ئىسلامنىڭ بۈيۈكلىرى - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
ساھابىلەرنىڭ مىراسخورى — ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ
ساھابىلەرنىڭ مىراسخورى — ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
ھەسەن بەسرىي (ت: 20)؛ تابىئىنلارنىڭ ئىماملىردىن ۋە ئەڭ كاتتا ئالىملىرىدىن. ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ سەككىزىنچى يىلى تۇغۇلغان. ھەسەن بەسرىنىڭ دادىسى ئەبۇ يەسار، ئانىسى خەيرە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتكارى ئىدى. ھەسەن بەسرى ساھابە زەيد ئىبنى سابىتنىڭ، يەنە بىر باياندا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى ئىدى. ھەسەن بەسرى چوڭ ساھابىلەردىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلارنى كۆرگەن. ھەسەن بەسرى 14 ياش ۋاقتىدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شەھىد قىلىنىش ۋەقەسىگە شاھىد بولغان.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەسەن بەسرىنىڭ ئانىسىنى ئۆز ھاجەتلىرى ئۈچۈن سىرتنىڭ ئىشلىرىغا ئەۋەتەتتى. ھەسەننىڭ ئانىسى كەتكەندە (بوۋاق) ھەسەن يىغلاپ كەتسە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى ئەمدۈرۈپ گوللاپ تۇراتتى. بۇ چاغدا ئۇممە سەلەمە ئانىمىزدىن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئايالىدىن) سۈت چىقىپ، بوۋاق ھەسەن مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ سۈتى بىلەن ئوزۇقلىناتتى. ھەسەننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىشى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشى، ئاللاھتىن بەك قورقۇشى ۋە ئىلىمدە دېڭىزدەك چوڭقۇرلۇقى مانا مۇشۇ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ سۈتى بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىغا باغلىنىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەسەننىڭ تاڭلىيىغا خورما سۈركىگەن.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەسەن بەسرىگە مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان: ئى ئاللاھ، ئۇنى دىندا فەقىھ قىلغىن، كىشىلەرگە ئۇنى ياخشى كۆرگۈزگىن، دەپ دۇئا قىلغان. [تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268؛ صفة الصفوة]
ھەسەن بەسرى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىۋرىقتىن (تاھارەت ئېلىشى ئۈچۈن) سۇ تۆكۈپ بەرگەن. (ابن سعد 7 / 157)
ئەبۇ قەتادە ئەلئەنسارىي (ۋ: 54) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇ ھەسەن بەسرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مانداق دېگەن: (الزموا هذا الشيخ، فما رأيت أحدًا أشبه رأيًا بعمر منه) بۇ شەيخنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىڭلار. مەن دىنىي چۈشەنچە جەھەتتە بۇنىڭدىنمۇ بەك ئۆمەر ئىبنى خەتتاپقا ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. [ابن سعد 7 / 161؛ المعرفة والتاريخ 2 / 47، 48؛ تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268]
ئەبىي بۇردە ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى بىلال ئىبنى ئەبى بۇردە ھەسەن بەسرى توغرۇلۇق  مۇنداق دېگەن: مەن دادام (ئەبى بۇردە) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە (ئىلىم، تەقۋا ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش جەھەتتە) مۇشۇ شەيختىنمۇ (يەنى ھەسەن بەسرىدىنمۇ) بەك ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرمىدىم. [تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268]
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 256) تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسرىنىڭ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ناماز ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قوللىرى يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈپ تۇراتتى» دېگەنلىكىنى سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل.
ئىمام بۇخارى بۇ نەقىلدىن كېيىن «ھەسەن بەسرى بۇ يەردە ساھابىلەردىن ھېچكىمنى ئايرىپ قويمىغان (يەنى ھەممىسىنىڭ ئاشۇنداق كۆتۈرۈپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن)» دېگەن. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري؛ الاستذكار لابن عبد البر 1\410)
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
The post ساھابىلەرنىڭ مىراسخورى — ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ساھابىلەرنىڭ مىراسخورى — ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەجدە يۈزىنى ياپقان ساھابە ۋە تابىئىن ئاياللار
ئەسما ئانىمىزنىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى
ئاياللار \ خانىم-قىزلار ھەج ياكى ئۆمرىدە يۈزىنى ياپامدۇ؟
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، تابىئىن ئالىمە فاتىمە بىتنى مۇنزىر مۇنداق نەقىل قىلغان:
(زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن بىللە ئىدۇق. (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛) * ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) مۇۋەتتا مالىكنىڭ زەرقانى شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىھراملىق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يۈزىگە ئەرلەرنىڭ قاراش پىتنىسى مەۋجۇتلۇقىنى بىلسە ياكى (يۈزىنى ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى) تەخمىن قىلسا، يۈزىنى يېپىۋېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: ئەھلى ئىلىم ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ يۈزىگە قارىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن يۈزىگە كىيىمىنى سارقىتىپ يۈزىنى توسىۋالىدۇ. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئايال يۈزىنى نىقاب بىلەن، قولىنى پەلەي بىلەن ياپمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئېيتقىنىدەك، رومىلى بىلەن يۈزىنى، كىيىمىنىڭ يېڭى قاتارلىقلار بىلەن قولىنى نامەھرەمدىن ياپىدۇ.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى
ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ (ت: 433 ۋ:510) مۇنداق دېگەن: «(ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) ئىھراملىق ئايال كىشى يۈزىنى يات ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن كىيىمىنى \ جىلبابىنى (بېشىدىن) سارقىتىپ (شۇ كىيىمىنى بىلەن كىيىمنى يۈزىگە چاپلىۋالماستىن بېشىدىن سارقىپ تۇرغان ھالەتتە قىلىپ) يۈزىنى ياپىدۇ. يۈزىنى (نورمال چاغدا ياپقاندەك كىيىمىنىڭ رەختىنى يۈزىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ھالدا) يېپىۋالمايدۇ، بۇرقا كىيىۋالمايدۇ.
ئۈستىگە كەيگەن كىيىمىنى سارقىتىپ يۈزىنى ياپىدۇ دېگەن بۇ ھۆكۈم ئىمام مالىكنىڭ، سۇفيان سەۋرىنىڭ، ئىمام شافىينىڭ، ئىمام ئەھمەدنىڭ ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھنىڭ ھۆكمىدۇر. (يۇقىرىقى ئالىملار سەلەپ دەۋرىدىكى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ، يەنى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئاغزىغا قارايدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ئالىملار ئىدى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئەگىشىدىغان مۇجتەھىد ئىماملار ئىدى.) [شرح السنة 7\740]
ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ (ت: 433 ۋ:510) مۇنداق دېگەن: ئىھراملىق ئايال قولىغا پەلەي كىيەمدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلىشىپ قالغان بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار ئىھراملىق ئايال كىشىنىڭ قولىغا پەلەي كىيىۋېلىشى دۇرۇس ئەمەس، ئەگەر ئىھراملىق ھالىتىدە پەلەي كىيگەن بولسا، ئېھراملىق ئايالنىڭ يۈز ۋە قوللىرىنى نىقاپ، پەلەي بىلەن يېپىشى چەكلەنگەنلىكى (يەنى ئەرلەرنىڭ ئۇچىسىغا ئىشتان كۆينەك كىيىشى چەكلىنىپ، ئېھراملىق رەخت بىلەن بەدىنىنى يېپىشى بەلگىلەنگەندەك، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى نىقاپ، قولىنى پەلەي بىلەن يېپىشى چەكلىنىپ، يۈزى ۋە قولىنى نىقاپ ۋە پەلەيدىن باشقا نەرسە بىلەن يېپىشى بەلگىلەنگەنلىكى) ئۈچۈن كىيىمى بىلەن يېپىشى، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن فىديە بېرىدۇ، دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار، ئەگەر ئايال كىشى قولىغا پەلەي كىيىۋالغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن فىديە تۆلىمەيدۇ، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ھەر قانداق جازا، كەففارەت يوق دېگەن. ئىمام شافىينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىككى مەشھۇر ھۆكمىنىڭ بىرىمۇ مۇشۇنداق. [شرح السنة 7\242]
— مۇجتەھىد تورى
مۇناسىۋەتلىك تېما:
ئايەتتە بۇيرۇلغان «جىلباب» قانداق كىيىم؟
قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر
كۇفۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئايالنىڭ يۈز يېپىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى
The post ھەجدە يۈزىنى ياپقان ساھابە ۋە تابىئىن ئاياللار first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەجدە يۈزىنى ياپقان ساھابە ۋە تابىئىن ئاياللار appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەرىپىدىن جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى. (أبا عبيدة بن الجراح)
ئىسمى: ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى جەرراھ.
تۇغۇلغان ۋاقتى: پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن تەخمىنەن 26 ياكى 27 يىل ئىلگىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى: ھىجرەتنىڭ 18-يىلى، ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى
رەسۇلۇللاھ بىلەن ياش پەرقى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تەخمىنەن 13، 14 ياش كىچىك
تۇغۇلغان جايى: مەككە
ۋاپات بولغان جايى: ئىئوردانىيە
ۋپات بولغان چاغدىكى يېشى: 58 ياش
ۋاپات بولۇش سەۋەبى: ۋابا
س: ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ مۇھاجىرمۇ ئەنسارمۇ؟
ج: مۇھاجىر.
ئانىسىنىڭ ئىسمى: ئۇمەيمە بىنتى غەنم؛ يەنى، ئۇممۇ غەنم بىتنى جابىر ئىبنى ئابدى ئىبنۇلئەدا
پەرزەنتلىرى: يەزىد ۋە ئۇمەير ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولغان. بۇ ئوغۇللىرى ھىند بىنتى جابىردىن بولغان. ئوغۇللىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ نەسلى داۋام قىلمىغان. (صفة الصفوة)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ بىر ئىشەنچىلىك كىشىسى بولىدۇ، بۇ ئۈممەتنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھتۇر» دېگەن. (بۇخارى 3744) نەجران ئەھلى رەسۇلۇللاھتىن ئۆزلىرىگە ئەڭ ئىشەنچىلىك، ھەقپەرۋەر كىشىسىنى، ئۆزلىرىگە ئىسلامنى ۋە سۈننەتنى ئۆگىتىدىغان كىشىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «بۇ ئۈممىتىمنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى مانا بۇدۇر» دېگەن. (مۇسلىم)
ئىمام ئەھمەد «فضائل الصحابة» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان: ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئۇمەير مۇنداق دېگەن: ھەزىرتى ئۆمەر خالىد ئىبنى ۋەلىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ ئورنىغا ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) شامغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد (بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن): سىلەرگە (ئۆمەر) بۇ ئۈممەتنىڭ ئەمىين كىشىسىنى ئەۋەتىپتۇ. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھ بۇ ئۈممەتنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسىدۇر» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى. (فضائل الصحابة لأحمد بن حنبل 1278؛ 2\739)
ھەزىرتى ئۆمەر ئەگەر ئەبۇيدە ئىبنى جەرراھ ھايات ھالەتتە ماڭا ئەجەل كەلسە، ئۇنى ئورنىمغا خەلىپە قىلىپ تەيىنلەيمەن،  ئەگەر رەببىم مەندىن قىيامەت كۈنى «نېمىشقا ئۇنى ئورنىڭغا خەلىپە تەيىنلىدىڭ» دەپ سوئال سوراق قىلسا، مەن «ئى رەببىم! مەن رەسۇلۇڭنىڭ ھەر پەيغەمبەرنىڭ بىر ئىشەنچىلىك كىشىسى بار، مېنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھتۇر» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا ئۇنى ئورنۇمغا خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدىم دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئەگەر ئەبۇ ئۇبەيدە مەندىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىپ، ئاندىن ماڭا ئەجەل كەلسە، مۇئاز ئىبنى جەبەلنى ئورنۇمغا خەلىپە قىلىپ تەيىنلەيمەن. ئاللاھ مەندىن قىيامەت كۈنى «نېمىشقا ئۇنى ئورنىڭغا خەلىپە قىلدىڭ» دەپ سوئال-سوراق قىلسا، «ئى رەببىم! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مۇئاز ئىبنى جەبەل قىيامەت كۈنى ئالىملاردىن بىر مىقدار ئالدىدا ھەشر قىلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» (شۇڭا خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدىم) دەيمەن. (ئەھمەد 1\18؛  بۇ ئەسەرنىڭ سەنەدىدە ئۈزۈكچىلىك بار؛ صفة الصفوة)
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مۇسۇلمان بولغان. ئوسمان ئىبنى مەئزۇن، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف قاتارلىق ساھابىلەر بىلەن بىرلىكتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دارۇل ئەرقەمدە دەۋەتكە ئۆتكەندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان.
ئىبنى سەئدنىڭ بايانىچە، ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز بويلۇق ساھابە ئىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە بەدر غازىتىغا ۋە باشقا بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان.  بەدر غازىتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۈزىگە پېتىپ كەتكەن دۇبۇلغا ھالقىسىنى چىقىرىمەن دەپ چىشى بىلەن چىشلەپ چىقىرىش جەريانىدا ئىككى ئۇتتۇر چىشى چۈشۈپ كەتكەن. ئىككى ئۇتتۇر چىشى يوق كوماك ھالىتىدىمۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ كېلىشكەن زاتلاردىن ئىدى. (صفة الصفوة)
ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، كېيىن مەككىگە قايتىپ كەلگەن، ئاخىرىدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان. ئىبنى سەئد تەبەقاتتا ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ ھەبەشىستانغا ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا كۇلسۇم ئىبنى ھىدمنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن. (الطبقات الكبرى ٣/‏٣١٣)
ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بەدر غازىتىغا قاتناشقان چاغدا 41 ياشتا ئىدى. بەدردە دۈشمەن سېپىدە دادىسى بىلەن روبىرو كېلىپ، مۇشرىك دادىسى ئۇنىڭغا توختىماي ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاقىۋەتتە مۇشرىك دادىسىنى ئۆلتۈرگەن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى زاتىل خەبت قوشۇنىغا باش قېلىپ يولغا سالغان. قوشۇندا ئەنسار ۋە ساھابىلەردىن بولۇپ ئۈچ يۈز كىشى بار ئىدى. دېڭىز ساھىلىدا دېڭىز قىرغاققا چىقىرىپ قويغان كىتنىڭ گۆشىنى ئون بەش كۈن ئەتراپىدا يېگەن ۋە بىر قىسىمىنى مەدىنىگە ئالغاچ كەلگەن. (مسند أبي داود الطيالسي ٣/‏٣٠٤)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى نەجران ئەھلىگە «بۇ ئۈممەتنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى» دەپ يولغا سالغان. ئەبۇ نۇئەيمنىڭ بايانىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى، ئەبۇ تەلھە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان. ئىبنى سەئدنىڭ بايانىچە، رەسۇلۇللاھ ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى ئەبۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى سالىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان. ئىبنى سەئىدنىڭ يەنە بىر بايانىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان. ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە ئوھۇد غازىتىدا مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان چاغدىمۇ رەسۇلۇللاھنى قوغداپ مۇستەھكەم تۇرغان. جەڭدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يارىلانغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ دۇبۇلغىسىنىڭ ھالقىسى مۇبارەك يۈزىگە پېتپ كەتكەن. ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۈزىگە كىرىپ كەتكەن تۆمۈر ھالقىنى چىقىرىشتا ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن تالىشىپ قالغان، ئاقىۋەتتە رەسۇللاھنىڭ مۇبارەك يۈزىگە پېتىپ كەتكەن تۆمۈر ھالقىنى چىقىرىش جەريانىدا ئىككى ئۇتتۇر چىشى سۇنۇپ كەتكەن. ئەبۇ ئۇبەيدە شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئارىىسدا ئىككى ئۇتتۇر چىشى يوق كوماك ھالەتتە يۈرگەن. بۇ ۋەقەلىكنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دادىسى ئەبۇ بەكرى سىددىقتىن نەقىل قىلغان. (الطبقات الكبرى ٣/‏٣١٣)
ھەزىرتى ئۆمەر ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئورنىغا شامغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن. ھىجرەتنىڭ 18-يىلى شامنىڭ ئەمەۋاس دېگەن جايىدىكى ۋابادا (ھازىر بۇ جاي ئىئوردانىيەگە قاراشلىق) ۋاپات بولۇپ، بىيسان دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان. ۋاپات بولغان 58 ياشتا ئىدى. مىيت نامىزىنى مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چۈشۈرگەن. ھەزىرتى مۇئاز شامدا ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ ئورنىغا ئەمىر بولغان. (الطبقات الكبرى ٣/‏٣١٣)
مۇھەددىس ئەبۇ نۇئەيم رەھىمەھۇللاھنىڭ بايانىچە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ نەسلى داۋام قىلمىغان. (معرفة الصحابة)
ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە شامدا ئەمر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە خەلقكە مۇنداق دېگەن: «ئى خالايىق! مەن قۇرەيشلىك كىشىلەردىن بىرىمەن. سىلەردىن ئاراڭلاردىن مەيلى قىزىل، مەيلى قارا ھەر قانداق بىرىنىڭ تەقۋادا مەندىن ئۈستۈنلۈكىنى بىلسەم، مۇتلەق رەۋىشتە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى ئارزۇلىدىم.» (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد)
ھەزىرتى ئۆمەر يېقىنلىرىغا «ئارزۇلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېقىڭلار» دېۋىدى، بىرەيلەن «مۇشۇ ئۆي توشقۇدەك ئالتۇنۇم بولسا، ئۇنى ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلغان بولسام» دېدى. ھەزىرتى ئۆمەر يەنە تەلەپ قىلىۋىدى، باشقا بىر زات «مۇشۇ ئۆي توشقۇدەك مال-دۇنيارىم بولسا، ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلسام» دېدى. ھەرزىتى ئۆمەر يەنە تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇلار «بىلەلمەي قالدۇق، ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى» دېدى. ھەزىرتى ئۆمەر «مەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھتەك كىشىلەردىن مۇشۇ ئۆي توشقۇدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېىدى. (صفة الصفوة 1\138)
ئىمام ئەھمەد «فضائل الصحابة» ناملىق ئەسىرىدىكى مۇشۇ ھەقتىكى باياندا، ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ «مەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئەبۇ ھۇزەيفىنىڭ ئازادگەردىسى سالىم ۋە ھۇزەيفە ئىبنى يەمان قاتارلىق ئەركەكلەردىن (مۇشۇ ئۆي) لىق توشقۇدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. (فضائل الصحابة لأحمد بن حنبل 1280؛ 2\740)
ھەزىرتى ئۆمەر شامغا كەلدى، ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈن پەزىلەتلىكىرى ئۇنى قارشى ئالدى. ھەزىرتى ئۆمەر «قېرىندىشىم قەيەردە؟» دېۋىدى، ئۇلار «كىمنى دەيسەن؟» دەپ سورىدى. ھەزىرتى ئۆمەر «ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى» دېۋىدى، ئۇلار «ئەنە كېلىۋاتىدۇ» دېيىشتى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ھەزىرتى ئۆمەر ئۇلىغىدىن چۈشۈپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى قۇچاقلىدى. ئاندىن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەررراھ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. ھەزىرتى ئۆمەر ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ ئۆيىدە قىلچتىن، قالقاندىن ۋە ئاتنىڭ ئىگىرىدىن باشقا (كۆزگە تۈزۈك چېلىققۇدەك بىرەر) نەرسە كۆرمىدى. ھەزىرتى ئۆمەر ئۇنىڭغا «باشقىلاردەك مال-مۈلۈك يىغماپسەنغۇ؟» دېۋىدى، ئەبۇ ئۇبەيدە جاۋابەن «ئى مۆمىنەرنىڭ ئەمىرى، مۇشۇ نەرسىلەر مېنى ياتىدىغان يېرىمگە يەتكۈزىدۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد)
ھەزىرتى ئۆمەر قەستكە ئۇچراپ يارىدار ھالىتىدە يېتىپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئەبۇ ئۇبەيدە بولغان بولسا، ئۇنى ئۆزۈمدىن كېيىنكى خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەن بولاتتىم. بۇ ھەقتە ھېچكىم بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن بولاتتىم. ئەگەر قىيامەت كۈنى رەببىم مەندىن بۇ قىلمىشىمنى سورىسا، رەببىمگە جاۋابەن «ئى رەببىڭ! مەن پەيغەمبىرىنىڭ ئۇنى مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئەمىين كىشىسى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شۇڭا خەلىپىكتە ئۆزۈمگە ۋارىس قىلغان ئىدىم» دېگەن بولاتتىم. (تاريخ دمشق لابن عساكر ٥٨/٤٠٤؛ الطبقات الكبرى لابن سعد ٣/٣٨٢)
تابىئىن ئالىم قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ مۇنداق دېگەن: ئۆزۈمنىڭ بىر قوچقار بولغان بولۇشۇمنى، ئەھلىمنىڭ مېنى بوغۇزلاپ گۆشۈمنى يەپ، شورپامنى ئىچكەن بولۇشىنى (بۇ ئارقىلىق قىيامەتتە ئاللاھنىڭ مېنى جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولۇشۇمنى) ئۈمىد قىلىمەن.» (الزهد لأحمد بن حنبل ١/١٥١) * باشقا بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭمۇ مۇشۇ مەزمۇندا سۆز قىلغانلىقى نەقىل قىلىنغان. مەقسەت:  ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىمۇ تىتىرىتىۋېتىدىغانلىقى، ئاللاھقا بېرىدىغان ھېساپ كىتاپنىڭ قىيىنلىقى ئۈچۈن، ھايۋانلار دوزاخقا كىرىپ قېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق دېيىلگەن.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (خەلىپىلىك دەۋرىدە ئۆزى دۆلەت خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن) خەۋەرچىلەردىن بىرىگە تۆت مىڭ دىرھەم ۋە تۆت يۈز دىنار پۇل بېرىپ «بۇنى (شامدىكى) ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھقا ئېلىپ بار، ئاندىن ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا قارا» دەپ بۇيرۇدى. خەۋەرچى پۇلنى ئېلىپ بېرىپ، ئەبۇ ئۇبەيدەگە بېرىۋىدى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋەتتى. ئەلچى بۇ خەۋەرنى كۆتۈرۈپ ھەزىرتى ئۆمەرگە كېلىۋىدى يەنە ئوخشاش مىقداردىكى پۇلنى بېرىپ، ئەمدى بۇنى مۇئازغا ئېلىپ بار ۋە قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆزەت، دەپ تاپىلىدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قولىغا چۈشكەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىۋەتتى. بۇ پەيتتە، ئايالى ھۇجرىسىنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرۇپ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ پۇل-مالغا ناھايىتى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خەۋەرچى بۇنى ھەرىزتى ئۆمەرگە ئېلىپ كېلىۋىدى «ئىسلامدا مۇشۇنداق كىشىلەرنى ياراتقان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن» دېدى. (جامع الأصول ٤/١١٩ — ابن الأثير؛ تاريخ دمشق لابن عساكر ٢٥/٤٨١)
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
The post بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئايال ساھابە ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق
ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھا
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
تۇغۇلۇشى: پەيغەمبەرلىكتىن 14 يىل ئىلگىرى. ۋاپاتى: ھىجرەتنىڭ 73-يىلى
دادىسى: ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ ئانىسى: قۇتەيلە بىتنى ئابدۇلئۇززا ئىبنى ئابدۇلئەسەد
تۇغۇلغان يېرى: مەككە؛ ۋاپات بولغان يېرى: مەككە
پەرزەنتلىرى: ئابدۇللاھ، ئۇرۋە، مۇنزىر
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاچىسى، جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون مەشھۇر ساھابىنىڭ بىرى بولغان زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ ئايالىدۇر. ھەزىرتى ئەسما ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئانىسى. مەككىدە تۇنجى مۇسۇلمان بولغانلار قاتارىدىن. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان. كېيىنكى چاغلاردا مەككىدە ئولتۇراقلاشقان. ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئۆلتۈرۈلۈپ بىر ئايدىن كېيىن، ھىجرىيەنىڭ 73-يىلى يۈز يېشىدا مەككىدە ۋاپات بولغان. يۈز يېشىدىمۇ ئاغزىدىكى چىشلىرىدىن ھېچبىرى چۈشۈپ كەتمىگەن ۋە ئەقلىدە ھېچقانداق چېكىنىش بولمىغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: بۇلۇغۇلمەرام شەرھى 28)
مۇھەددىس ئەبۇ نۇئەيم ئىسباھانىي (ۋاپاتى: ھ 430) مۇنداق دېگەن:
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 21 ياشقا كىرگەندە تۇغۇلغان. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دادا بىر سىڭلىسىدۇر. (يەنى ھەر ئىككىسى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى) ھەزىرتى ئەسما ھىجرەتتىن 27 يىل  ئىلگىرى تۇغۇلغان. (بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە پەيغەمبەرلىك كەلگەن چاغدا ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا 14-15 ياشلاردا بولغان بولىدۇ.)
زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئابدۇللاھ، ئۇرۋە، مۇنزىر ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولغان. كېيىن زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تالاق قىلغان. ھەزىرتى ئەسما ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئېگىدارچىلىقىدا بولغان. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلى (مەشھۇر ساھابە، خەلىپە) ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير قەتلى قىلىنىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ھىجرەتنىڭ 73-يىلى مەككىدە ۋاپات بولغان. ھاياتىنىڭ كېيىنكى چاغلىرىدا ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان.
تابىئىنلاردىن (ئوغلى) ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، (قىز نەۋرىسى) فتىمە بىتنى مۇنزىر ئىبنى زۇبەير، ئىبنى ئەبى مۇلەيكە، ۋەھب ئىبنى كەيسان، مۇھەممەد ئىبنى مۇندەكىر ۋە باشقا بىر بۆلۈك زات ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.
ئەسما ئانىمىزنىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، تابىئىن ئالىمە فاتىمە بىتنى مۇنزىر مۇنداق نەقىل قىلغان:
(زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن بىللە ئىدۇق. (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛) * ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) مۇۋەتتا مالىكنىڭ زەرقانى شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىھراملىق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يۈزىگە ئەرلەرنىڭ قاراش پىتنىسى مەۋجۇتلۇقىنى بىلسە ياكى (يۈزىنى ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى) تەخمىن قىلسا، يۈزىنى يېپىۋېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: ئەھلى ئىلىم ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ يۈزىگە قارىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن يۈزىگە كىيىمىنى سارقىتىپ يۈزىنى توسىۋالىدۇ. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئايال يۈزىنى نىقاب بىلەن، قولىنى پەلەي بىلەن ياپمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئېيتقىنىدەك، رومىلى بىلەن يۈزىنى، كىيىمىنىڭ يېڭى قاتارلىقلار بىلەن قولىنى نامەھرەمدىن ياپىدۇ.
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سىڭلىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى
— مۇجتەھىد تورى تەييارلاپ تارقاتتى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
ساھابە خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
ئايال ساھابە: ئاتىكە بىتنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا
مۆمىنلەرنىڭ مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ | ساھابە
ساھابە-تابىئىنلار مۇنداق زاتلار ئىدى
The post ئايال ساھابە ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئايال ساھابە ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئايال ساھابە: ئاتىكە بىتنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا
The post ئايال ساھابە: ئاتىكە بىتنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئايال ساھابە: ئاتىكە بىتنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ((نضَّر الله امرأً سمع منا شيئًا فبلّغه كما سمعه، فَرُبَّ مُبلَّغٍ أوْعى من سامعٍ)) «مەندىن بىر ھەدىسنى ئاڭلاپ، ئۇنى (باشقىلارغا) مەندىن ئاڭلىغىنى بويىچە يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈۋەتسۇن. ئۆزىگە ھەدىس يەتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچىدىنمۇ بەكراق ياخشى چۈشىنەلەيدۇ.» hedisim.com (ئەھمەد 5\49؛ ئەبۇ داۋۇد 3175؛ تىرمىزى 2581؛ رىيازۇس سالىھىن 2581)
بۇ ھەدىس سەھىھ سۈننەتنى يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن بۈيۈك خۇش خەۋەردۇر.
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستىكىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر ھەدىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى باشقىلارغا ئاڭلىغىنى بويىچە ئۆز پېتى يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىلغان دۇئاسىدۇر.
«ئۆزىگە ھەدىس يەتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچىنمۇ بەكراق ياخشى چۈ (شىنەلەيدۇ» — ھەدىسلەرنى ياخشى يادلاپ، باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان ئالىملار بولغىنىدەك، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن ھەدىسنى ئۆزىگە نەقىل قىلغۇچىلاردىنمۇ ياخشى چۈشەنگەن ۋە ئۇ ھەدىستىن نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، (مۇسۇلمانلارغا) تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولىدىغان ئالىملارمۇ بار. (شرح رياض الصالحين 4\523)
The post سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھافىز سۇيۇتىنىڭ ئىمام ئىبنى تەيمىييەگە مەدھىيىسى
مۇھەددىس، تەپسىرشۇناس جالالىدىن سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ ئىمام ئىبنى تەيمىييە ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
قال الحافظ جلال الدين السيوطي – رحمه الله – :
ابن تيمية ، الشيخ ، الإمام ، العلامة ، الحافظ ، الفقيه ، المجتهد ، المفسر البارع ، شيخ الإسلام ، علَم الزهاد ، نادرة العصر ، تقي الدين أبو العباس أحمد المفتي شهاب الدين عبد الحليم بن الإمام المجتهد شيخ الإسلام مجد الدين عبد السلام بن عبد الله بن أبي القاسم الحراني .
ئىبنى تەيمىييە — ئۇستاز، ئىمام، ئەللامە، ھافىز، فەقىھ، مۇجتەھىد، توشقان تەپسىرشۇناس، شەيخۇل ئىسلام، زاھىدلارنىڭ پېشىۋاسى، ئۆز دەۋرىدە كەم تېپىلىدىغان ئالىمدۇر. ئىسمى شەرىپى تەقىيددىن ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئەلمۇفتى شىھابىددىن ئابدۇلھەلىمدۇر؛ دىننىڭ ئىمامى، شەيخۇل ئىسلام مەججدىن ئابدۇسالام ئىبن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلقاسىم ئەلھاررانىنىڭ ئوغلىدۇر.
The post ھافىز سۇيۇتىنىڭ ئىمام ئىبنى تەيمىييەگە مەدھىيىسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھافىز سۇيۇتىنىڭ ئىمام ئىبنى تەيمىييەگە مەدھىيىسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە دوزاختىن يىراق قىلىدىغان بىر ئەمەلنى ماڭا دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بەك چوڭ ئىش توغرۇلۇق سورۇدۇڭ. بۇ ئاللاھ ئاسان قىلىپ بەرگەن كىشىگە ئاساندۇر. پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك قىلىۋالمىغىن؛ نامازلىرىڭنى مۇكەممەل ئادا قىل، زاكاتنى بەر، رامزان روزىسىنى تۇتۇ ۋە بەيتۇللاھنى ھەج قىل» دېدى. ئاندىن يەنە مۇنداق دېدى: «ساڭا ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ روزا قالقاندۇر. سۇنى ئوتنى ئۆچۈرگىنىدەك، سەدىقە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىنىڭ كېچىنىڭ يېرىمىدا ئوقۇغان نامىزىمۇ ھەم گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ.» ئاندىن ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىنى ئوقۇدى:{ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن-كۆرپىدىن ئۇزاقتۇر، قورققان ۋە ئۈمىد قىلغان ھالدا رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، رىزىق قىلىپ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.} (سەجدە سۈرىسى، 16-ئايەت ئايەتلەر) ئاندىن «ساڭا ئىشنىڭ بېشىنى، تۈۋرۈكىنى ۋە يۇقىرى پەللىسى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر، يۇقىرى پەللىسى جىھادتۇر» دېدى. ئاندىن «ساڭا بۇلاردىن ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «بۇنى ساقلا» دېۋىدى، مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، سۆزلىگەن سۆزلىرىمىز سەۋەبلىكمۇ ھېسابقا تارتىلامدۇق؟» دەپ سورىدىم. «ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن! ئىنسانلارنىڭ يۈزىچىلەپ (ياكى بۇرنىچىلاپ) دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان نەرسە ئۇلارنىڭ تىللىرى ئارقىلىق قىلغان گۇناھلىرى بولماي نېمە؟» دېدى. hedisim.com (تىرمىزى 2616؛ ئەھمەد 22016؛ مۇھەددىسلەردىن ئەھمەد شاكىر ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن)
عَن مُعَاذ بن جَبَلٍ رضي الله عنه قَالَ: قُلتُ يَا رَسُولَ الله أَخبِرنِي بِعَمَلٍٍ يُدخِلُني الجَنَّةَ وَيُبَاعدني منٍ النار قَالَ: (لَقَدْ سَأَلْتَ عَنْ عَظِيْمٍ وَإِنَّهُ لَيَسِيْرٌ عَلَى مَنْ يَسَّرَهُ اللهُ تَعَالَى عَلَيْهِ: تَعْبُدُ اللهَ لاَتُشْرِكُ بِهِ شَيْئَا، وَتُقِيْمُ الصَّلاة، وَتُؤتِي الزَّكَاة، وَتَصُومُ رَمَضَانَ، وَتَحُجُّ البَيْتَ. ثُمَّ قَالَ: أَلاَ أَدُلُّكَ عَلَى أَبْوَابِ الخَيْرِ: الصَّوْمُ جُنَّةٌ، وَالصَّدَقَةُ تُطْفِئُ الخَطِيْئَةَ كَمَا يُطْفِئُ المَاءُ النَّارَ، وَصَلاةُ الرَّجُلِ فِي جَوْفِ اللَّيْلِ ثُمَّ تَلا : (تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ) حَتَّى بَلَغَ: (يَعْلَمُونْ) [السجدة:16-17] ثُمَّ قَالَ: أَلا أُخْبِرُكَ بِرَأْسِ الأَمْرِ وَعَمُودِهِ وَذِرْوَةِ سَنَامِهِ ؟ قُلْتُ: بَلَى يَارَسُولَ اللهِ، قَالَ: رَأْسُ الأَمْرِ الإِسْلامُ وَعَمُودُهُ الصَّلاةُ وَذروَةُ سَنَامِهِ الجِهَادُ ثُمَّ قَالَ: أَلا أُخبِرُكَ بِملاكِ ذَلِكَ كُلِّهِ ؟ قُلْتُ:بَلَى يَارَسُولَ اللهِ. فَأَخَذَ بِلِسَانِهِ وَقَالَ: كُفَّ عَلَيْكَ هَذَا. قُلْتُ يَانَبِيَّ اللهِ وَإِنَّا لَمُؤَاخَذُونَ بِمَا نَتَكَلَّمُ بِهِ ؟ فَقَالَ: ثَكِلَتْكَ أُمُّكَ يَامُعَاذُ. وَهَلْ يَكُبُّ النَّاسَ فِي النَّارِ عَلَى وُجُوهِهِمْ أَو قَالَ: عَلَى مَنَاخِرِهِمْ إِلاَّ حَصَائِدُ أَلسِنَتِهِمْ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن صحيح.
The post رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزىرتى مۇئازغا ۋەسىيىتى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ساھابە خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەسىرگە چۈشۈپ، مەككىدە قۇل سۈپىتىدە سېتىلغان.  جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىچ ياسايتتى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرى مۇسۇلمان بولغانلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئالتىنچى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى كىشى خەبباب ئىبنى ئەرەتتۇر. بۇ سەۋەبلىك مەككە مۇشرىكلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە بارچە غازاتلارغا قاتناشقان. رەسۇلۇللاھ ھەزىرتى خەببابنى جەبر ئىبنى ئەتىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان. كېيىنكى چاغلاردا بايلىقى بەك ئاشقان. كۇفەگە يەرلەشكەن. ئۆلۈمنى تىلەيدىغان دەرىجىدە ناھايىتى ئېغىر كېسەل تارتقان. 37-يىلى كۇفىدە ئۆلگەن. 63 ياش ئۆمۈر كۆرگەن. ئەلىي رەرزىيەللاھۇ ئەنھۇ سىففىن ئۇرۇشىدىن قايتىش يولىدا خەبباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ خەببابقا رەھمەت قىلسۇن. ئۆزى خالاپ مۇسۇلمان بولدى، ئۆزى خالاپ ھىجرەت قىلدى. مۇجاھىد بولۇپ ياشىدى. يىللارچە كېسەل تارتتى. ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى مۇتلەق بېرىدۇ. [ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەلئىسابە 2\35] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
[تولۇقلىنىۋاتىدۇ]
The post ساھابە خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ساھابە خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ھەدىسكە ئەگەشمەسلىك، ئېتىبار قىلماسلىقنىڭ ۋابالى
ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ سۈننەتكە زىت يول تۇتۇش ھەققىدە ئېيتقانلىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سالات ۋە سالاملار بولسۇن.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ} «كىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» (سۈرە نىسا، 80)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» mujtehid.com (ذم الكلام للهروي 3\15)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا باشقا ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: {وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ} «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» (سۈرە ھەشر، 7)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ} «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلار (دۇنيادا) بىر بالا-قازاغا مۇپتىلا بولۇشتىن، ۋەياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق جازاغا ئۇچراشتىن قورقسۇن.» (سۈرە نۇر، 63)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((تركت فيكم شيئين لن تضلوا بعدهما: كتاب الله وسنتي، ولن يتفرقا حتى يردا على الحوض)) «ئاراڭلارغا ئىككى نەرسىنى قويۇپ قويدۇم، ئۇ ئىككىسىگە مەھكەم ئېسىلساڭلار ھەرگىز ئازمايسىلەر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر. قۇرئان بىلەن سۈننىتىم ھەۋزى كۆلۈمدە ماڭا ئۇچراشقانغا قەدەر بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2937؛  ئىبنى ھەزىم: ئۇسۇلىل ئەھكام 2\251، سەھىھ)
عَن أَبي نَجِيحٍ العربَاضِ بنِ سَاريَةَ رضي الله عنه قَالَ: وَعَظَنا رَسُولُ اللهِ مَوعِظَةً وَجِلَت مِنهَا القُلُوبُ وَذَرَفَت مِنهَا العُيون. فَقُلْنَا: يَارَسُولَ اللهِ كَأَنَّهَا مَوْعِظَةُ مُوَدِّعٍ فَأَوصِنَا، قَالَ: (أُوْصِيْكُمْ بِتَقْوَى اللهِ عز وجل وَالسَّمعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ تَأَمَّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ، فَإِنَّهُ مَنْ يَعِشْ مِنْكُمْ فَسَيَرَى اخْتِلافَاً كَثِيرَاً؛ فَعَلَيكُمْ بِسُنَّتِيْ وَسُنَّةِ الخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ المّهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الأُمُورِ فإنَّ كلّ مُحدثةٍ بدعة، وكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ) رواه أبو داود والترمذي وقال : حديث حسن صحيح.
ئەبۇ نەجىھ ئىرباز ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (بىر كۈنى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق بىر ۋەز نەسىھەت قىلدىكى، بۇ سەۋەبلىك قەلىبلەر تىتىرەپ، كۆزلەردىن ياش ئاقتى. بىز «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچى كىشىنىڭ نەسىھەتلىرىدۇر. بىزگە ۋەسىيەت قىلغايلا» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە تەقۋادارلىق قىلىشنى، بېشىڭلارغا بىر قۇل ھۆكۈمدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن. سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇ ھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلىڭلار، سۈننىتىمنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن:  بىز (رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىلىمىز، (دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىمىزگە) ئىتائەت قىلدۇرمايمىز. (رەسۇلۇللاھقا) ئەگىشىمىز، بىدئەت پەيدا قىلمايمىز. (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان سەھىھ) رىۋايەتلەرگە چىڭ ئېسىلغانلىكى تەقدىردە ئازمايمىز. hedisim.com (لالىكائى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئېتىقادى 93)
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەي ئەھلى (دىنىي مەسىلىلەردە سۈننەتكە تايانماي، ئۇنى تولغاش ياكى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق كۆز قارىشىغا تايانغۇچىلار) سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ھەدىسلەرنى ئاڭقىرىش ئۇلارغا قىيىن كېلىدۇ. ئۇلار ھەدىسلەرنى قولدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن چۈشىنەلمىگەن، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىرى بويىچە سۆزلەپ ھەم ئۆزى ئازدى، ھەم باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ.» hedisim.com (ئەششەرھۇ ۋەلئىبانە 122؛ ناسىر ئىبنى ئەقىل: مەفھۇمۇس سۇننە ۋەلجامائە 37)
ئىبنى ئەتا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىم نەپسىنى سۈننەتنىڭ ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇر قىلسا، ئاللا ئۇنىڭ قەلبىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرلىرىگە، پېئىللىرىغا، ئەمەللىرىگە ۋە ئەخلاقىغا ئەگىشىشتىنمۇ شەرەپلىك بىر ماقام يوقتۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ. (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) hedisim.com
خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويۇشقا، شۇنداقلا بۇ سۈننەتكە زىت بولغان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. سۈننەتكە ئېسىلغان كىشى توغرا يولنى تاپىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. سۈننەتنى تاشلىغۇچى مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقان كىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىرى سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى مۇددەتتە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي. (حلية الأولياء 5\161) mujtehid.com
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» hedisim.com (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: ئەسھابۇ رەيدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەھلى سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. (حلية الأولياء 5\163)
ئەسھابۇ رەي دېگەن: شەرئىي مەسىلىلەردە سەھىھ دەلىلگە ئەمەس، كۆز قاراشقا تايىنىپ، سەھىھ دەلىل كۆز قارىشىغا توغرا كەلسە تۇتىدىغان، توغرا كەلمىسە سەھىھ دەلىلنى تولغاپ بۇرمىلاپ، سەھىھ دەلىلگە ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرىگە ئاشكارا يوشۇرۇن دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام شافىينىڭ گېپى بولۇنىۋىدى، دادام (ئىمام ئەھمەد) ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى:«ئەگەر رەسۇلۇللاھقا تۇتىشىدىغانلىقىنى سىلەر بىلىدىغان بىر ھەدىس بولسا ماڭا دەڭلار، مەن ئۇ ھەدىس قايسى دىياردا (قايسى ھەدىس شەيخىنىڭ كىتابىدا يېزىغلىق ياكى زېھنىدە يادقا ساقلاقلىق) بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئۇ ھەدىسنى ئۆگىنىۋالاي.» hedisim.com (حلية الأولياء 7\34)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» mujtehid.com (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن: (ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» hedisim.com (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: «مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ. (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى) hedisim.com
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْ نَبِيٍّ بَعَثَهُ اللَّهُ فِي أُمَّةٍ قَبْلِي إِلَّا كَانَ لَهُ مِنْ أُمَّتِهِ حَوَارِيُّونَ وَأَصْحَابٌ يَأْخُذُونَ بِسُنَّتِهِ وَيَقْتَدُونَ بِهَا ثُمَّ يَخْلُفُ مِنْ بَعْدِهِمْ خُلُوفٌ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ وَيَفْعَلُونَ مَا لَا يُؤْمَرُونَ فَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِيَدِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِلِسَانِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِقَلْبِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَلَيْسَ وَرَاءَ ذَلِكَ مِنَ الْإِيمَانِ حَبَّةُ خَرْدَلٍ)) «ئاللاھ مەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئەۋەتكەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ، ئۆز ئۈممىتى ئىچىدە ياردەمچىلىرى ۋە ساھابىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بىلەن ئەمەل قىلىپ، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بويسۇناتتى. ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغان ئىشىنى سۆزلەيدىغان، (پەيغەمبىرى) ئەمر قىلمىغان ئىشنى (يەنى بىدئەتلەرنى) قىلىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىم قولى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم تىلى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم بۇنداقلارغا قەلبى بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر. (پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن سۈننەتتىن باشقىسى بىلەن ئەمەل قىلىدىغانلارغا قارشى) قەلبى بىلەن بولسىمۇ جىھاد قىلمايدىغانلاردا قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىكمۇ ئىمان يوقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 86)
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان كىشىنىڭ ئىلىمى شەيتاندىندۇر. بىر ئىلىمنىڭ رەھمان تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ئېلىپ كەلگىنىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەنلا بىلىنىدۇ.» mujtehid.com(ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،881)
ئىمام ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن- گەرچە سۈننەت قانچىلىك بۈيۈك ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنىڭ قارشىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ – سۈننەتنى ئۈممەتكە بىلدۈرۈش، باشقىلارنى سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ھەرقانداق كىشىنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قانچە بۈيۈك ئۆلىما بولۇپ كەتسۇن، سۈننەتكە زىت سۆزلەپ قويغان بولسا، ئۇ سۈننەتتىن خەۋەرسىز قېلىپ، خاتا سۆزلىگەن ھېسابلىنىدۇ.» mujtehid.com (إيقاظ همم 93)
ئەبۇ سەئلەبە ئەلكۇشانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: ((إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ)) «چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ چاغدا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ» دېۋىدى.
ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجر بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)
ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى بۇيرۇغان. جامائەت (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئەھلى ئىلىملەردۇر.» (سەھىھۇل بۇخارى-قۇرئان سۈننەتكە ئېسىلىش كىتابى-19-بابنىڭ ماۋزۇسى) hedisim.com
ئىمام بۇخارىنىڭ (بۇ ماۋزۇ ئارقىلىق) دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: ئالىمنىڭ (ھەر قانداق بىر مەسىلىدە) شەرئىي دەلىللەرنى بىلدۈرۈش ئىمكانى بار تۇرۇپ، ئۇنداق قىلماستىن ئۆز كۆز قارىشى ۋە قىياس بىلەن سۆز قىلىشىغا يول يوق. (فەتھۇلبارى، 14/373) hedisim.com
ئەھمەد ئىبنى ئەبۇل ھۇۋارى مۇنداق دېگەن: «كىمكى سۈننەتكە ئەگەشمەستىن بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى باتىلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،875)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ۋە ھەققى ئەمەس.» hedisim.com (رفع الملام 67)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، پەقەت رەت قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېۋىدى، (ساھابىلەر) «ئى رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى قانداق كىشى؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«كىم مېنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىم بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىمگە ئاسىيلىق قىلسا رەت قىلغان بولىدۇ (نەتىجىدە دوزاخقا كىرىدۇ)» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى) [كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى، قيل: يا رسول الله! من يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة، ومن عصاني فقد أبى]
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان كۆز قاراش توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىش ھالال ئەمەس.» hedisim.com (فەتھۇل بارى، 14/379)
تابىئىنلاردىن مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «يەتمىش ساھابە بىلەن ئۇچراشتىم.  ئۇلار بۈگۈن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كەلسە، ئەزاندىن باشقا ئىشىڭلارنى تونۇمىغان بولاتتى.» hedisim.com (ئىمام زەھەبى، سىيەر ئەئلام نۇبەلا 5\154) بۇ بۈيۈك تابىئىن ئىمام كۈنىمىزگە كەلگەن بولسا يەنە نېمىلەرنى دەر بولغۇيتتى-ھە؟!
The post سەھىھ ھەدىسكە ئەگەشمەسلىك، ئېتىبار قىلماسلىقنىڭ ۋابالى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ھەدىسكە ئەگەشمەسلىك، ئېتىبار قىلماسلىقنىڭ ۋابالى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
بۈيۈك ساھابە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان | مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى
مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرتى مۇئاۋىيە توغرۇلۇق مۇنداق دۇئا قىلغان: ((اللَّهُمَّ عَلِّمْ مُعَاوِيَةَ الْكِتَابَ وَالْحِسَابَ، وَقِهِ الْعَذَابَ)) «ئى ئاللاھ، مۇئاۋىيەگە كىتاپنى (يەنى قۇرئاننىڭ ھېكمەت، ھۆكۈم، مەنىلىرىنى) ۋە ھېساپنى ئۆگەتكىن، ئۇنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.» hedisim.com (فضائل الصحابة لأحمد بن حنبل 1748) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرتى مۇئاۋىيەگە يەنە مۇنداق دۇئا قىلغان: ((اللَّهُمَّ عَلِّمْهُ الْكِتَابَ، وَمَكِّنْ لَهُ فِي الْبِلَادِ، وَقِهِ الْعَذَابَ)) «ئى ئاللاھ، ئۇنىڭغا كىتابنى ئۆگەتكىن، ئۇنى يۇرتلاردا كۈچلەندۈرگىن، ئۇنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.» hedisim.com (فضائل الصحابة لأحمد بن حنبل 1750)
ھەزىرتى مۇئاۋىيە — ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ئوغلى. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى. پەيغەمبەرلىكتىن بەش يىل ئاۋۋال تۇغۇلغان. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا پەيغەمبەرلىكتىن يەتتە يىل بۇرۇن، يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا پەيغەمبەرلىكتىن 13 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان. پەيغەمبەرلىكتىن بەش يىل بۇرۇن تۇغۇلغان دېگەن قاراش ئەڭ توغرا. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات بولغاندا 28 ياشلاردا ئىدى.) ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ، مۇسۇلمانلىقىنى مەككە فەتھىگىچە يوشۇرغان دېيىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىي كاتىپى بولغان. سىڭلىسى ئۇممە ھەبىبە بىنتى ئەبۇ سۇفيان رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئىدى. ھېساپ ۋە پاساھەتلىك سۆزلەش-يېزىشقا ئۇستا ئىدى، مۇلايىم ۋە مەرت زات ئىدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ قەددى قامەتلىك زاتلاردىن ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى  (مۇئاۋىيەنىڭ قېرىندىشى يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفياندىن كېيىن) شامغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكىدىمۇ ۋالىيلىق ماقامىنى داۋاملاشتۇرغان. يىگىرمە يىل ئەمىر، 18 يىلدىن ئارتۇق خەلىپە بولغان. ئىبنى ئابباس مۇئاۋىيەنى «فەقىھ» دەپ ئاتىغان. ئىبنى ئابباس يەنە «ھۆكۈمدارلىققا مۇئاۋىيەدىنمۇ بەك لايىق باشقا بىرىنى كۆرمىدىم» دېگەن. بۇنى ئىمام بەيھەقى «پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان. مۇئاۋىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇئاۋىيە كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنى ئەرەپلەرنىڭ ھۆكۈمدارى بولىدۇ، دېگەندەك سۆزلەرنى دەيتتى. ئىمام ئەبۇ يەئلاد «مۇسنەد ئەبۇ يەئلا» دا مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (ھاجەتكە كېتىۋىدى) ئارقىسدىن تاھارەت سۈيى ئېلىپ باردى. رەسۇلۇللاھ مېنى كۆرۈپ:«ئەي مۇئاۋىيە! ئىش بېشىغا چىققىنىڭدا ئاللاھتىن قورق، ئادالەتتىن ئايرىلما» دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئىش بېشىغا چىقىدىغانلىقىمنى ئويلاپ تۇردۇم. زەيد ئىبنى سابىت ۋەھىي كاتىپلىقى قىلسا، مۇئاۋىيە رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئەرەپ قەبىلىرى بىلەن يېزىشىدىغان مەكتۇپلىرىغا مەسئۇل بولاتتى. ھىجرەتنىڭ 60-يىلى (تەخمىنەن 78 ياشلاردا) ۋاپات بولغان. [ئىمام ئىبنى ھەجەر: ئەلئىسابە]
ساھابە ئىبنى ئابباس ھەزىرتى مۇئاۋىيەنى «بۇ دىننىڭ فەقىھى» دەپ ئاتىغان. (سەھىھۇل بۇخارىغا قاراڭ) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
ئىمام ئىبنى ھەجەر: ساھابە ئانىلىرىمىزنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى ۋە پەزىلىتى
ساھابە خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
ئايال ساھابە ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق
ساھابە-تابىئىنلار مۇنداق زاتلار ئىدى
ئايال ساھابە: ئاتىكە بىتنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا
The post بۈيۈك ساھابە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان | مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post بۈيۈك ساھابە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان | مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد
ئىمام ئەبۇ داۋۇد (أبو داود) (ت: 202 ۋ: 275)
ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ھەدىسشۇناسلاردىن بىرى.
ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلغان: ئىمام ئەبۇ داۋۇد سىجىستانىي. سىجىستان ھازىرقى ئىراننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگىرىلىنىدىغان ئەڭ شەرقىي قىسىمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ جاي كۈنىمىزدە ئىران، ئافغانىستان ۋە پاكىستان چېگرىلىرى تۇتاشقان جايدۇر.
سۇنەن ئەبۇ داۋۇدنى يېزىپ ئىمام ئەھمەدكە سۇنغان، ئىمام ئەھمەد «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»قا ياخشى باھا بەرگەن ۋە ياقتۇرغان.  ئىمام ئەبۇ داۋۇد ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە ئىماملىق ئورنىغا ساھىپ بولۇشتىن سىرت، ئۇ يەنە بۈيۈك فەقىھتۇر.  كىتابى بۇنىڭغا دەلىلدۇر. ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئىمام ئەھمەدنىڭ ئىلىم مەجلىسىدە بىر مۇددەت تەلىم ئالغان بولۇپ، ئۇ زاتتىن فىقھتىكى فۇرۇئلار ۋە پىرىنسىپلارغا ئالاقىدار چوڭقۇر مەسىىلەردە تەلىم ئالغان. ئىمام ئەبۇ داۋۇد سەلەفنىڭ مەزھىبىدە بولۇپ، سۈننەتكە ئەگەشكەن ۋە سۈننەتكە تەسلىم بولغان زات ئىدى. كالامچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ئەمىن قالغان ئىدى.
The post ئىمام ئەبۇ داۋۇد first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام ئەبۇ داۋۇد appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مەشھۇر قارىي — شەيخ ئەلىي ھۇزەيفى
شەيخ ئەلى ھۇزەيفى
پەزىلەتلىك شەيخ، دوكتور ئەلىي ھۇزەيفى زامانىمىزنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە پېشقەدەم قارىيلىرىدىن بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ ئىمامى ۋە خاتىپىدۇر. ھازىر (2023-يىلى) 76 ياشتا.
شەيخ ئەلىي ئىبنى ئابدۇراھمان ھۇزەيفى ھىجرىيە 1366-يىلى (مىلادى 1947-يىلى) سەئۇدى ئەرەبىستاندا (مەككىنىڭ يېقىنىدىكى بىر يېزىدا) تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك ياشلىرىدا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ خەتمە قىلغان. ھىجرىيە 1388-يىلىدىن 1392-يىلىغىچە ئۇنىۋېرسىتېتنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى ئىمام مۇھەممەد بىن سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، باكلاۋېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىتىنىڭ فىقھ فاكۇلتېتى شەرئىي سىياسەت بۆلۈمىدە ماگېستىرلىق (ھىجرىيە 1395) ۋە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.
ھىجرىيە 1397-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرىئەت فاكۇلتېتىدا تەۋھىدتىن ۋە فىقھتىن دەرس بەرگەن. شەيخ يەنە قۇبا مەسجىدىنىڭ ئىماملىقى، ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىمام ۋە خاتىپلىقى، پادىشاھ فەھەد قۇرئان بېسىش زاۋۇتى ئىلمىي كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئۆتىگەن.
مەشھۇر قىرائەت ئۇستازلىرىدىن قۇرئان تىلاۋىتى بويىچە ئىجازەتكە ئېرىشكەن.
شەيخ ھامماد ئەنسارىيدىن (رەھىمەھۇللاھ) ھەدىس پېنىدە ئىجازەتكە ئېرىشكەن.
شەيخ ھىجرىيە 1402-يىلىدىن (مىلادىي 1988-يىلىدىن) ئېتىبارەن مەدىنە مۇنەۋۋەر پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ ئىمامى ۋە خاتىبى بولۇپ كەلمەكتە.
مەدىنە مۇنەۋۋەر پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ مەشھۇر ئىمامى ۋە خاتىبى ئابدۇلمۇھسىن قاسىم، ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىمامى ۋە خاتىبى ئابدۇللاھ جۇھەنىي قاتارلىقلار شەيخ تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن مەشھۇر قارىيلار جۈملىسىدىندۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
The post مەشھۇر قارىي — شەيخ ئەلىي ھۇزەيفى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مەشھۇر قارىي — شەيخ ئەلىي ھۇزەيفى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مۇھەددىس ئالىم ئابدۇلمۇھسىن ئاببادنىڭ ئىمام ئىبنى بازنى «ئىمام، مۇھەددىس، فەقىھ، شەيخۇل ئىسلام» دەپ ئاتىشى
مەدىنىلىك مەشھۇر ھەدىس ئالىمى، ئەللامە ئابدۇلمۇھسىن ئابباد ھافىزەھۇللاھنىڭ ئىمام ئىبنى بازنى ئەللامە، مۇھەددىس، فەقىھ، شەيخۇل ئىسلام دەپ ئاتىغانلىقى
دىققەت: ئابدۇلمۇھسىن ئابباد زامانىمىزدا ھايات ياشاۋاتقان ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ بىلىملىك ۋە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەدىس ئالىمى بولۇپ، مەزكۇر ھەدىس ئالىمى ئىمام ئىبنى بازنىڭ مۇھەددىس ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن.
ئەللامە ئابدۇلمۇھسىن ئابباد ئىمام ئىبنى بازنىڭ ھاياتى ھەققىدە بىر رىسالىسى مەۋجۇت بولۇپ، تۆۋەندىكى ئاۋاز دەل ئەللاممە ئابدۇلمۇھسىن ئاببادنىڭ ئىمام ئىبنى بازنى مۇھەددىس، فەقىھ، شەيخۇل ئىسلام دەپ تەرىپلەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان ئاۋازىدۇر. (5 مىنۇت 42-مىنۇتلۇق بۆلىكىدىن باشلاپ ئاڭلاڭ.)
The post مۇھەددىس ئالىم ئابدۇلمۇھسىن ئاببادنىڭ ئىمام ئىبنى بازنى «ئىمام، مۇھەددىس، فەقىھ، شەيخۇل ئىسلام» دەپ ئاتىشى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مۇھەددىس ئالىم ئابدۇلمۇھسىن ئاببادنىڭ ئىمام ئىبنى بازنى «ئىمام، مۇھەددىس، فەقىھ، شەيخۇل ئىسلام» دەپ ئاتىشى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
تونۇلغان ئىسلام دەۋەتچىسى — ئوسمان خەمىيس
ئوسمان خەمىيس (عُثْمَانْ الخَمِيْسْ) — ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر دەۋەتچىلىرىدىن. ئىسلام دۇنياسىدا نامى مەشھۇر، كۆپ ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن. كۇۋەيت پۇقراسى. شەيخ ئوسمان خەمىيس 1962-يىلى تۇغۇلغان. سەئۇدىي ئەرەبىستان پايتەختى رىيازدىكى ئىمام مۇھەممەد بىن سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ھەدىس بۆلۈمىدىن ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شەيخ ئوسمان خەمىيس كۇۋەيت ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى. شەيخ ئوسمان خەمىيس — دەۋەتكە ۋە دەرس ئۆتۈشكە باشچىلاپ چۆككەن، ۋاقتىنى  ۋە زېھنىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، دىن ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان دەۋەتچىدۇر.
ئۆزىنى ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شاگىرتىمەن دەپ ئاتايدۇ ۋە بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. ئىمام ئىبنى بازدىنمۇ دەرس ئالغانلىقى مەلۇم.
ئاللاھ ئىلىمىنى ۋە ھىدايىتىنى ئاشۇرسۇن، مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن. يۇتيۇب دەۋەتلىرى، دەرسلىرى بىلەن، شۇنداقلا شىئەلەر بىلەن قىلغان مۇنازىرىلىرى بىلەن داڭلىق.
تور بېتى: https://othmanalkamees.com
يۇتيۇب قانىلى: https://www.youtube.com/@othmanalkamees/videos
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
The post تونۇلغان ئىسلام دەۋەتچىسى — ئوسمان خەمىيس first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تونۇلغان ئىسلام دەۋەتچىسى — ئوسمان خەمىيس appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سۈرە زۇھانىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى
سۈرە زۇھا (93-سۈرە؛ مەككىدە نازىل بولغان، 11 ئايەت)
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
مۇپەسسىر ئالىملار بۇ سۈرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا كېلىدىغان ۋەھىي بىر مەزگىل توختىغاندىن كېيىن نازىل بولغانلىقىدا ئورتاق پىكىردىدۇر.1 رەسۇلۇللاھقا كېلىدىغان ۋەھىي بىر مەزگىل توختىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى ئۇممۇ جەمىل رەسۇلۇللاھقا «ھە، ئەمدى شەيتىنىڭ سېنى تاشلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ» دەپ مەسخىرە قىلدى. بۇ رەسۇلۇللاھقا ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولدى. [1.زادۇل مەسىير 2.زادۇل مەسىير، تەپسىر بەغەۋى]
وَالضُّحَى
1. كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرى بىلەن قەسەمكى1، [1.زادۇل مەسىير]
وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَى
2. قارايغان كېچە بىلەن قەسەمكى1، [1.زادۇل مەسىير]
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَى
3. (پەيغەمبەر) رەببىڭ (ئاللاھ) سېنى تەرك ئەتمىدى، ساڭا غەزەپمۇ قىلمىدى1. [1.زادۇل مەسىير]
وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَّكَ مِنَ الْأُولَى
وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَى
5. ئاخىرەتتە1 رەببىڭ ساڭا (ساناقسىز نېمەتلەرنى2) بېرىدۇ، (سېنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە مۆمىنلەرنىڭ سانىنى ئاۋۇتىدۇ.3) سەن مەمنۇن بولىسەن. (رەسۇلۇللاھنىڭ رازى بولۇشىنىڭ ئارىسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھلى بەيتىدىن ھېچكىمنىڭ دوزاخقا كىرمەيدىغانلىقىدۇر.4) [1.2.4.تەپسىر ئىبنى كەسىر  3.تەپسىر بەغەۋى]
(ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىيدىن ئاۋۋالقى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ1، ۋە بەرگەن نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ:2)
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَى
6. ئاللاھ سېنى يېتىم ھالەتتە تېپىپ2، پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟ [1.2.تەپسىر ئىبنى كەسىر]
وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَى
7. سېنى ھىدايەت يولىنى بىلمىگەن ھالدا تېپىپ (تەۋھىد ۋە پەيغەمبەرلىك بىلەن1) ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ [1.زادۇل مەسىير]
وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَى
8. سېنى يوقسۇل ھالدا تېپىپ، (باشتا خەدىچەنىڭ پۇل-مېلى ئارقىلىق1 ئاندىن غەنىيمەتلەر ئارقىلىق2، شۇنداقلا قەلبىڭگە قانائەت بېرىپ3، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە موھتاج بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ4) باي قىلمىدىمۇ؟
(ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «بايلىق— كۆپ پۇل-مالغا ئىگە بولۇش ئەمەس. ھەقىقىي بايلىق — قەلبنىڭ\نەپىسنىڭ باي بولۇشىدۇر.» (بۇخارى 6446؛ مۇسلىم 1051) [1.3.زادۇل مەسىير، بەغەۋىي 2.بەغەۋى 4.ئىبنى كەسىر]
فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ
9. يېتىمغا ئازار بەرمە1، [1.زادۇل مەسىير]
وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ
10. سورىغۇچىغا (يامان سۆز بىلەن1) ئازار بەرمە.  (يەنى ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىلىرىگە قوپالللىق قىلىدىغان، مۇتەكەببىر كىشىلەردىن بولما.2) (ھەسەن بەسرى «سورىغۇچى» نى شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش يولىدا سەندىن شەرىئەت ھەققىدە سورىغان كىشى، دەپ تەپسىرلىگەن.3) [1.3.بەغەۋى 2.ئىبنى كەسىر]
وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ
11. رەببىڭنىڭ (ساڭا ئاتا قىلغان ھەم دىنىي، ھەم دۇنياۋىي1، چەكسىز2) نېمىتى سۆزلەپ بەر. (ئاللاھ سېنى يوقسۇل ھالىتىڭدە باي قىلدى، تۈرلۈك ئاجىزلىقلاردىن قۇتقۇزدى، ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان بۇ نېمەتلىرىنى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەر.3) (چۈنكى، ئاللاھنىڭ نىمەتلىرىنى تىلغا ئېلىش — ئۇ نىمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشنى، ۋە قەلبنىڭ بۇ نىمەتلەرنى بەرگەن ئاللاھنى ياخشى كۆرىشىنى روياپقا چىقىرىدۇ.4 ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىنى تىلغا ئېلىش — ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش جۈملىسىدىندۇر.5) [1.تەپسىر سەئدى 2.تەپسىر مۇيەسسەر 3.تەپسىر ئىبنى كەسىر 4.تەپسىر سەئدى 5.تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر]
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com
The post سۈرە زۇھانىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سۈرە زۇھانىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.