتقۇچى شۈبھىسىزكى ئازغۇنلۇق يولىدا بولغۇچىدۇر. ((وكل ضلالة في النار))«بارچە ئازغۇنلۇقن دوزاختىدۇر.» (نەسائىي، سەھىھ)
بىز يەنە تابىئىنلاردىن، ئەتبائۇت تابىئىندىن ۋە تۆت ئىمامدىن، تۆت مەزھەپ ئالىملىرىدىن، ئىسلام دۇنياسىدا شۆھرەت قازانغان قەدىمكى ۋە دەۋرىمىزدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالارنى نەقىل قىلىمىز. بۇ ماقالىدە ناخشا مۇزىكىنىڭ دىندىكى ھۆكۈمىنى بىلمەكچى بولغان كىشى ئۈچۈن يېتىپ ئاشقۇدەك دەلىللەر مەۋجۇتتۇر. ھەقىقەت شۇكى، قەلبى ھىدايەتكە تەلپۈنىدىغان، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان ۋە ھەقكە ئەگىشىش ئارقىلىق قەلىبلىرى يايرايدىغان مۆمىنلەر ئۈچۈن دەلىل سۈپىتىدە بىر ئايەت، بىر ھەدىس ياكى بىر ئىشەنچىلىك ئالىمنىڭ توغرا پەتىۋاسى يېتىپ ئاشىدۇ. ھەقكە ئەگىشىدىغان مۆمىنگە بىر دەلىل كۇپايە قىلىدۇ. ئەكسىچە، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان ئازغۇن، بىدئەتچى كىشىلەرگە مىڭ دەلىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ئازغۇن بىدئەتچىلەر بىر ئىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان كۆپلىگەن ئوچۇق شەرئىي چەكلىمىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەق يولىدىن چەك ئايرىپ، ئاساسسىز، بىمەنە قاراشلارغا تايىنىپ ھارامنى ھالال، بىدئەتنى سۈننەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ.
ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
قۇرئان كەرىمدىن ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىللەر
بىرىنچى دەلىل:
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ}  {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن.} (سۈرە ئىسرا، 64-ئايەت) يۇقىرىقى خىتاپ شەيتان ئاللاھقا «ماڭا قىيامەتكە قەدەر مۆھلەت بەرسەڭ، مەن ئۇلارنىڭ بەك ئازلىرىدىن باشقىسىنى ئازدۇرىمەن» دېگەندە، ئاللاھنىڭ شەيتانغا قىلغان خىتابىدۇر.
بۇ ئايەتتىكى «شەيتاننىڭ ئاۋازى» ئاۋازى زادى نېمە؟ بۇ ئايەتنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىرىلىرىدىن مەلۇم بولغىنى شۇكى، ئايەتتە بايان قىلىنغان شەيتاننىڭ ئاۋازى — ناخشا-مۇزىكىدۇر.
ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن: «ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن» يەنى ناخشا ۋە ساز ئارقىلىق، گۇناھقا باشلايدىغان تۈرلۈك چاقىرىقلار ئارقىلىق (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا) قوزغاتقىن. (تفسير الجلالين 17\64)
ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن:
بۇ ئايەتتىكى ئاۋاز ناخشىدۇر. مۇجاھىد ئايەتتىكى «ئاۋاز» دىن مەقسەت «ئويۇن-تاماشا ۋە ناخشا» دېگەن. يەنى، (ئايەت) «ئۇلاردىن كۈچۈڭ يەتكەنلىرىنى ناخشا ۋە ئويۇن تاماشا بىلەن گۇناھقا قوزغىتىپ خارلاشتۇرغىن» مەنىسىدە. (تفسير ابن كثير ٥/٩٣)
ئىمام تەبەرىمۇ، {وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ} (سۈرە ئىسرا، 64) {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن} دېگەن بۇ ئايەتتىكى «ئاۋازىڭ بىلەن قوزغات» نى ناخشا ۋە ئويۇن-تاماشا ئارقىلىق قوزغات، دېگەم مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى سەھىھ سەنەد بىلەن مۇجاھىدتىن نەقىل قىلغان. (تفسير الطبري 17\657) ئىمام تەبەرى، بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە يەنە ساھابە ئىبنى ئابباسنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت تۈرىدىن بولغان ھەر قانداق ئاۋازلارنىڭ مۇشۇ ئايەتتىكى شەيتاننىڭ ئازدۇرغۇچى ئاۋازى جۈملىسىدىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىنى بايان قىلغان. (تفسير الطبري 17\657)
ھىجرىيەنىڭ 3-ئەسىرىدە ياشىغان مەشھۇر تەپسىرشۇناس ۋە نەھۋىشۇناس ئالىم زەججاج (ت:241 ۋ:311) رەھىمەھۇللاھ {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن} ئايىتىنى «ناخشا ۋە ساز ئاۋازى ئارقىلىق (گۇناھ-مەئىسىيەتكە) قوزغاتقىن» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (معاني القرآن وإعرابه للزجاج ٣/٢٥٠)
تەپسىرشۇناس، فەقىھلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈندەك بۇ ئايەتتىكى «شەيتان ئاۋازى»نىڭ ناخشا ۋە ساز ئاۋازى ئىكەنلىكىنى، ناخشا ساز ئاۋازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، كىشىنى يامانلىققا باشلايدىغان ھەر قانداق ئاۋازلارنىڭ مۇشۇ ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى  بايان قىلغان. «ئايەتتىكى شەيتان ئاۋازى — ناخشا-ساز ئاۋازىدۇر» دەپ تەپسىرلەشنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ناخشا-مۇزىكا كەسىپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئەدەپ-ھاياغا زىت، ئىسلامغا پۈتۈنلەي قارمۇقارشى، ئەخلاقسىزلىق يولىنى تۇتقان رېئال ئەھۋالىمۇ ئوچۇق دەلىل بولىدۇ. يەنى شەيتاننىڭ ئاۋازىغا مۇپتىلا بولغۇچىلار، شەيتاننىڭ ئاۋازى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شەيتانلىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، تۈرلۈك ھارام ئىشلارنى قىلىدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئۆز ئاۋازى بىلەن ئازدۇرۇپ، ئاللاھتىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدا مېڭىشنىڭ ئۇلارنىڭ نەپسىگە ئېغىر كېلىدىغان ھەتتا كۆزىگە سەت كۆرىنىدىغان قىلىۋېتىدۇ.
ئىككىنچى دەلىل:
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ} {ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار (ئۆزلىرى ئازغاننى ئازپ دەپ، ۋەھىينى ئاساس قىلغان، ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ھەقىقىي توغرا ئىلىمدىن مەھرۇملۇق ئىچىدە،) ئىلىمسىز ھالدا ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن باتىل سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ (ۋاقىت، زېھىن-پۇل مېلىنى باتىل سۆزلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ.) بۇنداقلارغا (دوزاختا) خور قىلغۇچى جازا بار.} (لوقمان سۈرىسى، 6-ئايەت)
ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتىكى باتىل سۆزلەر قەلبنى مەشغۇل قىلىپ، قەلبنى ئەڭ ئۈستۈن مەقسەتلەرگە ئىنتىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان سۆزلەردۇر. بۇ باتىل سۆزلەرنىڭ دائىرىسىگە ھارام ھېسابلىنىدىغان، دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن پايدىسى يوق سۆزلەر، ھەقكە زىت كېلىدىغان سۆزلەر كىرىپ كېتىدۇ، ناخشا ۋە مۇزىكىمۇ مۇشۇ باتىل سۆز جۈملىسىدىندۇر. يالغانچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچىلىق تىپىدىكى سۆزلەر، ھەق ئەھلى بىلەن (ھەقتەك كۆرىنىدىغان) ناتوغرا بايانلار بىلەن مۇجادىلە قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىمۇ مانا مۇشۇ باتىل سۆزلەرنىڭ جۈملىسىدىن. بۇ خىل سۆزلەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىنسانلار پايدىسىز، باتىل سۆزلەرگە ئېسىلىش نەتىجىسىدە ھىدايەتكە باشلايدىغان سۆزلەرنى تاشلايدۇ. (تفسير السعدي ٦٤٦)
بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ}{باتىل سۆز} نى، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ناخشىدۇر، دەپ ئۈچ قېتىم ئاللاھ نامىدا قەسەم قىلغان.» (قاراڭ: تەپسىر تەبەرى، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر ۋە باشقىلار)
بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ «ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ} ناخشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. ئىمام ئىبنۇل جەۋزى تەلبىسۇل ئىبلىس ناملىق ئەسىرىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ بۇ ئايەت ھەققىدىكى مەزكۇر تەپسىرىنى ئۆزىدىن ئىبنى ئابباسقا تۇتىشىدىغان سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان. (تلبيس إبليس لابن الجوزي 1\224) بۈيۈك تابىئىنلاردىن مۇجاھىد، ئىكرىمە، ھەسەن بەسرى، قەتادە، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە ئىبراھىم نەخەئىي قاتارلىقلارمۇ بىردەك ھالدا «ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ} ناخشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. (تلبيس إبليس لابن الجوزي 1\224)
ناخشىچلار قىلمىش، ئەتمىشلىرى ئارقىلىق ئوپئوچۇق ھالدا ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ. چۈنكى، مەسخىرە يالغۇز تىل بىلەنلا بولمايدۇ. ئەڭ چوڭ مەسخىرە ھەرىكەت ئارقىلىق قىلىنغان مەسخىرىدۇر. ناخشا-مۇزىكا ئەھلىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلىگەن بەزى ئىبادەت ياكى قانۇنلارغا مەسخىرىلىك تىل ئۇزاتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ھەتتا، ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان بۇزۇقلۇق، شاللاقلىق ۋە ئازغۇنلۇقلىرىنى باشقا دىندىكى كاپىرلارمۇ ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى دىنغا زىت، ئاللاھنىڭ يولىغا زىت دەپ، ئۇلارغا قارشى چىقىدۇ.
مەھشۇر ھەنەفىي ئالىمى، تەپسىرشۇناس ئەبۇ بەكرى جەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئابباس ئاللاھ تائالانىڭ {كىشىلەر ئارىسىدا بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدىغانلار بار} ئايىتىنى «ناخشىچى قىز-ئاياللارنى سېتىۋالغۇچىلار» دەپ تەپسىرلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدمۇ مۇشۇنداق تەپسىرلىگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448)
ئۈچىنچى دەلىل:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۈرە فۇرقاندا تەقۋادار مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:
{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ.}
مەھشۇر ھەنەفىي ئالىمى، تەپسىرشۇناس ئەبۇ بەكرى جەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى «زۇر» نى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «ناخشا» دېگەن.  (أحكام القرآن للجصاص 3\448)
بۇ ئايەت توغرىسىدا باشقا ئالىملارنىڭ تەپسىرلىرى ماقالىمىزنىڭ «باشقا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالىرى» بۆلىكىدە نەقىل قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى دەلىل:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا قۇرەيش كاپىرلىرىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن:
{أَفَمِنْ هَٰذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ ‎﴿٥٩﴾‏ وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ ‎﴿٦٠﴾‏ وَأَنتُمْ سَامِدُونَ ‎﴿٦١﴾} {سىلەر بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ (قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە) يىغلاشنىڭ ئورنىغا كۈلەمسىلەر؟ سىلەر ھەقتىن يۈز ئۆرىگۈچى كىشىلەردۇرسىلەر.} (سۈرە نەجم، 59-، 60-، 61-ئايەت)
مەشھۇر تابىئىن ئالىملاردىن ئىكرىمە رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: (ئۇستازىم) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتتىكى {سَامِدُونَ} كەلىمىسى {السمود} كەلمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەمەن ئەرەپچىسىدە «ناخشا» دېگەن مەنىدە، دەپ تەپسىرلىگەن. (التفسير الوسيط، تفسير البغوي 7\421) بۇ بويىچە {سَامِدُونَ} — ناخشا بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار دېگەن مەنىگە ئىگە بولىدۇ. سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھمۇ دادىسىدىن بۇ ئايتىكى {السمود} نى ئىبنى ئابباسنىڭ «ناخشا» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (تفسير ابن كثير) قۇرەيش كاپىرلىرىغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە، قۇرئاننى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن ناخشا ئېيتىشىپ، كۈلكە-چاقچاق قىلىشقا چۈشەتتى. (تفسير القرطبي) مۆتىۋەر تەپسىرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا بۇ ئايەتتىكى مەنالارنىڭ بىرىنىڭ ناخشا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىنىغان.
كۈنىمىزدىمۇ قۇرئاندىن، ئىماندىن، تەقۋادىن ئۇزاق كىشىلەرگە قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ناخشا-مۇزىكىغا يېقىنلىقىنى كۆرىسىز. مانا بۇ شەيتاننىڭ ئۆز ئاۋازى بولغان ناخشا-مۇزىكا بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىسىدۇر.
ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى ئوچۇق بىلدۈرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر
ئەبۇ ئامىر ئەشئەرىي ياكى ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رضي الله عنهما  ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى نەقىل قىلغان: (لَيَكُونَنَّ مِنْ أُمَّتِي أَقْوَامٌ يَسْتَحِلُّونَ الْحِرَ وَالْحَرِيرَ وَالْخَمْرَ وَالْمَعَازِفَ) «ئۈممىتىمدىن زىنا- پاھىشىنى، (ئەرلەرنىڭ) يىپەكنى (كىيىنىشى)، ھاراق ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ.» (سەھىھۇلبۇخارىي 5590؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6719- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4039- ھەدىس؛ سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 91 – ھەدىس)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» (ذم الكلام للهروي 3\15)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَيَكُونَنَّ فِي هَذِهِ الْأُمَّةِ خَسْفٌ وَقَذْفٌ وَمَسْخٌ وَذَلِكَ إِذَا شَرِبُوا الْخُمُورَ، وَاتَّخَذُوا الْقَيْنَاتِ، وَضَرَبُوا بِالْمَعَازِفِ)) «بۇ ئۈممەت ئارىسىدا يەر يۇتۇپ كېتىش، ئاسماندىن تاش يېغىش ۋە ھايۋانغا ئۆزگىرىپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ. بۇ ھادىسىلەر ھاراقلاپ ئىچىلىپ، ناخشىچى ئاياللار ئوتتۇرىغا چىققان ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى چېلىنغان زامانلاردا يۈز بېرىدۇ.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 5467) موللا ئەلىي قارىي مىشكات شەرھىدە «مۇشۇ ھارام نەرسىلەر (دىن قايسى بىرى) ھالاللاشتۇرۇلغىنىدا يۇقىرىقىدەك ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دېگەن.
ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يشرب ناس من أمتي الخمر، يسمونها بغير اسمها يضرب على رءوسهم بالمعازف والقينات يخسف الله بهم الأرض، ويجعل منهم القردة والخنازير)) «ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدۇ، يانلىرىدا نەغمە – مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ئايال ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە: 5\67؛ بۇخارىي تارىخ 967- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6721- ھەدىس؛ ئىبنى ماجە 4020- سەھىھ ھەدىس)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:إِنَّ اللَّهَ تَعَالَى حَرَّمَ الْخَمْرَ وَالْمَيْسِرَ وَالْكُوبَةَ وَقَالَ: كُلُّ مُسْكِرٍ حَرَامٌ  «ئاللاھ ھاراقنى، قىمارنى، ناغرا – دۇمباقنى ھارام قىلدى.» رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق دەپ بولۇپ، «بارلىق مەست قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر» دېگەن. (ئەھمەد 2476- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5341- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 4503- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىس توپلىمى 1708 – ھەدىس)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صوتان ملعونان في الدنيا والآخرة: مزمار عند نعمة ورنة عند مصيبة)) «دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ لەنەتلەنگەن ئىككى خىل ئاۋاز باردۇر. ئۇلاردىن بىرى نېمەت-خۇشاللىق پەيتىدىكى سۇناي (قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ) ئاۋازى، يەنە بىرى مۇسىبەت پەيتىدىكى نالە-پەرياد ئاۋازىدۇر.» hedisim.com (مۇسنەد بەززار 1\377؛ ئەلبانى «چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ھاراملىقى» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» (ذم الكلام للهروي 3\15)
ساھابىلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىملاردىن ۋە ئەڭ چوڭ قۇرئان ئۇستازلىرىدىن بولغان ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (الْغِنَاءُ يُنْبِتُ النِّفَاقَ فِي الْقَلْبِ كَمَا يُنْبِتُ الْمَاءُ الزَّرْعَ) «سۇ (زېمىندا) ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەندەك، ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ.» (معرفة السنن والآثار 14\327)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ناخشا مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ «إغاثة لهفان» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان:
بىر كىشى كېلىپ مەشھۇر ساھابە ئىبنى ئابباستىن ناخشىنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سوراپ «ناخشا ھالالمۇ-ھاراممۇ؟» دېدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— ئېيتىپ باققىنە، قىيامەت كۈنى ھەق بىلەن باتىل ھازىر بولغاندا، ناخشا قەيەردە بولىدۇ؟- دەپ سورىدى. ئۇ كىشى:
— باتىل تەرەپتە بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، ھەزىرتى ئىبنى ئابباس:
— قايتقىن، (سورىغان سوئالىڭغا) ئۆزۈڭ پەتىۋا بەردىڭ دېدى. (إغاثة لهفان 313)
تابىئىنلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
چوڭ تابىئىن ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىككى ئاۋاز باردۇركى، گۇناھ ۋە زىنا-پاھىشە تۈرىدىندۇر. ئۇنىڭ بىرى نېمەت پەيتىدىكى ئاۋاز، يەنە بىرى مۇسىبەت پەيتىدىكى ئاۋازدۇر. مۇسىبەت پەيتىدىكى ئاۋاز — يۈزىنى موتاپ، ياقىلارنى يىرتىش ۋە چاچلارنى يولۇپ، شەيتاندەك ۋارقىراپ-جارقىراشتۇر؛ نېمەت پەيتىدىكى ئاۋاز بولسا — پايدىسىز ئويۇن تاماشا بىلەن  شەيتاننىڭ نېيىدۇر.» (راۋىي: بۇلار لەنەت قىلىنغان ئاۋازلاردۇر، دېگەنلىكىنىمۇ قوشۇپ رىۋايەت قىلغان.) (الجامع لمعمر بن راشد 19743) * ھەسەن بەسرىنىڭ ئانىسى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمىتىنى قىلغان ئاياللاردىن بولۇپ، ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز ھەسەن بەسرىنىڭ ئانىسىنى بەزى ھاجەتلىرى ئۈچۈن بۇيرۇغىنىدا، ئانىسى كېلىپ بولغۇچە بوۋاق ھالىتىدىكى ھەسەن بەسرى ئېچىرقاپ يىغلاپ كەتكەندە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەسەن بەسرىنى نەچچە قېتىملاپ ئەمگۈزگەن.
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇرنى» ناخشا ۋە ئۆلۈككە ماتەم تۇتۇپ، قوشاق توقۇپ يىغلاشنى كۆرسىتىدۇ، ئايەتتە ماختالغان كىشىلەر ئۆلۈككە قوشاق توقۇپ ماتەم تۇتۇپ يىغا-زارە قىلىشتىن قەلبى ھەسرەتكە تولمايدۇ، ناخشىغا مايىل بولۇپ، ناخشا ئاڭلاپ قەلبى خۇرسەن بولمايدۇ، (بۇ خىل سورۇنلارغا ھازىر بولمايدۇ)، ئۇلارنىڭ قەلبى ناخشىغا مايىل بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير ابن أبي حاتم ٨/٢٧٣٧)
بۈيۈك تابىئىن ئالىم سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ناخشىنى ئۆچ كۆرىمەن.» (الجامع لمعمر بن راشد 19743)
بۈيۈك تابىئىن ئالىم ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ.» (المصنف – ابن أبي شيبة – ت الحوت ٤/٣٦٨)
تۆت ئىمامنىڭ ناخشا-مۇزىكىنى ئىنكار قىلىشى
ئىسھاق ئىبنى ئىيسا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
مەن ئىمام مالىك (تۇغۇلۇشى: 93 ۋاپاتى: 179) رەھىمەھۇللاھتىن مەدىنىلىكلەرنىڭ ناخشىغا رۇخسەت قىلغىنىنى سورىسام، ئىمام مالىك ماڭا «ئۇنىڭ بىلەن (يەنى ناخشا بىلەن) پەقەت ئارىمىزدىكى پاسىقلارلا شۇغۇللىنىدۇ» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر للخلال ١\٦٥؛ ضياء الدين المقدسي: اتباع السنن واجتناب البدع ١/٦٥؛  تفسير القرطبي ١٤/٥٥؛ الاستقامة ١/٢٧٣)
ئىمام شافىي (ۋاپاتى: 204) رەھىمەھۇللا «ئەلئۇم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر كىشى ئوغرىلىغان مالنىڭ قىممىتى چارەك دىينارغا يەتسە، ئوغرىلىغان نەرسىسى مەيلى قۇرئان بولسۇن، مەيلى قىلىچ بولسۇن، ياكى باشقا ئېلىپ-سېتىلىشى ھالال بولغان نەرسە-كېرەكلەر بولسۇن، (چارەك دىنارغا تەڭداش، ئېلىپ سېتىلىشى ھالال بولغان نەرسىنى ئوغرىلىغان) كىشىنىڭ قولى كېسىلىدۇ. ئەگەر ئوغرىلىغىنى ھاراق ياكى چوشقا بولسا، ۋە ياكى تەمبۇر (قاتارلىق تارىلىق سازلار)، سۇناي (قاتارلىق پۈۋلەپ چېلىنىدىغان سازلار) بولسا، بۇلارنى ئوغرىلىغۇچىنىڭ قولى كېسىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش ھارام.» (الأم 6\159)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن زىندىقلارنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكىرىدىن توسۇش ئۈچۈن ۋە قۇرئان قىرائەت قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن تەغبىيرنى* ئوتتۇرىغا چىقارغىنىنى كۆردۈم.» (الأزهري: تهذيب اللغة 7\123)
مەشھۇر ئەرەپ لۇغەتشۇناس ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ئەزھەرىي، ئىمام شافىي تىلغا ئالغان «تەغبىير» نىڭ شېئىر قوشاقلار بىلەن ئاخىرەتنى كۈيلەپ، كىشىلەرنى ئاخىرەتكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قوشاقسىمان ناخشا قوشاقلارنى ئوقۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ ھالەتتە ئۇياق بۇياققا پىرقىراپ ئۇسۇل ئوينىشىپ خۇشاللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (الأزهري: تهذيب اللغة 7\123) ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان تەغبىيرنى ناخشىنىڭ بىر تۈرىدۇر، دېگەن. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئىمام شافىي تىلغا ئالغان تەغبىيرچىلەرنىڭ ئىنچىكە كالتەكلەر بىلەن تېرە (دۇمباق قاتارلىق) نەرسىلەرگە ئۇرۇپ يۇقىرىقىدەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئىمام ئەھمەدنىڭ تەغبىيرنى بىدئەت دېگەنلىكىنى، تەغبىير بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىغا ھۆكۈم بەرگىنىنى قەيت قىلغان.(المسائل والأجوبة لابن تيمية ١/١٦٠) داقا دۇمباق چېلىشىپ ئاللاھنى، ئاخىرەتنى كۈيلەشمەكچى بولغان كىشىلەرنى «زىندىقلار» دېگەن ئىمام شافىي، كۈنىمىزدىكى ئاجايىپ غارايىپ شەيتان نەغمىلىرى بىلەن، ئۇسسۇل-تانسىلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارنى كۆرسە نېمە دەر بولغۇيتتى ھە!؟
ئىمام شافىي (باغداتتىن مىسىرغا كەلگەندە) تەغبىير ھەققىدە يەنە مۇنداق دېگەن:
«باغداتتىن ئايرىلغىنىمدا ئۇ يەردە زىندىقلار پەيدا قىلغان، تەغبىير دېيىلىدىغان بىر ئىشنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ئۇ زىندىقلار تەغبىير ئارقىلىق كىشىلەرنى قۇرئاندىن مەھرۇم قويۇشاتتى.» (الاستقامة ١/٢٩٧)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ. مەن ئۇنى يامان كۆرىمەن.» (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر – من «الجامع» للخلال 1\65)
ئىمام ئەبۇ بەكرى خەللال (ۋاپاتى: 311) مۇنداق نەقىل قىلغان:
ئىمام ئەبۇ بەكرى مەررۇزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
مەن ئىمام ئەھمەدتىن (ۋاپاتى:241) تەمبۇرنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورىسام، ئىمام ئەھمەد: «سۇندۇرىۋېتىلىدۇ» دېدى. «كىچىك بالىلار ئوينايدىغان تەمبۇر بولسىچۇ؟» دەپ سورىسام، «ئوخشاشلا سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ، ئەگەر (كىچىك بالىنىڭ تەمبۇرى) كۆزۈڭگە چېلىقسا سۇندۇرۇۋېتىسەن» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ)
تەرسۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ يولدا كېتىۋېتىپ تارىلىق سازغا ئۇچراپ، ئۇنى چېقىۋەتكىنىنى كۆردۈم. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ)
ئۆمەر ئىبنى ھۇسەين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئابدۇللاھ ئىبنى نەسىرگە تەۋە بىر خىزمەتكار بالىنىڭ قولىدىكى تەمبۇرنى چېقىۋەتتى. خىزمەتكار بالا خوجايىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ «ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل تەمبۇرنى چېقىۋەتتى» دېۋىدى، خوخايىنى ئۇنىڭدىن «سەن ئۆزۈڭنىڭ مېنىڭ خىزمەتكارىم ئىكەنلىكىڭنى ئۇ زاتقا ئېيتتىڭمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، بالا «ياق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خوجايىنى «كەتكىن، سېنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلىۋەتتىم» دېدى.(الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ)
يەھيا ئىبنى يەزداد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن «بىر كىشى باشقا بىرىنىڭ قولىدا ئۇد* ياكى تەمبۇر كۆرسە، ئاندىن ئۇنى چېقىۋەتسە، قىلغىنى توغرىمۇ خاتامۇ؟ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن بىرەر تۆلەم كېلەمدۇ؟» دەپ سورىلىۋىدى، «چېقىۋەتسە ياخشى قىلغان بولىدۇ. چېقىۋەتكىنى ئۈچۈن ھېچقانداق تۆلەم كەلمەيدۇ» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ) * ئۇد قازاقلارنىڭ دومبۇرىسىغا ئوخشايدىغان تارىلىق سازنىڭ ئىسمى.
ئەھمەد ئىبنى دەۋرەقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن  ۋەكىي ئىبنى جەرراھنىڭ (ۋاپاتى: 196) «تەمبۇرنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ چېقىۋەت، ئىبنى ئۆمەر مۇشۇنداق قىلغان» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. ( الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ) * ۋەكىي ئىبنى جەرراھ ئىمام ئەھمەد، ئابدۇراھمان مەھدىي قاتارلىق بۈيۈك ئىماملارنىڭ ئۇستازلىرىدىندۇر. يەھيا ئىبنى مەئىي مۇنداق دېگەن: ۋەكىي ئۆز زامانىسىنىڭ ئەۋزائىيسىدۇر. (سير أعلام النبلاء 9\141)
ھەنەفىي ئالىم ئەبۇ بەكرى جەسساس (ھەنەفىي) تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇر» نى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «ناخشا» دېگەن. ئىبنى ئابباس ئاللاھ تائالانىڭ {كىشىلەردىن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدىغانلار بار} ئايىتىنى «ناخشىچى قىز-ئاياللارنى سېتىۋالغۇچىلار» دەپ تەپسىرلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدمۇ مۇشۇنداق تەپسىرلىگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى (ۋاپاتى: 159) «ھاراق-شاراپنى ئىچىشنى داۋام قىلغۇچىنىڭ، خېنىم مىجەز\ غىتمەك ئەركىشىنىڭ، كەپتەرۋازنىڭ، ناخشا بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ، ناخشىكەش ئايالنىڭ (ۋە ئەرنىڭ)، پۇل بەرسە ھازا تۇتۇپ يىغلاپ بېرىدىغان ھازىكەشنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن. (الأصل لمحمد بن الحسن، 11\511)
ماترۇدىيلارنىڭ ئىمامى ئەبۇ مەنسۇر ماترۇدى (ھەنەفىي) (ۋاپاتى: 333) ئۆز تەپسىرىدە ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتنى «زۇر» دېگەن ناخشىدۇر، مەنىسى: (ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى) ناخشا ئېيتىلىدىغان جايلاردا ھازىر بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير الماتريدي – تأويلات أهل السنة ٨/‏٤٣)
ھىجرىي 9-ئەسىردە ياشىغان مول ھوسۇللۇق ئالىم ئىمام سۇيۇتى (تۇغۇلۇشى: 849 ۋاپاتى: 911) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ناخشىنى يامان كۆرەتتى، ناخشا ئاڭلاشتى گۇناھ دەپ بىلەتتى.» (حقيقه السنة والبدعة 103)
باشقا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالىرى
7-ئەسىردە ياشىغان لۇغەتشۇناس، فىقىھشۇناس، تەپسىرشۇناس، ھەنەفىي ئالىم زەينىددىن رازى (ۋاپاتى: 660) مۇنداق دېگەن:
چالغۇ ئەسۋابلىرى (دىن چىققان مۇزىكىلارنى) ئاڭلاش پۈتۈنلەي ھارام. بۇنداق سازلارنىڭ ئاۋازى توساتتىن قۇلىقىغا كىرىپ قالغان كىشى ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق كىشى ئىمكانقەدەر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىققا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. داپ چېلىش تويدا نىكاھنى ئېلان قىلغاندا دۇرۇس بولىدۇ. (تحفة الملوك لالرازي اللغوي 237)
ھىجرىي 3-ئەسىردە ياشىغان، ئۆز دەۋرىدە بالاغەت ۋە نەھۋى ساھەسىدە ئەڭ ئۈستۈن نوپۇز تىكلىگەن ئالىم، (ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ زاماندىشى) ئىمام مۇھەممەد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 285) «ئەلكامىل» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇر»نى ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد «ناخشا» دەپ تەپسىرلىگەن. (الكامل في اللغة والأدب ٣/١٨١)
ئىمام بەغەۋى (مۇھەددىس، فەقىھ، شافىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«مۇجتەھىد ئىماملار چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن.» «شرح السنة» (12/383)
ئىمام بەغەۋى (شافىي) يەنە مۇنداق دېگەن: «تەمبۇر قاتارلىق تارىلىق مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنىڭ، سۇناي قاتارلىق پۈدلەپ چېلىنىدىغان مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنىڭ ھەرقاندىقىنى سېتىش پۈتۈنلەي ھارام.» (شرح السنة 8\28)
ئەللامە ئابدۇرراھمان قاسىم (ھەنبەلىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
بەك كۆپ ئىسلام ئۆلماسى، ھىدايەت ئىماملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى «ناخشا ھارام، مۇزىكا ئەسۋاپلىرى ھارام، مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلاش ۋاجىپ، بۇنداق قىلغۇچىغا تۆلەم كەلمەيدۇ (يەنى مۇزىكا ئەسۋابىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغۇچى كىشىنىڭ پۇل-مېلىغا زىيان سالغان دەپ ئەيىپلەنمەيدۇ ۋە تۆلەم تۆلىمەيدۇ)» دەپ ھۆكۈم بەردى. ئۆلىمالار «ئەگەر ناخشىغا ناغرا، سۇناي، داقا-دۇمباق، ۋەياكى تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى تەڭكەش بولسا، بۇ ئىجما بىلەن ھارامدۇر» دېيىشتى. (الدرر السنية في الأجوبة النجدية، 15\109)
ھىجرىي 5- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك فەقىھ، تەپسىرشۇناس، ئۇسۇل فىقىھ ئۇستىسى، سىياسەتشۇناس؛ شافىي مەزھىبىنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن (ئەبۇلھەسەن) ماۋەردى (ۋاپاتى:450) مۇنداق دېگەن:
ئۇد (دەستىسى قىسقارتىۋېتىلگەن دۇتارغا ئوخشايدىغان ساز)، تەمبۇر قاتارلىق تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى، نەي، سۇناي قاتارلىق (باشقا نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇشقا ھاجەتسىز ھالدا) ئۆز ئالدىغا ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى ھارامدۇر. (الحاوي الكبير 17\191)
4-ئەسىردە ياشىغان مالىكىي ئالىمى، قازى، تەپسىرشۇناس بەكر ئىبنۇل ئەلا (ۋاپاتى: 344) ئۆز تەپسىرىدە ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} ئايىتىنى تەپسىرلەپ، كاتتا تابىئىن ئالىم، فەقىھ مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەنىڭ (بۇ زات ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى) بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نى ناخشا دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (أحكام القرآن 1453)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەمۇ (ۋاپاتى: 728) بۇ ئايەتنىڭ مەنلىرىدىن بىرىنىڭ ناخشا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. (اقتضاء الصراط المستقيم لمخالفة أصحاب الجحيم ١/‏٤٨٠)
بۈيۈك تابىئىن ھەسەن بەسرى {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇرنى» ناخشا ۋە ئۆلۈككە ماتەم تۇتۇپ، قوشاق توقۇپ يىغلاشنى كۆرسىتىدۇ، ئايەتتە ماختالغان كىشىلەر ئۆلۈككە قوشاق توقۇپ ماتەم تۇتۇپ يىغا-زارە قىلىشتىن قەلبى ھەسرەتكە تولمايدۇ، ناخشىغا مايىل بولۇپ، ناخشا ئاڭلاپ قەلبى خۇرسەن بولمايدۇ، (بۇ خىل سورۇنلارغا ھازىر بولمايدۇ)، ئۇلارنىڭ قەلبى ناخشىغا مايىل بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير ابن أبي حاتم ٨/٢٧٣٧)
تەپسىرشۇناسلارنىڭ ئىمامى، مۇجتەھىد فەقىھ، ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرى (ۋاپاتى: 310) ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ.} مۇجاھىد بۇ ئايەتنى «ئۇلار ناخشا ئاڭلىمايدۇ» دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير الطبري جامع البيان، 19\313)
ئىمام زەھەبى مۇجاھىد ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
مۇجاھىدنىڭ ئىماملىقى ۋە قۇرئان ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ ھۆججەت بولىدىغانلىقىدا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاققا كەلگەن. مۇجاھىد 104-يىلى مەككىدە سەجدە ھالىتىدە ۋاپات تاپقان. (التهذيب ١٠/٤٢- ٤٤)
يۇقىرىدا زىكىر قىلغىنىمىزدەك، مانا مۇشۇ بۈيۈك مۇپەسسەر ئالىم مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتنى ئىبنى زەيد ۋە ئىبنى جەرىرنىڭ نەقىل قىلغىنىدەك «ئۇلار ناخشا ئاڭلىمايدۇ» دەپ تەپسىرلىگەن. ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرىمۇ بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نىڭ ناخشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (تفسير الطبري جامع البيان، 19\314)
ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىممۇ مۇشۇ ئايەتتىكى «زۇر»نى مۇجاھىدنىڭ «ناخشا» دەپ تەپسىرلىگىنىنى سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان. (تفسير ابن أبي حاتم، ٨/٢٧٣٧)
ھىجرىيەنىڭ 3-ئەسىرىدە ياشىغان مەشھۇر تەپسىرشۇناس ۋە نەھۋىشۇناس ئالىم زەججاج (ت:241 ۋ:311) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
{لَا يَشْهَدُونَ الزُورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} بۇ ئايەت «(ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى) ئويۇن-تاماشا، گۇناھ-مەئسىيەت ئەھلى بىلەن ئولتۇرمايدۇ» دەپ تەپسىرلىنىدۇ.
يەنە {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} ئايىتىدىكى «زۇر» ناخشا سورۇنلىرىدۇر، دەپمۇ تەپسىرلىنىدۇ. (معاني القرآن وإعرابه لالزجاج 4\77)
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420) {وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نى ناخشا ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى، دېگەن. (مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 3/ 391) بۇنداق بولغاندا، مەنە «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى ناخشىدىن ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى بىلەن ساز چېلىشتىن ياكى ئۇنىڭدا چېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاشتىن ئۇزاق تۇرىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.
5- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك فەقىھ، شافىي فەقىھلىرىنىڭ كاتتىلىرىدىن ئىمام (ئەبۇلھەسەن) ماۋەردى (ۋاپاتى:450) مۇنداق دېگەن:
{وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ} {كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باتىل سۆزلەرنى سېتىۋالىدىغانلار بار} (سۈرە لوقمان، 6-ئايەت) بۇ ئايەتنىڭ تۆت خىل تەپسىرى بار. (1) ئايەتتىكى {باتىل سۆز} ناخشىدۇر. بۇ ئىبنى مەسئۇدنىڭ، ئىبنى ئابباسنىڭ، ئىكرىمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە قەتادەنىڭ تەپسىرىدۇر. (2) ئايەتتىكى {باتىل سۆزلەرنى سېتىۋېلىش} ناخشىكەش قىز-ئاياللارنى سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. (3) چالغۇ ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىشتۇر… (الحاوي الكبير 17\190) ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئېيتقىنىدەك، سەلەپ تەپسىرشۇناسلارنىڭ تەپسىرلىرى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. تەپسىرشۇناسلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىلىم قۇۋۋىتى ۋە چۈشەنچىسىگە كۆرە، ئايەتنى ئۇلار چۈشىنىدىغان شەكىلدە، ئوبرازلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزىدە مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرسە، بەزىدە يەنە بىر تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. (اقتضاء الصراط المستقيم لمخالفة أصحاب الجحيم ١/٤٨٠)
يۇقىرىدا نەقىل قىلغىنىمىزدەك، ئىمام ماۋەردى چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى ھارام دېگەن بولۇپ، ئۇ زات بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىدا، چالغۇ ئەسۋاپلىرىسىز ھالدا، ھالال مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئاڭلىغۇچى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
ناخشا ئاڭلىغۇچى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. (1) ناخشا-مۇزىكىغا دۈم چۈشكەن كىشى.. بۇنداق بىرى ئەخمەقتۇر، گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (2) ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بەزى ھاللاردا، ئاندا-ساندا مۇباھ مەزمۇندىكى، چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن ئۇزاق ھالدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ قويىدىغان كىشى. ناۋادا بۇنداق كىشى ئۆزىگە نامەھرەم يات ئاياللارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىمايدىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. (3) جىق دېسە جىق ئەمەس، ئاز دېسە ئاز ئەمەس دەرىجىدە ناخشا ئاڭلايدىغان كىشى. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قارىلىدۇ. ئەگەر ناخشا ئاڭلاش بىلەن تونۇلغان (يەنى كىشىلەرگە ناخشا ئاڭلىغانلىق بىلەن بىلىنگەن) بىرى بولسا، بۇ ئەخمەقتۇر، شاھادىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر ناخشا ئاڭلاش بىلەن تونۇلمىغان بولسا، ئادىللىق سۈپىتىنى يوقاتمىغان دەپ قارىلىپ، شاھادىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. (الحاوي الكبير 17\193)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ناخشا — زىنانىڭ ئەلچىسىدۇر، بۇزۇقچىلىقنىڭ ۋە يامان ئىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبتۇر.» (مجموع الفتاوى 10\418)
14-ئەسىردە (يەنى مۇشۇ ھىجرىي ئەسىردە) ياشىغان (10 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان) فىقھى ئەسەرلەرنى يازغۇچى، دوكتور ۋەھبە زۇھەيلى مۇنداق دېگەن:
راۋاپ-تەمبۇر، ناغرا-سۇناي قاتارلىق بارچە چالغۇ ئەسۋاپلىرى مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسىدە ھارامدۇر. (الفقه الإسلامي وأدلته للزحيلي ٤/٢٦٦٤) ھەنەفىي مەزھىبىدىكى ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىدىكى ئالىملاردىن بەزىلىرى چالغۇ ئەسۋاپلىرىدىن خالىي ھالدىكى ناخشىلارنى تىڭشاشنىمۇ ھارام دەپ قارىغان. چۈنكى، ساھابە ئىبنى مەسئۇد «ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ» دېگەن. (الفقه الإسلامي وأدلته للزحيلي ٤/٢٦٦٤)
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھاراق بىلەن نەغمە-ناۋا ئىمىلداش قېرىنداشلاردۇر. ھاراق ئەقىلنى نابۇت قىلىدۇ، نەغمە-ناۋا قەلبنى نابۇت قىلىدۇ.» (إغاثة اللهفان)
سەلەپنىڭ مەشھۇر ئالىمى فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ناخشا — زىنانىڭ ئەلچىسىدۇر.» (تلبيس إبليس لابن الجوزي)
— مۇجتەھىد تورى
The post ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
نامەھرەم ئايالغا قارىسام گۇناھ بولامدۇ؟
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئىمام سۇيۇتى (ۋاپاتى: ھ 864) رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە  {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا} {(ئايال كىشى) زىننىتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنىدىن باشقىسىنى ئاشكارىلىمىسۇن} ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى ھۆكۈم بويىچە، ئەركىشى پىتنىدىن قورقسۇن قورقمىسۇن،  يات ئايالغا قارىشى ھارام. چۈنكى، ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈرۈش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتتۇر. پىتنىگە پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇ (يەنى يات ئايالغا شەھۋەتسىز ھالدا بولسىمۇ قاراش ھارام دېگەن ھۆكۈم) تاللىنىدىغان توغرا ھۆكۈمدۇر. (تفسير الجلالين 462)
پىتنە — ئۇ يات ئايالغا قاراش سەۋەبلىك ئۇنىڭ يا يۈزىدىن، يا قولىدىن ياكى باشقا ھەر قانداق يېرىدىن لەززەت ھېس قىلسا؛ ياكى شەھۋىتى ئويغانسا، ياكى ئۇ ئايالغا دىلى مايىل بولسا، ئۇ ئايال بىلەن ئۇچرىشىش، پاراڭلىشىش ئۈمىدىدە بولسا؛ ھەتتا ئۇ ئايالنى تۇتۇشنى، سۆيۈشنى ياكى زىنا قىلىشنى خىيالىدىن ئۆتكۈزسە، ۋەياكى مۇشۇنىڭغا پۇرسەت ئىزدەشكە چۈشسە؛ ياكى قارىغاندىن كېيىنكى چاغلاردا ئۇ ئايال خىيالىغا كىرىۋېلىپ قەلبىنى مەشغۇل قىلسا … مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى پىتنىدۇر. يات ئايالغا ئۆزى خالاپ تۇرۇپ قەستەن قارىغان قايسى بىر ئەر بۇ پىتنىلەرنىڭ ھېچقايسى بىرىگە چۈشۈپ قالمايمەن دەپ ھۆددە قىلالايدۇ؟ بۇ ۋەجىدىن، ئەر كىشى يات ئايالغا قاراشتىن تامامەن ئۆزىنى تارتىش بىلەن بىرگە، ئايال كىشىمۇ يات ئەرنىڭ ئۆزىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارچە يوللۇق سەۋەپلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى پەرزدۇر. بۇ سەۋەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى، ئايال كىشىنىڭ چوققىسىنىڭ ئۇچىدىن تىرنىقىغا قەدەر بەدىنىنىڭ ھېچ يېرىنى نامەھرەم كۆرەلمەيدىغان شەكىلدە كامىل ھىجاپلىنىشىدۇر؛ يەنە بىرى ئۆز ئۆيىنى لازىم تۇتۇشى، جىددىي زۆرۈرىيەتسىز ھالدا سىرتلاردا يۈرۈشتىن ساقلىشىنىدۇر. ھەر ئىككىسىنى ئاللاھ قۇرئاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۈننىتىدە بۇيرۇغان.
ئىمام رەملى ئەششافىي رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 957) مۇنداق دېگەن: (حرم النظر إلى المنتقبة التي لا يبين منها غير عينيها ومحاجرها ، ولا سيما إذا كانت جميلة ، فكم في المحاجر من خناجر) كۆزى ۋە كۆز چانىقىدىن باشقا يېرىنى كۆرسەتمەي ئورانغان نىقابلىق ئايالغا يات ئەر كىشىنىڭ قارىشى ھارام. بۇ ئايال گۈزەل ئايال بولغان تەقدىردە تېخىمۇ شۇنداق. نۇرغۇنلىغان كۆزلەر خەنجەر جۈملىسىدىندۇر. (يەنى خەنجەر ئىنساننى ئۆلتۈرگەندەك، نامەھرەم ئايال كىشىنىڭ قاش-كۆزىگە قاراش كىشىنىڭ ئىپپىتىنى ۋە دىنىنى ئۆلتۈرىدۇ.) نهاية المحتاج (6/188)
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشى پىتنىدىن قورقمىغان تەقدىردىمۇ ئايال كىشىنىڭ يۈزىگە، ياكى قولىغا ياكى باشقا ئەزاسىغا شەۋھەتسىز قارىشىمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس.» (شرح صحيح المسلم)
ئاللاھ تائالا ئەرلەرنىڭ نامەھرەم ئاياللارغا ۋە باشقا ھارام نەرسىلەرگە قاراشنى چەكلىگەن.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ﴾
{مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى كۆزلىرىنى يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى قوغدىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.} — سۈرە نۇر، 30-ئايەت
بۇ ئايەتنىڭ «زادۇل مەسىير» تەپسىرى بويىچە قىلىنغان قىسقىچە، چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى:
{مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى كۆزلىرىنى (ھارامدىن1) يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھالال بولمىغان شەخسلەردىن، نەرسىلەردىن ياكى ئىشلاردىن2) قوغداپ مۇھاپىزەت قىلسۇن. بۇ (يەنى كۆزنى ھارامدىن يۇمۇش، ئەۋرەتلەرنى ھارامدىن مۇھاپىزەت قىلىپ قوغداش3) ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ پاكتۇر. (تېخىمۇ خەيرلىكتۇر ۋە پەزىلەتلىكتۇر.4) شەكسىزكى ئاللاھ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن (يەنى كۆزلىرى ۋە ئەۋرەتلىرى ئارقىلىق قىلغانلىرىدىن5) خەۋەرداردۇر.} [1.2.3.4.5-زادۇل مەسىير تەپسىرى]
ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتتە كۆزىنى ھارامغا قاراشتىن توسۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — ھارامغا قاراشنىڭ قەلبنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. بەزى سەلەپ ئالىملىرى «ھارامغا قاراش قەلبكە تېگىدىغان زەھەرلىك ئوقتۇر» دېگەن. بۇ ۋەجىدىن، ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىپپەت-نومۇسنى قوغداشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئىپپەت-نومۇس چەك-چېگىراسىدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولغان — كۆزلەرنى ھارامدىن ساقلاشقىمۇ بۇيرۇغان. (تفسير البغوي)
ئىمام مۇسلىم سەھىھۇل مۇسلىمدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن (يات ئايالغا ياكى قارىشى ھارام بولغان ئىشلارغا، نەرسىلەرگە) توساتتىن قاراپ قېلىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ (بۇنداق ئەھۋالدا) كۆزۈمنى باشقا تەرەپكە قارىتىۋېلىشىمنى بۇيرۇدى. hedisim.com (مۇسلىم 2159؛ ئەبۇ داۋۇد 2148؛ تىرمىزى 2776؛ ئەھمەد 6\358؛ ئىبنى ھىببان 5571)
بۇ ھەدىسنى مۇشۇ لەۋز بىلەن ئىمام ئەھمەد ھۇشەيمدىن، ئۇ يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدتىن رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزىمۇ بۇنى ھۇشەيمدىن نەقىل قىلغان. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىس باشقا بەزى ھەدىس ئىماملىرىنىڭ رىۋايىتىدە «بېشىڭنى ئېگىپ ئالدىڭغا قارىۋال، دېدى» شەكلىدىمۇ كەلگەن بولۇپ، مەنىسى: (يات ئايالغا ئىختىيارسىز قاراپ قالساڭ) يەرگە قارىۋال، دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، (قەستەنسىز ھالدا قارىشى ھارام بولغانلارغا قاراپ قالغاندا) كۆزنى باشقا ياققا ئېلىپ قېچىش تېخىمۇ ئومۇمىي ئىپادە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، كۆزنى باشقا ياققا ئېلىپ قېچىش — يەرگە قارىۋېلىشنىمۇ، باشقا ياققا قارىۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگىچىدۇر.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئى ئەلىي! (ھارامغا قەستەنسىز ھالدا) بىر قاراپ قېلىشنىڭ ئارقىسىدىن، يەنە بىر قېتىم قارىما. چۈنكى، بىرىنچىسى گۇناھ بولمىغان بىلەن، ئىككىنچىسى گۇناھتۇر» دېدى. hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 2149؛ تىرمىزى 2777؛ ئەھمەد 5\351؛ ھاكىم 2\194؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى «مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ» دېگەن)
سەھىھۇل بۇخارىدا ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «يول بويىدا ئولتۇرۇۋالماڭلار» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! يول بويىدا ئولتۇرۇپ قېلىش بىزلەر ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشتۇر» دېدى. نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «يول بويىدا ئولتۇرۇۋالماسلىقنى قوبۇل قىلمىدىڭلار، ئۇ ھالدا يولنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «يولنىڭ ھەققى نېمە؟ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «يولنىڭ ھەققى — كۆزنى (ھارامغا قاراشتىن) ساقلاش، يولدا ماڭغۇچىلارنى راھەتسىز قىلىدىغان نەرسىلەرنى يولدىن نېرى قىلىش، بېرىلگەن سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشتۇر» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 6229؛ ئەھمەد 3\36؛ ئىبنى ھىببان 595)
ئىمام ئەبۇل قاسىم بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ئۇمامە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ماڭا ئالتە ئىشنى قىلماسلىققا كېپىل بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كېپىل بولاي: سىلەردىن ھەركىم سۆزلىگەندە يالغان سۆزلىمىسۇن؛ ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئامانەت قىلىنسا، ئامانەتكە خىيانەت قىلمىسۇن؛ ۋەدە قىلسا، ۋەدىسىدە تۇرسۇن؛ كۆزۈڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار، قوللىرىڭلارنى (ھارامدىن) ئۇزاق تۇتۇڭلار ۋە ئىپپىتىڭلارنى ساقلاڭلار.» hedisim.com (تەبرانى: ئەلكەبىر 8018؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 2560؛ ھەيسەمى 10\301؛ سەنەدىدە فەددال ئىبنى زۇبەير بار؛ فەددال ئىبنى جۇبەير ئىكەنلىكىمۇ سۆزلەنگەن، زەئىپ راۋىي دېيىلگەن؛ لېكىن ھەدىسنىڭ شاھىدى بار.-ئابدۇرازاق مەھدى: تەپسىر ئىبنى كەسىر تەخرىجى)
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ((من يكفل لي ما بين لحييه وما بين رجليه ، أكفل له الجنة)) «كىم ماڭا ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى بىلەن (يەنى ئەۋرىتى بىلەن) ئېڭىكى ئارىسىدىكىنى (يەنى تىلىنى ھارامدىن) ساقلاشقا كېپىل بولسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كېرىشىگە كېپىل بولىمەن.» hedisim.com (بۇخارى 6474؛ تىرمىزى 3408)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎﴿مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ﴾‏ «كىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» (سۈرە نىسا، 80)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: {وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ} «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» (سۈرە ھەشر، 7)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ} «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلار (دۇنيادا) بىر بالا-قازاغا مۇپتىلا بولۇشتىن، ۋەياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق جازاغا ئۇچراشتىن قورقسۇن.» (سۈرە نۇر، 63)
ئىمام ئىبنى كەسىر {مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى يىغسۇن} ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:
كۆپلىگەن سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ئۇلار (يەنى ئۆزى ئىلىم ئالغان ئۆزىدىن چوڭ سەلەپ ئىماملىرى) ئەر كىشىنىڭ يۈزىگە ساقال بۇرۇت چىقمىغان ئۆسمۈر بالىغا تىكىلىپ، دىققەت قىلىپ نەزەر سېلىشىنى چەكلەيتتى. بۇ جەھەتتە سوپىلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن نۇرغۇنى ئىشنى ناھايىتى چىڭىتقان. بىر گۇرۇپپا ئەھلى ئىلىم يۈزىگە ساقال بۇرۇت چىقمىغان ئۆسمۈر بالىغا (بۇ شەكىلدە) قاراشنى ھارام دېگەن. چۈنكى، بۇ كىشىنىڭ پىتنىگە چۈشىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. باشقا ئالىملارمۇ ئەر كىشىنىڭ يۈزىگە ساقال-بۇرت چىقمىغان ئوغۇل بالىغا تىكىلىپ قارىشىنى يامان كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن توسقان. (تفسير ابن كثير)
ئۆلىمالار ئەرلەرنىڭ يات ئايالغا قارىشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بۇرۇتى خەت تاتمىغان ياش ئوغۇل بالىغا تىكىلىپ قاراشىنىمۇ چەكلىگەن تۇرسا، ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى قانداقمۇ دۇرۇس بولسۇن؟
يۇقىرىقى ئايەت ھەدىسلەرنىڭ ئۆزىلا ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ.
نامەھرەم ئايالغا قاراش ھارام دېگەن ئالىملار ئىلگىرىكى سائادەت دەۋرىدە ياشىغان ئالىملار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. دىنىدىكى ھاراملار زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھاراملىق دائىرىسىدىن چىقىپ ھالال بولۇپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، كۈنىمىزدىكى بەك كۆپ ئالىممۇ ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشىنى ئوخشاشلا ھارام دېگەن. زامانىمىزدا ھايات ياشاۋاتقان مەشھۇر ئالىم سالىھ ئەلفەۋزان «ئايال كىشىگە شەھۋەتسىز قاراش دۇرۇسمۇ؟» دەپ سورالغان سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
دۇرۇس ئەمەس. (ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە) {قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ} «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى (نامەھرەم ئاياللارغا ۋە باشقا تۈردىكى ھاراملارغا قاراشتىن) ساقلىسۇن.» (سۈرە نۇر، 30-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) (بۇ سەۋەبلىك) نامەھرەم ئاياللارغا قاراش ھارام. (مصدر الفتوى: المنتقى من أخبار المصطفى لمجد الدين ابن تيمية رحمه الله/ السبت/٢١- جمادي الآخرة -١٤٤١هـ)
— مۇجتەھىد تورى تارقاتتى
The post نامەھرەم ئايالغا قارىسام گۇناھ بولامدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post نامەھرەم ئايالغا قارىسام گۇناھ بولامدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئەر كىشى ئالتۇن سائەت تاقىسا بولامدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى
ئەر كىشى ئالتۇن سائەت تاقىسا دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى
سوئال: ئەر كىشى بېلىكىگە ئالتۇن سائەت تاقىسا دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەر كىشىنىڭ ئالتۇن سائەت تاقىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«أحل الذهب لإناث أمتي وحرم على ذكورها»«ئالتۇن — ئۈممىتىمنىڭ ئاياللىرىغا ھالال قىلىنىپ، ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى.» (ئىمام ئەھمەد، نەسەئىي، تىرمىزىي نەقىل قىلغان ھەدىس؛ ئىمام تىرمىزى سەھىھ دېگەن) پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، سالىھ فەۋزان، بەكرى ئەبۇ زەيد
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ئەر كىشى ئالتۇن سائەت تاقىسا بولامدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئەر كىشى ئالتۇن سائەت تاقىسا بولامدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنىڭ ھۆكمى
ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنىڭ ھۆكمى
ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر «ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورى»نىڭ 165186-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال: ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى فىسبۇك بېتىگە چىقىرىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بولۇپمۇ، بەزى ھىجابلىق ئاچا-سىڭىللىرىمىز ئۆزىنىڭ ھىجابلىق رەسىمىنى تورغا چىقىرشىنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئەمەس دەپ قارايدىكەن. مېنىڭ پەندى-نەسىھەت ئالالىشىم ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.
جاۋاب:
بارچە گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.
ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى فىيسبۇك ۋە باشقا ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرىگە چىقىرىشى ھارام. بۇنداق قىلىشىنىڭ ھاراملىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەت سەۋەبلىكتۇر:
بىرىنچىدىن: ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى ئېىنتىرنېتقا چىقىرىشى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى ئورىنىش بۇيرۇقىغا زىتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە گۇماندىن ئەڭ ئۇزاق پاك ئاياللىرى ھەققىدە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دېگەن:«وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ ذَلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ» «پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭلار پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار. بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۈچۈنمۇ ئەڭ پاك بولغىنىدۇر.» (سۈرە ئەھزاب، 53-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن:«يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا ئېيتقنىكى، ئۇلار جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى-بېشىنى ئورىسۇن. جىلباب بىلەن ئورىنىشى ئۇلارنىڭ تونۇلۇپ ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇن بولغىنىدۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر (بەك مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر)، رەھىيمدۇر (بەك مېھرىباندۇر).» (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت)  (ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە «جىلباب»نى مۇنداق دەپ شەرھلىگەن: جىلباب — كىيىمنىڭ ئۈستىگە كىيىلىدىغان، باشنىڭ چوققىسىدىن پۇتنىڭ تىرنىقىغىچە بولغان پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر.) ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ سىيلىق، يۇمشاق رەۋىشتە گەپ قىلىشىنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن:«يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَ النِّسَاءِ إِنِ اتَّقّيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَعْرُوفًا» «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر (ئەڭ ئۈستۈن رەۋىشتىكى تەقۋالىقىڭلار، ھايالىقلىقىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشىڭلار يۈزىسىدىن) باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر تەقۋادارلاردىن بولساڭلار، (نامەھرەم ئەركەكلەر مەۋجۇت ھالەتتە) سۆز قىلغاندا يۇمشاق ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار. بولمىسا، قەلبىدە (ھارامنى ئارزۇلاشتەك) كېسەللىك بولغان كىشى سىلەرگە نىسبەتەن يامان ئۈمىدتە بولۇپ قالىدۇ. سىلەر (يات ئەرلەرگە نىسبەتەن ئىتائەت ۋە ئاجىزلىقىڭلارنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئاھاڭدا سۆز قىلىشتىن، شۇنداقلا قوپال، توڭ رەۋىشتە سۆز قىلىشتىن ئۇزاق ھالدا) ئۇيغۇن رەۋىشتە سۆز قىلىڭلار.» (سۈرە ئەھزاب، 32-ئايەت)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللىرىنى ۋە بارچە مۆمىنە ئاياللارنى ھىجابلىنىشقا بۇيرۇدى. ھىجابقا بۇيرۇشتىن مەقسەت مۆمىنە ئاياللارنىڭ قەلبىنىڭ پاك بولۇشى، ئۇلارنى پىتنە ۋە گۇماندىن ئۇزاق تۇتۇش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋە مۆمىن ئەرلەرنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر. بۇ نۇقتا چۈشىنىلگىنىدە، ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى تەقۋادارلار ۋە يامان غەرەزلىك پاسىقلار كۆرىدىغان تور دۇنياسىغا چىقىرىشنىڭ ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىگە قارشى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلىشىدۇ.
ئىككىنچىدىن: ئايال كىشىنىڭ رەسىمىنىڭ تورغا چىقىرىلىشى ئايال كىشىگە ۋە ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرگۈچىلەرگە نىسبەتەن پىتنىنىڭ ۋە يامانلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىق ھېسابلىنىدۇ. بىز مۇشۇنداق قىلىشى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان كۆپلىگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلەرنى؛ نۇرغۇنلىغان ئىپپەتلىك خانىم-قىزلارنىڭ بۇ سەۋەبلىك ئاللاھتىن قورقمايدىغان پاسىقلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرى ۋە يالغان ۋەدىلىرىگە ئالدىنىپ، بۇنداق رەزىل كىشىلەرنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، رەسىمىنى تورغا چىقارغۇچى ياكى باشقىلارغا يوللىغۇچى قىز ئاياللارنىڭ مانا مۇشۇنداق رەۋىشتە نابۇت بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك شەرمەندە بولغانلىقىنى، ئازاب-ئوقۇبەتكە قالغانلىقى ئاڭلىدۇق ۋە ئوقۇدۇق. بۇنداق بولۇش ئىككىلى دۇنيادا ئار-نومۇستۇر. ئاللاھتىن بۇنداق ئار-نومۇسقا قارشى پاناھلىق تىلەيمىز. بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇنلىغان پاسىقلار زامانىۋىي تېخنولوگىيەلەردىن پايدىلىنىپ بۇ خىلدىكى ھىجابلىق قىز-ئاياللارنىڭ رەسىملىرىنىڭ باش قىسىمىنى پاھىشە ئاياللارنىڭ بەدەنلىرىگە چاپلاپ رەسىم ياساش ئارقىلىق (ئۆزلىرىنىڭ مال-دۇنيا تېپىش مەقسىتىدىگە ئېرىشكەندىن سىرت)، بۇ خىل قىز-ئاياللارنى ۋە ئائىلىسىنى نومۇسقا قويغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر.
ئۈچىنچىدىن: سىز سوئالدا تىلغا ئالغىنىڭىزدەك، بەزى ھىجابلىق ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھىجابلىق رەسىمىنى تورغا قويۇشىنى ئىسلامدا چەكلەنگەن قىلمىش ئەمەس دەپ قارىغانلىقىنى بايان قىلىغنىڭىزغا كەلسەك، ئەگەر سىز بۇ يەردە دەۋاتقان ھىجابتىن، يۈزنى يۆگەيدىغان، يۈزنى كۆرسەتمەيدىغان ھىجابنى نەزەردە تۇتقان بولسىڭىز، ناۋادا بولۇپمۇ بۇنىڭدا بىرەر ئېھتىياج بولغان تەقدىردە، بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. بىراق، بۇ يۈز ياپىدىغان بەزى قىز-ئاياللارنىڭ رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنى دۇرۇس دەۋېلىشىنى تەستىقلىمايدۇ. چۈنكى، يۈز ياپقان رەسىمىنى تورغا چىقىرىۋېلىشتا ھېچقانداق شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھاجەت مەۋجۇت ئەمەس. ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان قارا شەكىلنى تورغا چىقىرىۋېلىشنىڭ نېمە قىممىتى بار؟
ناۋادا، ھىجابتىن مەقسىتىڭىز، بەدىنىنىڭ باشقا يېرىنى ئورىۋالغان تەقدىردىمۇ يۈزى ئوچۇق قىز-ئاياللارنىڭ ئورىنىش شەكلىنى نەزەردە تۇتۇش بولسا، ئۇ ھالدا بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان، بۇ خىلدىكى يۈزى ئوچۇق رەسىمنى تورغا چىقىرىش بۇزۇق\ يامان ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقى نۇقتىسىدىنلا، ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇق رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنىڭ ئۆزىلا بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە يېتىپ ئاشىدۇ. ھەتتا، (يۈز يېپىشنى پەرز دەپ قارايدىغان بىز) ئايال كىشىنىڭ يۈز يېپىشى پەرز ئەمەس دەپ قارىغان تەقدىردە، بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمى ھارامدۇر. ئۇ ھالدا، ئايال كىشىنىڭ يۈز يېپىشى پەرز بولسا، يۈزى ئوچۇق رەسىمنى تورغا چىقىرىشنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟ يۈز يېپىش پەرز تۇرۇقلۇق، يۈزى ئوچۇق رەسىمىنى تورغا چىقىرىشتا (ياكى نامەھرەملەرگە ئەۋەتىشتە) گۇناھ ھەسسىلىنىدۇ، يامان ئاقىۋەت تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئايال كىشى ئۆز رەسىمىنى تورغا چىقىرىش ئارقىلىق ئاللاھقا قارشى ھەددىدىن ئاشقان ۋە مۆمىنە ئاياللارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان تۇتۇپ كەلگەن يولىغا قارشى يول تۇتقان بولىدۇ.
ئىمام غەزالى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئىھيا ئۇلۇمىددىن ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئەسىرلەردىن بۇيان ئەرلەر يۈز ئوچۇق ھالەتتە، ئاياللار يۈزىنى ياپقان ھالەتتە سىرتقا چىقىدۇ.» «إحياء علوم الدين» ( 2/53 )
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) (سەھىھ بۇخارىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر شەرھى ھېسابلانغان) «فەتھۇل بارى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «قەدىم دەۋىرلەردىن ھازىرغا قەدەر، ئاياللارنىڭ ئادىتى سىرتقا چىققاندا يۈزىنى يېپىشتۇر.» «فتح الباري» ( 9/ 424)
شۇنداقلا، نورمال ئەقىلگە ئىگە ھەر بىر كىشى ئايال كىشىنىڭ گۈزەللىكى، كىشىنى جەلب قىلىدىغان يېرى، ئەرلەرنىڭ كۆرۈشنى خالايدىغان يېرى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ يۈزىدۇر. ئايال گىشىنىڭ گۈزەل ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان يېرى ئۇنىڭ يۈزىدۇر. بۇنداق ئىكەن، ئايال كىشىنىڭ رەسىمىنى تورغا چىقىرىشى ئايال كىشىنىڭ ئازدۇرۇلۇشىنىڭ، ياكى باشقىلارنى ئازدۇرۇشىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ.  بۇنداق رەسىملەر كۆرۈشنى خالىغان ھەر كىم ئۈچۈن ئوچۇق بولغانلىقى سەۋەبلىك، رەسىمىنى تورغا چىقارغان ئايال كىشى ۋە ئۇلارنىڭ رەسىملىرى ھۆرمەتلەنمەيدۇ.
(تورغا رەسىمىنى چىقارغان ئايال كىشى باشقىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىدۇ ۋە ئازدۇرىدۇ. سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىدىغان ئايال كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى ۋە بۇنداق ئاياللارنىڭ جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.- بۇ ھەقتىكى ھەدىس ئۈچۈن سەھىھ مۇسلىمنىڭ 3971-نومۇرلۇق ھەدىسىگە ۋە شەرھىگە قاراڭ.)
The post ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنىڭ ھۆكمى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەسىمىنى تورغا چىقىرىشىنىڭ ھۆكمى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
پەتىۋا كومېتىتى | كارتون فىلىم كۆرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
كارتون فىلىم  ھارام
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 19933-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز،  ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ، سالىھ فەۋزان، بەكرى ئەبۇ زەيد
كاتون فىلىملەرنى(قونچاق فىلىملەرنى) سېتىش، سېتىۋېلىش، كۆرۈش (شۇنداقلا كارتون فىلىم ئىشلەش) ھارام. چۈنكى، (شەرىئەت جانلىقنىڭ  رەسىمىنى ھارام قىلغان.)بۇنداق فىلىملەردە شەرىئەت ھارام قىلغان سۈرەتلەر مەۋجۇت. بالىلارنى تەربىيلەش شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان يوللار ئارقىلىق ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگىتىش، ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇش ۋە نامازلارغا ئوبدان رىئايە قىلىشقا قىززىقتۇرۇش بىلەن بولىدۇ.(پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 19933-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
ج: لا يجوز بيع ولا شراء ولا استعمال أفلام الكرتون؛ لما تشتمل عليه من الصورة المحرمة، وتربية الأطفال تكون بالطرق الشرعية من التعليم والتأديب والأمر بالصلاة والرعاية الكريمة.
وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.
اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء
عضو عضو نائب الرئيس الرئيس
بكر أبو زيد صالح الفوزان عبد العزيز آل الشيخ عبد العزيز بن عبد الله بن باز
The post پەتىۋا كومېتىتى | كارتون فىلىم كۆرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post پەتىۋا كومېتىتى | كارتون فىلىم كۆرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق
ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئەلئەزكار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
بىلگىنكى، يامان سۆزنى سۆزلەش ھارام بولغىنىدەك، يامان گۇمان قىلىشمۇ ھارامدۇر. بىراۋنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشىڭ ھارام بولغىنىدەك، بىراۋنىڭ يامانلىقىنى دىلىڭدىن كەچۈرۈشۈڭ ۋە بىراۋ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشىڭمۇ ھارامدۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «كۆپلىگەن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار» (سۈرە ھۇجرات 12-ئايەت) دېگەن.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم سەھىھ كىتابلىرىدا مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ ھۇرەيرە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يامان گۇماندىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى گۇمان سۆزنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر.» (بۇخارى 5143؛ مۇسلىم 2563)
مۇشۇ مەزمۇندا كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ. بۇ ھەدىستە مەقسەت قىلىنغىنى، قەلبتە باشقا مۇسۇلمان توغرىسىدا يامان گۇمان قىلىشنى قارارلاشتۇرۇش ۋە باشقا مۇسۇلمانغا قەلبتە يامان ھۆكۈمدە بولۇشتۇر. ئەمما، (باشقا مۇسۇلمان ھەققىدىكى يامان گۇمان) بەندىنىڭ قەلبىگە يەرلەشمەستىن، قەلبىدىن غىل-پال كېچىدىغان ئەھۋالغا كەلسەك، بۇ خىل تۇيغۇلار — ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن — مەغفىرەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ھېس-تۇيغۇلارنىڭ قەلبكە كېلىپ قېلىش كىشىنىڭ ئىختىيارىدا ئەمەس. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى يوق.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ قەلبىدىن كەچكەن   ئىشلارنى ئۇ كىشى بۇنى سۆزلىۋەتمىگەن تەقدىردىلا مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ.» (بۇخارى 5269؛ مۇسلىم 127، 202)
ئالىملار دەيدۇكى، كىشىنىڭ قەلبىدىن كەچكەن ئىشلار مەيلى غەيۋەت بولسۇن، مەيلى كۇفۇر بولسۇن، مەيلى باشقا ئىشلار بولسۇن بەرىبىر (يۇقىرىقى ھەدىستىكىدەك ئەپۇ قىلىنغاندۇر.) بىراۋنىڭ خىيالىغا كۇفرىي ئوي كەلسە، ئۇ كىشى بۇ كۇفرىي ئويدىن دەرھال ۋاز كەچسە، كاپىر بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر كافارەت ۋەھاكازامۇ كېرەك بولمايدۇ.
مەن ۋەسۋەسە بۆلۈمىدە نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بەزىلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا شۇنداق ئويلار كېلىدۇكى، ئۇنى ئېيتىش بەكمۇ مۈشكۈل» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بۇ ئوپئوچۇق ئىماندۇر» دېدى. (مۇسلىم 209)
بۇ مەنادا بىز نەقىل قىلغان باشقا دەلىللەرمۇ بار.
قەلبتىن يالتتىدە كەچكەن خىيالنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى، قەلبتىن كېچىدىغان بۇنداق ئويدىن ساقلىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدىندۇر. بىراق، قەلبتىن كەچكەن بولۇمسىز-يامان خىيالنى قەلبتە داۋاملاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك، قەلبتە بولۇمسىز-يامان خىياللارنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قەلبتە بۇنداق بولۇمسىز-يامان خىياللارنى يەرلەشتۈرۈش ھارام ھېسابلىنىدۇ. قاچانىكى ئەقلىڭگە غەيۋەت ياكى گۇناھ تۈرىدىكى باشقا خىياللار كەلسە، بۇنداق يامان ئوي-خىيالدىن يۈز ئۆرۈشۈڭ، ئوينى ياخشى تەرەپكە بۇرۇشۇڭ كۆرۈنگىنىگە قارشى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزۈڭنى (مۇسۇلمان قېرىندىشىڭ ھەققىدىكى) يامان-بولۇمسىز ئوي خىيالدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئىشنى ياخشىغا بۇراپ چۈشىنىش ئارقىلىق، قەلبىڭگە كەلگەن يامان-ئوي خىيالدىن ئۇزاقلىشىشىڭ پەرزدۇر.
ئىمام ئەبۇ ھامىد غەزالى، ئەلئىھيا ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
قەلبىڭگە يامان گۇمان كەلگەندە، (بىلگىنكى) بۇ شەيتان سېنىڭ قەلبىڭگە تاشلىغان ۋەسۋەسىدۇر. شەيتاننىڭ بۇ ۋەسۋەسىسىنى يالغانغا چىقىرىشىڭ لازىم. چۈنكى، شەيتان پاسىقلارنىڭ ئەڭ پاسىقىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر پاسىق سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. بۇنداق قىلمىساڭلار، بىلمەستىن بىر قەۋمگە (ياكى كىشىگە) يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاقىۋەتتە قىلغىنىڭلاردىن پۇشايماندا قالىسىلەر.» (ھۇجۇرات سۈرىسى، 6-ئايەت)
ئىبلىسنى (شەيتاننى) تەستىقلاش (يەنى شەيتان ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنى تەستىقلاش) دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر قەلبىڭگە كەلگەن گۇماننىڭ يامانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئالامەت بولسا ۋە بۇ گۇماننىڭ ئەكسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، بۇ ھالدا يامان گۇمان  قىلىش دۇرۇس ئەمەس. يامان گۇماننىڭ ئالامىتى شۇكى، قەلبىڭنىڭ بۇ خىل گۇمان سەۋەبلىك ئىلگىرىكى ھالىتىدىن ئۆزگۈرۈشىدۇر.
مۇشۇ يامان گۇمانىڭ سەۋەبلىك، ئۆزۈڭ يامان گۇمان قىلغان مۇسۇلمان قېرىندىشىڭدىن ئۇزاقلىشىسەن، ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىڭنى چاندۇرىسەن، ئۇنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمايسەن، ھۆرمەت كۆرسەتمەيسەن ۋە بېشىغا كەلگەن بىرەر يامانلىق سەۋەبلىك ئارامسىزلانمايسەن. چۈنكى شەيتان ئەڭ پەسكەش خىياللار بىلەن كىشىلەر ھەققىدە قەلبكە يامان خىيال تاشلايدۇ. ئاندىن، شەيتان ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بۇ پەسكەش خىيالنىڭ سېنىڭ چۈشەنچەڭ، سېنىڭ پاراسىتىڭ ۋە زىللىقىڭنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىدەك تۇيغۇغا سېنى كەلتۈرىدۇ.
مۆمىن مۇسۇلمان بۇ خىل ئەھۋالدا مەسىلىگە ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ، بىراق، ئەمەلىيەتكە كەلگەندە شەيتاننىڭ ئالدىشى ۋە قارىلىشى بىلەن سۆزلەيدۇ. (يەنى، ئەسلىدە بىرەرسىگە تۆھمەت قىلىش ياكى تاجاۋۇز قىلىش غەرىزىدە بولمىسىمۇ، شەيتان قەلبىگە تاشلىغان يامان گۇمان سەۋەبلىك ئالدىنىپ، مۇسۇلمان قېرىندىشى ھەققىدىكى يامان گۇمانىنى سۆزلەپ خاتالىشىدۇ.-ت) ئەگەر ئادالەتلىك بىرى ساڭا باشقا بىرى ھەققىدە يامان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ سەۋەبلىك يامان گۇمانغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلما، توغرا دەپمۇ ئويلىما.
بىر مۇسۇلمان توغرىسىدا قاچانكى قەلبىڭدىن يامان خىيال كەلسە، ئۇ مۇسۇلماننىڭ ھەقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ رىئايە قىل ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك ھۆرمەت كۆرسەت. چۈنكى، بۇنداق قىلىشىڭ شەيتاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ\ شەيتاننى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە شەيتاننى سەندىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ. (مۇشۇنداق قىلساڭ) شەيتان ئۇ مۇسۇلمان (نىڭ مەنئەپەتى) ئۈچۈن دۇئا قىلىۋېتىشىڭدىن ئەنسىرەپ، يۇقىرىقىدەك ۋەسۋەسىنى قەلبىڭگە تاشلاشتىن يالتىيىدۇ.
قاچانكى، بىر مۇسۇلماننىڭ خاتالىقىنى رەت قىلىشقا ئىمكانسىز ھالەتتە بىلسەڭ، ھېچكىم يوق يەردە ئۇ مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىل. دۈشمىنىڭ (شەيتاننىڭ) سېنى ئالداپ، سېنى ئۇ مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا كۈشكۈرتىشىدىن ھەزەر ئەيلە. ئۇ مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلغىنىڭدا، ئۇنىڭ ئاشۇ قۇسۇرىدىن خەۋەردار بولۇشۇڭدىن خۇشال بولغىنىڭ ئاساسىدا نەسىھەت قىلما. بۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى كۆزىدە چوڭ كۆرىدۇ، سەن بولساڭ ئۇنى كىچىك كۆرۈپ قالىسەن. (شەيخ بۇ يەردە مۇنداق دېمەكچى بولسا كېرەك: «پالانچىنىڭ خاتالىقىنى ھەجەپ تۇتۇۋالدىم دەپ خۇش بولما؛ بىز دېگەن ئاجىز ئىنسان، گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار، بۇ ناتوغرا قىلمىشنى تۈزىتەيلى، دېمە. ئەمدى تازا بىر نەسىھەت قىلىپ، ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ نەسىھەتنى قىلىۋاتقىنىمنى بىلدۈرەي، دېگەن ئويدا بولما. بۇنداق قىلساڭ، نەسىھەت قىلىنغۇچى سېنى ھەجەپ سەمىمىي قېرىنداشكەن دەپ، سېنى چوڭ كۆرۈشكە باشلىغاندا، سەن ئۇنى كىچىك كۆرۈشكە باشلاپ قالىسەن. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى باشقىلارنىڭ چوڭ كۆرۈشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنى چوڭ، باشقىلارنى كىچىك كۆرۈپ قالىدىغان مەخلۇق.» ۋاللاھۇ ئەئلەم.-ت)
مەقسىتىڭ، ئۇنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ قېلىش بولسۇن. ئۇنىڭدا بىر قۇسۇر بولسا، ئۇنىڭ بۇ قۇسۇرىغا ئۆزۈڭنىڭ قۇسۇرى ئۈچۈن ئارامسىزلانغىنىڭغا ئوخشاش ئارامسىزلانغىن. ئۇنىڭ بۇ قۇسۇرنى\خاتالىقنى سېنىڭ نەسىھىتىڭگە ئېھتىياجى چۈشمەستىن تۈزىتىشى سېنىڭ نەسىھەت قىلىشىڭ سەۋەبلىك تۈزەتكىنىگە قارىغاندا ساڭا تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولۇشى لازىم. (مۇشۇنداق قىلساڭ باشقىلارنىڭ پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولىسىەن. چۈنكى، ئۆز خاتالىقىنى ئۆزىنى بىلىپلا تۈزىتىۋالغان مۇسۇلمان باشقىلار تۈزىتىش بەرگەندىن كېيىن تۈزەتكەن كىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ پەزىلەتلىك، تېخىمۇ ئەقىللىق مۇسۇلماندۇر. باشقىلارنىڭ پەزىلەتلىك ماقامدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىڭ سەن ئارقىلىق پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىڭدىن كۆپ ئۈستۈندۇر.-ت)
ئىمام غەززالىنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.
(ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:)
دەيمەنكى، كىشىنىڭ خىيالىغا بىر يامان گۇمان كەلگىنىدە، بۇ يامان گۇماننى دەرھال تەرك ئېتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدۇق. بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىش شەرئىي مەنپەئەت تەقەززا قىلمىغان ئەھۋالدا كېرەك بولىدۇ. گۇۋاھچىلارنىڭ ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى راۋىيلارنىڭ تەكشۈرۈلۈپ تەنقىدلىنىشى؛ شۇنداقلا، مۇباھ ھېسابلىنىدىغان غەيۋەت بۆلۈمىدە بىز بايان قىلغان ئەھۋاللار شەرئىي مەنپەئەت سەۋەبلىك يۈز بېرىدىغان بولغانلىقتىن، شەرئىي مەنپەئەتنى تەقەززا قىلغان بۇ خىل ئەھۋالدا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ يامان تەرەپلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش يۇقىرىقى چەكلىمىدىن مۇستەسنا ھېسابلىنىدۇ. — ئىمام نەۋەۋى، «ئەلئەزكار»
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر
«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر
مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى | mujtehid.com
بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى تېلگرام قانىلىمىزدىن ئاڭلاش ئۈچۈن چېكىڭ
ئەبۇ ئابدۇللاھ نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانسا، دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشسە، ھارامغا چۈشىدۇ. بۇنداق كىشى بەئەينى ماللىرىنى كىرىشى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەتراپىدا ئوتلاتقان، ماللىرىنىڭ ئۇ رايونغا ھەر قاچان كىرىپ قېلىش خەتىرى بولغان پادىچىغا ئوخشايدۇ. بىلىڭلاركى، ھەر پادىشاھنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغان بىر رايونى بولىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى چەكلەنگەن رايونى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغانلىرىدۇر. بىلىڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ يۈرەكتۇر.» mujtehid.com (بۇخارى 52؛ مۇسلىم 1599) عَنْ أَبِيْ عَبْدِ اللهِ النُّعْمَانِ بْنِ بِشِيْر رضي الله عنهما قَالَ: سَمِعْتُ رَسُوْلَ اللهِ ﷺ يَقُوْلُ: إِنَّ الحَلالَ بَيِّنٌ وَإِنَّ الحَرَامَ بَيِّنٌ وَبَيْنَهُمَا أُمُوْرٌ مُشْتَبِهَات لاَ يَعْلَمُهُنَّ كَثِيْرٌ مِنَ النَّاس،ِ فَمَنِ اتَّقَى الشُّبُهَاتِ فَقَدِ اسْتَبْرأَ لِدِيْنِهِ وعِرْضِه، وَمَنْ وَقَعَ فِي الشُّبُهَاتِ وَقَعَ فِي الحَرَامِ كَالرَّاعِي يَرْعَى حَوْلَ الحِمَى يُوشِكُ أَنْ يَقَعَ فِيْهِ. أَلا وَإِنَّ لِكُلِّ مَلِكٍ حِمَىً . أَلا وَإِنَّ حِمَى اللهِ مَحَارِمُهُ، أَلا وإِنَّ فِي الجَسَدِ مُضْغَةً إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الجَسَدُ كُلُّهُ وإذَا فَسَدَت فَسَدَ الجَسَدُ كُلُّهُ أَلا وَهيَ القَلْبُ
بۇ ھەدىسنىڭ شەرھى:
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى «فەتھۇلبارى»دا بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:
* ھەدىستىكى «كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
تىرمىزىدا «ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلمەيدىغان ئىشلار…» دەپ كەلگەن.
كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دەل مۇجتەھىدلەردۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر ئىشنىڭ ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىك مۇجتەھىد ئالىم بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھالىتىدۇر.
ھەدىستىكى «دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
يەنى، دىنىنى قۇسۇر ۋە كاملىقتىن، ئۆزىنى تەنقىدتىن ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش سۈپىتى بىلەن تونۇلمىغان كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىد-تەنبىھلىرىدىن ساقلىنالمايدۇ.
ھەدىسىتىكى بۇ جۈملە دىنغا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
ئىبنى مۇنەييىر دېگەن ئالىم ئۇستازى قۇبارىنىڭ تەرجىمھالىدا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «مەكرۇھ (بىر تۈركۈم ئالىملار ھەدىستىكى شۈبھىلىك ئىشلارنى دىندىكى مەكرۇھ ئىشلار دەپ كۆرسەتكەن) بەندە بىلەن ھارام ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈكتۇر. دائىم مەكرۇھ ئىشلارنى قىلغۇچى ھارام ئىشقا چۈشىدۇ. مۇباھ (رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار) مۇ ئوخشاشلا بەندە بىلەن مەكرۇھ ئارىسىدىكى كۆۋرۈكتۇر. دائىملا مۇباھ ئىشلاردىن پايدىلانغان كىشى مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ.» بۇ بىر گۈزەل مۇلاھىزىدۇر.
مەكرۇھ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ ھارام ئىشلارغا جۈرئەت قىلىشى ئېنىقتۇر. مۇباھ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ ئېنىقتۇر. ھارام ھېسابلانمايدىغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىش، ھارام ھېسابلانغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىشقا كىشىنى كۆندۈرىدۇ.
ھەدىستىكى «ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
ھەدىستە پەقەتلا يۈرەكنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ بەدەننىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىدىندۇر. ھۆكۈمران دۇرۇست بولسا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ دۇرۇست بولىدۇ. ھۆكۈمراننىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ بۇزۇلىدۇ.
بۇ ھەدىس يۈرەكنىڭ قىممىتىگە ئىشارەت قىلماقتا. يۈرەكنى ئىسلاھ قىلىپ، توغرىلاشقا تەشۋىق قىلماقتا، ھالال رىزىقنىڭ بۇنىڭغا تەسىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىدۇر. بۇ يەردە يۈرەكتىن مەقسەت — ئاللاھ يۈرەكتە \ قەلبتە بارلىققا كەلتۈرگەن چۈشەنچىدۇر. بۇ ئەقىلنىڭ يۈرەكتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئايەتلەرمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ:{…ئەقىل قىلىپ چۈشىنىدىغان قەلبكە ئىگە بولسۇن…}(سۈرە ھەج، 46-ئايەت؛ 22:46)
ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭمۇ نەقل قىلغىنىدەك، بۇ ھەدىس دىننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تۆت ھەدىستىن بىرىدۇر. بۇ تۆت ھەدىس مۇنۇ بىيىتقا توپلانغان:
تۆت سۆزگە مۇجەسسەم دىننىڭ ئۇلى،
بۇلار ئەڭ خەيرلىك زاتنىڭ قەۋلى.
شۈبھىنى تەرك ئەت، زاھىد بول، لەغۋىنى تاشلا،
ئەمەلىڭنى مۇتلەق بىر نىيەت بىلەن باشلا.
(«فەتھۇلبارى» سەھىھ بۇخارىنىڭ 52-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ شەرھى)
بىيتنىڭ ئىزاھاتى:
بىيتتا دىننىڭ ئاساسى بايان قىلىنغان تۆت ھەدىس مۇنۇلاردۇر:
«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر…»
«دۇنيادىن زاھىد بول، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرسۇن؛ كىشىلەرنىڭ قولىدىكىگە زاھىد بول، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرسۇن.»
«كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى تاشلىشىدۇر.»
«ھاراممۇ ئېنىق، ھالالمۇ ئېنىق، بۇ ئىككىسى ئارىسىدا شۈبىھلىك ئىشلار بار…»
شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
* ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
* ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى | mujtehid.com
The post «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن نېمە؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن
دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن نېمە؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن
پەتىۋادا ئۇچىرايدىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتى:
پاسىق — ھاراملاردىن قاچمايدىغان، دىندا ھارام قىلىنغان يامان ئىشلاردىن بىرىنى ياكى بىر تۈركۈمىنى ئاشكارا، يوشۇرۇن رەۋىشتە قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان مۇسۇلماندۇر.
سوئال: دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب:
دىندا ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش دېگەنلىك بەندىنىڭ دىندا ئاشقۇنلىشىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكلەردىن ھالقىپ كېتىشتىن ساقلىنىشىدۇر، شۇنداقلا بىخەستىلىك قىلىپ ئاللاھ قويغان بەلگىلىگەن بەلگىلىمىلەرنى كەم قالدۇرۇشىدىن ساقلىنىشىدۇر.
مەسىلەن بىر كىشى «مەن كېچىلىك ئىبادەت قىلىشنى خالايمەن، كېچىنىڭ ھېچبىر قىسىمىدا ئۇخلىمايمەن، چۈنكى ناماز ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەتلەر جۈملىسىدىندۇر، مەن پۈتۈن كېچىنى ناماز ئوقۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇلايمەن» دېسە، بىز «بۇ كىشى ئاللاھنىڭ دىنىدا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتى. ھەق ئۈستىدە ئەمەس» دەيمىز. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقەلىك يۈز بەرگەن بولۇپ، ساھابىلەردىن بىر نەچچەيلەن جەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «مەن كېچىسى ئۇخلىماستىن ناماز ئوقۇيمەن» دېگەن، يەنە بىرى دائىم روزا تۇتىدىغانلىقىنى، بىر كۈنىنىمۇ روزىسىز كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ يەنە بىرى بولسا، ئەسلا ئۆيلىنىپ خوتۇن ئالمايدىغانلىقىنى، ئايال كىشىگە يېقىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بۇنىڭ خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ زات مۇنداق دېگەن:«بەزى كىشىلەرگە نېمە بوپتۇ؟ ئۇلار مۇنداق، مۇنداق سۆزلەرنى قىلىشىپتۇ. مەن نامازنىمۇ ئوقۇيمەن، ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلايمەن؛ روزىنىمۇ تۇتىمەن، روزا تۇتمايمۇ يۈرىمەن. ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىمەن. كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مېنىڭ يولۇمدا ئەمەس.» (بۇخارى-ئەدەب كىتابى، 6101؛ مۇسلىم-نىكاھ كىتابى-1401) يۇقىرىقى ئۈچ كىشى دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. چۈنكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ روزا تۇتۇش، ئىپتار قىلىش، ئىبادەت قىلىش، ئىبادەتتىن چارچىغاندا ئۇخلاش ۋە ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىش قاتارلىق سۈننەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن.
ئەمدى، دىننى زايە قىلىۋەتكۈچىگە كەلسەك، بۇنىڭ مىسالىدىن بىرى، «مېنىڭ نەپلىگە ئېھتىياجىم يوق، مەن نەپلە ئىبادەت قىلمايمەن، پەقەت پەرز ئىبادەت بىلەن بولدى قىلىمەن» دېگەن، بەزىدە پەرزلەرنىمۇ زايە قىلىۋەتكەن كىشىدۇر. بۇنداق كىشى دىننى زايە قىلىۋەتكۈچى، دىننى كېمەيتىۋەتكۈچى دېيىلىدۇ.
دىندا مۆتىدىل-ئۇتتۇراھال يول تۇتقۇچى بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ راشىد خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
يەنە مۇنداق مىسال بېرەي. ئالدىدا پاسىق بىر ئادەم تۇرغان ئۈچ كىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بۇ ئۈچەيلەندىن بىرى «مەن بۇ ساپىققا سالام قىلمايمەن، ئۇنى تەرك قىلىمەن، ئۇنىڭدىن ئۇزاق تۇرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشمەيمەن» دېسە؛ ئىككىنچىسى «مەن بۇ كىشى بىلەن بىللە ماڭىمەن، ئۇنىڭغا سالام قىلىمەن، كۈلكە-چاقچاق قىلىشىمەن، ئۆيۈمگە دەۋەت قىلىمەن، مېنى چاقىرسا قوبۇل قىلىپ بارىمەن، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ياخشى كىشىدۇر» دېسە؛ ئۈچىنچىسى «مەن بۇ پاسىقنىڭ پاسىقلىقىنى يامان كۆرىمەن، ئەمما، ئىمانى سەۋەبلىك ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئەگەر مېنىڭ ئۇنى تاشلىۋېتىشىم ئۇنىڭ پاسىقلىقتىن يېنىشىغا ياردەمچى بولسا، ئۇنى تاشلايمەن، ئەگەر ئۇنى تاشلىۋېتىشىم سەۋەبلىك ئۇ تۈزىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پاسىقلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرسا ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيمەن» دېسە؛ بىز بۇ ئۈچ كىشىگە نىسبەتەن دەيمىزكى، بىرىنچىسى ئاشۇرىۋەتكۈچى (مۇفرىد) تۇر. ئىككىنچىسى كېمەيتىۋەتكۈچى، زايە قىلىۋەتكۈچىدۇر؛ ئۈچىنچىسى ئوتتۇرا يولدىدۇر، مۆتىدىلدۇر.
يەنە بىر مېسال بېرەي. بىر كىشى بار، ئۇ بىر خوتۇننىڭ ئەسىرىدۇر. خوتۇن ئۇنى نەگە خالىسا شۇ يەرگە ئېلىپ بارالايدۇ، ئۇ ئاشۇ خوتۇننىڭ ھېچبىر يامان ئىشىنى رەت قىلمايدۇ، ھېچبىر پەزىلەتكە ئۇنى تەشۋىق قىلمايدۇ. خوتۇن ئۇنىڭ ئەقلىگە ھاكىم بولغان ۋە ئۇنى باشقۇرىدىغان ھالغا كەلگەن.
يەنە بىر كىشى باركى، قوپال ۋە كىبىرلىكتۇر. خوتۇنىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. خوتۇنىغا ئېتىبار بەرمەيدۇ. ئايالى بۇ ئەرنىڭ نەزىرىدە خىزمەتكارىدىنمۇ تۆۋەن ئورۇندىدۇر.
ئۈچىنچى كىشى باركى، بۇ مۆتىدىلدۇر. ئايالىغا ئاللاھ ئەمر قىلغاندەك، يەنى مۇنۇ ئايەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ: «ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەققى بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە ھەققى باردۇر» (بەقەرە سۈرىسى، 228-ئايەت) شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ ئەمر قىلغىنىدەك، يەنى مۇنى ھەدىستىكىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ «مۆمىن ئەر مۆمىن ئايالىنى ئۆچ كۆرمىسۇن. (چۈنكى) ئايالىنىڭ بىر خۇيىنى ياقتۇرمىسىمۇ، باشقا بىر خۇيىنى ياقتۇرىدۇ.» (مۇسلىم 1469)
يۇقىرىقى ئۈچ ئەردىن ئۈچىنچىسى مۆتىدىل ئەردۇر. باشتىكىسى ئايالىغا مۇئامىلە قىلىشتا بەك بوش، ئىككىنجىسى بولسا ھەددىدىن ئاشقۇچىدۇر. باشقا ئەمەل ۋە ئىبادەتلەرنى يۇقىرىقىدىكىلەرگە قىياس قىلالىۋالسىڭىز بولىدۇ.
(دەۋرىمىزدە ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن بىر تۈركۈم ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار «ئاشقۇن» دەپ قارىلىدىغان بۇزۇق پىكىرلەر مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىنى چۇلغىۋالدى. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللارغا ئوخشاپ قالماسلىق ۋە يارىتىلىش تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، مۇشرىك، كاپىرلارغا خىلاپ يول تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن پەرز قىلغان «ساقالنى كامىل قويۇش» بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ كامىل ساقال قويغان ئەرلەر ھە دېسىلا بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئاشقۇن دەپ قارالدى؛ بىرەر ھارام ئىش قىلغۇچىنى قىلىۋاتقان ھارام ئىشىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى — مەيلى قانچىلىك چىرايلىق رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرسۇن — تەتۈر تەقۋا، جاھىل دېگەندەك ھاقارەتلىك ناملار بىلەن يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا شەكىلدە ئازارلاندى؛ يۈزىنى ياپقان، قارا كىيىم كىيگەن ئاياللار ئاشقۇن ئاياللار دەپ، ھەتتا بەزى دىن بۇزارلار تەرىپىدىن دائىشنىڭ كىيىمىنى كەيگەنلەر دەپ تۆھمەتلەندى؛ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلسام بولاتتى دەپ گەپ سۆزىگە، ئىش ھەرىكىتىگە ۋە يۈرۈش تۇرىشىغا دىققەت قىلىپ ياشايدىغان مۆمىنلەرگە جاھىل، خۇراپات، قالاق دەپ قارا چاپلاندى. بۇنداق بۇزۇق پىكىر-چۈشەنچىلەر تامامەن دىن دۈشمەنلىرى ۋە دىن تونىغا ئورىنىۋالغان مۇناپىقلار ئوتتۇرىغا چىقارغان پىتنىلەر بولۇپ، دىن دۈشمەنلىرى ۋە مۇناپىقلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ، ھەق ئەھلىنى ئاشقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلەيدىغان مۇسۇلمانلار ھەق ئەھلىنى ئەيىبلەش ۋە يامان كۆرۈشتە چىڭ تۇرغان مۇددەتچە بالا-مۇسبەتلەردىن قۇتىلالمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ياخشىغا ياخشى مۇكاپات بەرگۈچى، ياخشىغا دۈشمەن بولغۇچىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالىغۇچى زاتتۇر.
پاسىقلار ئاشقۇنلۇق دەپ قاراۋاتقان كامىل ساقال، كامىل ھىجاب، ناخشا-مۇزىكا، كىنو، ئويۇن-تاماشىلاردىن يىراق تۇرۇش، ھارامدىن يېنىپ، شۈبھىدىن قېچىش دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇلارنى تەرك ئەتكۈچى مۇسۇلماننى ئاشقۇنلۇق بىلەن قارىلىغۇچى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كۆيۈپ، يوق بولۇپ كېتىشىدىن قورقسۇن.
قۇرئان ۋە ھەدىستىكى بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچى مۇسۇلمان سائادەتمەن مۇسۇلمانلارنى ئاشقۇنلۇق بىلەن سۈپەتلىگۈچىلەرنىڭ قەلبىدە نىفاق باردۇر. نىفاق ئەھلى ئاللاھنىڭ ئازابىغا بەكمۇ يېقىندۇر. ئاللاھتىن ئىككىلى دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتىنى سورايمىز.)
(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، «ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدىكى پەتىۋالار»، ئەقىدە بابى، 7-سوئالنىڭ جاۋابى)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن نېمە؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن نېمە؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا ئايروپىلاندا سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز
ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا ئايروپىلاندا سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
سوئال: قىرىق ياشتىكى بىر تۇل خوتۇن، مەھرەمسىز ھالدا مەدىنە مۇنەۋۋەردە ياشىماقتا. بۇ ئايالنىڭ ئەڭ چوڭى ئون ئالتە ياشتا (قالغانلىرى ئۇنىڭدىن كىچىك) بولغان ئوغۇللىرى دادىسى بىلەن باشقا شەھەردە ياشىماقتا. بۇ ئايال رامزاندا ئۆمرە ھەجى ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا بىلەن مەككە مۇكەررەمگە باردى. بۇ گۇرۇپتا ئاياللار ئايرىم بىر ئەترەتكە ئايرىلغان. ئايال ھەرەمگىچە ئېلىپ كېلىندى. ئۆمرە تۈگىگەندىن كېيىن ئايال باشقا بىر ئەترەت بىلەن مەككە مۇكەررەمنىڭ سىرتىدىكى مەركىزىي يىغىلىش زالىغا باردى. ئۇ يەردىن باشقا بىر گۇرۇپ بىلەن مەدىنىگە باردى. بۇ ياشتا بۇ خىلدىكى سەپەرلەرگە مەھرەمسىز چىقىش بىلەن بۇ ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ-1420؛ م-1999)
جاۋاب: ئەھۋال بايان قىلىنىغىنىدەك بولسا، بۇ ئايالنىڭ سەپىرى ھارامدۇر. بۇ ئايال بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى كېرەك. تەۋبە دېگەن، قىلغان يامان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ، يامان ئىش قىلماسلىقققا سەمىمىي نىيەت بىلەن بەل باغلاش شەرتى بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (مەھرەمسىز ئايالنىڭ سەپەر قىلىشىنى چەكلەپ) مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى يېنىدا مەھرىمى بولماستىن سەپەرگە چىقمىسۇن.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى بەرسە شۇنى ئېلىڭلار، سىلەرگە نېمىنى چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. ئاللاھقا قارشى قوپۇشتىن ساقلىنىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى شىددەتلىكتۇر.} (ھەشىر سۈرىسى، 7-ئايەت) [ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 16-جىلد، 385-بەت]
تېلگرام قانىلىمىز: https://t.me/tewhidnuri
The post ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا ئايروپىلاندا سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا ئايروپىلاندا سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
قىز بالا نەچچە يېشىدا يۈزىنى ياپىدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى
پەتىۋا كومېتىتى: قىز بالا نەچچە يېشىدا يۈزىنى ياپىدۇ؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
سوئال: قىز بالا قاچان يۈزىنى ياپىدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى
پەتىۋا نومۇرى: 4470-نومۇر
جاۋاب: قىز بالا بالاغەتكە يەتسە (نامەھرەم بار يەرلەردە) ئەۋرىتىنىڭ ھەممىسىنى ياپىدۇ. يۈزى، بېشى، قوللىرى، پۇتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە.
قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ئىگە بولغۇچىلىرى-قىز ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ- قىزىنىڭ بۇ ھالەتتە كىيىنىشىگە مەسئۇل بولىدۇ. شۇنداقلا، قىزنىڭ ۋەلىيسى قىزى بالاغەتكە يېتىشتىن ئاۋۋال ئۇنى تولۇق ھىجابلىنىشقا كۆندۈرۈشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، قىزنىڭ تولۇق ھىجابلىنىشقا كۆنۈشى ئاسانغا توختايدۇ.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاز ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد؛
پەرزەنتىمىزنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
ئوغۇل بالىدىن جىنسىي ئىستەك سەۋەبلىك مەنىي ئېتىلىپ چىقسا، ياكى ئەۋرەت ئەتراپىغا تۈك چىقسا، ۋەياكى چۈش كۆرۈپ مەنىي چىقىپ كەتسە، ياكى ئون بەش ياشقا كىرسە بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ. قىزلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىك ھۆكمىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش. ئەمما، قىزلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى ھەيز كۆرۈشتۇر. (يۇقارقى بەلگىلەردىن قايسى بىرى بالىدا كۆرۈلسە بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن بالىلارنىڭ ئاللاھ پەرز قىلىپ بېكىتكەن ھەممە ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتى بار.) [ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 1787-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]
بالاغەتكە يەتكەن ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزىنى ئېچىشى ھارام
پەتىۋا بەرگۈچى: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى
پەتىۋا نومۇرى: 10178-نومۇرلۇق پەتىۋا
ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەر ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى يېپىشى پەرز. ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى ئېچىشى ھارام. [ تغطية المرأة وجهها وكفيها عن الرجال الأجانب واجب، ويحرم عليها كشفهما لغير محارمها. وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.](ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 10178-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)[ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى: ھ-1420، م-1999)؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.]
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
The post قىز بالا نەچچە يېشىدا يۈزىنى ياپىدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post قىز بالا نەچچە يېشىدا يۈزىنى ياپىدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام نەۋەۋى: جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىش، ھەيكىلىنى ياساش چوڭ گۇناھ
ئىمام نەۋەۋى: جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىش چوڭ گۇناھتۇر
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىدىغان ياكى ھەيكىلىنى ياسايدىغانلاردۇر.» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. (بۇخارى 5950)
نافىئتىن بايان قىلىنىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېتقان:«شۈبھىسىزكى، بۇ سۈرەتلەرنى سىزغانلار قىيامەت كۈنى جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن) ‹سىزغا رەسىمىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلارچۇ قېنى› دېيىلىدۇ.»(بۇخارى 5951)
سەئد ئىبنى ئەبۇ ھەسەندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم، بىرەيلەن كىرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:«ئى ئابباسنىڭ ئاتىسى! مەن قولۇمدىكى ھۈنىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايمەن، مەن رەسىم سىزىمەن» دېدى. ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا، مەن ساڭا پەقەت رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان مۇنۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بېرەي. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىدىكەن ياكى ھەيكىلىنى ياسايدىكەن، قىيامەت كۈنى تاكى ئۇ سىزغان رەسىمىگە جان كىرگۈزگەنگە قەدەر ئاللاھ ئۇنى ئازابلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سىزغان رەسىمىگە ياكى ياسىغان ھەيكىلىگە ھەرگىزمۇ جان كىرگۈزەلمەيدۇ.» بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى كىشى ئاھ چەكتى ۋە چىرايى تاتىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا:«ۋاي ساڭا! ئەگەر سەن رەسىم سىزىش خىيالىڭدا چىڭ تۇرساڭ، دەرەخلەرنى ۋە باشقا جانسىز نەرسىلەرنى سىزىشىڭنى بۇيرۇيمەن» دېگەن. (بۇخارى 2225)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارىدا مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزىدىغان، ھەيكىنى ياسايدىغانلاردۇر.» دېگەن بۇ ھەدىس جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزغان كىشىگە بېرىلىدىغان ئازابنىڭ فىرئەۋن خانىدانىغا تەۋە كىشىلەرگە بېرىلىدىغان ئازابتىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«فىرئەۋنى خانىدانىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار.»
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: ئىلىم ئەھلى مۇنداق دېگەن: جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بېرىش قاتتىق ھارام ۋە چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن. چۈنكى، جانلىققا جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بەرگۈچى  توغرۇلۇق ھەدىستە ئېغىر تەھدىت (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب) بايان قىلىنغان. جانلىققا جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بەرگۈچى جانلىقنىڭ رەسىمىنى ياكى شەكلىنى مەيلى ئۇنى خورلاش، ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن سىزغان ياكى ياسىغان بولسۇن، مەيلى باشقا مەقسەدتە سىزغان ياكى ياسىغان بولسۇن، قىلمىشى بەرىبىر چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. كىشىنىڭ جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشى ياكى ھەيكىلىنى ياسىشى ھەر قانداق ئەھۋالدا ھارام. سىزغان رەسىمى مەيلى كىيىمدە، مەيلى سېلىنچا، مەيلى دىرھەم، مەيلى دىنار، مەيلى پارچە پۇل، مەيلى ساقلاش ئەسۋابلىرى، مەيلى باشقا نەرسە ئۈستىدە بولسۇن بەرىبىر ھارامدۇر. جانسىز نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىش ھارام ئەمەس (رۇخسەت).
The post ئىمام نەۋەۋى: جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىش، ھەيكىلىنى ياساش چوڭ گۇناھ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام نەۋەۋى: جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىش، ھەيكىلىنى ياساش چوڭ گۇناھ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
شەيخ سالىھ فەۋزان: نامەھرەم ئايالغا شەھۋەتسىز ھالەتتە قاراشنىڭ ھۆكمى؟
شەيخ سالىھ فەۋزان: نامەھرەم ئايالغا شەھۋەتسىز ھالەتتە قاراشنىڭ ھۆكمى؟
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، نامەھرەم ئايالغا شەھۋەتسىز ھالەتتە قاراشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: بۇ دۇرۇس ئەمەس. (ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە) {قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ } «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى،كۆزلىرىنى (نامەھرەم ئاياللارغا ۋە باشقا تۈردىكى ھاراملارغا قاراشتىن) تۆۋەن قىلسۇن» (سۈرە نۇر، 30-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) (بۇسەۋەبلىك) نامەھرەم ئاياللارغا قاراش ھارام. (پەتىۋا بەرگۈچى-ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان؛ مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى)
مەنبە: مصدر الفتوى
#المنتقى من أخبار المصطفى لمجد الدين ابن تيمية رحمه الله/ السبت/٢١- جمادي الآخرة -١٤٤١هـ
ئەسلى مەنبەنىڭ ئۇلىنىشى: https://www.alfawzan.af.org.sa/en/node/18353
The post شەيخ سالىھ فەۋزان: نامەھرەم ئايالغا شەھۋەتسىز ھالەتتە قاراشنىڭ ھۆكمى؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post شەيخ سالىھ فەۋزان: نامەھرەم ئايالغا شەھۋەتسىز ھالەتتە قاراشنىڭ ھۆكمى؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغان ئاياللار قايسى؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن
جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغان ئاياللارنىڭ سۈپىتى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى تۈرلۈك جەھەننەم ئەھلى بار، مەن ئۇلارنى تېخى كۆرمىدىم. (بىرىنجىسى،) يېنىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك (توم) قامچا بولغان، شۇ قامچىسى بىلەن ئىنسانلارنى ئۇرغانلار. (ئىككىنجىسى،) كىيىم كىيىۋالغىنىغا قارىماستىن يالىڭاچ كۆرىنىدىغان، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ئېزىپ باشقا ئاياللارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشقا زورلىغان ۋە باشلىرىنى تۆگىنىڭ ئەگرى لوكىسىغا ئوخشاش (يوغىنىتىۋالغان) ئاياللاردۇر. مانا مۇشۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى، جەننەتنىڭ خۇش پۇرىقى مۇنداق مۇنداق (يەنى تولىمۇ يىراق جايلارغىچە) يېتىپ تۇرىدۇ.» | hedisim.com (مۇسلىم 3971؛ رىيازۇس سالىھىن 1634)
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ھەدىستىكى «يېنىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك (توم) قامچا بولغان، شۇ قامچىسى بىلەن ئىنسانلارنى ئۇرغانلار» دېگەن جۈملىنى مۇنداق شەرھلىگەن: يەنى، كىشىلەرنى ناھەق ئۇرغان ئەسكەر، ساقچى ۋە دۆلەت خادىملىرىدۇر. (ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»، 5298)
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ھەدىستىكى «كاسيات عاريات» كەلىمىسى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە ئېرىشكەن ئەمما شۈكۈردىن ئۇزاق ئاياللاردۇر؛ بەدىنىنىڭ بىر قىسىمىنى ئوراپ، بىر قىسىمىنى ــ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ــ ئېچىۋالغان ئاياللاردۇر؛ بەدىنىنىڭ (يەنى بەدىنىدىكى قايسى بىر ئەزاسىنىڭ) رەڭگى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە نېپىز كېيىنگەن ئاياللاردۇر. ھەدىستىكى «مائلات» كەلىمىسىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ـــ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، ساقلىشى-يوشۇرۇشى كېرەك بولغان يەرلىرىنى ساقلىمىغان-يوشۇرمىغان ئاياللاردۇر. ھەدىستىكى «مميلات» قىلغان يامان ئىشلىرىنى باشقا ئاياللارغىمۇ ئۆگىتىدىغان ئاياللار دېمەكتۇر. بۇ ئىككى ئىپادىنىڭ بەدەن ئەزالىرىنى، زىننەتلىرىنى كۆرسىتىپ مېڭىپ يۈرىدىغان ئاياللار ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. يەنە، بۇ ئىككى ئىپادىنىڭ چاچلىرىنى پاھىشە ئاياللاردەك (پاخپايتىپ، بۈدرە چىقىرىپ، پاسون چىقىرىپ) تارىۋالغان ۋە باشقا ئاياللارنىڭ چېچىنىمۇ بۇ شەكىلدە تاراپ (ياساپ) قويغان ئاياللار دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. ھەدىستىكى «بېشى تۆگىنىڭ ئەگرى لوكىسىغا ئوخشاش قىلىۋالغان» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ـــ ياغلىق، رەخت پارچىسى دېگەندەك نەرسىلەرنى (چېچىغا ئوراش، ئۈستىگە ياغلىق چىگىش) بىلەن بېشىنى يوغىنىتىۋالغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»، 5297)
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس توغرىلىق مۇنداق دېگەن: كىيىم كىيۋالغان تەقدىردىمۇ يالىڭاچ ھېسابلانغان ئاياللار ھەققىدە تۈرلۈك شەرھلەر مەۋجۇت. (جەھەننەمنىڭ پۇرىقىنىمۇ پىريالمايدىغان) بۇنداق ئاياللار ماددىي جەھەتتە كىيىم كىيىۋلغان بولسىمۇ، مەنىۋىي جەھەتتىن يالىڭاچ، تەقۋادىن ئۇزاق ئاياللاردۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «تەقۋالىق لىباسى تېخىمۇ ياخشىدۇر»(ئەئراف سۈرىسى، 26-ئايەت) دېگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ ھەدىس پۈتكۈل پاسىق ۋە گۇناھكار ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەقۋادىن يىراق ئاياللار تولۇق ھىجابلىنىۋالغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەدىسنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ كىيىنىشىتىكى مەقسىدىكى كۆرۈنۈشتىكى كىيىنىش بولسىمۇ، ئۇ تەقۋادىن ئۇزاقتۇر. تەقۋادىن ئۇزاق بولغان كىشى يالىڭاچتۇر.
«كىيىم كىيگىنى بىلەن يالىڭاچ ئاياللار» ئىپادىسى توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: ئۈستىدە كىيىملەر بار، كىيىم كىيگەن؛ بىراق، كىيىملىرى تەلەپ قىلىنىغىنى بويىچە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرمىغان ئاياللاردۇر. بۇ ھالەت بىر بولسا كىيگەن كىيىمىنىڭ تار بولۇپ، بەدەن شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن، ياكى كىيىمىنىڭ نېپىز بولۇپ بەدىنىنى (بېلىكىنى، پاچىقىنى) كۆرسىتىپ تۇرۇشى بىلەن، ياكى قىسقا بولۇپ، بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرىنىڭ ئوچۇق قېلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ خىلدىكى كىيىم كىيگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى «كىيىم كىيىۋالغان يالىڭاچ» ئاياللار ھېسابلىنىدۇ.
ھەدىستىكى «مميلات» كەلىمىسى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇلار تولۇق ھىجابلانماستىن يېرىپ-يالىڭاچ كىيىنىش، خۇش-پۇراق بۇيۇملارنى سۈرۈش قاتارلىق ۋااسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرۇپ پىتنىگە چۈشۈرگەن ئاياللاردۇر.
ھەدىستىكى «مائلات» كەلىمىسى ـــ ھەقتىن ۋە ئەدەپ-ھايادىن ئۇزاقلىشىپ ئازغان ئاياللاردۇر. بۇنداق ئاياللارنى كوچىلاردا لوپپاڭشىپ، بەدىنىنى ئېتىپ، ئەرلەردەك كۈچلۈك-كۈچلۈك دەسسەپ ماڭغان ھالەتتە كۆرسىەن. ھەتتا، بەزى ئەرلەر ئۇ ئاياللاردەك تاقىلداپ دەسسەپ ماڭالمايدۇ. يەنە بەزى قىز-ئاياللار باركى، يېنىدىكى دوست-يارەنلىرى بىلەن كۈلۈشىدۇ ۋە پىتنىگە سەۋەب بولغۇدەك دەرىجىدە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇنداقلا، دۇككاندارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سودا-سېتىققا كىرىشىپ كېتىدۇ، دۇككاندارلار بىلەن قوشۇلۇپ كۈلىدۇ، ھەتتا دۇككاندارنىڭ ياردەم قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىدۇ. ۋە باشقا پىتنىلەر، شەرمەندىكىلەر… ھېچ شۈبھە يوقى بۇلارنىڭ قايسى بىرى بىلەن مەشغۇل بولغان ئاياللار ھەدىستىكى ھەقتىن ئازغان ئاياللار تۈرىگە تەۋە.
«بېشىنى توگىنىڭ ئەگرى لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار.» ھەدىستىكى «لابخت» تۆگىلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇنداق تۆگىلەرنىڭ ئوڭغا ياكى سولغا يېتىۋالىدىغان ئۇزۇن لوكىسى بار. بۇنداق ئاياللارمۇ چېچىنى سولغا ياكى ئوڭغا قىيسايتىپ پاسون چىقىرىدۇ، ياكى بېشىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك يوغىنىتىپ، كۆپتۈرۈۋالىدۇ. بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: بۇنداق ئاياللار ئەرلەر بېشىغا سەللە ئورىغاندەك، بېشىغا رەخت پارچىلىرىنى ئورايدۇ، بۇنىڭ بىلەن (جەلبكار كۆرۈنۈش ئۈچۈن) ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغلىق چېگىدۇ-دە، بېشى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك يوغان كۆرىنىدۇ. قانداق بولمىسۇن، بۇ خىلدىكى ئاياللار بېشىنى زىننەتلەپ، (ھەر خىل ئۇسۇلدا) گۈزەللەشتۈرىدۇ.
«مانا بۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ خۇش پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» چۈنكى، بۇلار ھەق يولدىن ساپقان، تولۇق ھىجابلانماستىن بەدىنىنىڭ بەزى جايلىرىنى ھەتتا كۆپ قىسىمىنى ئېچىۋېلىش سەۋەبلىك يالىڭاچتۇر. بېشىدا پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان ھەر تۈرلۈك (گۈزەللەشتۈرگۈچى) زىننەتلەر بار. بۇنداق خوتۇنلار جەننەتتىن ئۇزاق بولۇش بىلەن تەھدىت قىلىنغان. بۇ ھەدىس، بۇلاردەك كىيىنىشنىڭ چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»، 5-جىلد، 299-، 300-بەتلەر)
ئىزدەش كەلىمىلىرى:
ئايال كىشى يالاڭباش يۈرسە گۇناھمۇ؟
يېرىم-يالىڭاچلىقنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى
بېشى ئوچۇق ئاياللار توغرۇلۇق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نېمە دېگەن
ئېغىر گۇناھ ئىشلەۋاتقان ئاياللار كىم؟
دوزاخ بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەن ئاياللار كىم؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
mujtehid.com
The post جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغان ئاياللار قايسى؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغان ئاياللار قايسى؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.