ئاياللار فىقھى - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

ئايال كىشى ئون ياشتىن ئاشقان ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا يۈز يېپىش كېرەكمۇ؟
ئايال كىشى ئون ياشتىن ئاشقان ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا يۈز يېپىش كېرەكمۇ؟

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە پەتىۋا بېرىپ مۇنداق دېگەن:

ئاللاھ سۇبھانەھۇ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذَا بَلَغَ الْأَطْفَالُ مِنكُمُ الْحُلُمَ فَلْيَسْتَأْذِنُوا كَمَا اسْتَأْذَنَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ﴾

{سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە (يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا)، ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار (يەنى چوڭلار) رۇخسەت سورىغاندەك رۇخسەت سورىسۇن.}

— سۈرە نۇر، 59-ئايەت

ئەگەر بالا ئون بەش ياشقا كىرسە، ياكى (ئون بەش ياشقا توشمىسىمۇ) مەنىي كەلسە، ياكى (ئون بەش ياشقا توشمىسىمۇ ئەۋرىتى ئەتراپىغا) تۈك چىقسا، بۇنداق بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا (ئايال كىشىگە مەھرەم ھېسابلانمايدىغان) بۇ خىل بالىنىڭ ئالدىدا يۈزنى ۋە بەدەننى تولۇق ئوراش ئاياللارغا پەرز بولىدۇ. ئۇ بالىنىڭمۇ باشقىلار ھىجابلىنىۋالغۇچە (ئۆيگە كىرىشتە) رۇخسەت سورىشى پەرز بولىدۇ.

مادامىكى بالا ئون بەش ياشقا توشمىغان، ياكى تۈك چىقمىغان ۋەياكى مەنىي كەلمىگەن بولسا بولسا، ئۇ تېخى بالا ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل بالىنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىش پەرز ئەمەس. ئەگەر بالا ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن بولسا-يۇ، سىز ئۇنىڭ ئەھۋالىنى (بالاغەتكە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى) بىلمىسىڭىز، ئېھتىيات يۈزىسىدىن ھىجابلىنىشىڭىز ئەۋزەل. چۈنكى ئۇنىڭغا تۈك چىقىپ ياكى ئېھتىلام بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن بولۇشى (ئەمما، بۇنداقلىقىنى سىز بىلمىگەن بولۇشىڭىز) مۇمكىن.

ئون ئۈچ ياشلىق ۋە ئون ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش ئېھتىماللىقى بار. ئون ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئون ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان بالىلارنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىش ياخشىدۇر. ئەگەر بالا ئون بەش ياشقىمۇ كىرمىگەن، ياكى يۇقىرىقىدەك بالاغەتكە يېتىش ئەھۋاللىرىدىن بىرىمۇ ئۇنىڭدا كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۇ بار يەردە ھىجاپلىنىش پەرز بولمايدۇ. چۈنكى ئون بەش ياشقا توشقان بالىنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئەگەر بالا ئۆزىدىن مەنىي كەلگەنلىكىنى ياكى تۈك چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇ (ئون بەشكە كىرمىسىمۇ) بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھىجابلىنىش پەرز بولىدۇ. | mujtehid.com | مۇجتەھىد تورى

دىققەت: ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئون ياشتىن ئاشقاندا ئۆيلەنگەن، 12 يېشىدا ئوغلى ئابدۇللاھقا دادا بولغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: بۇلۇغۇلمەرام شەرھى)

The post ئايال كىشى ئون ياشتىن ئاشقان ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا يۈز يېپىش كېرەكمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئايال كىشى ئون ياشتىن ئاشقان ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا يۈز يېپىش كېرەكمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئايالىم يۈز يېپىشنى رەت قىلىدۇ، قويۇپ بېرەيمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
ئايالىم يۈز يېپىشنى رەت قىلىدۇ، قويۇپ بېرەيمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى

سوئال:

ئايالىم يۈزىنى يېىشنى رەت قىلىدۇ. مەن بۇ جەھەتتە ئۇزۇن زاماندىن بېرى سەبر قىلىپ كەلدىم. شۇنداقلا يۈزىنى يېپىشى ئۈچۈن نەسىھەت قىلىپ كەلدىم. ئەگەر مەن بۇ سەۋەبلىك ئۇنى تالاق قىلىۋەتسەم، گۇناھكار بولامدىم؟

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ پەتىۋاسى:

ياق، (ئەكسىچە) ئەجىرگە ئېرىشىسىز ئىنشائاللاھ. ئەگەر ئايالىڭىز يۈز يېپىشنى رەت قىلىپ، كامىل ھىجاپلانمىسا، سىزنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ. سىز بۇ سەۋەبلىك ساۋابقا ئېرىشىسىز. ئاللاھ سىزگە ئۇنىڭدىن ياخشى ئايالنى رىزىق قىلىپ بېرىدۇ.

_ — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

The post ئايالىم يۈز يېپىشنى رەت قىلىدۇ، قويۇپ بېرەيمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئايالىم يۈز يېپىشنى رەت قىلىدۇ، قويۇپ بېرەيمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

يۈزىنى ئېچىپ سىرتقا چىققان ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
يۈزىنى ئېچىپ سىرتقا چىققان ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

سوئال: يۈزىنى ۋە قوللىرىنى ئوچۇق قويۇپ سىرتقا چىققان ئايالنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:

بۇنداق ئايال ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچى ئايالدۇر.  بۇنداق قىلغان ئايال ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ خانىم – قىزلارنىڭ ھىجابلىنىشىنى ئەمىر قىلغان. يۈزنى يېپىش ھىجابلىنىش جۈملىسىدىن. قىز – ئاياللار يۈزىنى ياپمىسا ھىجابى كامىل بولمايدۇ (چالا ھىجابلانغان، ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمرىنى تولۇق ئورۇندىمىغان بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://youtube.com/shorts/x6uEuZY4V-U?si=uM1Ghbgrq0caF2AA

The post يۈزىنى ئېچىپ سىرتقا چىققان ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post يۈزىنى ئېچىپ سىرتقا چىققان ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇق ھالدا كەبىنى تاۋاپ قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇق ھالدا كەبىنى تاۋاپ قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

سوئال:

بۇ ھەمشىرىمىز مۇنداق سوراۋاتىدۇ. كەبىنى تاۋاپ قىلىش، سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش ۋە ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش قاتارلىق ئەمەللەرنى يۈزۈمنى ئېچىۋېتىپ ئورۇندىدىم. ئەتراپىمدا ئەرلەر بار ئىدى…

ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ جاۋابى:

سىزنىڭ قىلىشىڭىز كېرەك بولغىنى بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىستىغفار ئېيتىشتۇر. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. ئايال كىشى ئۈچۈن پەرز بولغىنى تاۋاپ ۋە سەئىي جەريانىدا (ۋە نامەھرەم كۆرۈش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق ئەھۋالدا) يۈزىنى يېپىشىدۇر. سىزنىڭ بۇ جەرياندا يۈزىڭىزنى ئېچىۋېتىشىڭىز سىزدىكى جاھالەت سەۋەبلىك يۈز بەرگەن. بۇ ۋەجىدىن، بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئىستىغفار ئېيتىشىڭىز لازىم. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. سىز قىلغان تاۋاپ، سەئىي قاتارلىق ئەمەللەر سەھىھ، ئەلھەمدۇلىللاھ.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://www.youtube.com/shorts/1rF08LWXuPU

The post ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇق ھالدا كەبىنى تاۋاپ قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇق ھالدا كەبىنى تاۋاپ قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىختىلاپلىق مەسىلىدە قانداق يول تۇتىمىز؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇنەيمان
ئىختىلاپلىق مەسىلىدە قانداق يول تۇتىمىز؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇنەيمان

شۇنىسى مەلۇمكى، ئەگەر بىر فىقھىي مەسىلىدە مۇجتەھىد ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغان بولسا، مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق دىنىنى قوغداشتۇر. بۇنداق قىلىش كىشىنىڭ دىنى ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر، كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان يول. ئەمما، ئەگەر ئىختىلاپ بولدى دەپ قارالغان بىر مەسىلە ھەققىدە ئوچۇق سەھىھ دەلىل بولسا، كىشى ئاشۇ سەھىھ دەلىلگە (شۇ دەلىلگە تايانغان ھۆكۈمگە) ئەگىشىشى كېرەك، باشقىلار بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا خىلاپ يول تۇتۇشىدىن قەتئىينەزەر سەھىھ دەلىلگە ئەگىشىشى كېرەك.

— مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرى | mujtehid.com

مەنبە: https://www.youtube.com/shorts/wbodeJO1jnU

ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش دېگەن نېمە؟ مەسىلەن، فىتىر زاكىتىغا پۇل بەرسە بولامدۇ يوق مەسىلىسىدە تۆت ئىمام ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بەرسە دۇرۇس دېگەن. باشقا ئىماملار دۇرۇس ئەمەس دېگەن. ئەمما، ئەبۇ ھەنىفەمۇ، باشقا ئىماملارمۇ يېمەكلىك بېرىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدە ئىختىلاپلاشمايدۇ. بۇ مەسىلىدە يېمەكلىك بېرىش ھۆكمىگە ئېسىلىش شەيخ دەۋاتقان ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، يېمەكلىك بەرسە بولمايدۇ دەيدىغان ھېچقانداق ئالىم يوق، ئەمما پۇل بەرسە بولمايدۇ دەيدىغان ئالىم كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك بېرىش ھەققىدە سەھىھ دەلىللەر كۆپلەپ مەۋجۇت.

يەنە مەسىلەن، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى يېپىش سۈننەتمۇ، پەرزمۇ، بۇ جەھەتتە ئىختىلاپ بولغان. ئەمما، سۈننەت دېگەنلەرمۇ يۈز يېپىشنىڭ ياخشى ئەمەل، سالىھ ئەمەلە، تەقۋاغا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ. ئايال كىشى يۈزىنى ياپسا، يۈز يېپىش سۈننەت دېگەنلەرمۇ، پەرز دېگەن ئالىملارمۇ ئۇنىڭ يۈزىنى يېپىشىنى ئەيىپلىمەيدۇ، ئەكسىچە ماختايدۇ. ئەمما، يۈزىنى ياپمىسا، يۈز يېپىش پەرز دېگەن ئالىملار ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى گۇناھ، ئاسىيلىق دەپ ئەيىپلەيدۇ. شۇڭا، يۈز يېپىشنى تۇتۇش ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەكىلدە مىساللار كۆپ، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىختىلاپ بولغان مەسىلىدە، قايسى تەرەپنىڭ ئوچۇق سەھىھ دەلىلى بولسا شۇ دەلىلگە بىۋاستە ئەگىشىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز. سەھىھ دەلىلگە قارشى يول تۇتۇش كىشىنى ھالاك قىلىدىغان ئازغۇنلۇق يولىدۇر.

The post ئىختىلاپلىق مەسىلىدە قانداق يول تۇتىمىز؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇنەيمان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىختىلاپلىق مەسىلىدە قانداق يول تۇتىمىز؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇنەيمان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

خانىم – قىزلار يات ئەر بار يەردە يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ
خانىم – قىزلار يات ئەر بار يەردە يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ

سوئال: خانىم – قىزلارنىڭ يات ئەرلەرگە نىسبەتەن قايسى ئەزالىرى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ؟

ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەيياننىڭ جاۋابى:

ھۆر ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى يات ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئايال كىشى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە، ياكى ھەج-ئۆمرە قىلىۋاتقان ھالىتىدە — ئەگەر يات ئەرلەر ئۇنى كۆرمەيدىغان، ئۇمۇ يات ئەرلەرنى كۆرمەيدىغان ئەھۋالدا بولسا — بۇ ئىبادەتلەرنى يۈزى ئوچۇق ھالدا ئادا قىلىدۇ. (ئەكسىچە بولسا، يۈزىنى يېپىۋالىدۇ.)

شۇنداقلا، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىنىڭ يېنىدا، ياكى يالغۇز ھالىتىدە، ياكى باشقا ئاياللارنىڭ يېنىدا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. ئوخشاشلا، ناماز ئوقۇغان چاغدىمۇ (يات ئەرلەر ئۇ ئايالنى كۆرۈپ قالمايدىغان بولسا) يۈزىنى ئېچىۋېتىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=nyi5BBGl80E

The post خانىم – قىزلار يات ئەر بار يەردە يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post خانىم – قىزلار يات ئەر بار يەردە يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ

سوئال: ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال تاۋاپ ۋە سەئىي جەريانىدا رومال بىلەن يۈزىنى ياپامدۇ؟

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:

شۇنداق، ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال كىشى نىقاب ياكى بۇرقا بىلەن ئەمەس، رومال بىلەن  يات ئەرلەردىن يۈزىنى ياپىدۇ. بۇنداق قىلىش ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال كىشى ئۈچۈن پەرز. ئايال كىشىنىڭ مەيلى ھەج – ئۆمرە جەريانىدا بولسۇن، ياكى نامازدا بولسۇن، ياكى باشقا ئەھۋالدا بولسۇن (يات ئەرلەر ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەر قانداق ئەھۋالدا) يۈزىنى يېپىشى پەرز.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=dGFTGTAWndE

The post ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ھەج – ئۆمرە قىلغان ئايال يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئانام ئايالىڭنى قويىۋېتىسەن دەيدۇ، ماقۇل دېمىسەم گۇناھ بولىمەنمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
ئانام ئايالىڭنى قويىۋېتىسەن دەيدۇ، ماقۇل دېمىسەم گۇناھ بولىمەنمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

سوئال: ئىسىم قىسقارتىلمىسى خ. م. م بولغان بۇ خانىم مۇنداق سوراۋاتىدۇ:

مەن مەككە مۇكەررەمەدە ئولتۇراقلاشقان مىسىرلىق ئايال. مەن دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق مۇنداق:

مەن دىنغا ئەمەل قىلىدىغان بىر ياشقا تەگمەكچى بولغان ئىدىم. ئەمما نىكاھىمىزدىن ئۇنىڭ ئانىسى رازى ئەمەس ئىدى. كېيىن ئانىسى تويىمىزغا رازىلىق بىلدۈرۈپ، نىكاھىمىزغا قاتناشتى ۋە ئائىلىمىزگە بەرىكەت تىلىگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن يولدىشىمنىڭ ئانىسىنىڭ مەن ھەققىدىكى پىكىرى ئۆزگۈرۈپ قالدى. چۈنكى، بىر شەخس ئانىسىغا مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى تويىمىزنىڭ بولۇشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، توينى بىكار قىلىۋەتمەكچى بولدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بىز يەنىلا توي قىلدۇق. يولدىشىمنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يۇمشاپ، ئوڭشىلىپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلدۇق.

ھازىر توي قىلغىنىمىزغا تۆت يىل بولدى. يولدىشىم بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئانىسىنىڭ پاسسىپ ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئانىسى يەنىلا مېنى رەت قىلىش ھالىتىدە، ئۇنىڭ بىردىنبىر تەلىپى يولدىشىمنىڭ مېنى قويىۋېتىشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

مەن ھازىر يولدىشىمدىن بولغان ئىككى بالام بىلەن بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز.

ئەگەر يولدىشىم مېنى قويىۋەتمىسە، ئانىسىغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھسابلىنامدۇ؟ بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈم قانداق؟

ئىمام ئىبنى بازنىڭ جاۋابى:

ئەگەر نىكاھ شەرىئەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە روياپقا چىققان بولسا، ئېرىڭىز سىزنى قويىۋەتمەسلىك سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ، ئانىسىغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولمايدۇ.

ئەكسىچە، ئەرنىڭ ئانىسىغا ۋاجىپ بولغىنى — كېلىن بولغۇچى تەرەپنىڭ دىنىدا مەسىلە بولمىغانلىكى تەقدىردە —  تويغا قارشىلىق قىلىشنىڭ ئەكسىچە، تويۇڭلارغا ھەمدەم بولۇشتۇر. بۇ خىل ئەھۋالدا (يەنى كېلىن تەرەپنىڭ دىنىدا مەسىلە بولمىغان ئەھۋالدا) ئانا بولغۇچىنىڭ ئوغلىنىڭ تويىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەققى بولمايدۇ.

نىكاھ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا قىلىنغان ۋە قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ نىكاھلىنىشىنى توسىدىغان شەرئىي چەكلىمىلەر بولمىغان ئەھۋالدا، ئوغۇل قىزنى ئېلىشتا چىڭ تۇرسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئوغۇل بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىپپىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ.

ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا ۋاجىپ بولغىنى ئاللاھقا تەۋبە قىلىشتۇر، ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ ئۆي تۇتۇشىنى چەكلىمەسلىكىدۇر، ئوغلىدىن ئايالىنى قويىۋېتىشنى تەلەپ قىلماسلىقىدۇر.

ئەمما تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنى يوللۇق قىلىدىغان سەۋەب بولسا ئۇ باشقا.

مەسىلەن، كېلىن بولغۇچى تەرەپ دىندارلىق جەھەتتە قۇسۇرلۇق بولسا، ئۇ ھالدا ئانىنىڭ ئوغلىنى ئۇنداق ئايال بىلەن توي قىلىشتىن توسۇش ھەققى بولىدۇ.

بۇ سوئالنى سورىغۇچى قىزىمىز گۇناھ – مەئسىيەتتىن قول ئۈزمەيدىغان، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشتا قۇسۇرلۇق يول تۇتىدىغان ھالەتتە بولسا، ئانىسى مۇشۇ سەۋەبلىك ئايالىڭنى قويۇۋەت دەپ تەلەپ قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئوغۇلنىڭ مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ياخشى يولدا ماڭمىغان بۇنداق ئايالىنى قويىۋېتىشى كېرەك بولىدۇ.

خۇلاسىكالام، توي قىلىش بەندىدىن تەلەپ قىلىنغان ئىشتۇر. ئوغۇل ئاتا – ئانىسى توي قىلما دەپ رەت قىلغان تەقدىردىمۇ، توي قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ئىپپىتىنى قوغدىشى كېرەك. ئاتا – ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ توي قىلىشغا ياردەمچى بولۇشى كېرەك.

ئەمما، كېلىن بولغۇچى تەرەپ دىندار بولمىسا، ئۇ ھالدا ئوغۇل بولغۇچىنىڭ باشقا دىندار ئايالنى تاللىشى، ئاتا – ئانىسىغا ئىتائەتسىزلىك قىلماسلىقى كېرەك بولىدۇ.

— ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋاسى | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى mujtehid.com

The post ئانام ئايالىڭنى قويىۋېتىسەن دەيدۇ، ماقۇل دېمىسەم گۇناھ بولىمەنمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئانام ئايالىڭنى قويىۋېتىسەن دەيدۇ، ماقۇل دېمىسەم گۇناھ بولىمەنمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئايال كىشى قوللىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتسە بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى
مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، فەقىھ ۋە تەپسىرشۇناس ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

بىلىشىمىز لازىمكى، خىنە (قويغان ئەزالار ئايال كىشى ئۈچۈن) زىننەت جۈملىسىدىن بولۇپ، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ خىنە قويغان ئەزاسىنى ئاللاھ ئۇنىڭ زىننەتلىرىنى كۆرۈشى ھالال بولغان كىشىلەردىن باشقىسىغا كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس. يەنى، ئايال كىشى ئۆز زىننەتلىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەسلىكى لازىم. مەسىلەن، ئايال كىشى بىر ئېھتىياج سەۋەبلىك بازارغا چىقماقچى بولغىنىدا، ئەگەر پۇتىغا خىنە قويغان بولسا پۇتىغا پايپاق كىيىشى لازىم. شۇندىڭدەك، قوللىرىغا خىنە قويغان بولسا، قوللىرىنى يېپىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەگەر بىر ئايال كىشىنىڭ ئەتراپىدا يات ئەرلەر بولسا، بۇنداق ئايال مەيلى قوللىرىغا خىنە قويغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قوللىرىنى يېپىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھۆكۈمدۇر.» (نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى، 7\2) | mujtehid.com

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

The post ئايال كىشى قوللىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتسە بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئايال كىشى قوللىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتسە بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئۆمرە ھەج ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن ھەيىز بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكۈمى نېمە
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال: بىر ئايال ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىھرامغا كىردى ۋە مەككىگە بارغاندىن كېيىن ھەيىز بولۇپ قالدى. ئايالنىڭ مەھرىمى يولغا چىقىشقا مەجبۇر ئايالنىڭ مەككىدە ھىچ مەھرىمى يوق . بۇنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟

جاۋاب: بۇ ئايال ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشىسا مەھرىمى بىلەن بىرلىكتە يولغا چىقىدۇ ۋە ئېھرامدىن چىقىدۇ. ھەيىزدىن پاكلانغاندىن كېيىن تەكرار مەككىگە قايتىپ ئۆمرىسىنى قىلىدۇ. چۈنكى، مەككىگە قايتىش قولاي، ھېرىپ چارچاش ۋە پاسپورتقا ئېھتىياجى يوقتۇر. پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىرتىدىن كەلگەن ۋە مەككىگە قايتا كېلىشى تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا، فەجىرگە  پاختىغا ئوخشاش بىر نەرسنى  چىڭ باغلاپ  بەيتۇللاھنى تاۋاف قىلىدۇ ۋە  سەفا مەرۋىنى سەيىنى  قىلىدۇ، چېچىنى قىسقارتىدۇ. شۇنداقلا بىرلا ۋاقىتتا ئۆمرىنى تاماملىغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئايال  ھەيىزدار ھالىتىدە تاۋاف قىلىشقا ئېھتىياجلىق. زۆرۈرىيەت دىننىڭ مۇشاققەت كەلتۈردىغان نەرسىلەرنى مۇباھ قىلىدۇ. (مەنبە: ئەللامە ئىبنى ئۈسەيمىن، ھەيىز ۋە نىفاس توغرۇلۇق ئاتمىش سۇئالغا جاۋاپ، 49-پەتىۋا)

The post ئۆمرە ھەج ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن ھەيىز بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكۈمى نېمە first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئۆمرە ھەج ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن ھەيىز بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكۈمى نېمە appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

كىچىك بالا كىيىمگە قۇسۇۋەتسە، كىيىم نىجىس بولامدۇ؟ | ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز پەتىۋاسى
كىچىك بالا كىيىمگە قۇسۇۋەتسە، كىيىم نىجىس بولامدۇ؟ | ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز پەتىۋاسى

سوئال: ئىئوردانىيەنىڭ ئاممان شەھىرىدىن بىر ئايال تىڭشۇغۇچىمىز مۇنداق سوئال سوراپتۇ: بوۋىقىم سۈت پاراشوكى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، بىر سائەتنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە قېتىم قۇسىدۇ، بەزى چاغلاردا قۇسۇقى كىيىمىمگە يۇقۇپ قالىدۇ. مەن بوۋىقىمنىڭ قۇسۇقى يۇقۇپ قالغان كىيىمىمنى يۇيۇۋەتمەستىن ناماز ئوقۇيمەن. (بوۋىقىم كىيىمىمگە قۇسۇۋەتكەن ئەھۋالدا) يېڭىدىن تاھارەت ئېلىشىم كېرەك بولامدۇ؟ شۇنداقلا قۇسۇق تېگىپ قالغان كىيىمىمنى ئالماشۇتۇرۇۋېتىشىم كېرەك بولامدۇ؟ قۇسۇق يۇقۇپ قالغان كىيىمىمدە ئوقۇغان نامىزىم دۇرۇس بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

بوۋىقىڭىز سىز دېگەندەك سۈت پاراشۇكىنى ئىچىپ، قۇسقان بولسا، سىز كىيىمىڭىزگە يۇقۇپ قالغان قۇسۇقنى يۇيۇۋېتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. بەزى ئالىملار، بۇ خىل قۇسۇقنى سۈيدۈكنىڭ ھۆكمىدە دەپ قارايدۇ. شۇڭا، كىيىمىڭىزگە يۇقۇپ قالغان قۇسۇقنىڭ مىقدارى كۆپ بولسا، قۇسۇق يۇقۇپ قالغان كىيىمىڭىزنى يۇيۇسىز. ئەگەر ئازغىنە قۇسۇق بولسا، بۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئېھتىيات يۈزىسىدىن قۇسۇق تەگكەن كىيىمنى يۇيۇشىڭىز كېرەك بولىدۇ. لېكىن، بوۋىقىڭىزنىڭ قۇسۇقى كىيىمىڭىزگە تەگسە، تاھارىتىڭىزگە دەخلى قىلمايدۇ، تاھارىتىڭىز سۇنمايدۇ. لېكىن، مەيلى ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىگە قۇسۇق تېگىىپ قالسا، قۇسۇق تېگىپ قالغان جاي يۇيۇلىدۇ. مانا بۇ ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تۇتۇلىدىغان ئېھتىياتلىق يولدۇر.(1)

ئەللامە سالىھ فەۋزاندىن سۈت ئېمىۋاتقان بوۋاقنىڭ قۇسۇقىنىڭ ھۆكمى سورالغاندا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

قۇسۇق نىجىس. مەيلى چوڭ ئادەمنىڭ بولسۇن، مەيلى كىچىك بالىنىڭ قۇسۇقى بولسۇن ئوخشاشلا نىجىس. چۈنكى ئۇ ئاشقازاندىن قايتىپ چىققان. قۇسۇق تېگىپ قالغان جاي يۇيۇلىدۇ.(2)

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

قۇسۇق نىجىس ئەمەس. مەيلى چوڭ ئادەمنىڭ بولسۇن، مەيلى كىچىك بالىنىڭ بولسۇن، ئوخشاشلا نىجىس ئەمەس. قۇرئان ۋە سۈننەتتىن قۇسۇقنىڭ نىجىسلىقىغا دەلىل تېپىلمىسا، ئۇ ھالدا قۇسۇقنى نىجىس دېيىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، قۇسۇق تاھارەتنى بۇزمايدۇ.(3)

يۇقىرىدا بۇ ھىجرىي ئەسىرنىڭ ئۈچ مەشھۇر فەقىھىنىڭ قۇسۇق ھەققىدىكى پەتىۋاسىنى نەقىل قىلدۇق. ئىمام ئىبنى باز ئىشارە قىلغىنىدەك، بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بىز ئىمام ئىبنى باز قاتارلىق مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئېھتىيات يۈزىسىدىن قۇسۇق تەگكەن جاينى يۇيۇش كېرەك، دېگەن ھۆكمىنى تۇتۇشنى تېخىمۇ ئېھتىياتچان يول تۇتقانلىق دەپ بىلدۇق.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

نەقىل مەنبەلىرى:

(1) https://binbaz.org.sa/fatwas/14375/حكم-قيء-الطفل

(https://www.youtube.com/watch?v=ig9PFObTmG4 (2

(3) https://www.youtube.com/watch?v=cv3Rhh6J9yQ

The post كىچىك بالا كىيىمگە قۇسۇۋەتسە، كىيىم نىجىس بولامدۇ؟ | ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post كىچىك بالا كىيىمگە قۇسۇۋەتسە، كىيىم نىجىس بولامدۇ؟ | ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

نىفاسدار ئايال قىرىق كۈن ئىچىدە پاكلاندى، ئاندىن تەكرار قان كەلدى، قانداق قىلىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
نىفاسدار ئايال قىرىق كۈن ئىچىدە پاكلاندى، ئاندىن تەكرار قان كەلدى، قانداق قىلىدۇ؟

سوئال: بىر نىفاسدار ئايالدىن نىفاس قېنى كېلىش توختىغان بولسا، ئاندىن بىر كۈندىن كېيىن يەنە قان كەلگەن بولسا، بۇنداق ئايالنىڭ قان توختىغان ئاشۇ كۈندە ناماز ئوقۇشى پەرز بولامدۇ؟

شەيخ بىن باز سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

نىفاسدار ئايال كىشىدىن قىرىق كۈن توشماستىن تۇرۇپ قان كېلىش توختىسا، قان كېلىش توختىغان بۇ كۈنلەردە يۇيۇنۇپ پاكلىنىپ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتماقچى بولسا تۇتسا بولىدۇ. نىفاسدار ئايالنىڭ قېنى مەيلى بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ۋەياكى ئۈچ كۈندىلا توختىغان ، يەنى قىرىق كۈن ئىچىدە نىفاس قېنى توختىغان تەقدىردە، ئىش مۇشۇنداقتۇر. بۇ قىرىق كۈنلۈك مۇددەت ئىچىدە پاكلانغان ئايالنىڭ ئوقۇغان نامىزى، تۇتقان روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، ئېرىگە ھالال بولىدۇ. ئەمما، قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇ ئايالدىن قايتا قان كەلسە، ئۇ ھالدا سەھىھ بولغان كۆز قاراش شۇكى، بۇنداق ئايال (نىفاسدار ئايالنىڭ ھۆكمىدە) ئولتۇرىدۇ. ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ. لېكىن، بۇنداق ئايالنىڭ بۇ قېنى بىلەن باشتىكى قېنى ئارىسىدىكى پاكلىق مۇددىتىدە تۇتقان روزىسى، ئوقۇغان نامىزى دۇرۇستۇر. ئۇنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

مەزكۇر پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

إذا كانت في أيام النفاس الأربعين، وانقطع عنها الدم؛ تغتسل، وتصلي، وتصوم في الأيام التي انقطع عنها الدم، ورأت فيها الطهارة يوم يومين ثلاثة، صلاتها صحيحة، وصومها صحيح، وتحل لزوجها، فإذا عاد عليها الدم في الأربعين؛ فالصحيح أنها تجلس، إذا عاد عليها الدم في الأربعين؛ لا تصلي ولا تصوم، ولكن أيامها الماضية التي رأت فيها الطهارة صومها صحيح، وصلاتها صحيحة، لا تعاد.

The post نىفاسدار ئايال قىرىق كۈن ئىچىدە پاكلاندى، ئاندىن تەكرار قان كەلدى، قانداق قىلىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post نىفاسدار ئايال قىرىق كۈن ئىچىدە پاكلاندى، ئاندىن تەكرار قان كەلدى، قانداق قىلىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئايال كىشى چېچىنى قارا رەڭدىن باشقا رەڭگە بويىسا بولامدۇ؟
ئايال كىشى چېچىنى قارا رەڭدىن باشقا رەڭگە بويىسا بولامدۇ؟

ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللا بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

ئايال كىشىنىڭ قارا رەڭلىك چېچىنى باشقا رەڭگە بويىشىغا كەلسەك، مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنداق قىلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ قارا رەڭلىك چېچىنى باشقا رەڭگە بويىشىغا ھاجەت يوق. چۈنكى، چاچنىڭ قارا بولۇشى گۈزەللىك بولۇپ، قارا چاچ (بوياش ئارقىلىق) ئۆزگەرتىلىشكە ھاجەت تۇغۇلىدىغان ناچار كۆرۈنۈشتە ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت، قارا چاچنى باشقا رەڭگە بوياپ ئۆزگەرتىش كاپىر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىش ھېسابلىنىدۇ. (مەنبە: تنبيهات على أحكام تختص بالمؤمنات) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

پەتىۋانىڭ ئەرەپچىسى: وأما صبغ المرأة لشعر رأسها الأسود؛ ليتحول إلى لون آخر، فالذي أرى أن هذا لا يجوز؛ لأنه لا داعي إليه؛ لأن السواد بالنسبة للشعر جمال وليس تشويها يحتاج إلى تغيير، ولأن في ذلك تشبها بالكافرات.

The post ئايال كىشى چېچىنى قارا رەڭدىن باشقا رەڭگە بويىسا بولامدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئايال كىشى چېچىنى قارا رەڭدىن باشقا رەڭگە بويىسا بولامدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئايالنىڭ ئېرىگە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ توڭ تېگىشىنىڭ ھۆكمى؟
ئايالنىڭ ئېرىگە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ توڭ تېگىشىنىڭ ھۆكمى؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى ناچار ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر. ئەر كىشى ئايالنىڭ ھامىيسى ۋە باشقۇرغۇچىسىدۇر. بۇ ۋەجىدىن، ئايال كىشىنىڭ ئېرىنى ھۆرمەتلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەدەب بىلەن گەپ قىلىشى لازىم. ئايال كىشى ئېرىگە ئەدەب بىلەن، يۇمشاق ئاۋازدا سۆز قىلغىنىدا ئائىلە ئىناقلىقى روياپقا چىقىدۇ، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسدىكى مۇھەببەت رىشتىسى كۈچىيىدۇ. (ئەكسىچە بولسا، ئايال ئېرىنىڭ ياخشى كۆرىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئائىلىدە جېدەل-ماجرا كۆپ بولىدۇ.) (فتاوى نور على الدرب، الشريط رقم 312)

The post ئايالنىڭ ئېرىگە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ توڭ تېگىشىنىڭ ھۆكمى؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئايالنىڭ ئېرىگە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ توڭ تېگىشىنىڭ ھۆكمى؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

يات ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا سالام بېرىشسە بولامدۇ؟
مۇئەممەر يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «ماڭا ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىگە سالام بېرىشىنىڭ، شۇنداقلا ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىگە سالام بېرىشىنىڭ يامان كۆرىلىدىغانلىقى يېتىپ كەلدى.» hedisim.com (الجامع لمعمر بن راشد 19448)

The post يات ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا سالام بېرىشسە بولامدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post يات ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا سالام بېرىشسە بولامدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئاياللار ئۈچۈن سەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((خيرُ صفوفِ الرجالِ أولُها، وشرُّها أخرُها، وخيرُ صفوفِ النساءِ آخرُها، وشرُّها أولُها)) «سەپلەرنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى — ئەڭ باشتىكى سەپتۇر، ئەڭ ناچىرى ئەڭ ئاخىرىدىكى سەپتۇر. سەپلەرنىڭ ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئەڭ ئاخرىدىكى سەپتۇر، ئەڭ ناچىرى ئەڭ باشتىكى سەپتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 781؛ ئەلبانى: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن؛ مۇسلىم، نەسائىي، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، بەيھەقى؛ ئىمام مالىك بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھازىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

* بۇ ھەدىستىن چىقىدىغان فىقھىي ھۆكۈملەردىن بىرى: ئاياللار ئىبادەت ئىشلىرىدىمۇ ئەرلەردىن قانچە ئۇزاق تۇرسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەجرى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. دۇنياۋىي ئىشلاردىمۇ يات ئەرلەردىن ئەڭ ئۇزاق مۆمىنە ئايالنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى شۇنچە ئۈستۈن بولىدۇ. سىرتقا چىققاندا يۈزىنى، قوللىرىنى يۆگەپ، بېشىنىڭ چوققىسىدىن تىرنىقىنىڭ ئۇچىغىچە كامىل يېپىپ، ئۆزىنىڭ قېرى ياكى ياشلىقىنى باشقىلار بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە مۇكەممەل ئورىنىدىغان، جىددىي زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۆيىدە ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدىغان مۆمىنە ئاياللارغا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بولسۇن.

The post ئاياللار ئۈچۈن سەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئاياللار ئۈچۈن سەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.