«تەۋھىد ئەقىدە» - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
تەۋھىد دېگەن نېمە؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
تەۋھىد دېگەن نېمە؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ئۈچىنچى سوئالدا مۇنداق سوراپتۇ:
«تەۋھىد» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى:
تەۋھىد — ئىبادەتنى (يەنى نامازنى، قۇربانلىقنى، دۇئانى …) پەقەت ئاللاھقىلا قىلىشتۇر.
ئىبادەتنى پەقەت ئاللاھقىلا قىلىش، مانا بۇ تەۋھىدتۇر.
The post تەۋھىد دېگەن نېمە؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تەۋھىد دېگەن نېمە؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
شىرك پەقەت بۇتقا چوقۇنۇشلىمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
شىرك پەقەت بۇتقا چوقۇنۇشلىمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
بەزى كىشىلەر «شىرك دېگەن پەقەت بۇتقا چوقۇنۇش» دېيىشىدۇ. توغرا، بۇتقا چوقۇنۇش شىرك. لېكىن ئەۋلىيادىن، سالىھلاردىن، ئۆلۈكلەردىن ياردەم سوراپ، ئۇلاردىن ھاجەت تىلەپ دۇئا قىلىشمۇ ئوخشاشلا شىرك.
ئۆزىنى ئىسلامغا تەۋە قىلدىغان نۇرغۇن كىشى مۇشۇ شىركنى سادىر قىلماقتا. ئۇلار قەبرىلەرنى ئۇلۇغلايدۇ، قەبرىلەردىن بەرىكەت ئىزدەيدۇ. زىياندىن قۇتۇلۇپ پايدىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە قەبرىلەرنى (بولۇپمۇ ئەۋلىيا دەپ ئاتالغانلارنىڭ قەبرىلىرىنى) زىيارەت قىلىشىدۇ. بۇنداق قىلىش چوڭ شىرك. بۇنداق قىلىش ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلغانلىق.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post شىرك پەقەت بۇتقا چوقۇنۇشلىمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post شىرك پەقەت بۇتقا چوقۇنۇشلىمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
«ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
سوئال: بۇ سوئال سورىغۇچى سۈرە زۇخرۇفتىكى «ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھەكىيمدۇر، ئەلىيمدۇر» ئايىتىنىڭ تەپسىرىنى سوراۋاتىدۇ.
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ «ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر» دېگەن سۆزىنىڭ تەپسىرى شۇكى، ئاللاھ ئاسماندا ئىلاھتۇر، شۇنداقلا زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر. يەنى، ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىبادەت قىلىنىدىغان مەئبۇدتۇر، زېمىندىمۇ ئىبادەت قىلىنىدىغان مەئبۇدتتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە بەندە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ئىبادەت قىلىدۇ، دېگەن مەنىدە.
— مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرى | mujtehid.com
مەنبە: https://www.youtube.com/shorts/0XBdUmk_oX0
The post «ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
قەبرىپەرەسلەرنى مۇشرىك دېيىش ئاشقۇنلۇقمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
قەبرىپەرەسلەرنى مۇشرىك دېيىش ئاشقۇنلۇقمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، قەبرىگە ئىبادەت قىلىدىغان (يەنى قەبرىدىكى ئۆلۈكلەردىن ھاجەت سورايدىغان)، قەبرىپەرەسلىك يولىدا ماڭغان ھەر قانداق شەخس كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:
بۇنداق بىرىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىدىن شەكلىنەمسىز؟ قەبرىگە چوقۇنىدىغان كىشى كاپىر  بولماي نېمە بولىدۇ؟ ئەگەر بۇنداقلارنى كاپىر – مۇشرىك بولمىسا، ئۇ ھالدا شىرك، كۇفۇر دېگەن زادى نېمە؟ بۇنداقلارنى كاپىر – مۇشرىك دېمەيمىز دېيىش كۈنىمىزدە راۋاج تاپقان مۇرجىيلىق شۈبھەلىرىدۇر. قەبرىپەرەسلەر كاپىر – مۇشرىك ئەمەس دېگەن گەپنى مۇرجىيلار بازارغا سالغان. بۇنداق گەپلەر سىلەرنى ھەرگىز قايمۇقتۇرۇپ قويمىسۇن.
The post قەبرىپەرەسلەرنى مۇشرىك دېيىش ئاشقۇنلۇقمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post قەبرىپەرەسلەرنى مۇشرىك دېيىش ئاشقۇنلۇقمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
قەبرىدىن مەدەت سورىغۇچىنىڭ نامىزى مەقبۇلمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
قەبرىدىن مەدەت سورىغۇچىنىڭ نامىزى مەقبۇلمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
قەبرىنىڭ يېنىغا بېرىپ «ئى پالانچى پىرىم، ئى ئاللاھنىڭ دوستى» دەپ قەبرىدە ياتقان ئۆلۈككە نىدا قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ھاجەت تىلەپ دۇئا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى شىرك. بۇ چوڭ شىرك.
(بۇنداق كىشى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرىدىغان مۇشرىك بولغانلىقتىن) ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى، ئوقۇغان نامىزى، بەرگەن زاكىتى ياكى قىلغان ھەججى،  ۋەياكى سەدىقىسى ئۇنىڭغا پايدا بەرمەيدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
مەنبە: https://www.youtube.com/shorts/17ejSE6Pfuc
The post قەبرىدىن مەدەت سورىغۇچىنىڭ نامىزى مەقبۇلمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post قەبرىدىن مەدەت سورىغۇچىنىڭ نامىزى مەقبۇلمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
چوڭ شىرك \ چوڭ كۇفۇر سادىر قىلغۇچىغا دەلىل تۇرغۇزۇش مەسىلىسى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
چوڭ شىرك \ چوڭ كۇفۇر سادىر قىلغۇچىغا دەلىل تۇرغۇزۇش مەسىلىسى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
سوئال: شىرك سادىر قىلغان مۇسۇلمانغا قانداق ئەھۋالدا ھۆججەت تۇرغۇزلغان بولىدۇ؟ چوڭ شىرك سادىر قىلغان كىشىنى تاكى ئۇنىڭغا ھۆججەت تۇرغۇزۇلمىغانغا قەدەر كاپىر دېمەيمىز، دېيىش توغرىمۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:
ئالدى بىلەن (شۇنى بىلىش لازىمكى)، شىرك سادىر قىلغان كىشىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس.
چوڭ شىرك سادىر قىلغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتالمايدۇ. چوڭ شىرك سادىر قىلغۇچىنى مۇشرىك دەيمىز.
ئەمما، كىشىدىن سادىر بولغان شىرك كىچىك شىرك بولسا، مەسىلەن ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش، ياكى «ئاللاھ بولمىغان ۋە سىز بولمىغان بولسىڭىز» دېيىش … مۇشۇ تىپتىكى ئىش ياكى سۆزلەر كىچىك شىرك دېيىلىدۇ، بۇنداق كىچىك شىرك سادىر قىلغان كىشى مۇسۇلماندۇر.
ئەمما، چوڭ شىرك سادىر قىلغان كىشىنى مۇسۇلمان دېمەيمىز. چوڭ شىرك سادىر قىلغۇچىنى مۇشرىك دەيمىز.
ئەگەر كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان بولسا، قۇرئاننى ئاڭلىغان، ھەدىسلەرنى ئاڭلىغان، ئۆلىمالارنىڭ ۋەز – تەبلىغلىرىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ (شىرك) يولى ئۈستىدە داۋام قىلغان بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ باتىل قىلمىشىنى ئاڭلايدىغان ھۆججىتىمۇ، ئۆزرىسىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق كىشى ھۆججەت تۇرغۇزۇلغان ھېسابلىنىدۇ.
شىرك يوشۇرۇن نەرسە ئەمەس، شىرك ئوچۇق – ئاشكارە ئەمەللەردۇر.
ئاللاھتىن باشقىسىدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىش، ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن (ئىبادەت مەقسىتىدە، ياكى زىياندىن ساقلىنىش مەقسىتىدە) مال بوغۇزلاش، ئاللاھتىن باشقىسىغا نەزىر قىلىش … (قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ شىرك بولۇپ)، بۇ ئوچۇق – ئاشكارە شىرك ئەمەللەردۇر. بۇلار مەخپىي، ئابستراكىت ئىشلار ئەمەس.
The post چوڭ شىرك \ چوڭ كۇفۇر سادىر قىلغۇچىغا دەلىل تۇرغۇزۇش مەسىلىسى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post چوڭ شىرك \ چوڭ كۇفۇر سادىر قىلغۇچىغا دەلىل تۇرغۇزۇش مەسىلىسى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ، بۇ كۈندە ئانىسىغا سوۋغات بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير
ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ، بۇ كۈندە ئانىسىغا سوۋغات بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير
سوئال: ئانىلار بايرىمىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ (بۇ كۈن ئۈچۈن) ئانىسىغا مۇناسىپ ھەدىيە بېرىشنىڭ ھۆكمىچۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: پەزىلەتلىك شەيخ، ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير ھافىزەھۇللاھ
جاۋاب: بۇنىڭ ھۆكمى بىدئەتتۇر، بۇ خىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى كاپىرلاردىن تارقالغان. كىم (كاپىرلار ئىجات قىلىۋالغان) بۇ خىل بايراملارنى تەبرىكلىسە كاپىرلارغا ئوخشىۋالغان بولىدۇ. كىم كاپىرلارغا ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلاردىن سانىلىدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ، بۇ كۈندە ئانىسىغا سوۋغات بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ، بۇ كۈندە ئانىسىغا سوۋغات بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ئەقىدە | رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتىشنىڭ خەتىرى
سەھىھ ئەقىدە | ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ دىن تۇتۇش پىرىنسىپى
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىغان
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئىسلام ئۈممىتىگە پەرز بولغىنى، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقلىرىغا رىئايە قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر. بۇنداق قىلىش بۇ ئۈممەتكە تەۋە ھەر بىر ئەر ۋە ئايالغا، قېرى ۋە ياشقا، غەرپلىك ۋە شەقلىق، ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بارچە مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلً} مەنە تەرجىمىسى: {ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلى (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئىتائەت قىلىڭلار، ۋە ئۆزۈڭلاردەك مۇسۇلمان بولغان ئىسلام ھۆكۈمدارلارغا (گۇماھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار) ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرىغا (يەنى ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن چاقىرىق ۋە ھۆكۈملىرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، ئۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە رەسۇلۇڭلارنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولساڭلار. مانا مۇشۇنداق قىلىش (يەنى ئىختىلاپنى كىتاپ ۋە سۈننەتكە قايتۇرۇپ، شەخسىي كۆز قاراشتىن ۋە ئ‍ىختىلاپتىن يېنىش) ياخشىلىق ۋە نەتىجىدە جەھەتتىن ئەڭ ياخشىدۇر.} — نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ} «كىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» (سۈرە نىسا، 80)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا باشقا ئايەتتە مۇنداق دېگەن:{وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ} «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» (سۈرە ھەشر، 7)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ} «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلار (دۇنيادا) بىر بالا-قازاغا مۇپتىلا بولۇشتىن، ۋەياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق جازاغا ئۇچراشتىن قورقسۇن.» (سۈرە نۇر، 63)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، پەقەت رەت قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېۋىدى، (ساھابىلەر) «ئى رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى قانداق كىشى؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«كىم مېنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىم بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئاسىيلىق قىلسا رەت قىلغان بولىدۇ (نەتىجىدە دوزاخقا كىرىدۇ)» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى) [كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى، قيل: يا رسول الله! من يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة، ومن عصاني فقد أبى]
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن:  بىز (رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىلىمىز، (دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىمىزگە) ئىتائەت قىلدۇرمايمىز. (رەسۇلۇللاھقا) ئەگىشىمىز، بىدئەت پەيدا قىلمايمىز. (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان سەھىھ) رىۋايەتلەرگە چىڭ ئېسىلغانلىكى تەقدىردە ئازمايمىز.  hedisim.com (لالىكائى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئېتىقادى 93)
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەي ئەھلى (دىنىي مەسىلىلەردە سۈننەتكە تايانماي، ئۇنى تولغاش ياكى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق كۆز قارىشىغا تايانغۇچىلار) سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ھەدىسلەرنى ئاڭقىرىش ئۇلارغا قىيىن كېلىدۇ. ئۇلار ھەدىسلەرنى قولدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن چۈشىنەلمىگەن، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىرى بويىچە سۆزلەپ ھەم ئۆزى ئازدى، ھەم باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ.» hedisim.com (ئەششەرھۇ ۋەلئىبانە 122؛ ناسىر ئىبنى ئەقىل: مەفھۇمۇس سۇننە ۋەلجامائە 37)
ئىبنى ئەتا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىم نەپسىنى سۈننەتنىڭ ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇر قىلسا، ئاللا ئۇنىڭ قەلبىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرلىرىگە، پېئىللىرىغا، ئەمەللىرىگە ۋە ئەخلاقىغا ئەگىشىشتىنمۇ شەرەپلىك بىر ماقام يوقتۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ. (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) hedisim.com
خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويۇشقا، شۇنداقلا بۇ سۈننەتكە زىت بولغان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. سۈننەتكە ئېسىلغان كىشى توغرا يولنى تاپىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. سۈننەتنى تاشلىغۇچى مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقان كىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىرى سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى مۇددەتتە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي. (حلية الأولياء 5\161) mujtehid.com
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» hedisim.com (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: ئەسھابۇ رەيدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەھلى سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. (حلية الأولياء 5\163)
ئەسھابۇ رەي دېگەن: شەرئىي مەسىلىلەردە سەھىھ دەلىلگە ئەمەس، كۆز قاراشقا تايىنىپ، سەھىھ دەلىل كۆز قارىشىغا توغرا كەلسە تۇتىدىغان، توغرا كەلمىسە سەھىھ دەلىلنى تولغاپ بۇرمىلاپ، سەھىھ دەلىلگە ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرىگە ئاشكارا يوشۇرۇن دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام شافىينىڭ گېپى بولۇنىۋىدى، دادام (ئىمام ئەھمەد) ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى:«ئەگەر رەسۇلۇللاھقا تۇتىشىدىغانلىقىنى سىلەر بىلىدىغان بىر ھەدىس بولسا ماڭا دەڭلار، مەن ئۇ ھەدىس قايسى دىياردا (قايسى ھەدىس شەيخىنىڭ كىتابىدا يېزىغلىق ياكى زېھنىدە يادقا ساقلاقلىق) بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئۇ ھەدىسنى ئۆگىنىۋالاي.» hedisim.com (حلية الأولياء 7\34)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن: (ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» hedisim.com (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن بىر ھۆكۈمنى بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ بەرگەن بۇ ھۆكۈمۈم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بولۇپ قالغان بولسا، مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمىمنى چۆرۈپ تاشلاڭلار.» hedisim.com (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» hedisim.com  (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام بۇخارىنىڭ زاماندىشى، مەشھۇر ھەدىس ئالىمى ئەھمەد ئىبنى سىنان (ھ 171-256) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ فِي الدُّنْيا مُبْتَدِعٌ إلّا وهُوَ يُبْغِضُ أهْلَ الحَدِيثِ فَإذا ابْتَدَعَ الرَّجُلُ نُزِعَ حَلاوَةُ الحَدِيثِ مِن قَلْبِهِ»«دۇنيادا ئەھلى ھەدىسنى پەقەت بىدئەتچىلا ئۆچ كۆرىدۇ. كىشى بىدئەت پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ قەلبىدىن ھەدىسنىڭ لەززىتى تارتىۋېلىنىدۇ.» hedisim.com (شرف أصحاب الحديث للخطيب، معرفة علوم الحديث للحاكم ١/٤، شرح لامية ابن تيمية ٢/٢٤)
دەمىر ئىبنى رەبىئە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ بىرەرسىگە ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ بەزىدە «بۇ ھەدىسنى قولغا كەلتۈرگىنىڭ سەن ئۈچۈن ئەسقالان ۋە سۇر شەھەرلىرىگە ۋالىي بولغىنىڭدىن خەيرلىكتۇر» دەيتتى. hedisim.com (حلية الأولياء 5\200)
ئىمام، ھافىز ئابدۇللاھ ئەلھۇمەيدى مۇنداق دېگەن:«ئىمان — سۆز ۋە ئەمەلدۇر. ئەمەلسىز سۆزنىڭ پايدىسى يوقتۇر. نىيەتسىز ھالدا قىلىنغان ئەمەلنىڭ ۋە سۆزنىڭ پايدىسى يوق. سۈننەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزنىڭ، ئەمەلنىڭ ۋە نىيەتنىڭ پايدىسى يوق.» hedisim.com (ھۇمەيدى: ئۇسۇلۇس سۇننە 2\546)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس.» (بۇخارى) hedisim.com
ئىمام ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن- گەرچە سۈننەت قانچىلىك بۈيۈك ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنىڭ قارشىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ – سۈننەتنى ئۈممەتكە بىلدۈرۈش، باشقىلارنى سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ھەرقانداق كىشىنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قانچە بۈيۈك ئۆلىما بولۇپ كەتسۇن، سۈننەتكە زىت سۆزلەپ قويغان بولسا، ئۇ سۈننەتتىن خەۋەرسىز قېلىپ، خاتا سۆزلىگەن ھېسابلىنىدۇ.» hedisim.com (إيقاظ همم 93)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن:«سىلەر سۈننەتنى يېيىشنىڭ پۇرسىتى بولسىلا سۈننەتنى يېيىڭلار. بۇ ئەمىلىڭلار ئارقىلىق سۈننەتكە ئەمەل قىلغانلىق ۋە شۇ سۈننەتكە قىيامەتكە قەدەر ئەگەشكەنلەرنىڭ ساۋابى سىلەرگە يېتىپ تۇرىدۇ.» hedisim.com (رىيازۇس سالىھىن شەرھى 4\215)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن:«كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان كىشىنىڭ ئىلىمى شەيتاندىندۇر. بىر ئىلىمنىڭ رەھمان تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ئېلىپ كەلگىنىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەنلا بىلىنىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،881)
ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن:«كىم يول باشلىغۇچىدىن ئايرىلسا، توغرا يولدىن ئازىدۇ. ئاللاھقا ۋە جەننەتكە كىتاب ۋە سۈننەتتىن باشقا ئۇلاشتۇرىدىغان يول يوق. يول باشلىغۇچىسى قۇرئان ۋە سۈننەت بولمىغان ھەر يول تاشلانغان شەيتاننىڭ ۋە جەھەننەمنىڭ يولىدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،876)
ئەھمەد ئىبنى ئەبۇل ھۇۋارى مۇنداق دېگەن:«كىمكى سۈننەتكە ئەگەشمەستىن بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى باتىلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس. (فەتھۇل بارى، 14/379) hedisim.com
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر. (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74) hedisim.com
خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويۇشقا، شۇنداقلا بۇ سۈننەتكە زىت بولغان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. سۈننەتكە ئېسىلغان كىشى توغرا يولنى تاپىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. سۈننەتنى تاشلىغۇچى مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقان كىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىرى سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى مۇددەتتە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي. (حلية الأولياء 5\161) hedisim.com
ئىمام ئەۋزائى مۇنداق دېگەن: ئىلىم دېگەن رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن (سەھىھ يول بىلەن) كەلگەن نەرسىلەردۇر. ساھابىلەردىن يېتىپ كەلمىگەن نەرسىلەر ئىلىم ئەمەس. (فەتھۇلبارى، 14/371) hedisim.com
ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ. hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
ئىمام ئەھمەدنىڭ دەۋردىشى، بۈيۈك ئالىم بىشىر ئەلھارىس مۇنداق دېگەن: «ئىسلام سۈننەتتۇر، سۈننەت بولسا ئىسلامدۇر.» hedisim.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە،184-نومۇر)
بىشىر ئىبنى ئابدۇللاھ سۇلەمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز خۇتبە ئوقۇدى ۋە مۇنداق دېدى: ئەي ئىنسانلار! قىيامەت كۈنىنىڭ كېلىشى بىزدىن يىراقتۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. ھالبۇكى، كىم ئۆلسە ئۇنىڭ قىيامىتى قايىم بولغان بولىدۇ، ئۆلگەن كىشى ياخشىلىقىنى ئاشۇرالمايدۇ، گۇناھلىرىنىمۇ يوق قىلالمايدۇ. ئاگاھ بولغايسىلاركى، سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغۇچى (دۇنيانىڭ ۋە ئاخىرەتنىڭ مۇسىبەتلىرىدىن، ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) سالامەت قالمايدۇ. ئاللاھقا ئىسيانكارلىق ھېسابلىنىدىغان ئىشلاردا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىش يوقتۇر. سىلەر زالىم ھۆكۈمداردىن قاچقان كىشىنى ئاسىي دەپ ئاتاۋاتىسىلەر. بىلىڭلاركى، زالىم ھۆكۈمداردىن قاچقان كىشى بىلەن زالىم ھۆكۈمدار ئىككىسىدىن ئاسىي دەپ ئاتىلىشقا تېخىمۇ بەكراق لايىق بولغىنى زالىم ھۆكۈمداردۇر. (حلية الأولياء 4\238) hedisim.com
ئىمام ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئەڭ ئاز تېپىلىدىغان نەرسە سەمىمىي دوست، ھالال كىرىم ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 964)
ئىمام ئىبنى باز باشچىلىقىدىكى ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى مۇنداق دېگەن:«ئىسلام ئەقىدىسىگە مەھكەم يېپىشىپ، سۆزىنى ۋە ئەمەللىرىنى قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىقلاشتۇرغۇچى كىشى ئۇتۇق قازانغۇچىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ خىلدىكى ئۇتۇق قازانغان كىشى يەنە ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپنىڭ يولىغا ۋە ئۇلارغا ياخشىلىقتا ئەگەشكەن سالىھلارنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىدۇر.» hedisim.com (فەتۋا لەجنەتۇددائىمە، 4889-پەتىۋا)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ۋە ھەققى ئەمەس.» hedisim.com (رەفئۇل مەلام 67)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ھەق ئەھلى ھەقنى سۆزلەپ بايان قىلمىسا، باتىل ئەھلى باتىل داۋاسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، باشقىلار بۇ باتىل داۋاغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ. ئاقىۋەتتە، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ سۆزلەپ، بايان قىلماي يوشۇرۇشنىڭ گۇناھى سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ھەقنى يوشۇرغانلارغا يېزىلىدۇ. — مەجمۇئۇل فەتۋا شەيخ ئىبنى باز (3\72) hedisim.com
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: مەن بىرەر ھەدىسنى تاكى ئۆزۈم ئەمەل قىلمىغۇچە يېزىپ خاتىرلىمىدىم (يەنى مەن خاتىرىلىگەنلىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم ئەمەل قىلغان ھەدىسلەردۇر.) ھەتتا ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قان ئالدۇرۇپ، قان ئالغۇچىغا بىر دىنار بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قان ئالدۇرۇپ، قان ئالغۇچىغا بىر دىنار بەردىم. (سىيەر ئەئلام نۇبەلا، 11\296) hedisim.com
مۇھەددىس ئىمام ھاكىم نىساپۇرى ئەھلى ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئىمام ئەھمەد سەھىھ ھەدىستىكى «قىيامەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە \ ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە» دەپ ناملانغانلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھلى ھەدىس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ياخشى قىلغان. «ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ئاتىلىشقا بىزدىن ئىلگىرى كەلگەن سەلەپ-سالىھىننىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىپ، ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەردىن لايىقراق باشقا كىم بار؟ «ياردەمگە ئېرىشكۈچى پىرقە \ نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ئاتىلىشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ باتىل يولىنى ئاشكارىلاپ بەرگۈچى مەزكۇر كىشىلەردىن لايىقراق كىم بار؟“ hedisim.com | معرفة علوم الحديث » للحاكم النيسابوري ( ص 2 ، 3 )
سەلەپ ئالىملىرىدىن ھەسەن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:  ((رَكْعَتانِ يَسْتَنُّ فِيهِما العَبْدُ خَيْرٌ مِن سَبْعِينَ رَكْعَةً لا يَسْتَنُّ فِيها))«بەندىنىڭ سۈننەت ھېسابلىنىدىغان ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇشى سۈننەتتە ئورنى يوق يەتمىش رەكئەت ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەلدۇر.» hedisim.com (حلية الأولياء 7\75)
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «يَأتِي أناس يُجادلونكُم بشُبُهات القرآن؛ خُذوهُم بالسنَنِ؛ فإن أصْحابَ السّنَنِ أعْلمُ بكتِاب اللهِ» «قۇرئاندىكى مۇتەشابىھ ئايەتلەر ئارقىلىق سىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. سىلەر ئۇنداقلارنى سۈننەت بىلەن جىمىقتۇرۇڭلار. چۈنكى، سۈننەتكە ئەگەشكۈچى كىشىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردۇر.» (أخرجهما الإمام اللالكائي في «شرح أصول اعتقاد أهل السنة والجماعة»، وابن بطة في«الإبانة») hedisim.com
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: سەلەف ئالىملىرى ئىلىم بىلەن رەي (كۆز قاراش) نى بىر-بىرىدىن ئايرىيتتى. سۈننەتنى «ئىلىم» دەيتتى، بۇنىڭ سىرتىدىكىلەرنى رەي دەيتتى. hedisim.com (فەتھۇلبارى، 14/372)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: «سىلەر سۈننەتنى يېيىشنىڭ پۇرسىتى بولسىلا سۈننەتنى يېيىڭلار. بۇ ئەمىلىڭلار ئارقىلىق سۈننەتكە ئەمەل قىلغانلىق ۋە شۇ سۈننەتكە قىيامەتكە قەدەر ئەگەشكەنلەرنىڭ ساۋابى سىلەرگە يېتىپ تۇرىدۇ.» hedisim.com (رىيازۇس سالىھىن شەرھى 4\215)
ئەسۋەد ئىبنى سالىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئۆرنەك ئىنسان ئىدى، سۈننەتنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ساغلىمى ئىدى. ئەگەر بىرەرسى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەككە كۆز ئالايتقان تەقدىردە، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈڭلار.» (سىيەر ئەئلام نۇبەلا 18\395)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن:«قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ سىرتىدىكى كۆز قاراشلار پەيلاسوپلارنىڭ قىياسى، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ خىيالى، يولدىن چىققان ئازغۇنلارنىڭ پىكىرلىرى ۋە كالامچىلارنىڭ شۈبھەلىرىدىن ئىبارەتتۇر.» (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،876) hedisim.com
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: بەخىتكە ئېرىشىدىغان كىشى – سەلەف ئالىملىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن، خەلەفنىڭ (كېيىنكى كىشىلەرنىڭ) ئويدۇرغانلىرىدىن قاچقان كىشىدۇر. (بۇخارى 7288-ھەدىسكە ئىبنى ھەجەر شەرھى، فەتھۇلبارى 14/334) hedisim.com
ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى بۇيرۇغان. جامائەت (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئەھلى ئىلىملەردۇر.» (سەھىھۇل بۇخارى-قۇرئان سۈننەتكە ئېسىلىش كىتابى-19-بابنىڭ ماۋزۇسى) hedisim.com
ئىمام بۇخارىنىڭ (بۇ ماۋزۇ ئارقىلىق) دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: ئالىمنىڭ (ھەر قانداق بىر مەسىلىدە) شەرئىي دەلىللەرنى بىلدۈرۈش ئىمكانى بار تۇرۇپ، ئۇنداق قىلماستىن ئۆز كۆز قارىشى ۋە قىياس بىلەن سۆز قىلىشىغا يول يوق. (فەتھۇلبارى، 14/373) hedisim.com
– مۇجتەھىد تورى تەييارلىدىئىزدەش كەلىمىلىرى:
— سەلەپ ئەقىدىسى
—سەلەف ئەقىدىسى
— ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسى
— ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئەقىدىسى
— ئەھلى ھەدىس
The post سەھىھ ئەقىدە | رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتىشنىڭ خەتىرى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ئەقىدە | رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتىشنىڭ خەتىرى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ((نضَّر الله امرأً سمع منا شيئًا فبلّغه كما سمعه، فَرُبَّ مُبلَّغٍ أوْعى من سامعٍ)) «مەندىن بىر ھەدىسنى ئاڭلاپ، ئۇنى (باشقىلارغا) مەندىن ئاڭلىغىنى بويىچە يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈۋەتسۇن. ئۆزىگە ھەدىس يەتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچىدىنمۇ بەكراق ياخشى چۈشىنەلەيدۇ.» hedisim.com (ئەھمەد 5\49؛ ئەبۇ داۋۇد 3175؛ تىرمىزى 2581؛ رىيازۇس سالىھىن 2581)
بۇ ھەدىس سەھىھ سۈننەتنى يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن بۈيۈك خۇش خەۋەردۇر.
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستىكىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر ھەدىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى باشقىلارغا ئاڭلىغىنى بويىچە ئۆز پېتى يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىلغان دۇئاسىدۇر.
«ئۆزىگە ھەدىس يەتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچىنمۇ بەكراق ياخشى چۈ (شىنەلەيدۇ» — ھەدىسلەرنى ياخشى يادلاپ، باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان ئالىملار بولغىنىدەك، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن ھەدىسنى ئۆزىگە نەقىل قىلغۇچىلاردىنمۇ ياخشى چۈشەنگەن ۋە ئۇ ھەدىستىن نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، (مۇسۇلمانلارغا) تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولىدىغان ئالىملارمۇ بار. (شرح رياض الصالحين 4\523)
The post سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى تەيمىييە پەتىۋاسى
لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟
سوئال: بىر كىشى مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىمكى لائىلاھە ئىللەللاھ دېسە جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن.
باشقا بىرى مۇنداق دېدى: ئەگەر كىشى ماختىلىدىغان شەرىئەت يولىدا مېڭىپ، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بۇيرۇق، چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلسا بۇ ھەدىستىكىدەك بولىدۇ. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇپ، ئەمما ئەمەلىيىتىدە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلمىسا، ئۆزىنىڭ دىندىكى نۇقسانلىرىغا، دىنىدىن نېمىنىڭ كېمەيگەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن (گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتماي دىنغا خىلاپ ھالدا) ياشىسا، يۇقىرىقى ھەدىستە دېيىلگەن كىشىلەر قاتارىغا كىرەلمەيدۇ، دېدى.
ھەدىسنى باشتا نەقىل قىلغان كىشى: مەن قىلىنسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە لائىلاھە ئىللەللاھ دېسەم جەننەتكە كىرىمەن، دوزاخقا كىرمەيمەن، دېدى. (بۇ ھەقتە قانداق پەتىۋا بېرىلا؟)
پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: بارچە ھەقىقىي ۋە ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. كىم «بۇ كەلىمىنى (يەنى «لائىلاھە ئىللەللاھ»نى) تىلىدا تەلەپپۇز قىلسا، بۇنداق قىلغۇچى جەننەتكە كىرىدۇ، دوزاخقا كىرمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلسا، بۇنداق ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى توغرا يولدا بولمىغان ئازغۇندۇر؛ قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئىجمائىغا خىلاپ يول تۇتقۇچىدۇر. چۈنكى، دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا چۈشىغان مۇناپىقلارمۇ «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسىنى تەلەپپۇز قىلىشقان ئىدى ۋە سانى كۆپ ئىدى. مۇناپىقلارمۇ روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇپ، سەدىقە بېرىشىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەللىرى ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلاةِ قَامُوا كُسَالَى يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلا قَلِيلا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنى ئالدايدۇ. مۇناپىقلار نامازغا تۇرسا ھورۇنلۇق بىلەن تۇرىدۇ، (سالىھ ئەمەللەرنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنىلا زىكىر قىلىدۇ.} (نىسا سۈرىسى 142-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ﴾ مەنە تەرجىمىسى: {(ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى: «سىلەر مەيلى خالاپ تۇرۇپ خەير-ئېھسان قىلىڭلار، ياكى ئىستەكسىز ھالدا خەير-ئېھسان قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ خەير-ئېھسانلىرىڭلارنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، سىلەر پاسىق كىشىلەرسىلەر.} (تەۋبە سۈرىسى 53-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى، چوقۇمكى، جەھەننەمگە توپلايدۇ.} (سۈرە نىسا، 140-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿يَوْمَ لا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ نُورُهُمْ يَسْعَى بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ﴾ مەنە تەرجىمىسى:{قىيامەت كۈنى ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە بولىدۇ.} (سۈرە تەھرىم 8-ئايەت) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  ﴿فَالْيَوْمَ لا يُؤْخَذُ مِنْكُمْ فِدْيَةٌ وَلا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {(ئى مۇناپىقلار!) بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) سىلەردىن ھېچقانداق فىدىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ، كاپىرلاردىنمۇ ھەم شۇنداق.} (سۈرە ھەدىد 15-ئايەت)
سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (آيَةُ الْمُنَافِقِ ثَلَاثٌ: إذَا حَدَّثَ كَذَبَ، وَإِذَا وَعَدَ أَخْلَفَ، وَإِذَا اُؤْتُمِنَ خَانَ) «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: (1) سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ؛ (2) ۋەدە قىلسا ئەمەل قىلمايدۇ؛ (3) ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ.» hedisim.com (مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس؛ بۇخارى 33-نومۇرلۇق، مۇسلىم 59-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 1467-نومۇرلۇق ھەدىس) سەھىھ مۇسلىمدىكى ھەدىستە يەنە «وَإِنْ صَلَّى وَصَامَ وَزَعَمَ أَنَّهُ مُسْلِمٌ» «ئەگەر ناماز ئوقۇسىمۇ، روزا تۇتسىمۇ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى داۋا قىلسىمۇ (بۇنداق كىشى مۇناپىقتۇر)» دېيىلگەن.
قال النبي صلى الله عليه وسلم : ( أَرْبَعٌ مَنْ كُنَّ فِيهِ كَانَ مُنَافِقًا خَالِصًا ، وَمَنْ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْهُنَّ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْ النِّفَاقِ حَتَّى يَدَعَهَا : إِذَا اؤْتُمِنَ خَانَ ، وَإِذَا حَدَّثَ كَذَبَ ، وَإِذَا عَاهَدَ غَدَرَ ، وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ ) رواه البخاري (34) ، ومسلم (58)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆت يامان خىسلەت بولۇپ، كىمدە بۇ يامان خىسلەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا ئۇ سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭدا مۇناپىقلىق خىسلەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت شۇكى) ئۇنىڭغا ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، جاڭجاللىشىپ قالسا ھەقتىن چىقىپ كېتىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58) «وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ» [«جاڭجاللىشىپ قالسا ھەقتىن چىقىپ كېتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، مۇشۇ جۈملە مۆتىۋەر ھەدىس شەرھلىرىدە مۇشۇنداق شەرھلەنگەنلىكى ئۈچۈندۇر. يەنى جاڭجاللىشىپ قالسا، ياكى داۋالىشىپ قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسا، ھەر قانداق جاڭجال ھالىتىدە (قارشى تەرەپكە تۆھمەت قىلىش، نالايىق سۆزلەرنى ئىشلىتىش جۈملىسىدىن بولغان) ناھەق سۆزنى، ياكى (دۈشمەنلەشكۈچىگە قىلتاق قۇرۇش، تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيان سېلىش قاتارلىق) ناھەق ئىشنى، جۈملىدىن ئادالەتكە ۋە ھەقكە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزنى ياكى ئىشنى قىلىدۇ. [قاراڭ: الكوثر الجاري إلى رياض أحاديث البخاري ٥ /١٣٠؛ قاراڭ: منحة الباري بشرح صحيح البخاري ٥/٢٣٣) – تەرجىماندىن]
(سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دوزاخقا تۇنجى بولۇپ تاشلىنىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى مۇجاھىد، يەنە بىرى ياخشىلىق يولىدا پۇل مال سەرپ قىلىش يولىنى تۇتقان باي، ئۈچىنچىسى قۇرئاننى يادقا ئېلىپ ئۆگەنگەن قارىيدۇ. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇش بىلەنلا جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغان ئىش بولسا، مۇنۇ ئۈچ كىشىمۇ لائىلاھە ئىللەللاھ دەيدىغان كىشىلەر ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېيتقان لائىلاھە ئىللەللاھى ئۇلارنى دوزاخقا كىرىشتىن قۇتقۇزۇپ قالالمىغان. چۈنكى، ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلەپ ئىخلاس بىلەن قىلىشنىڭ ئورنىغا، كىشىلەرنىڭ ماختاش ۋە ياقتۇرۇشلىرىنى، مەدھىيەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىياخورلۇق بىلەن قىلغان.-ت)
(شەيخۇل ئىسلامنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ھەدىسنى بۇ ئورۇندا زىكىر قىلىشىدىكى سەۋەب، ھەدىستىكى يامان ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنىڭ ئىسلامنى داۋا قىلىپ تۇرۇپ، نىفاق ئەمەللەرنى قىلغانلىقىدىندۇر. ھەدىستىكىسى ئەمەلىي نىفاق بولۇپ، ئېتىقادىي نىفاق ئەمەس. ئەمەلىي نىفاق گۇناھى كەبىرىدۇر، كىشىنى دىندىن چىقارمايدۇ. ئەمما، ئېتىقادىي نىفاق كىشىنى دىندىن چىقىرىدۇ. ھەدىستىكىدەك ئەمەلىي نىفاقنى قىلغانلار قۇرئاندا ۋە ھەدىستە دوزاخ بىلەن تەھدىت قىلىنغان. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ تىلىدا ئېيتىپ قويسا، دوزاخقا كىرمەي جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغان ئىش بولسا، بۇ ھەدىسلەر مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى يوقاتقان بولۇپ قالاتتى. شۇڭا، دەل ئەكسىچە، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇش بىلەنلا، جەننەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى مانا مۇشۇ ئىككى ھەدىسمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. سورىغۇچى نەقىل قىلغان ھەدىس مانا مۇشۇ خىل ھەدىسلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تۇرۇپ چۈشىنىلىدۇ. بىر ئايەت باشقا بىر ئايەتنى تەپسىرلەيدۇ، ياكى ئايەتنى ھەدىس تەپسىرلەيدۇ. شۇنداقلا، بىر ھەدىسنى شۇ ھەقتىكى باشقا بىر ھەدىس شەرھلەيدۇ. ھەدىسلەر بىر تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنكار قىلىنمايدۇ. يەنى، سورىغۇچى نەقىل قىلغان ھەدىسنىڭ تېگى تەكتىنى بىلمەستىن تومتاقلا ئېسىلىۋېلىش، پەتىۋا بەرگۈچى نەقىل قىلغان ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشقا، ئىككى ھەدىسنى زىتلاشتۇرۇپ سوقاشقا سېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھەق ئەھلى ھېچقاچان بۇنداق يولغا كىرمەيدۇ. شەيخۇل ئىسلام مۇشۇنىڭغا ئىشارە قىلغان.-ت)
لېكىن، كىشى «لَا إلَهَ إلَّا اللَّهُ» نى چىن قەلبىدىن ئىمان كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، قەلبىدە چىن تەستىق قىلغان ھالەتتە تىلىدا ئېيتسا ۋە مۇشۇ ئېتىقادى ئۈستىدە ئۆلسە، بۇنداق كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ ھالەتتە نەقىل قىلىنغان ھەدىسلەردە كەلگىنىدەك، قەلبىدە قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىك ئىمان بار كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. مۇسۇلمان ھېسابلانغانلار ئىچىدىكى ئوغرى، زىناخور، ھاراقكەش، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى، جازانە يېگۈچى، يېتىمنىڭ مېلىنى يېگۈچى … قاتارلىق (ھەر قانداق چوڭ گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن  تەۋبە قىلمىغان ھالەتتە ئۆلگەن) پاسىق كىشىلەرگە كەلسەك، بۇنداق كىشىلەر دوزاختا دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىنىڭ مىقدارى بويىچە جازالىنىدۇ. سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، ئۇلاردىن بەزىسىنى دوزاخ ئوتى ھوشۇقىغا قەدەر كۆيدۈرىدۇ، بەزىسىنى تىزىغىچە كۆيدۈرىدۇ، بەزىسىنى بېلىگىچە كۆيدۈرىدۇ. مانا بۇ خىل پاسىق مۇسۇلمانلار (گۇناھىنىڭ مىقدارىدا دوزاختا جازالانغاندىن كېيىن) ئاللاھ دوزاختىن ئازات قىلىدىغان دوزاخقا ئەھلى جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. [الفتاوى الكبرى لابن تيمية 2\377 ] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
جەھمىيە ۋە ئەشئەرىي پىرقىلىرى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى
مۇرجىئە پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
فەقىھ مۇرجىئەلەر ئەھلى سۈننەتمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان [ئەرەپچە]
The post لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى تەيمىييە پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى تەيمىييە پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە دوزاختىن يىراق قىلىدىغان بىر ئەمەلنى ماڭا دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بەك چوڭ ئىش توغرۇلۇق سورۇدۇڭ. بۇ ئاللاھ ئاسان قىلىپ بەرگەن كىشىگە ئاساندۇر. پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك قىلىۋالمىغىن؛ نامازلىرىڭنى مۇكەممەل ئادا قىل، زاكاتنى بەر، رامزان روزىسىنى تۇتۇ ۋە بەيتۇللاھنى ھەج قىل» دېدى. ئاندىن يەنە مۇنداق دېدى: «ساڭا ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ روزا قالقاندۇر. سۇنى ئوتنى ئۆچۈرگىنىدەك، سەدىقە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىنىڭ كېچىنىڭ يېرىمىدا ئوقۇغان نامىزىمۇ ھەم گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ.» ئاندىن ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىنى ئوقۇدى:{ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن-كۆرپىدىن ئۇزاقتۇر، قورققان ۋە ئۈمىد قىلغان ھالدا رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، رىزىق قىلىپ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.} (سەجدە سۈرىسى، 16-ئايەت ئايەتلەر) ئاندىن «ساڭا ئىشنىڭ بېشىنى، تۈۋرۈكىنى ۋە يۇقىرى پەللىسى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر، يۇقىرى پەللىسى جىھادتۇر» دېدى. ئاندىن «ساڭا بۇلاردىن ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «بۇنى ساقلا» دېۋىدى، مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، سۆزلىگەن سۆزلىرىمىز سەۋەبلىكمۇ ھېسابقا تارتىلامدۇق؟» دەپ سورىدىم. «ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن! ئىنسانلارنىڭ يۈزىچىلەپ (ياكى بۇرنىچىلاپ) دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان نەرسە ئۇلارنىڭ تىللىرى ئارقىلىق قىلغان گۇناھلىرى بولماي نېمە؟» دېدى. hedisim.com (تىرمىزى 2616؛ ئەھمەد 22016؛ مۇھەددىسلەردىن ئەھمەد شاكىر ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن)
عَن مُعَاذ بن جَبَلٍ رضي الله عنه قَالَ: قُلتُ يَا رَسُولَ الله أَخبِرنِي بِعَمَلٍٍ يُدخِلُني الجَنَّةَ وَيُبَاعدني منٍ النار قَالَ: (لَقَدْ سَأَلْتَ عَنْ عَظِيْمٍ وَإِنَّهُ لَيَسِيْرٌ عَلَى مَنْ يَسَّرَهُ اللهُ تَعَالَى عَلَيْهِ: تَعْبُدُ اللهَ لاَتُشْرِكُ بِهِ شَيْئَا، وَتُقِيْمُ الصَّلاة، وَتُؤتِي الزَّكَاة، وَتَصُومُ رَمَضَانَ، وَتَحُجُّ البَيْتَ. ثُمَّ قَالَ: أَلاَ أَدُلُّكَ عَلَى أَبْوَابِ الخَيْرِ: الصَّوْمُ جُنَّةٌ، وَالصَّدَقَةُ تُطْفِئُ الخَطِيْئَةَ كَمَا يُطْفِئُ المَاءُ النَّارَ، وَصَلاةُ الرَّجُلِ فِي جَوْفِ اللَّيْلِ ثُمَّ تَلا : (تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ) حَتَّى بَلَغَ: (يَعْلَمُونْ) [السجدة:16-17] ثُمَّ قَالَ: أَلا أُخْبِرُكَ بِرَأْسِ الأَمْرِ وَعَمُودِهِ وَذِرْوَةِ سَنَامِهِ ؟ قُلْتُ: بَلَى يَارَسُولَ اللهِ، قَالَ: رَأْسُ الأَمْرِ الإِسْلامُ وَعَمُودُهُ الصَّلاةُ وَذروَةُ سَنَامِهِ الجِهَادُ ثُمَّ قَالَ: أَلا أُخبِرُكَ بِملاكِ ذَلِكَ كُلِّهِ ؟ قُلْتُ:بَلَى يَارَسُولَ اللهِ. فَأَخَذَ بِلِسَانِهِ وَقَالَ: كُفَّ عَلَيْكَ هَذَا. قُلْتُ يَانَبِيَّ اللهِ وَإِنَّا لَمُؤَاخَذُونَ بِمَا نَتَكَلَّمُ بِهِ ؟ فَقَالَ: ثَكِلَتْكَ أُمُّكَ يَامُعَاذُ. وَهَلْ يَكُبُّ النَّاسَ فِي النَّارِ عَلَى وُجُوهِهِمْ أَو قَالَ: عَلَى مَنَاخِرِهِمْ إِلاَّ حَصَائِدُ أَلسِنَتِهِمْ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن صحيح.
The post رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئەرلەرگە جەننەتتە ھۆر ئەين بار ئىكەن، ئاياللارغىچۇ؟
ئەرلەرگە جەننەتتە ھۆر ئەينلەر بار ئىكەن، ئاياللارغىچۇ؟
سوئال: قىيامەت كۈنى جەننەتتە ئەرلەرگە ھۆر ئەينلەر بار ئىكەن، ئاياللارغىچۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھەفىزەھۇللاھ
ئاياللارغا سالىھ ئەرلەر بار.
(مەنبە: https://www.facebook.com/reel/401839919231512)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ئەرلەرگە جەننەتتە ھۆر ئەين بار ئىكەن، ئاياللارغىچۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئەرلەرگە جەننەتتە ھۆر ئەين بار ئىكەن، ئاياللارغىچۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ھەدىس | ھەقنى بىلىدىغان، لېكىن ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بېرىدىغان كىشى دوزاختا
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْقُضَاةُ ثَلَاثَةٌ: اثْنَانِ فِي النَّارِ، وَوَاحِدٌ فِي الْجَنَّةِ: رَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَقَضَى بِهِ، فَهُوَ فِي الْجَنَّةِ، وَرَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَلَمْ يَقْضِ بِهِ، وَجَارَ فِي الْحُكْمِ، فَهُوَ فِي النَّارِ، وَرَجُلٌ لَمْ يَعْرِفِ الْحَقَّ، فَقَضَى لِلنَّاسِ عَلَى جَهْلٍ، فَهُوَ فِي النَّارِ)) «قازى (ھۆكۈم-پەتىۋا) بەرگۈچى ئۈچ تۈرلۈكتۇر. ئىككى تۈرلۈكى دوزاختا، بىرى جەننەتتىدۇر. ھەقنى بىلگەن ۋە ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم بەرگەن كىشى جەننەتتە بولىدۇ. ھەقنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم-پەتىۋا بەرمەستىن، ھەقكە زىت ھۆكۈم چىقارغۇچى دوزاختىدۇر. ھەقنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ، كىشىلەرگە جاھالەت بىلەن (يەنى ئۆز خىيالى، ئۆزىنىڭ شەخسىي رەيى بىلەن) ھۆكۈم (پەتىۋا) بېرىدىغان كىشى دوزاختىدۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، نەسائى توپلىغان؛ ئىمام ھاكىم ۋە باشقا ئالىملار سەھىھ دېگەن) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى
The post سەھىھ ھەدىس | ھەقنى بىلىدىغان، لېكىن ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بېرىدىغان كىشى دوزاختا first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ھەدىس | ھەقنى بىلىدىغان، لېكىن ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بېرىدىغان كىشى دوزاختا appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ھەدىسكە ئەگەشمەسلىك، ئېتىبار قىلماسلىقنىڭ ۋابالى
ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ سۈننەتكە زىت يول تۇتۇش ھەققىدە ئېيتقانلىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سالات ۋە سالاملار بولسۇن.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ} «كىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» (سۈرە نىسا، 80)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» mujtehid.com (ذم الكلام للهروي 3\15)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا باشقا ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: {وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ} «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» (سۈرە ھەشر، 7)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ} «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلار (دۇنيادا) بىر بالا-قازاغا مۇپتىلا بولۇشتىن، ۋەياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق جازاغا ئۇچراشتىن قورقسۇن.» (سۈرە نۇر، 63)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((تركت فيكم شيئين لن تضلوا بعدهما: كتاب الله وسنتي، ولن يتفرقا حتى يردا على الحوض)) «ئاراڭلارغا ئىككى نەرسىنى قويۇپ قويدۇم، ئۇ ئىككىسىگە مەھكەم ئېسىلساڭلار ھەرگىز ئازمايسىلەر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر. قۇرئان بىلەن سۈننىتىم ھەۋزى كۆلۈمدە ماڭا ئۇچراشقانغا قەدەر بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2937؛  ئىبنى ھەزىم: ئۇسۇلىل ئەھكام 2\251، سەھىھ)
عَن أَبي نَجِيحٍ العربَاضِ بنِ سَاريَةَ رضي الله عنه قَالَ: وَعَظَنا رَسُولُ اللهِ مَوعِظَةً وَجِلَت مِنهَا القُلُوبُ وَذَرَفَت مِنهَا العُيون. فَقُلْنَا: يَارَسُولَ اللهِ كَأَنَّهَا مَوْعِظَةُ مُوَدِّعٍ فَأَوصِنَا، قَالَ: (أُوْصِيْكُمْ بِتَقْوَى اللهِ عز وجل وَالسَّمعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ تَأَمَّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ، فَإِنَّهُ مَنْ يَعِشْ مِنْكُمْ فَسَيَرَى اخْتِلافَاً كَثِيرَاً؛ فَعَلَيكُمْ بِسُنَّتِيْ وَسُنَّةِ الخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ المّهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الأُمُورِ فإنَّ كلّ مُحدثةٍ بدعة، وكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ) رواه أبو داود والترمذي وقال : حديث حسن صحيح.
ئەبۇ نەجىھ ئىرباز ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (بىر كۈنى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق بىر ۋەز نەسىھەت قىلدىكى، بۇ سەۋەبلىك قەلىبلەر تىتىرەپ، كۆزلەردىن ياش ئاقتى. بىز «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچى كىشىنىڭ نەسىھەتلىرىدۇر. بىزگە ۋەسىيەت قىلغايلا» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە تەقۋادارلىق قىلىشنى، بېشىڭلارغا بىر قۇل ھۆكۈمدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن. سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇ ھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلىڭلار، سۈننىتىمنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن:  بىز (رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىلىمىز، (دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىمىزگە) ئىتائەت قىلدۇرمايمىز. (رەسۇلۇللاھقا) ئەگىشىمىز، بىدئەت پەيدا قىلمايمىز. (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان سەھىھ) رىۋايەتلەرگە چىڭ ئېسىلغانلىكى تەقدىردە ئازمايمىز. hedisim.com (لالىكائى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئېتىقادى 93)
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەي ئەھلى (دىنىي مەسىلىلەردە سۈننەتكە تايانماي، ئۇنى تولغاش ياكى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق كۆز قارىشىغا تايانغۇچىلار) سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ھەدىسلەرنى ئاڭقىرىش ئۇلارغا قىيىن كېلىدۇ. ئۇلار ھەدىسلەرنى قولدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن چۈشىنەلمىگەن، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىرى بويىچە سۆزلەپ ھەم ئۆزى ئازدى، ھەم باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ.» hedisim.com (ئەششەرھۇ ۋەلئىبانە 122؛ ناسىر ئىبنى ئەقىل: مەفھۇمۇس سۇننە ۋەلجامائە 37)
ئىبنى ئەتا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىم نەپسىنى سۈننەتنىڭ ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇر قىلسا، ئاللا ئۇنىڭ قەلبىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرلىرىگە، پېئىللىرىغا، ئەمەللىرىگە ۋە ئەخلاقىغا ئەگىشىشتىنمۇ شەرەپلىك بىر ماقام يوقتۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ. (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) hedisim.com
خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويۇشقا، شۇنداقلا بۇ سۈننەتكە زىت بولغان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. سۈننەتكە ئېسىلغان كىشى توغرا يولنى تاپىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. سۈننەتنى تاشلىغۇچى مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقان كىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىرى سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى مۇددەتتە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي. (حلية الأولياء 5\161) mujtehid.com
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» hedisim.com (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: ئەسھابۇ رەيدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەھلى سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. (حلية الأولياء 5\163)
ئەسھابۇ رەي دېگەن: شەرئىي مەسىلىلەردە سەھىھ دەلىلگە ئەمەس، كۆز قاراشقا تايىنىپ، سەھىھ دەلىل كۆز قارىشىغا توغرا كەلسە تۇتىدىغان، توغرا كەلمىسە سەھىھ دەلىلنى تولغاپ بۇرمىلاپ، سەھىھ دەلىلگە ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرىگە ئاشكارا يوشۇرۇن دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام شافىينىڭ گېپى بولۇنىۋىدى، دادام (ئىمام ئەھمەد) ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى:«ئەگەر رەسۇلۇللاھقا تۇتىشىدىغانلىقىنى سىلەر بىلىدىغان بىر ھەدىس بولسا ماڭا دەڭلار، مەن ئۇ ھەدىس قايسى دىياردا (قايسى ھەدىس شەيخىنىڭ كىتابىدا يېزىغلىق ياكى زېھنىدە يادقا ساقلاقلىق) بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئۇ ھەدىسنى ئۆگىنىۋالاي.» hedisim.com (حلية الأولياء 7\34)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» mujtehid.com (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن: (ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» hedisim.com (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: «مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ. (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) hedisim.com
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْ نَبِيٍّ بَعَثَهُ اللَّهُ فِي أُمَّةٍ قَبْلِي إِلَّا كَانَ لَهُ مِنْ أُمَّتِهِ حَوَارِيُّونَ وَأَصْحَابٌ يَأْخُذُونَ بِسُنَّتِهِ وَيَقْتَدُونَ بِهَا ثُمَّ يَخْلُفُ مِنْ بَعْدِهِمْ خُلُوفٌ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ وَيَفْعَلُونَ مَا لَا يُؤْمَرُونَ فَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِيَدِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِلِسَانِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِقَلْبِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَلَيْسَ وَرَاءَ ذَلِكَ مِنَ الْإِيمَانِ حَبَّةُ خَرْدَلٍ)) «ئاللاھ مەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئەۋەتكەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ، ئۆز ئۈممىتى ئىچىدە ياردەمچىلىرى ۋە ساھابىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بىلەن ئەمەل قىلىپ، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بويسۇناتتى. ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغان ئىشىنى سۆزلەيدىغان، (پەيغەمبىرى) ئەمر قىلمىغان ئىشنى (يەنى بىدئەتلەرنى) قىلىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىم قولى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم تىلى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم بۇنداقلارغا قەلبى بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر. (پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن سۈننەتتىن باشقىسى بىلەن ئەمەل قىلىدىغانلارغا قارشى) قەلبى بىلەن بولسىمۇ جىھاد قىلمايدىغانلاردا قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىكمۇ ئىمان يوقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 86)
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان كىشىنىڭ ئىلىمى شەيتاندىندۇر. بىر ئىلىمنىڭ رەھمان تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ئېلىپ كەلگىنىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەنلا بىلىنىدۇ.» mujtehid.com(ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،881)
ئىمام ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن- گەرچە سۈننەت قانچىلىك بۈيۈك ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنىڭ قارشىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ – سۈننەتنى ئۈممەتكە بىلدۈرۈش، باشقىلارنى سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ھەرقانداق كىشىنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قانچە بۈيۈك ئۆلىما بولۇپ كەتسۇن، سۈننەتكە زىت سۆزلەپ قويغان بولسا، ئۇ سۈننەتتىن خەۋەرسىز قېلىپ، خاتا سۆزلىگەن ھېسابلىنىدۇ.» mujtehid.com (إيقاظ همم 93)
ئەبۇ سەئلەبە ئەلكۇشانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: ((إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ)) «چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ چاغدا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ» دېۋىدى.
ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجر بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)
ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى بۇيرۇغان. جامائەت (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئەھلى ئىلىملەردۇر.» (سەھىھۇل بۇخارى-قۇرئان سۈننەتكە ئېسىلىش كىتابى-19-بابنىڭ ماۋزۇسى) hedisim.com
ئىمام بۇخارىنىڭ (بۇ ماۋزۇ ئارقىلىق) دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: ئالىمنىڭ (ھەر قانداق بىر مەسىلىدە) شەرئىي دەلىللەرنى بىلدۈرۈش ئىمكانى بار تۇرۇپ، ئۇنداق قىلماستىن ئۆز كۆز قارىشى ۋە قىياس بىلەن سۆز قىلىشىغا يول يوق. (فەتھۇلبارى، 14/373) hedisim.com
ئەھمەد ئىبنى ئەبۇل ھۇۋارى مۇنداق دېگەن: «كىمكى سۈننەتكە ئەگەشمەستىن بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى باتىلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ۋە ھەققى ئەمەس.» hedisim.com (رفع الملام 67)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، پەقەت رەت قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېۋىدى، (ساھابىلەر) «ئى رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى قانداق كىشى؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«كىم مېنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىم بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئاسىيلىق قىلسا رەت قىلغان بولىدۇ (نەتىجىدە دوزاخقا كىرىدۇ)» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى) [كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى، قيل: يا رسول الله! من يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة، ومن عصاني فقد أبى]
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس.» hedisim.com (فەتھۇل بارى، 14/379)
تابىئىنلاردىن مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «يەتمىش ساھابە بىلەن ئۇچراشتىم.  ئۇلار بۈگۈن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كەلسە، ئەزاندىن باشقا ئىشىڭلارنى تونۇمىغان بولاتتى.» hedisim.com (ئىمام زەھەبى، سىيەر ئەئلام نۇبەلا 5\154) بۇ بۈيۈك تابىئىن ئىمام كۈنىمىزگە كەلگەن بولسا يەنە نېمىلەرنى دەر بولغۇيتتى-ھە؟!
The post سەھىھ ھەدىسكە ئەگەشمەسلىك، ئېتىبار قىلماسلىقنىڭ ۋابالى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ھەدىسكە ئەگەشمەسلىك، ئېتىبار قىلماسلىقنىڭ ۋابالى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مۆتەزىلە پىرقىسى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ پەرقى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى
مۆتەزىلە پىرقىسى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ پەرقى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ
مۆتەزىلە پىرقىسى خاۋارىج پىرقىسىدىن پەرقلىق پىرقە ھېسابلىنىدۇ. مۆتەزىلىلەر: مۇسۇلمان ئەگەر چوڭ گۇناھقا چۈشسە ئىماندىن چىقىپ كېتىدۇ، لېكىن دىندىن چىققان كاپىر بولمايدۇ. كاپىرمۇ ئەمەس، مۆمىنمۇ ئەمەس، پاسىق بولىدۇ. چوڭ گۇناھ قىلغان كىشى مۆمىنلىك دەرىجىسى بىلەن كاپىرلىق دەرىجىسىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، مۆتەزىلە پىرقىسى چوڭ گۇناھ قىلغان كىشىگە كاپىرلىق مۇئامىلىسى قىلمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
خاۋارىجلار بولسا: چوڭ گۇناھ قىلغان كىشىنى ئىسلامدىن چىقىپ مۇرتەد كاپىر بولۇپ كېتىدۇ، بۇنداق بىرىنىڭ مېلى ۋە قېنى ھالال، كاپىر مۇئامىلىسى كۆرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەمما، مۆتەزىلىلەر بىلەن خاۋارىجلار چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، دېگەن باتىل ئېتىقادتا ئىتتىپاقتۇر. (فتاوى منوعة – الراجحي 1\32)
* ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي ئىمام ئىبنى بازنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق شاگىرتلىرىدىن بولۇپ، ئىمام ئىبنى بازغا شاگىرتقا كىرگەندىن باشلاپ تاكى ئۇ زات ۋاپات بولغۇچە يېنىدىن ئايرىلمىغان. ئابدۇلئەزىز راجىھىي ئەھلى سۈننەتنىڭ چاقنىغان ئالىملىرىدىندۇر. ئاللاھ قەبرىسىنى نۇرلاندۇرسۇن، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرسۇن، ئىلىمىنى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن، ئامىن.
The post مۆتەزىلە پىرقىسى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ پەرقى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مۆتەزىلە پىرقىسى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ پەرقى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋاجىپمۇ، سۆيمىسىمۇ بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋاجىپمۇ، سۆيمىسىمۇ بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەت. ھەجرۇل ئەسۋەد پەقەت تاۋاپ جەريانىدىلا سۆيۈلىدۇ. نەپلە ھەج، ئۆمرە ياكى ھەج تاۋاپىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن سۆيۈلىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەجرۇل ئەسۋەدنى قولى بىلەن تۇتقان، ئاندىن سۆيگەن. بىز بۇ جەھەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىمىز. بۇ سەۋەبلىك ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈپ (إني أعلم أنك حجر لا تضر ولا تنفع ، ولولا أني رأيت النبي صلى الله عليه وسلم يقبلك ما قبلتك) «سەن كىشىگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ سالالمايدىغان تاشسەن. ئەگەر مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سېنى سۆيگىنىنى كۆرمىگەن بولسام، سېنى سۆيمىگەن بولاتتىم» دېگەن. دېمەك، بىزمۇ ھەجرۇل ئەسۋەدنى پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن سۆيىمىز. mujtehid.com [ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان: ما حكم تقبيل الحجر الأسود] كەبىنى تاۋاپ قىلمىغان كىشىنىڭ ئۇدۇل بېرىپلا ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشى دۇرۇس ئەمەس. ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش، سىيلاش ياكى ئۇنىڭغا قول ئىشارىتى بىلەن سالام قىلىش تاۋاپ قىلغان كىشى ئۈچۈندۇر. mujtehid.com [ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان: ما حكم تقبيل الحجر الأسود في غير الطواف]
The post ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋاجىپمۇ، سۆيمىسىمۇ بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋاجىپمۇ، سۆيمىسىمۇ بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.