مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
سالاملىشىشتا ۋە مېھمانغا تائام سۇنۇشتا كىمدىن باشلايمىز؟
سالاملىشىشتا ۋە مېھمانغا تائام سۇنۇشتا كىمدىن باشلايمىز؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال:
بىر كىشى بىر سورۇنغا كىرسە، ئۇ يەردە بىر ياشانغان (چوڭ) كىشى بولسا، ئۇ كىشى سالاملىشىشنى ئوڭ تەرەپتىن باشلامدۇ ياكى ئۇ ياشانغان كىشى سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا بىۋاسىتە شۇ كىشىدىن باشلاپ سالام قىلامدۇ؟
جاۋاب:
كۆپچىلىككە ئومۇمىي سالام قىلىدۇ، ئاندىن سورۇننىڭ رەئىسىدىن، سورۇننىڭ چوڭىدىن باشلاپ كۆرۈشىدۇ. چۈنكى ساھابىلەر بىرەر سورۇنغا كىرسە، (كۆرۈشۈشنى) ئاۋۋال سورۇننىڭ رەئىسى بولغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشلايتتى، ئاندىن ئۇ زاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىلەردىن، ئاندىن سول تەرىپىدىكىلەردىن باشلايتتى.
ئەگەر بۇنداق قىلىشتا بىرەر قىيىنچىلىق \ بىئەپلىك بولسا، ياكى كىشىلەر بۇنى غەلىتە ھېس قىلىپ قالسا، ياكى خاتا چۈشىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا، ئۇنداقتا كۆپچىلىككە ئومۇمىي سالام قىلىدۇ-دە، سورۇننىڭ ئاخىرىدا بوش ئورۇن قەيەردە بولسا شۇ يەردە ئولتۇرىدۇ.
شۇڭا، كىشى بىر سورۇنغا كىرگەندە، ئاۋۋال سورۇندىكى چوڭ كىشىگە، ئاندىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە سالام قىلىشنى ئەدەپ-ئەخلاققا تېخىمۇ ئۇيغۇن دەپ قارىسا، شۇنداق قىلىدۇ.
سوئال:
مېھمانغا چاي ۋە قەھۋە (تاماق) سۇنۇشتىچۇ؟
جاۋاب:
بۇمۇ ئوخشاش. ئاۋۋال سورۇننىڭ چوڭىدىن باشلايدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كىشىگە سۇنىدۇ. خۇددى ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ، ئاندىن ئۇ زاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كىشىگە سۇنغىنىغا ئوخشاش. پەقەت ئوڭ تەرەپتىكى كىشى سول تەرەپتىكى كىشىگە بېرىشكە رۇخسەت قىلسا، ئۇنداقتا سول تەرەپتىكى كىشىگە چاي-تائام سۇنسا ھېچقىسى يوق.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/22092/%D9%85%D9%86-%D8%A7%D9%8A%D9%86-%D9%8A%D8%A8%D8%AF%D8%A7-%D9%81%D9%8A-%D8%A7%D9%84%D8%B3%D9%84%D8%A7%D9%85-%D9%88%D9%83%D8%B0%D8%A7-%D8%A7%D9%84%D8%B6%D9%8A%D8%A7%D9%81%D8%A9
The post سالاملىشىشتا ۋە مېھمانغا تائام سۇنۇشتا كىمدىن باشلايمىز؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سالاملىشىشتا ۋە مېھمانغا تائام سۇنۇشتا كىمدىن باشلايمىز؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مەۋلۇتنىڭ بىدئەتلىكى توغرىسىدىكى شەرئىي دەلىللەر
مەۋلۇتنىڭ بىدئەتلىكى توغرىسىدىكى شەرئىي دەلىللەر
قۇدرەت بارات
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
مەۋلۇت — رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بولۇپ، مەۋلۇت پائالىيىتى رەسۇلۇللاھ دەۋرىدىمۇ، ساھابە-تابىئىنلار دەۋرىدىمۇ، تۆت مۇجتەھىد ئىمام، ئالتە مۇھەددىس ئىمام دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت بولمىغان، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن تۆت ئەسىردەك كېيىن ئازغۇن يولدىكى فاتىمي شىئەلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان قانۇنسىز، بىدئەت ئەمەلدۇر.
بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق ئىشتىكى ئۆلچىمىمىز قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. قۇرئان ۋە سۈننەتكە بۇيرۇلغان ئىشلار ئىبادەت، ئۇنىڭدا چەكلەنگەن ئىشلار گۇناھ ۋە ئاسىيلىق، قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئاساسى بولماي تۇرۇپ، ياخشى ئىش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلار بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقتۇر.
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ﴾
{رەسۇلۇللاھ سىلەرگە نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.}
— سۈرە ھەشر، 7-ئايەت
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾
{رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلار پىتنىگە يولۇقۇشتىن (يەنى ئازغۇنلاردىن بولۇپ كېتىشتىن1)، ياكى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.}[1. أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن 5\560]
— سۈرە نۇر، 63-ئايەت
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾
{(ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدىغان، ھالبۇكى سېنىڭ يولۇڭنى لازىم تۇتمىغان كىشىلەرگە) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى، (نەتىجىدە) ئاللاھمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (ماڭا ئەگىشىپ ھەق يولدا ماڭغان مۆمىنلەرنى) بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) بەكمۇ مېھرىباندۇر.}
—سۈرە ئالى ئىمران، 31-ئايەت
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
«سىلەرگە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە تەقۋادارلىق قىلىشنى، بېشىڭلارغا بىر (مۇسۇلمان) قۇل ھۆكۈمدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن. سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇ ھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار، سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلىڭلار، سۈننىتىمنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس.» (بۇخارى)
عَنْ أُمِّ المُؤمِنِينَ أُمِّ عَبْدِ اللهِ عَائِشَةَ – رَضِيَ اللهُ عَنْهَا – قَالَتْ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ : مَنْ أَحْدَثَ فِيْ أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ » رواه البخاري ومسلم، وفي رواية لمسلم » مَنْ عَمِلَ عَمَلاً لَيْسَ عَلَيْهِ أَمْرُنَا فَهُوَ رَدٌّ
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا ئۇنىڭدا بولمىغان بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 2697؛ مۇسلىم 1718)
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«كىمكى دىنىمىزدا بولمىغان ئەمەلنى قىلسا، ئۇ ئەمەل رەت قىلىنىدۇ.»
بەزى كىشىلەر مەۋلۇتنى ياخشى ئىش دېيىشىپ، ھەدەپ ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇشقا كۈچەپ كەلگىلى ئۇزۇن ئەسىرلەر بولدى. ھالبۇكى، مەۋلۇتنىڭ ئىسلامدا قەتئىيلا ئورنى يوق. مەۋلۇتنى ئىسلامدا بار، ياخشى ئەمەل قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىش — تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئوكيان پەيدا قىلىش ئۈچۈن تىركەشكەندەكلا بىمەنە ۋە نادانلارچە قىلمىشتۇر. ئىسلامدا يوق نەرسىنى ئۇنىڭدا بار دەپ بىلجىرلاش — ئاللاھنىڭ دىنىنى بۇزۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش جۈملىسىدىن بولۇپ، كىم دىندا يوق نەرسىنى ئۇنىڭدا بار قىلىشقا، چىرايلىق ۋە قانۇنلۇق كۆرسىتىشكە تىرىشسا  — بۇنداق كىشىنىڭ گۇناھى ھاراق ئىچكەن، زىنا-پاھىشە قىلغان ئادەمنىڭ گۇناھىدىنمۇ چوڭدۇر.
تۆۋەندىكى ھەدىس-ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ھەر قانداق ئىنساپلىق، ھەقنى ئىزدەيدىغان مۇسۇلمان، مەۋلۇت ئۆتكۈزۈشنىڭ بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىگە ئىچ-ئىچىدىن قايىل بولىدۇ ئىنشائاللاھ.
ئىمام بۇخارىنىڭ دەۋردىشى، كاتتا ھەدىس ئىمامى ئىمام دارىمىنىڭ «سۇنەن دارىمى» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان مۇنۇ ھەدىس مەۋلۇتنىڭ ۋە شۇ تىپتىكى دىنغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ قالغان بارچە ئىشلارنىڭ ئازغۇن قىلمىش ئىكەنلىكىغا، دىندا ياخشى بىدئەتنىڭ يوقلۇقىغا ئوچۇق دەلىل بولىدۇ.
[1] تابىىنلاردىن ئەمر ئىبنى سەلەمە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
بىز بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتۇق. ئۇ چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەسچىتكە باراتتۇق. (بىر كۈنى) ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي يېنىمىزغا كېلىپ: «ئەبۇ ئابدۇرراھمان (يەنى ئىبنى مەسئۇد) تېخى يېنىڭلارغا چىقمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز: «ياق» دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىز بىلەن بىللە ئىبنى مەسئۇد چىققۇچە ساقلاپ ئولتۇردى.
ئىبنى مەسئۇد چىققاندا ھەممىمىز ئۇنىڭ ئالدىغا باردۇق. ئەبۇ مۇسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
— ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! مەن بايا مەسچىتتە بىر ئىشنى كۆرۈپ ئۇنى يات كۆردۈم (ياقتۇرمىدىم)، ئەمما ئاللاھقا شۈكۈركى، ياخشىلىقتىن باشقا نەرسە كۆرمىدىم.»
ئىبنى مەسئۇد: «ئۇ نېمە ئىش ئىكەن؟» دەپ سورىدى.
ئەبۇ مۇسا: «ھازىر بارغىنىڭدا كۆرىسەن. مەسچىتتە بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھالقا-ھالقا بولغان ھالدا نامازنى ساقلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھەر بىر ھالقىدا بىر ئادەم (يېتەكچى) بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئۇششاق تاشلار بار ئىكەن. ئۇ ئادەم: ‹يۈز قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەكبىر ئېيتىدىكەن. ‹يۈز قېتىم تەھلىل (لائىلاھە ئىللەلللاھ) ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەھلىل ئېيتىدىكەن. ‹يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتىدىكەن» دېدى.
ئىبنى مەسئۇد: «سەن ئۇلارغا نېمە دېدىڭ؟» دەپ سورىدى.
ئەبۇ مۇسا: «سېنىڭ كۆزقارىشىڭنى ياكى بۇيرۇقۇڭنى كۈتۈپ ئۇلارغا ھېچنېمە دېمىدىم» دېدى.
ئىبنى مەسئۇد: «سەن ئۇلارغا (سانايدىغان ئىش بولسا) گۇناھلىرىنى ساناشنى بۇيرۇپ، (مۇشۇنداق قىلسا) ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن (ساۋابلىرىدىن) ھېچنېمىنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلمىدىڭمۇ؟» دېدى.
ئاندىن ئىبنى مەسئۇد مەسجىدكە ماڭدى، بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدۇق. ئىبنى مەسئۇد مەسجىدتىكى ھېلىقى ھالقىلاردىن بىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى ۋە:
— مەن كۆرۈۋاتقان بۇ ئىشىڭلار زادى نېمە؟! — دېدى. ئۇلار:
— ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! بىز بۇ ئۇششاق تاشلار بىلەن تەكبىر، تەھلىل ۋە تەسبىھلەرنى ساناۋاتىمىز، — دېدى. ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېدى:
— (سانايدىغان ئىش بولسا) سىلەر گۇناھىڭلارنى ساناڭلار! مەن سىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭلاردىن ھېچنېمىنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلىمەن. ۋاي ئېسىت سىلەرگە، ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر نېمانداق تېز ھالاكەتكە يۈزلىنىسىلەر؟! پەيغەمبىرىڭلار ﷺ نىڭ ساھابىلىرى تېخى ئاراڭلاردا كۆپ تۇرسا، پەيغەمبەرنىڭ كىيىملىرى تېخى كونىراپ كەتمىگەن ۋە قاچا-قۇچىلىرى سۇنۇپ تۈگىمىگەن تۇرسا (يەنى پەيغەمبەر ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردىڭلارمۇ؟!) جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر يا مۇھەممەدنىڭ دىنىدىنمۇ توغرا بىر دىننىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتىسىلەر، ياكى بولمىسا ئازغۇنلۇقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋاتىسىلەر!» ئۇلار:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان، بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا نىيەت قىلغان ئىدۇق،— دېدى. ئىبنى مەسئۇد جاۋابەن:
— ياخشىلىقنى نىيەت قىلغان، ئەمما ئۇنىڭغا يېتەلمىگەنلەر نېمىدېگەن كۆپ-ھە! رەسۇلۇللاھ ﷺ بىزگە: ‹بىر قەۋم قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما قۇرئان ئۇلارنىڭ بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ (يەنى قوبۇل بولمايدۇ)› دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىلەردىن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن» دېدى. ئاندىن ئىبنى مەسئۇد ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ كېتىپ قالدى.
(بۇنى رىۋايەت قىلغۇچى) ئەمر ئىبنى سەلەمە مۇنداق دەيدۇ:
«بىز كېيىن نەھرىۋان جېڭىدە ئاشۇ ھالقىدا زىكىر قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خاۋارىجلار سېپىدە بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.» hedisim.com (ئىمام دارىمى «سۇنەن دارىمى» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى
بۇ ھەدىس مەۋلۇت قاتارلىق بارچە بىدئەتلەرنىڭ قەتئىي دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، ئۇنداق بىدئەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دىنىغا قوشۇلۇپ قالغان قانۇنسىز ئىشلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئوپچە زىكىرنى ئىنكار قىلىشى، بۈيۈك ساھابە ئەبۇ مۇسانىڭ بۇنى بىر چوڭ مەسىلە سۈپىتىدە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەۋەر قىلىشى دىنغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ قالغان، دىنىي تۈس ئالغان ھەر قانداق ئىشلارنىڭ بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزغا بىز قىلمىغان ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ» ھەدىسىمۇ ھەم مۇشۇنى بىلدۈرىدۇ. ئوپچە زىكىر قىلىشقا قارشى چىققان ساھابىلەر، رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە ئەلۋەتتە قارشى چىقىشى يۈزدە يۈز ئىدى. ساھابىلەرنىڭ يۈزىدىن يۈز ئۆرۈش كىشىنىڭ دىندا ئېزىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇ.
يۇقىرىقى كىشىلەر ئوقۇغان «لائىلاھە ئىللەللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «سۇبھانەللاھ» دېگەن زىكىرلەرنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى بارچە ساھابىلەرگە، شۇنداقلا بارچە مۇسۇلمانلارغا قۇياشتەك ئايدىڭ. ئەمما، ئۇلار بۇ زىكىرلەرنى ئوپچە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئۆگەتمىگەن، ساھابىلەر قىلمىغان رەۋىشتە قىلغىنى ئۈچۈنلا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئىنكار قىلغان. مەۋلۇتنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ، ساھابىلەرنىڭ، ھەتتا تۆت ئىمامنىڭ دەۋرىدە مەۋجۇت بولمىغانلىقى، ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن تۆت ئەسىردەك كېيىن فاتىمىي شىئەلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان قىلمىش ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ساھابىلەرنىڭ (ئەگەر مەۋلۇت تەبرىكلىگۈچىلەرنى كۆرگەن بولسا) ئۇنى ئىنكار قىلىشى ئوپچە زىكىرنى ئىنكار قىلىشىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى يۈزدە يۈز.
بەزى كىشىلەر مەۋلۇتنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئىسپاتلاشقا قادىر بولالماي، ئاقىۋەتتە «مەۋلۇت ئادەت خاراكتېرلىك ئىش» دەپ، مەۋلۇتنى يوللۇققا چىقىرىش قەستىدە بولدى. ھالبۇكى، ئاتالمىش مەۋلۇت كېچىسىدە زىكىر ئوقۇلىدۇ، قۇرئان ئوقۇلىدۇ. زىكىر ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش مەۋجۇت بولغان بىر پائالىيەتنى «دىنىي ئىش ئەمەس ئادەت» دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك، ئېچىنىشلىق بىر دەۋا. بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ ئۆزى دەۋاتقان گېپىگە ئۆزىمۇ قايىل بولمايدىغانلىقى دەۋاسىنىڭ ئۆزىدىنلا مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.
ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇل مۇسلىم»دا نەقىل قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ مەۋلۇت ئۆتكۈزۈشنىڭ بىدئەتلىكىگە ئوچۇق دەلىل بولىدۇ.
[2] سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۈمە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (ساھابە) ئۇمارە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مۇنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ (خۇتبىدە كۆتۈرۈلگەن) بۇ قوللارنى قۇرۇتىۋەتسۇن. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (جۈمە خۇتبىسىدە دۇئا قىلسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئەمەس، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ) مۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم.» ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇنداق دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. | hedisim.com (مۇسلىم 873؛ ئەبۇداۋۇد؛ نەسائىي 1413؛ تىرمىزىي 515 )
دۇئادا قول كۆتۈرۈشنىڭ پەزىلىتى ساھابىلەرگىمۇ، بارچە مۇسۇلمانلارغا ئايدىڭ مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھ قول كۆتۈرمەستىن دۇئا قىلغان يەردە قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش — ئۇمەرە رەزىيەلاھۇ ئەنھۇنىڭ، شۇنداقلا باشقا ساھابىلەرنىڭ نەزىرىدە رەسۇلۇللاھقا خىلاپ يول تۇتۇپ، دىندا بىدئەت پەيدا قىلغانلىق ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ھەزىرتى ئۇمەرە خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ۋالىيغا دەرھال قارشى چىققان، قارشى چىقىش بىلەنلا قالماي بەددۇئا قىلغان. بۇ بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ نەقەدەر چوڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. جۈمە خۇتبىسىدە ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش مەسىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا، مەۋلۇتنىڭ ئىنكار قىلىنىشى تېخىمۇ بەك لايىقتۇر. چۈنكى مەۋلۇت نە رەسۇلۇللاھ، نە ساھابىلەر تونىمايدىغان قانۇنسىز، بىدئەت ۋە ئازغۇن قىلمىشتۇر.
بىشىر ئىبنى مەرۋان (74-يىلى ۋاپات بولغان) — مەرۋان ئىبنى ھەكەمنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئاكىسى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان خەلىپە بولغاندا، بىشىر ئىبنى مەرۋان ئۇنىڭ ئورنىغا كۇفىگە ۋالىي بولغان. بىشىر ئىبنى مەرۋان جۈمە خۇتبىسىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ بىدئەت چىقارغاندا، ساھابە ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا دەرھال بەددۇئا قىلىپ، بۇ بىدئەتكە ئاشكارا رەددىيە قايتۇرغان. ساھابىلەر دىنغا ئائىت بىر ئىشنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايرىشتا، شۇ ماكان ۋە شۇ پەيتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇنداق ئىشنى قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلاتتى. بىدئەت پەيدا قىلغۇچى قانچە چوڭ باشلىق، قانچە چوڭ ھۆكۈمران بولۇپ كەتسۇن دەرھال رەددىيە قايتۇراتتى. ئۇلار بىدئەتكە رەددىيە قايتۇرماسلىقنى — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قىلىنغان ئاسىيلىققا سۈكۈت قىلغانلىق ۋە بۇ ئاسىيلىققا شېرىكلەشكەنلىك دەپ بىلەتتى. كۈنىمىزدە،  بىدئەتكە رەددىيە قايتۇرۇش «دىندا پىتنە تېرىغانلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى بۆلگەنلىك» دەپ قارىلىدىغان يامان ھالەت شەكىللەندى.
[3] ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ:ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى.(مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن)
ساھابىلەرنىڭ ئەمەل-ئىبادەت جەھەتتىكى زىللىقىغا ۋە رەسۇلۇللاھقا بولغان ئەگىشىشىگە قاراڭ. خەلىپە مۇئاۋىيە ئىبنى ئابباسنىڭ «سەن قىلغان بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھمۇ، ئەبۇ بەكرى سىددىقمۇ قىلمىغنا» دېيىشى بىلەنلا، كەبىنىڭ باشقا رۇكنلىرىنى سىلاشنى دەرھال تەرك ئېتىپ، ئىبنى ئابباسنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلىغان. مەۋلۇتچىلار ۋە شۇ تىپتىكى بىدئەت ئاشىقلىرى «بۇنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغان» دېسە، ھەر خىل گەپلەرنى قىلىپ، رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى باتىل يوللار ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئىنساپ، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.» hedisim.com (بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر)
1- ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى:
كنا نجلس على باب عبد الله بن مسعود قبل صلاة الغداة، فإذا خرج مشينا معه إلى المسجد، فجاءنا أبو موسى الأشعري، فقال: أخرج إليكم أبو عبد الرحمن بعد؟ قلنا: لا فجلس معنا حتى خرج، فلما خرج قمنا إليه جميعا، فقال له أبو موسى: يا أبا عبد الرحمن إني رأيت في المسجد آنفا أمرا أنكرته، ولم أر والحمد لله إلا خيرا، قال: فما هو؟ فقال: إن عشت فستراه، قال: رأيت في المسجد قوما حلقا جلوسا ينتظرون الصلاة في كل حلقة رجل وفي أيديهم حصا فيقول: كبروا مائة؛ فيكبرون مائة، فيقول: هللوا مائة؛ فيهللون مائة، ويقول: سبحوا مائة؛ فيسبحون مائة، قال: فماذا قلت لهم؟ قال: ما قلت لهم شيئا انتظار رأيك أو انتظار أمرك، قال: أفلا أمرتهم أن يعدوا سيئاتهم، وضمنت لهم أن لا يضيع من حسناتهم، ثم مضى ومضينا معه، حتى أتى حلقه من تلك الحلق فوقف عليهم، فقال: ما هذا الذي أراكم تصنعون؟! قالوا: يا أبا عبد الرحمن حصا نعد به التكبير والتهليل والتسبيح، قال: فعدوا سيئاتكم فأنا ضامن أن لا يضيع من حسناتكم شيء، ويحكم يا أمة محمد ما أسرع هلكتكم، هؤلاء صحابة نبيكم ﷺ متوافرون، وهذه ثيابه لم تبل، وآنيته لم تكسر، والذي نفسي بيده انكم لعلى ملة أهدى من ملة محمد أو مفتتحو باب ضلالة، قالوا والله يا أبا عبد الرحمن ما أردنا إلا الخير، قال: وكم من مريد للخير لن يصيبه، إن رسول الله ﷺ حدثنا: ﴿أن قوما يقرءون القرآن لا يجاوز تراقيهم﴾ وايم الله ما أدري لعل أكثرهم منكم، ثم تولى عنهم، فقال عمرو ابن سلمة: رأينا عامة أولئك الحلق يطاعنونا يوم النهروان مع الخوارج
2- ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى
وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)
3- ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى:
عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت.مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغوي المصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن
The post مەۋلۇتنىڭ بىدئەتلىكى توغرىسىدىكى شەرئىي دەلىللەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مەۋلۇتنىڭ بىدئەتلىكى توغرىسىدىكى شەرئىي دەلىللەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە | ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىغا ۋاسىتىچى قويغۇچى
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (مَن جعل بينه وبين اللهِ وَسائط يَدعوهم ويسألهم ويتوكل عليهم؛ كفر إجماعا) «كىمكى ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا ۋاستىچى پەيدا قىلىپ، ئاشۇ ۋاستىچىغا دۇئا قىلسا، ھاجىتىنى ئۇنىڭدىن تىلىسە، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسا، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ.» mujtehid.com (سالىھ فەۋزان: الملخص الفقهي ٢/٥٦٦)
The post ئىمام ئىبنى تەيمىييە | ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىغا ۋاسىتىچى قويغۇچى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام ئىبنى تەيمىييە | ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىغا ۋاسىتىچى قويغۇچى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
فۇزەيل ئىبنى ئىياز | بىدئەتچىدىن يۈز ئۆرۈشنىڭ، بىدئەتچىنىڭ دەككىسىنى بېرىشنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى
فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
(ومن أعرض بوجهه عن صاحب بدعة ملأ الله قلبه إيمانا، ومن انتهر صاحب بدعة آمنه الله يوم الفزع الأكبر، ومن أهان صاحب بدعة رفعه الله في الجنة مائة درجة)
«كىم بىر بىدئەتچىدىن يۈزىنى ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا تولدۇرىدۇ. كىم بىر بىدئەتچىنىڭ دەككىسىنى بەرسە، ئاللاھ ئۇنى بۈيۈك قورقۇنچ كۈنىدە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئامانلىقتا قىلىدۇ. كىم بىر بىدئەتچىنى پەس كۆرۈپ ھۆرمىتىنى چۈشۈرسە، ئاللاھ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ.» hedisim.com (شرح السنة  للبربهاري)
The post فۇزەيل ئىبنى ئىياز | بىدئەتچىدىن يۈز ئۆرۈشنىڭ، بىدئەتچىنىڭ دەككىسىنى بېرىشنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post فۇزەيل ئىبنى ئىياز | بىدئەتچىدىن يۈز ئۆرۈشنىڭ، بىدئەتچىنىڭ دەككىسىنى بېرىشنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب | باشقىلارنىڭ قولىغا، زاكىتىغا تەلمۈرۈشنىڭ، ھالال كۈچ بىلەن ئىشلەشنى ياقتۇرماسلىقنىڭ ۋابالى
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (لاَ خَيْرَ فِيْمَنْ لاَ يُرِيْدُ جَمْعَ المَالِ مِنْ حِلِّهِ، يُعْطِي مِنْهُ حَقَّهُ، وَيَكُفُّ بِهِ وَجْهَهُ عَنِ النَّاسِ)«مال-دۇنياغا ھالال يول بىلەن ئېرىشىشنى خالىمايدىغان، مېلىنىڭ ھەققىنى (زاكات-سەدىقىسىنى) بېرىشنى ۋە شۇ مال ئارقىلىق كىشىلەرگە مۇھتاج بولۇشتىن ساقلىنىشنى خالىمايدىغان كىشىدە ياخشىلىق يوقت.» mujtehid.com (سير أعلام النبلاء 4\238)
The post سەئىد ئىبنى مۇسەييەب | باشقىلارنىڭ قولىغا، زاكىتىغا تەلمۈرۈشنىڭ، ھالال كۈچ بىلەن ئىشلەشنى ياقتۇرماسلىقنىڭ ۋابالى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەئىد ئىبنى مۇسەييەب | باشقىلارنىڭ قولىغا، زاكىتىغا تەلمۈرۈشنىڭ، ھالال كۈچ بىلەن ئىشلەشنى ياقتۇرماسلىقنىڭ ۋابالى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە | ئۆلگەن قەلبنىڭ ئالامىتى
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((فإن البدن كما يتغذى بالطيب والخبيث، كذلك القلوب تتغذى بالكلم الطيب والعمل الصالح، وتتغذى بالكلم الخبيث والعمل الفاسد، ولها صحة ومرض، وإذا مرضت اشتهتْ ما يضرها وكرهتْ ما ينفعها)) «بەدەن خۇددى پاكىز ياكى نىجىس يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلانغاندەك، قەلبلەرمۇ گۈزەل سۆزلەر ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ، ياكى ناچار سۆزلەر ۋە بۇزۇق ئەمەللەر بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. قەلبلەرنىڭمۇ ساغلاملىرى ۋە كېسەللىرى بولىدۇ. ئەگەر قەلب كېسەل بولسا، ئۆزىگە زىيانلىق نەرسىلەرنى تاماشا خالايدىغان، ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.» hedisim.com (جامع المسائل 1\133) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
The post ئىمام ئىبنى تەيمىييە | ئۆلگەن قەلبنىڭ ئالامىتى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام ئىبنى تەيمىييە | ئۆلگەن قەلبنىڭ ئالامىتى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام ئىبنى قەييىم | بارچە بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ ئاچقۇچى
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇندق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈش — بارچە بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ ئاچقۇچىدۇر.» mujtehid.com (حادي الأرواح ١\١٤٠)
The post ئىمام ئىبنى قەييىم | بارچە بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ ئاچقۇچى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام ئىبنى قەييىم | بارچە بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ ئاچقۇچى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھېيت كۈنى ۋە جۈمە كۈنى قەبرە زىيارەت قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى
ھېيت كۈنى ۋە جۈمە كۈنى قەبرە زىيارەت قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى
14-سوئال: بەزى كىشىلەر قەبرە زىيارىتى ئۈچۈن جۈمە ۋە ئىككى ھېيتقا ئوخشاش بەزى كۈنلەرنى خاس قىلىۋالىدۇ، بۇنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ
شەيخنىڭ جاۋابى:
مەلۇم بىر كۈنگە خاس قىلىۋالماستىن قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈكلەر توغرىسىدا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ياكى ئۆلۈم خەۋىرىنى تارقىتىپ، پەرياد چېكىپ يىغلىشىدىن ئەنسىرەپ، قەبرە زىيارىتىنى چەكلىگەن ئىدى. كېيىنچە، كىشىلەرنىڭ ئىسلامىي ھۆكۈملەرنى توغرا چۈشەنگەنلىكىگە خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشىنى رۇخسەت قىلدى. قەبرە زىيارىتىنىڭ دۇرۇسلۇقىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە، قەبرە زىيارىتىنىڭ ئاخىرەتنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ۋە دۇنياغا بولغان ھەۋەسنى قايتۇرىدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا، ئۆلگۈچىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ساۋاب يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەبرە زىيارىتى جەريانىدا يامان ۋە قەبىھ سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. قەبرە زىيارىتىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىغا ئائىت ھەدىسلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، «جامىئۇل ئۇسۇل» ناملىق كىتابنىڭ (11/152) بۇرەيدە، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رىۋايەت قىلىنغان قىسمىغا، شۇنداقلا ئەبۇ سەئىد ۋە بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنغان (3/364) ۋە (5/158) قىسىملىرىغا قاراڭ.
ئىبنى ماجە (1571- نومۇرلۇق ھەدىستە) ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى قەبرە زىيارىتىدىن چەكلىگەن ئىدىم، ئەمدىلىكتە ئۇنى زىيارەت قىلىڭلار. چۈنكى، قەبرە زىيارىتى دۇنياغا بولغان ھەۋەسنى قايتۇرۇپ، ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ.» بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ھەسەن (ياخشى).
ھەيسەمى «مەجمەئۇز زەۋائىد» (3/57) ناملىق ئەسىرىدە قەبرە زىيارىتىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئەبۇ سەئىد، ئۇممۇ سەلەمە، ئائىشە، زەيد ئىبنى خەتتاب، ئەلى، زەيد ئىبنى سابىت قاتارلىق ساھابىلەردىن بىر قانچە ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەن. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسنى كەلتۈرگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھەر جۈمە كۈنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ۋە ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغۇچى دەپ يېزىلىدۇ.» بۇ ھەدىسنى تەبەرانى ئۆزىنىڭ «ئەۋسەت» ۋە «سەغىر» ناملىق كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئابدۇلكەرىم ئەبۇ ئۇمەييە ئىسىملىك راۋىي بار، ئۇ زەئىپ راۋىي ھېسابلىنىدۇ. (يەنى بىر ھەدىسنىڭ سەنەدىدە بۇ كىشىنىڭ ئىسمى بولسا، ئۇ ھەدىس زەئىپ ھەدىس دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.)
بىر زەئىپ ئەسەردە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئىككى ھېيت كۈنى قەبرىستانلىققا چىقىش سۈننەتتۇر» دېگەن. بۇنىمۇ تەبەرانى «ئەۋسەت»تە رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلار قاتارىدىكى ھارىس ئەلئەئۋەر زەئىپتۇر.
ئىبنى رەجەب ئۆزىنىڭ «ئەھۋالۇل قۇبۇر» (قەبرە ئەھۋاللىرى) ناملىق كىتابىدا، بەزى سەلەپ ئالىملىرىدىن ئۆلۈكلەرنىڭ جۈمە ياكى شەنبە كۈنى ئۆزلىرىنى كىم زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەزى رىۋايەتلەرنى (ئەسەرلەرنى) كەلتۈرگەن. بىراق بۇ رىۋايەتلەرنىڭ دۇرۇسلۇقىدا ئىختىلاپ بار. بۇنداق گەپلەر پەقەتلا چۈش، ئىجتىھاد ياكى شەخسىي قاراشلارغىلا ئاساسلانغان. ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. (فتاوى في التوحيد 28) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ھېيت كۈنى ۋە جۈمە كۈنى قەبرە زىيارەت قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھېيت كۈنى ۋە جۈمە كۈنى قەبرە زىيارەت قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپىي مەسىلە ئەمەس
مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپىي مەسىلە ئەمەس
مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپىي مەسىلە ئەمەس، شىئەلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى سەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ-تۆت ئەسىر كېيىن ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىش.
ساھابىلەر ئارىسىدا، تابىئىنلار ئارىسىدا، خۇسۇسەن تۆت ئىمام ۋە ئۇلارنىڭ مۆتىۋەر شاگىرتلىرى ئارىسىدا مەۋلۇت جائىزمۇ بىدئەتمۇ دېگەن تالاش تارتىش بولغان بولسا، ئاندىن مەۋلۇت ئىختىلاپلىق دېسىلە توغرا بولىدۇ. ئۇنداق بىر ئىش بولمىغان ئىكەن «مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپلىق مەسىلە» دېيىشلىرى سەلەپنىڭ يولىنى تاشلاپ، خەلەپنىڭ ئويدۇرغان بىدئەت-ئازغۇنلۇقلىرىغا ئەگىشىش بولۇپ قالىدۇ.
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: بەخىتكە ئېرىشىدىغان كىشى – سەلەف ئالىملىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن، خەلەفنىڭ (كېيىنكى كىشىلەرنىڭ) ئويدۇرغانلىرىدىن قاچقان كىشىدۇر. (بۇخارى 7288-ھەدىسكە ئىبنى ھەجەر شەرھى، فەتھۇلبارى 14/334)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رەبىئۇۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغانلىقى ئىلمىي ئىسپاتلانغان ئەھۋال ئەمەس، ئەمما ئۇ زاتنىڭ رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12 كۈنى ۋاپات بولغانلىقى ئىسپاتلانغان، ئېنىق ئىشتۇر.
ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ۋاپات تاپقان كۈنى قاتتىق قايغۇغا چۆمگەن، ھەزىرتى ئەنەس دېگەندەك، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان كۈنى مەدىنە بەئەينى زۇلمەت ئىچىدە قالغاندەك بولغان.
رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدۇق دېگۈچىلەر ئەسلىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلۈم كۈنىدە داپ چېلىپ، ئۇسۇل ئوينىماقتا، ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلۈم كۈنىنى خۇشاللىق كۈنى بىلىپ، ئۇ كۈننى بايرام كۈنى قىلىۋالماقتا. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئۆتە ھەقتىن ئېزىش بارمۇ؟
رەسۇلۇللاھ نېمە دېگەن؟
«مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئەگىشىڭلار… بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇڭلار» دېگەن.
بەزى كىشىلەر «رەسۇلۇللاھ قۇرئاننى كىتاپ قىلىپ جەملىمىگەن، لېكىن ئۇنى ھەزىرتى ئوسمان جەملىگەن، شۇڭا مەۋلۇت بىدئەت ئەمەس» دەيدىغان
دەرىجىدە ئەقىل ۋە چۈشەنچە كىرزىسىغا مۇپتىلا بولغان.
يۇقىرىقى ھەدىسكە بىنائەن، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە راشىد خەلىپىلەر — يەنى تۆت خەلىپە ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلار دىندا بىدئەت ئەمەس، بەلكى سۈننەت ھېسابلىنىدۇ.
بەزىلەر «رەسۇلۇللاھ مەۋلۇت بىدئەت دەپتىكەنمۇ؟» دەپ ئۆكتە قوپىدۇ.
رەسۇلۇللاھتىن ئۈچ-تۆت ئەسىر كېيىن ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغۇچى شىئەلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىش، يەنى دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىش.
رەسۇلۇللاھ «دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەر قاندىقى بىدئەت» دېيىشى سىزگە يەتمەمدۇ؟ مەۋلۇتنىڭ رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە يوقلۇقى، رەسۇلۇللاھنىڭ دىندا يوق ئىشلارنى دىن قىلىۋېلىشتىن چەكلىشى مەۋلۇتنىڭ بىدئەتلىكىگە، قانۇنسىزلىقىغا ۋە ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىگە يەتمەمدۇ؟
رەسۇلۇللاھقا ۋە تۆت خەلىپە باشچىلىقىدىكى ساھابىلەرگە خىلاپ يول تۇتۇش كىشىنىڭ ھەق دىندىن ئېزىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئالامىتى.
ھاياتىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىش، توپلاش ۋە تارقىتىشقا ئاتىغان ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەبۇ داۋۇد…دارىمىي، داراقۇتنىي، ھاكىم، بەيھەقى …. قاتارلىق يۈزلەرچە ھەدىس ئىمامى دەۋرىدە مەۋلۇت دەيدىغان نەرسە يوق ئىدى. بۇ ئىماملار مەۋلۇت تەبرىكلەپ باقمىغان، ئەكسىچە بارچە بىدئەتلەرنى رەت قىلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ بەتلىك ھەدىس كىتابلىرىنى تۈزۈپ ئۈممەتكە قالدۇرغان. ساھابە، تابىئىن ۋە تۆت ئىمامنىڭ دەۋرىدە مەۋلۇت تېخىمۇ يوق ئىدى. ئۇنداقتا مەۋلۇت كىمگە تەۋە ئىش؟
مەۋلۇت — دىنىنى ئويۇن-كۈلكە قىلىۋالغان ئازغۇن بىدئەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا دىننى ئويۇن كۈلكە قىلىۋالماسلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:
{وَذَرِ الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَعِبًا وَلَهْوًا}
{دىنىنى ئويۇن-كۈلكە قىلىۋالغانلار تەرك ئەت.}
— ئەنئام سۈرىسى، 70 – ئايەت
كېيىنكى دەۋرلەردە پەيدا بولغان بىر ئىككى سوپىنىڭ مەۋلۇتنى توغرىغا چىقىرىپ قويۇشى بىلەن مەۋلۇت قانۇنلۇق بولۇپ قالامدىكەن؟ رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە بولمىغان، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار دەۋرىدە بولمىغان قانۇنسىز سوپىزىم پىرقىسى — ئۇلارنىڭ دەۋرىدە بولمىغان مەۋلۇتنى توغرىغا چىقىرىپ، مەۋلۇت تەبرىكلىدۇق دەپ داپ چېلىپ، ئۇسۇل ئوينىسا، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى توغرا بولۇپ قالامدىكەن؟
ھەق ئەھلى بۇنداق باتىل ئەھلىدىن ۋە بۇ خىل بىدئەت قىلمىشلاردىن ھەر دائىم ئۇزاقتۇر.
رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر دىن دەپ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ دىندا ئورنى يوق. دىندا يوق ئىشنى دىنغا ئېلىپ كىرىش — ئىسلام شەرىئىتىنى دەسسەپ-چەيلەش، ئاللاھنىڭ دىنىنى بۇزۇش ھېسابلىنىدۇ. تۆت ئىمام باشچىلىقىدىكى مۇجتەھىدلەر ۋە ئالتە ئىمام باشچىلىقىدىكى مۇھەددىسلەر دەل مۇشۇنداق دەسسەپ-چەيلەشلەر باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىننى ساپ ھالەتتە قوغداپ قالغان.
ئەقىللىق كىشىلەر تۆت ئىمام باشچىلىقىدىكى سەلەپ مۇجتەھىدلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، ئۇلار بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئىدى ۋە بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇزاق ئىدى.
ئەقىلسىز كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر جۈمە كۈنى خۇتبىدە جېكىلەيدىغان «بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش» تەلىماتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كېيىن پەيدا بولغان شىئە ۋە سوپىزىم پىرقىسىنىڭ يولىدا بارغانچە ئازىدۇ.
ئاللاھ بىزلەرنى ھەقتىن ئېزىپ كەتكەن بارچە بىدئەتچى-ئازغۇن پىرقىلەردىن ئۇزاق قىلسۇن.
— قۇدرەت بارات
The post مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپىي مەسىلە ئەمەس first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپىي مەسىلە ئەمەس appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا قىلىنغان بۈيۈك ئاسىيلىقتۇر
مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا قىلىنغان بۈيۈك ئاسىيلىقتۇر
قوشۇمچە ماۋزۇ 1: مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟
قوشۇمچە ماۋزۇ 2: رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش دۇرۇسمۇ؟
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالات ۋە سالاملار بولسۇن.
مەقسەتكە كەلسەك،  نۇرغۇن كىشىلەردىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش (يەنى مەۋلۇد تەبرىكلەش، مەۋلۇد پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش) ھەققىدە، مەۋلۇد پائالىيىتى جەرياندا ئۇ زات ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇش، ئۇنىڭغا سالام يوللاش ھەققىدە ۋە مەۋلۇت پائالىيەتلىرىدە قىلىنىدىغان باشقا ئىشلارنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سوئاللار تەكرار سورالدى. بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋابىمىز تۆۋەندىكىدەك:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى (مەۋلۇتىنى) تەبرىكلەش جائىز ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش (يەنى مەۋلۇت تەبرىكلەش) دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردىن بىرىدۇر. بۇنىڭ بىدئەتلىكىنىڭ سەۋەبى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، توغرا يولدىكى خەلىپىلەر، باشقا ساھابىلەر ۋە پەزىلەتلىك ئەسىرلەردە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن تابىئىنلار قاتارلىقلاردىن ھېچقايسى بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمىگەن. ھالبۇكى ئۇلار سۈننەتنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئۆزلىرىدىن كېيىنكىلەرگە قارىغاندا ئەڭ ياخشى ئەگىشىدىغان كىشىلەردۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق دېگەن: ((من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد)) «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى دىنىمىزدا) ئۇنىڭدا بولمىغان بىرەر نەرسىنى يېڭىدىن پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي، تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ وإياكم ومحدثات الأمور، فإن كل محدثة بدعة وكل بدعة ضلالة)) «مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى، ھىدايەت تاپقۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار. ئۇنىڭغا ئېزىق چىشلىرىڭلار بىلەن چىشلەپ تۇرۇپ مەھكەم يېپىشىڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، چۈنكى دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ھەر بىر ئىش بىدئەتتۇر، ھەر بىر بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.»
بۇ ئىككى ھەدىستە بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بار. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۆزىنىڭ ئوچۇق-رۇشەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: {وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا} {پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، ئۇ چەكلىگەن نەرسىدىن يېنىڭلار} [ھەشىر سۈرىسى 7-ئايەت].
ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە يەنە مۇنداق دېگەن: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ} {پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە بىرەر بالا نازىل بولۇشىدىن، ياكى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشىدىن ھەزەر قىلسۇن.} [نۇر سۈرىسى 63-ئايەت]. ئاللاھ سۇبھانەھۇ يەنە مۇنداق دېگەن: {لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا} {ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى (يەنى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى بەخت-سائادەتنى) ئۈمىد قىلىدىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھتا ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگە بار.} [ئەھزاب سۈرىسى 21-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: {وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُمْ بِإِحْسَانٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ذَلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ} {(ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشتە ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە) ھەممىنىڭ ئالدىدا بولغان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن (يەنى مۇھاجىر ۋە ئەنسار ساھابىلەردىن) ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر} [تەۋبە سۈرىسى 100-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: {الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا} {بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم.} [مائىدە سۈرىسى 3-ئايەت].
بۇ مەنىدىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ. مەۋلۇت ۋە باشقا بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىشتىن « ئاللاھ سۇبھانەھۇ بۇ ئۈممەت ئۈچۈن دىننى مۇكەممەل قىلىپ بەرمىگەن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۈممەت ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى تولۇق يەتكۈزمىگەن» دېگەن مەنە چىقىپ قالىدۇ. مەۋلۇت قاتارلىق بىدئەتلەرنى پەيدا قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە ئاللاھ ئىزىن بەرمىگەن ئىشلارنى پەيدا قىلغان ھېسابلىنىدۇ، ئاقىۋەتتە «مۇشۇ ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىمىز» دەپ دەۋا قىلغان، بولۇپ قالىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ خەتەر بار بولۇپ، مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قىلىنغان ئاسىيلىقتۇر.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن دىننى مۇكەممەل قىلغان ۋە ئۇلارغا نېمىتىنى تاماملىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە ئوچۇق رەۋىشتە تولۇق يەتكۈزگەن، جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان، دوزاختىن يىراق قىلىدىغان ھېچبىر يولنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي، ئۈممەتكە تولۇق بايان قىلىپ بەرگەن.
سەھىھ مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ما بعث الله من نبي إلا كان حقًا عليه أن يدل أمته على خير ما يعلمه لهم، وينذرهم شر ما يعلمه لهم)) «ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز ئۈممىتىنى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى دەپ بىلگەن نەرسىگە يېتەكلىشى ۋە ئۇلار ئۈچۈن يامان دەپ بىلگەن نەرسىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۇنىڭ زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.» (مۇسلىم)
مەلۇمكى، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر. شۇنداقلا ۋەھىينى يەتكۈزۈشتە ۋە نەسىھەت قىلىشتا ئەڭ مۇكەممەل زاتتۇر. ئەگەر مەۋلۇت تەبرىكلەش ئاللاھ سۇبھانەھۇ رازى بولىدىغان ئىش بولغان بولسا، ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۈممەتكە بايان قىلىپ بەرگەن ياكى ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەبرىكلىگەن، ۋەياكى ساھابىلىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم تەبرىكلىگەن بولاتتى.
بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمىگەن ئىكەن، مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ ئىسلام بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى، بەلكى مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرغان يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىككى ھەدىستە بۇ زىكىر قىلىنىپ ئۆتتى. بۇ مەنىدە يەنە باشقا ھەدىسلەرمۇ كەلگەن. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ (ھەر) جۈمە خۇتبىسىدە: ((فإن خير الحديث كتاب الله وخير الهدي هدي محمد ﷺ، وشر الأمور محدثاتها وكل بدعة ضلالة)) «سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردۇر، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەنلىكىگە ئوخشاش. (مۇسلىم)
بۇ جەھەتتىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. بىر تۈركۈم ئۆلىمالار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە باشقا دەلىللەرگە ئاساسەن مەۋلۇتلارنى ئىنكار قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەسكىن پىكىر بايان قىلغان. كېيىنكى دەۋردىكى بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەگەر ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەددىدىن ئېشىش، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ كېتىش، مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش ۋە پاك شەرىئەت ئىنكار قىلىدىغان باشقا مۇنكەر ئىشلار بولمىسا، ئۇنى جائىز دەپ قارىغان ۋە ئۇنى «ياخشى بىدئەت» (بىدئەتى ھەسەنە) دەپ گۇمان قىلغان.
شەرئىي قائىدە شۇكى، كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇش كېرەك. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن: {يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا} {ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئىگىلىرىگىمۇ ھەم. ئەگەر بىرەر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇڭلار. (يەنى ئۇ ئىشقا ھۆكۈم چىقارغۇزۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە قايتىڭلار.) بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن خەيرلىكتۇر، نەتىجىسى ئەڭ گۈزەلدۇر.} [نىسا سۈرىسى 59-ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: {وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِنْ شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ} {سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ھەرقانداق ئىشنىڭ ھۆكمى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.} [شۇرا سۈرىسى 10-ئايەت]
بىز مەۋلۇت تەبرىكلەش مەسىلىسىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇنىڭ كىتابىغا قايتۇرۇپ كۆردۇق، نەتىجىدە ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بىزنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇيدىغانلىقىنى، رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن نەرسىلەردىن ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاللاھ سۇبھانەھۇنىڭ بۇ ئۈممەت ئۈچۈن دىنىنى مۇكەممەل قىلىپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. مەۋلۇت تەبرىكلەش پائالىيىتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن ئىشلاردىن ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئاللاھ بىز ئۈچۈن مۇكەممەل قىلىپ بەرگەن ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە بۇيرۇغان دىندىن ھېسابلانمايدۇ.
شۇنىڭدەك، بىز مەۋلۇت تەبرىكلەش مەسىلىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇپ كۆردۇق، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنى قىلغانلىقىنىمۇ، ئۇنىڭغا بۇيرۇغانلىقىنىمۇ، ساھابىلىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنىڭ ئۇنى قىلغانلىقىنىمۇ تاپالمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ دىن جۈملىسىدىن ئەمەسلىكىنى، بەلكى يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەھلى كىتاب بولغان يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ بايراملىرىغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆردۇق.
يۇقىرىقى بايانلار ئازراقلا بەسىيرىتى بار، ھەقنى خالايدىغان ۋە ھەقنى ئىزدەشتە قىلىشتا ئىنساپلىق بولغان ھەر بىر كىشىگە ئېنىق بولىدۇكى، مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئىسلام دىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرك ئېتىشكە ۋە ھەزەر ئەيلەپ ئۇزاق تۇرۇشقا بۇيرۇغان يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردىن بىرىدۇر.
ئەقىللىق كىشىنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى مەۋلۇت تەبرىكلىگۈچىنىڭ كۆپلۈكىگە ئالدىنىپ قېلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى ھەق كۆپلۈك بىلەن تونۇلمايدۇ، بەلكى شەرئىي دەلىللەر بىلەن تونۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا يەھۇدى – ناسارالار ھەققىدە مۇنداق دېدى: {وَقَالُوا لَنْ يَدْخُلَ الْجَنَّةَ إِلَّا مَنْ كَانَ هُودًا أَوْ نَصَارَى تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ} {ئۇلار: «يەھۇدى ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم ھەرگىز جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېيىشتى. (يەنى «يەھۇدىلار — «يەھۇدى بولمىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دەۋېلىشتى. ناسارالار بولسا «ناسارا بولمىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دەۋېتلىشتى.) بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. ئېيتقىنكى: «ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار»} [بەقەرە سۈرىسى 111-ئايەت] (شەيخ بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىش ئارقىلى، ھەقىقەت — ئېغىزدىكى داۋا ئارقىلىق ئىسپاتلانمايدۇ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى ئېلىپ كەلگەن قەتئىي دەلىل بىلەن بولىدۇ، مەۋلۇت تەبرىكلىگۈچىلەر بۇ قىلمىشىنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدا بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇرئان-سۈننەتتىن ئېنىق دەلىل ئېلىپ كېلىشى كېرەك، دېمەكچى.)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دېگەن: {وَإِنْ تُطِعْ أَكْثَرَ مَنْ فِي الْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ} {ئەگەر يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ.} [ئەنئام سۈرىسى 116-ئايەت].
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەۋلۇت تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى — ئۇنىڭ بىدئەت بولۇشىغا قوشۇلۇپ — ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ كېتىش، مەۋلۇت پائالىيىتى جەريانىدا ناخشا-مۇزىكىلارنى ياڭرىتىش، مەست قىلغۇچى ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان يامان – مۇنكەر ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتىن خالىي بولالمايدۇ.
ھەتتا مەۋلۇت تەبرىكلەشتە بۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بولغان ئىش، يەنى چوڭ شىرك سادىر بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياكى ئەۋلىيالار دەپ ئاتىلىدىغان باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەددىدىن ئېشىش، (ئاللاھقا ئەمەس) ئۇلارغا دۇئا قىلىش ۋە ئۇلاردىن ياردەم-مەدەت تىلەش، ئۇلارنى غەيبنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش قاتارلىق شىرك ئەمەللەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەھۋاللار كەڭرى مەۋجۇت، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇلار ئەۋلىيالار دەپ ئاتايدىغان كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن ۋاقىتلىرىدا قىلىدىغان يۇقىرىقىدىغان باشقا كۇفرىي قىلمىشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشتىن خالىي ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إياكم والغلو في الدين فإنما أهلك من كان قبلكم الغلو في الدين)) «دىندا ھەددىدىن ئېشىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ھالاك قىلغان نەرسە دەل دىندا ھەددىدىن ئېشىشتۇر.» (مەۋلۇت تەبرىكلەش — دىندا ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر.)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: ((لا تطروني كما أطرت النصارى ابن مريم إنما أنا عبد، فقولوا: عبد الله ورسوله)) «مېنى خۇددى ناسارالار مەريەم ئوغلى ئىسانى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ماختىغىنىدەك ماختىماڭلار، مەن پەقەت بىر بەندىمەن، شۇڭا مېنى ‹ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى› دەڭلار». (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن رىۋايەت قىلغان)
ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك ۋە غەلىتە ئىشلاردىن بىرى شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر بىدئەت ھېسابلىنىدىغان بۇنداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇنى (توغرا دەپ) قوغدايدۇ، ئەمما ئاللاھ ئۇلارغا پەرز قىلغان جۈمە ۋە جامائەت نامازلىرىغا قاتنىشىشتىن ئارقىدا قالىدۇ، بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمايدۇ؛ ھەمدە ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ بىر مۇنكەر ئىش قىلدىم دەپمۇ قارىمايدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ ئىماننىڭ كەمتۈكلۈكىدىن، بەسىيرەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن ۋە تۈرلۈك گۇناھ-مەئسىيەتلەر سەۋەبلىك قەلبلىرىنىڭ قاساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. ئاللاھتىن بىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئامانلىق تىلەيمىز.
بەزىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەۋلۇتقا ھازىر بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇلار رەسۇلۇللاھقا سالام بېرىش، قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ باتىل ۋە ئەڭ قەبىھ جاھىللىقتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن قەبرىسىدىن چىقمايدۇ. كىشىلەردىن ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا ھازىر بولمايدۇ. بەلكى ئۇ قىيامەت كۈنىگىچە قەبرىسىدە تۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ روھى رەببىنىڭ دەرگاھىداىكى كەرامەت دىيارى بولغان «ئىللىييىن» نىڭ ئەڭ ئالىي مەرتىۋىسىدە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «مۇئمىنۇن» سۈرىسىدە مۇنداق دېگەندەك: {ثُمَّ إِنَّكُمْ بَعْدَ ذَلِكَ لَمَيِّتُونَ * ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ تُبْعَثُونَ} {ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلىسىلەر. * ئاندىن قىيامەت كۈنى چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر.} [مۇئمىنۇن سۈرىسى 15-16-ئايەتلەر]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أنا أول من ينشق عنه القبر يوم القيامة وأنا أول شافع وأول مشفع)) «قىيامەت كۈنى قەبرىسى تۇنجى بولۇپ يېرىلىدىغان (يەنى چىقىدىغان) ئادەم مەن، تۇنجى شاپائەت قىلغۇچى ۋە شاپائىتى تۇنجى قوبۇل قىلىنغۇچىمۇ مەن.» ئۇ زاتقا رەببىدىن ئەڭ ئەۋزەل دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
بۇ ئايىتى كەرىمە، ھەدىس شېرىپ ۋە بۇ مەنىدە كەلگەن باشقا ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە باشقا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ پەقەت قىيامەت كۈنىلا قەبرىلىرىدىن چىقىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا بىردەك ئىجما قىلىنغان، ھېچقانداق تالاش-تارتىش بولمىغان ئىشتۇر. شۇڭلاشقا ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىشى، جاھىللار ۋە شۇلارغا ئوخشايدىغانلار ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن يېڭىدىن پەيدا قىلىۋالغان بىدئەت ۋە خۇراپاتلاردىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ياردەم سورىلىدىغان زات ئاللاھتۇر، تەۋەككۈل قىلىنىدىغان زاتمۇ يەنىلا ئاللاھتۇر. گۇناھتىن يېنىش ۋە تائەتكە قۇۋۋەت تېپىش پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالام يوللاش — كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەتلەردىن ۋە ياخشى ئەمەللەردىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەندەك: {إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا} {ئاللاھ پەيغەمبەرگە رەھمەت قىلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەپ سالام يوللاڭلار.} [ئەھزاب سۈرىسى 56-ئايەت] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت ئېيتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون قېتىم رەھمەت قىلىدۇ.» سالات ئېيتىش ھەممە ۋاقىتلاردا شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھەر بىر نامازنىڭ ئاخىرىدا (يەنى ناماز ئىچىدىكى ئاخىرقى تەشەھھۇدتا) سالات ئېيتىش تەكىتلەنگەن، بىر تۈركۈم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھەر بىر نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىدا (ئەتتەھىيياتتا) سالات ئوقۇش (يەنى سەللى، بارىك دۇئاسىنى) ئوقۇش ۋاجىپتۇر. نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەر دالالەت قىلغىنىدەك، نۇرغۇن ئورۇنلاردا، جۈملىدىن ئەزاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا، جۈمە كۈنى ۋە جۈمە كېچىسىدە دۇرۇت ئېيتىش تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر.
ئاللاھتىن بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز دىنىنى چۈشىنىشكە، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، ھەممەيلەنگە سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشنى، بىدئەتتىن ھەزەر قىلىشنى نېمەت قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز. ئاللاھ بەكمۇ سېخىيدۇر، بەكمۇ كەرەملىكتۇر. ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالامى بىزنىڭ نەبيمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن. (ئىمام ئىبنى بازنىڭ مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى ھەققىدىكى جاۋابى مۇشۇ يەردە تۈگىدى، قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلدى.)
مەنبە:
https://binbaz.org.sa/fatwas/20/في-حكم-الاحتفال-بالموالد-النبوية-وغيرها
The post مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا قىلىنغان بۈيۈك ئاسىيلىقتۇر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا قىلىنغان بۈيۈك ئاسىيلىقتۇر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
دىن دۈشمەنلىرىگە رەددىيە(2): رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ نىكاھى سەنلەر بۇرمىلىغاندەك ئەمەس
دىن دۈشمەنلىرىگە رەددىيە(2): رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ نىكاھى سەنلەر بۇرمىلىغاندەك ئەمەس
قۇدرەت بارات
دىن دۈشمەنلىرىگە رەددىيە (1): ئىسلامدا ھايۋانغا چېقىلغۇچىغا جازا يوقمۇ؟
دىن ئەھلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تىلىدا يازىدىغان بەزى غالچىلار ئىسلامغا، پەيغەمبىرىمىزگە توختىماستىن تىل-ھاقارەت ياغدۇرىۋاتىدۇ.
بۇ ئارقىلىق ئىسلام ئەھلىنى رەسۋا قىلىشتىن بەك، دىنىي چۈشەنچىسى تېيىز، دىندىن ئۇزاق ياشايدىغان، ئەمما «ئەلھەمدۇلىللاھ بىزمۇ مۇسۇلمان» دەپ ئاغزىدا ئىسلام داۋاسى قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى دىندىن شەكلەندۈرۈشكە، دىندىن سوۋۇتۇشقا توختىماستىن كۈچەۋاتىدۇ.
دۈشمەن بەرگەن ئازغىنە مائاش بەدىلىگە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سېستىمىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان بۇ خىل دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى قۇلاقنى يوپۇرۇپ، كۆرمەسكە سېلىپ تۇرۇۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دىنىي ئىلىمدىن خەۋەردار قېرىنداشلار پەيغەمبىرىمىزگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا قۇلاق يوپۇرۇپ تۇرۇۋالغانسېرى، ئېتىقادى ۋە ئىمانى ئاجىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنغا بولغا قارىشى تېخىمۇ بەك بۇرمىلىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ۋەتەندىكىگە ئوخشاش دىندىن ئۇزاقلىشىش خاھىشى كۈنسېرى ئېغىرلاپ ماڭىدۇ.
دىندىن ئايرىلغان كىشى — باشتىن ئايرىلغان جەسەتتىن ئىبارەت. دۈشمەننىڭ كۈتىدىغىنى ئارىمىزدا ئەنە شۇنداق باشسىز جەسەتلەرنى بولۇشىغا ئاۋۇتۇشتۇر.
خوش، دۈشمەننىڭ پەيغەمبىرىمىزگە قىلغان ھۇجۇملىرىدىن بىرى — رەسۇلىمىزنى خوتۇنغا دۈم چۈشكەن، كۆرگەنلا ئاياللارغا كۆز تاشلايدىغان، ناچار تەبىئەتلىك كىشى قىلىپ كۆرسىتىش بولىۋاتىدۇ. دۈشمەن مۇشۇ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەدىسلەرنىڭ باش ئاخىرىنى، ئۇ ھەدىس بايان قىلغان ئەسلى مەقسەتنى كېسىپ چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىپلاس نىيىتىگە قىلچىلىك پايدىسى بار دەپ قارايدىغان قۇرلارغا ئۆزىنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق «بازارغا سېلىپ»، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىندىن شەكلىنىش، دىندىن سوۋۇش قەدىمىنى — خوجايىنلىرىنىڭ تەلىمى بويىچە — تېزلەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.
دۈشمەننىڭ رەسۇلىمىزنى ئەخلاقسىز كىشى قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن دەلىل قىلغان تېكىستلىرىدىن بىرى تۆۋەندىكىچە:
حَدَّثَنَا أَبُو نُعَيْمٍ: حَدَّثَنَا عَبْدُ الرَّحْمَنِ بْنُ غَسِيلٍ، عَنْ حَمْزَةَ بْنِ أَبِي أُسَيْدٍ، عَنْ أَبِي أُسَيْدٍ رضي الله عنه قَالَ: «خَرَجْنَا مَعَ النَّبِيِّ ﷺ حَتَّى انْطَلَقْنَا إِلَى حَائِطٍ يُقَالُ لَهُ الشَّوْطُ، حَتَّى انْتَهَيْنَا إِلَى حَائِطَيْنِ فَجَلَسْنَا بَيْنَهُمَا، فَقَالَ النَّبِيُّ ﷺ: اجْلِسُوا هَا هُنَا. وَدَخَلَ وَقَدْ أُتِيَ بِالْجَوْنِيَّةِ فَأُنْزِلَتْ فِي بَيْتٍ فِي نَخْلٍ فِي بَيْتِ أُمَيْمَةَ بِنْتِ النُّعْمَانِ بْنِ شَرَاحِيلَ، وَمَعَهَا دَايَتُهَا حَاضِنَةٌ لَهَا، فَلَمَّا دَخَلَ عَلَيْهَا النَّبِيُّ ﷺ قَالَ: هَبِي نَفْسَكِ لِي. قَالَتْ: وَهَلْ تَهَبُ الْمَلِكَةُ نَفْسَهَا لِلسُّوقَةِ؟ قَالَ: فَأَهْوَى بِيَدِهِ يَضَعُ يَدَهُ عَلَيْهَا لِتَسْكُنَ، فَقَالَتْ: أَعُوذُ بِاللهِ مِنْكَ، فَقَالَ: قَدْ عُذْتِ بِمَعَاذٍ، ثُمَّ خَرَجَ عَلَيْنَا فَقَالَ: يَا أَبَا أُسَيْدٍ، اكْسُهَا رَازِقِيَّتَيْنِ، وَأَلْحِقْهَا بِأَهْلِهَا»
ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن:
«بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە چىقىپ، ‹شەۋت› دەپ ئاتىلىدىغان باغقا قاراپ ماڭدۇق. ئاقىۋەتتە ئىككى باغنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىپ، شۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇردۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سىلەر مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار› دېدى. ئاندىن ئۆزى (باغقا) كىردى.
بۇ ۋاقىتتا جەۋنىييە (قەبىلىسىدىن بولغان ئايال) ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، نۇئمان ئىبنى شەراھىلنىڭ قىزى ئۇمەيمەنىڭ خورمىلىق ئىچىدىكى ئۆيىگە چۈشۈرۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى باققان سۈت ئانىسىمۇ بىللە ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ: ‹ئۆزۈڭنى ماڭا بېغىشلىغىن (يەنى نىكاھىمغا كىرگىن)› دېدى. ئۇ ئايال: ‹بىر مەلىكە ئۆزىنى ئاددىي پۇقراغا بېغىشلامدۇ؟› دېدى.
(راۋىي) ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن قولىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. ئۇ ئايال: ‹سەندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ پاناھگاھقا سېغىندىڭ› دېدى.
ئاندىن بىزنىڭ يېنىمىزغا چىقىپ: ‹ئى ئەبۇ ئۇسەيد! ئۇنىڭغا ئىككى قۇر رازىقىييە (رەختىدىن تىكىلگەن) كىيىم كىيدۈرۈپ، ئائىلىسىگە ئاپىرىپ بەرگىن› دېدى.» (بۇخارى 5255، «بَابُ مَنْ طَلَّقَ وَهَلْ يُوَاجِهُ الرَّجُلُ امْرَأَتَهُ بِالطَّلَاقِ» «ئايالىنى تالاق قىلىش ۋە ئەرنىڭ تالاقنى ئايالىنىڭ يۈزىگە بىۋاسىتە ئېيتامدۇ؟» بابى)
(دىققەت، بۇ ئايال رەسۇلۇللاھنى تونىمىغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھنىڭ نىكاھلىنىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسنىمۇ ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ «سەھىھۇل بۇخارى»سىدا نەقىل قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىستىكى ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئۇ ھەدىس يازمىمىزنىڭ داۋامىدا نەقىل قىلىنىدۇ.)
دۈشمەن بۇ ھەدىسنىڭ بىر قىسىمىنى تەرجىمە قىلىپ، دىندا ساۋادى يوق كىشىلەرنى ئالدىماقچى بولسىمۇ، بۇ ھەدىستىكى تىلغا ئېلىنغان ئايال يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان، يولدىشىدىن تۇل قالغان ئايال بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەدىسلەردە، بەزى ساھابىلەر تەرىپىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئايال سايە قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ بۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنىش ئۈچۈن بارغاندا، يۇقىرىقىدەك ھالەتلەر يۈز بەرگەن.
دۈشمەن دېگەندەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئايالنىڭ يېنىغا كىرىپلا «ئۆزىڭىزنى ماڭا تەقدىم قىلىڭ» دېگەن ئەمەس. بەلكى، ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن. ھەدىستىكى باشقا مەزمۇنلار تۆۋەندە ئىزاھلىنىدۇ. بۇ ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھ نىكاھلانماقچى بولغان ئايال بولغانلىقىنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەردىن ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز:
حَدَّثَنَا الْحُمَيْدِيُّ: حَدَّثَنَا الْوَلِيدُ: حَدَّثَنَا الْأَوْزَاعِيُّ قَالَ: «سَأَلْتُ الزُّهْرِيَّ: أَيُّ أَزْوَاجِ النَّبِيِّ ﷺ اسْتَعَاذَتْ مِنْهُ؟ قَالَ: أَخْبَرَنِي عُرْوَةُ، عَنْ عَائِشَةَ رضي الله عنها: أَنَّ ابْنَةَ الْجَوْنِ لَمَّا أُدْخِلَتْ عَلَى رَسُولِ اللهِ ﷺ وَدَنَا مِنْهَا قَالَتْ: أَعُوذُ بِاللهِ مِنْكَ، فَقَالَ لَهَا: لَقَدْ عُذْتِ بِعَظِيمٍ، الْحَقِي بِأَهْلِكِ» قَالَ أَبُو عَبْدِ اللهِ: رَوَاهُ حَجَّاجُ بْنُ أَبِي مَنِيعٍ عَنْ جَدِّهِ عَنِ الزُّهْرِيِّ: أَنَّ عُرْوَةَ أَخْبَرَهُ: أَنَّ عَائِشَةَ قَالَتْ.
ئىمام بۇخارى ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھۇمەيدى بىزگە ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ۋەلىدتىن، ۋەلىد ئەۋزائىيدىن، ئەۋزائىي ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى:مەن زۇھرىيدىن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە كىم ئۇ زاتتىن (ئاللاھقا) سېغىنغان؟» دەپ سورىدىم.زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئۇرۋە ماڭا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلىپ مۇنداق خەۋەر بەرگەن ئىدى:«جەۋننىڭ قىزى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، ئۇ ئايال: ‹سەندىن ئاللاھقا سېغىنىمەن› دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ‹سەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ زاتقا (يەنى ئاللاھقا) سېغىندىڭ، ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ يېنىغا قايتقىن› دېدى.» (بۇخارى 5254)
عَنْ عَبَّاسِ بْنِ سَهْلٍ، عَنْ أَبِيهِ وَأَبِي أُسَيْدٍ قَالَا: تَزَوَّجَ النَّبِيُّ ﷺ أُمَيْمَةَ بِنْتَ شَرَاحِيلَ، فَلَمَّا أُدْخِلَتْ عَلَيْهِ بَسَطَ يَدَهُ إِلَيْهَا، فَكَأَنَّهَا كَرِهَتْ ذَلِكَ، فَأَمَرَ أَبَا أُسَيْدٍ أَنْ يُجَهِّزَهَا وَيَكْسُوَهَا ثَوْبَيْنِ رَازِقِيَّيْنِ.
ئابباس ئىبنى سەھل دادىسى ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق ھەدىس نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇمەيمە بىنتى شەراھىيلغا نىكاھلانغان ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزارتىۋىدى، ئۇمەيمە بۇنى يامان كۆرگەندەك ئەلپازدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ئۇسەيدنى ئۇنىڭغا (ئېسىل رەخت ھېسابلىنىدىغان) رازىقىييە رەختىدىن ئىككى قۇر كىيىم كەيدۈرۈپ (ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا) بۇيرۇدى. (بۇخارى 2526)
تۆۋەندىكى ھەدىس يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بولۇپ، بۇ ھەدىس دۈشمەننىڭ سۈيقەستىنى تارمار قىلىدۇ:
حَدَّثَنَا سَعِيدُ بْنُ أَبِي مَرْيَمَ، حَدَّثَنَا أَبُو غَسَّانَ، قَالَ حَدَّثَنِي أَبُو حَازِمٍ، عَنْ سَهْلِ بْنِ سَعْدٍ ـ رضى الله عنه ـ قَالَ ذُكِرَ لِلنَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم امْرَأَةٌ مِنَ الْعَرَبِ، فَأَمَرَ أَبَا أُسَيْدٍ السَّاعِدِيَّ أَنْ يُرْسِلَ إِلَيْهَا فَأَرْسَلَ إِلَيْهَا، فَقَدِمَتْ فَنَزَلَتْ فِي أُجُمِ بَنِي سَاعِدَةَ، فَخَرَجَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم حَتَّى جَاءَهَا فَدَخَلَ عَلَيْهَا فَإِذَا امْرَأَةٌ مُنَكِّسَةٌ رَأْسَهَا، فَلَمَّا كَلَّمَهَا النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم قَالَتْ أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنْكَ. فَقَالَ » قَدْ أَعَذْتُكِ مِنِّي «. فَقَالُوا لَهَا أَتَدْرِينَ مَنْ هَذَا قَالَتْ لاَ. قَالُوا هَذَا رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم جَاءَ لِيَخْطُبَكِ. قَالَتْ كُنْتُ أَنَا أَشْقَى مِنْ ذَلِكَ. فَأَقْبَلَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم يَوْمَئِذٍ حَتَّى جَلَسَ فِي سَقِيفَةِ بَنِي سَاعِدَةَ هُوَ وَأَصْحَابُهُ، ثُمَّ قَالَ » اسْقِنَا يَا سَهْلُ «. فَخَرَجْتُ لَهُمْ بِهَذَا الْقَدَحِ فَأَسْقَيْتُهُمْ فِيهِ، فَأَخْرَجَ لَنَا سَهْلٌ ذَلِكَ الْقَدَحَ فَشَرِبْنَا مِنْهُ. قَالَ ثُمَّ اسْتَوْهَبَهُ عُمَرُ بْنُ عَبْدِ الْعَزِيزِ بَعْدَ ذَلِكَ فَوَهَبَهُ لَهُ. (بۇخارى 5637)
ئەبۇ ھازىم سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەرەبلەردىن (يېڭى مۇسۇلمان بولغان ۋە تۇل قالغان) بىر ئايال (ياخشى سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىپ) تىلغا ئېلىندى (يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى ئۈچۈن تەۋسىيلەر بولدى.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ئۇسەيد سائىدىيگە ئۇ ئايالنى چاقىرتىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئەبۇ ئۇسەيد ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتتى. ئۇ ئايال كېلىپ بەنى سائىدە جەمەتىنىڭ قەلئەسىگە چۈشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىقىپ، ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، قېشىغا كىردى. قارىسا، ئۇ ئايال بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا سۆز قىلغاندا، ئۇ ئايال: «سەندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سېنى ئۆزۈمدىن پاناھلاندۇردۇم (يەنى سېنى ئۆز ئەركىڭگە قويۇپ بەردىم)» دېدى.
(شۇنىڭدىن كېيىن) كىشىلەر ئۇ ئايالغا: «بۇ زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى. ئۇ ئايال: «ياق» دېدى. كىشىلەر: «بۇ ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، سېنى نىكاھىغا ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى» دېدى. ئۇ ئايال: «ئۇنداقتا مەن نېمىدېگەن تەلەيسىز (بەختسىز) ئايال-ھە!» دېدى. (يەنى رەسۇلۇللاھنى تونىماي، رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى.)شۇ كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قايتىپ كېلىپ، ساھابىلىرى بىلەن بىللە بەنى سائىدە جەمەتىنىڭ چەللە-بارىڭى ئاستىدا ئولتۇردى. ئاندىن: «ئى سەھل! بىزگە سۇ بەرگىن» دېدى. (سەھل رەزىيەللھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى،) مەن ئۇلارغا مۇشۇ قەدەھتە سۇ ئېلىپ چىقىپ بەردىم.(ئەبۇ ھازىم دەيدۇكى:) سەھل بىزگە شۇ قەدەھنى ئېلىپ كۆرسەتتى، بىز ئۇنىڭدىن سۇ ئىچتۇق. كېيىنچە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۇ قەدەھنى ئۆزىگە ھەدىيە قىلىشنى سورىغان ئىدى، سەھل ئۇنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە ھەدىيە قىلىۋەتتى. (بۇخارى 5637، ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى ئىچىملىكلەر بابىدا نەقىل قىلغان.)
دۈشمەن ئەنە شۇنداق رەزىل. ئۇ ھەر دائىم ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىپ كۆرسىتىشكە، شەيتان خوجايىنىغا ئەڭ كامىل رەۋىشتە قۇلچىلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ.
بۇ ئايالنىڭ زادى نېمىشقا «سەندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگەنلىكىنى، نېمىشقا «بىر مەلىكە ئاۋامغا تەۋە ئاددىي كىشى بىلەن توي قىلامدۇ؟» دېگەنلىكىنى يۇقىرىقى ھەدىس ئارقىلىق بىر بالداق چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز. يەنى، بۇ ئايال يېنىغا كەلگەن رەسۇلۇللاھنى تونىمىغان. شۇڭا ئاشۇنداق دېگەن. بۇ ۋەقەلىك توغرىسىدىكى باشقا ۋاريانتلارنىمۇ يازمىمىزنىڭ داۋامىدا نەقىل قىلىمىز.
دىققەت قىلىش كېرەك بولغان بىر نۇقتا شۇكى، دۈشمەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى «سېسىتىش» ئۈچۈن بۇرمىلاپ نەقىل قىلغان ھەدىس سەھىھۇل بۇخارىدا مەۋجۇت، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ دۈشمەن ئېيتقاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى تونىمىغانلىقى ھەققىدىكى ھەقىقەتمۇ ئوخشاشلا سەھىھۇل بۇخارىدا مەۋجۇت. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، دۈشمەن ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ئۈچۈن بىر مۆتىۋەر ھەدىس كىتابىدا مەۋجۇت ھەدىسنىڭ بىر قىسىمىنى «بازارغا سېلىپ»، ئۇ ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان يەنە بىر ھەدىسنى خەلقتىن يوشۇرىدۇ. دۈشمەن ئەنە شۇنداق نامەرت. ئەمما، ئەقىلسىز، ئويۇنچى كىشىلەر دۈشمەننىڭ مۇشۇ خىل پىتنىلىرىگە تېزلا ئىشىنىپ قالىدۇ.
بۇ ھەدىستە شۇ ئايالنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن رەسۇلۇللاھنى تونىمىغانلىقىنى، ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدەك بىر بۈيۈك زاتنىڭ ئايالى بولۇشنى قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن «مەن نېمىدېگەن تەلەيسىز ئايال-ھە!» دەپ ئاھ ئۇرغانلىقىنى ئوقۇپ ئۆتتۇق.
بۇ ئايالنىڭ نېمە ئۈچۈن رەسۇلۇللاھقا «بىر مەلىكە ئۆزىنى ئاددىي پۇقراغا بېغىشلامدۇ؟» دېگەنلىكىگە كەلسەك، بۇ ئايال ئىلگىرى بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ قىزى بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ قەبىلىسى ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ ئايال يېڭى مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنىگە كەلگەن. ئەر ساھابىلەردىن بەزىسى بۇ ئايالنى رەسۇلۇللاھقا مۇشۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولغانلىقتىن، ساھابىلەر باشقا قەبىلىنىڭ مۇسۇلمان بولغان ياكى ئەسىرگە چۈشكەن ئېسىلزادە ئاياللىرىنى پەقەت رەسۇلۇللاھقىلا لايىق كۆرگەن. يەنى ئېسىلزادە ئايال، ئېسىلزادە زات بىلەن ئۆي تۇتسۇن، دەپ ئويلىغان. ئەسلىدە بۇ بارچە دىن ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەسىلە. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، رەسۇلۇللاھ نىكاھلانغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىگە چاقىسىز، يېشى چوڭ، ئاجىزە ئەمما پەزىلەتلىك، ئېسىل ئاياللار ئىدى. بۇنىڭ بايانى ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىىدا مەۋجۇت.
سۆزىمىزگە قايتساق، بۇ ئايال مەدىنىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، مەدىنىدىكى بەزى ئاياللار بۇ ئايالنى يۇيۇپ – تاراپ تەييارلىغان، ئەمما ئۇ ئايالغا «سىز رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى بولىسىز» دەپ ھېچقانداق ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سىرىنى ساقلاش جەھەتتىن بولغان. شۇ جەرياندا، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەدىنىدىكى بەزى ئاياللاردا بۇ ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن نىكاھلىنىشىدەك بۈيۈك شەرەپكە نائىل بولۇشىغا چىدىيالماي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.
بولۇپمۇ مەدىنىدىكى يەھۇدى قەبىلىلىرى رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلايدىغان ۋە دۈشمەنلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ھەم يەھۇدىلار ناھايىتى شۇم نىيەت خەلق بولغاچقا، ئۇلار دائىملا رەسۇلۇللاھقا زىيانكەشلىك قەستىدە يۈرەتتى. بۇ ئايالنىڭ خەۋىرىمۇ ئەنە شۇ قىلتاقچى يەھۇدىلارغا ئاللىقاچان كېلىپ بولغان ئىدى.
يەھۇدىلار گەرچە ئىچىدە رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلىسىمۇ، رەسۇلۇللاھقا ناھايىتى ھەسەت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېشىدا يالغاندىن مۇسۇلمان بولىۋېلىپ، ئىچىدە رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا توختىماي سۈيقەست پىلانلايدىغان مۇناپىقلار كۆپ ئىدى. ئۇلار مەدىنىدە مۇسۇلمان سىياقتا مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا كىرىپ چىقىپ يۈرەتتى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا كىملەرنىڭ مۇناپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئاشۇ مۇناپىقلارنىڭ كىملىكىنى كېيىنكى چاغدا ھۇزەيفە ئىبنى يەماندىن باشقا ساھابىسىگە بىلدۈرمىگەن. (بۇ خىل بىلدۈرمەسلىككە بۈيۈك ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ ھېكمەتلىرىنى بۇ يەردە بايان قىلساق سۆز ئۇزۇراپ كېتىدۇ.)
يەنى مەدىنىدىكى يەھۇدىلار ئارىسىدا راست مۇسۇلمان بولغان ئازغىنە مۆمىنلەر بولۇش بىلەن بىرگە، يالغان مۇسۇلمان بولىۋالغان كۆپ ساندىكى يەھۇدى مۇناپىقلىرى بار ئىدى. بۇ مۇناپىقلار بەدىر غازىتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئەرەپلەرنىڭ ئەڭ كاتتا قەبىلىسى بولغان قۇرەيشلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاز ئادەم كۈچى ۋە ئاددىي قوراللار بىلەن تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، مەدىنىدە ئىلگىرى مۇسۇلمان بولماي يۈرگەن بىر تۈركۈم يەھۇدىلار مۇسۇلمانلاردىن قورقۇپ يالغاندىن مۇسۇلمان بولىۋالغان. ئاللاھ قۇرئاننىڭ كۆپ يېرىدە مۇشۇ يالغان مۇسۇلمان بولىۋالغان يەھۇدى مۇناپىقلىرىدىن سۆز قىلىدۇ.
يەھۇدىلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قىلغان زىيانكەشلىكى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۇقىرىقى ئايالنىڭ ۋەقەلىكىدىمۇ يەھۇدىلارنىڭ قولى بار. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ساھابىلىرى بىلەن قوشۇپ مېھمانغا چاقىرىپ، ئاندىن رەسۇلۇللاھنى زەھەرلىك گۆش بىلەن زەھەرلىگەنمۇ يەھۇدى ئايال ئىدى. بۇ قەستلەشتە رەسۇلۇللاھ گۆشتە زەھەر بارلىقىنى بىر چىشلەپلا سېزىۋېلىپ، يەنە بىر باياندا رەسۇلۇللاھقا بۇ ھەقتە ۋەھىي كېلىپ، رەسۇلۇللاھ گۆشنى يۇتمىغان، ئەمما يېنىدىكى بىر ساھابە گۆشنى تېزلا يۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقەلىكمۇ يەنىلا سەھىھۇل بۇخارىدا مەۋجۇت.
شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھنى سھېرلەپ، قەست قىلغانمۇ يەنە يەھۇدى ئايال بولغان.
رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا ئۆگزىدىن تاش تاشلىماقچى بولغانلارمۇ يەھۇدىلار بولغان. رەسۇلۇللاھقا قارشى بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلدۇرغانلارمۇ ئوخشاشلا يەھۇدىلار بولغان.
شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ بىر سەپەردە قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن ئۇلاغلىق كېتىۋاتقاندا، ئون ئىككى مۇناپىق پەيدا بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلىغى داۋانلىق يولغا كەلگەندە، ئۇلاغنى داۋان تەرەپكە قىستاپ، رەسۇلۇللاھنى ئۇلىغى بىلەن قوشۇپ يادىن ئىتتىرىۋېتىپ كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇش ئۈچۈن تىركەشكەنمۇ يەنە شۇ يالغان مۇسۇلمان بولۇۋالغان يەھۇدى مۇناپىقلىرى ئىدى.
باشقا مەنبەلەردە، بۇ ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ ئەسما ئىكەنلىكى، كېيىن بىر مۇھاجىر ساھابە بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلىقى، رەسۇلۇللاھنى تونىمىغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولۇش شەرىپىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت قاتتىق ھەسرەت چەككەنلىكى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە مەدىنىدە ۋاپات تاپقانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئەرەپلەر ئاز سۆز بىلەن كۆپ ۋە چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن تىل ئۇستىسى قەۋم بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قىلغان كېيىنكى سۆزىنىڭ مەنىسى: مېنىڭ ئالدانغىنىم راست، بۇنىڭ يەنە بىر پاكىتى شۇكى، رەسۇلۇللاھ كىرگەندە ئۇ زاتنى تونىمىغانلىقىم ئۈچۈن نىكاھلىنىش تەكلىپىنى رەت قىلدىم. ئەگەر ماڭا «سىز مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولىسىز» دەپ ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن بولسا، «مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدەك تولۇق ئورىنىپ ھىجاپلىنىسىز» دېيىلگەن بولسا، شۇنداقلا ھازىر يېنىڭىزغا رەسۇلۇللاھ كىرىدۇ دەپ ماڭا بىلدۈرۈلگەن بولسا، مەن رەسۇلۇللاھ كىرگەندە ئۇ زاتنى تونىغان، نىكاھلىنىش تەكلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلغان بولاتتىم. شۇڭا، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، بۇ جەھەتتە مەن ئۆزرىلىك، مەن ئالدانغۇچى ۋە خەۋەرسىز قالغۇچى، ماڭا جازا بېرىش بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇن بولمايدۇ، دېگەن مەقسەتنى بىلدۈرۈش ئىدى.
ھەدىستىكى ئوخشاش ۋەقەنىڭ ئوخشىمىغان بايانلىرى ھەققىدە قىسقا چۈشەندۈرۈش
دىن دۈشمىنى بىر قىسىمىنى ئۈزۈپ ئېلىپ، ئۆگەرتىپ تەرجىمە قىلغان سەھىھۇل بۇخارىدىكى ھەدىس بىلەن، شۇ ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھنى تونىمىغانلىقى توغرىسىدىكى سەھىھۇل بۇخارىدىكى يەنە بىر ھەدىس يۇقىرىدا نەقىل قىلىندى. ئەمدى بۇ ئىككى ھەدىس ئارىسىدا بايان پەرقى بارلىقى مەلۇم. ئەمما، ئاساسى مەنە بىر يەردە ئۇچرىشىدۇ، ئاساسى مەقسەت جىپىسلىشىدۇ، باشتىكى ھەدىستىكى نائېنىقلىق كېيىنكى ھەدىس ئارقىلىق ئوچۇقلىشىدۇ. نۇرغۇن ھەدىسلەردە مۇشۇ خىل ئەھۋال بار. مەسىلەن، بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ پالانچى يەرگە چۈشكۈن قىلغان ئىدى، ساھابىلەردىن بىرى ئۇنى قۇياش نۇرىدىن ساقلاش ئۈچۈن، يەكتىكى بىلەن بېشىدا سايە تاشلاپ تۇردى، دەپ كەلسە. يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ «رەيھان» ئىسىملىك بىر باغقا كىرگەن ئىدى، پالانچى ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ يەكتىكى بىلەن ئۇ زاتنىڭ بېشىغا سايە تاشلاپ تۇرغاچ، قۇرئان ئايىتى ئوقۇدى … دېگەندەك لەۋزلەر مەۋجۇت. بۇ ھەرگىزمۇ ھەدىس تېكىستىدىكى خاتالىق ئەمەس، شۇ ھەدىسنى بايان قىلغان ئىككى ساھابىنىڭ بايان ئۇسلۇبى بىلەن، شۇنداقلا ئېسىدە قالغان مەزمۇننى قانداق بايان قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ خۇددى بىر دادىنىڭ ئىككى قىزىدىن بىرىنىڭ «دادام بىر تېلفۇن كېلىشى بىلەنلا تۈركىيەدىن سېتىۋالغان پەلتوسىنى كىيىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى، كېيىن ئۇ پەلتۇنىڭ يانچۇقىدىن ئالتۇن چىقىپتۇ» دېسە، يەنە بىر قىزىنىڭ «دادام ئازراق پۇلغا ھاجەتمەن بولغان ئىدى، پالانچى دوستىغا ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى، كېيىن ئۇ دوستى پۇلنى ئېلىپ كەلدى، دادام پەسكە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، كېيىن چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن ئالتۇن ئۈزۈك چىقىپتۇ» دەپ بايان قىلغىنىغا ئوخشايدۇ. بىر ۋەقەلىكنى ئوخشىمىغان راستچىل كىشى بايان قىلسا، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن، ئۆزى توغرا كۆرگەن، ياكى ئۆزى ئاسان كۆرگەن بايان شەكلى بىلەن بايان قىلىدۇ. ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە دەپ يۈرمەيدۇ. مەسىلە سەھىھ ھەدىس ئۈستىدە بولغاندا، باياندىكى پەرق ۋەقەلىكنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەتلا بىر ھەدىستە قىسقىچە، بىر ھەدىستە سەل تەپسىلىيراق بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇر؛ بىر ساھابىنىڭ ئۇ نۇقتىدىن، بىر ساھابىنىڭ بۇ نۇقتىدىن، يەنى ئوخشىمىغان جەھەتلەردىن ئوخشاش ۋەقەلىكنى بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ۋە قەدىمقى دەۋردىكى ئاياللارنىڭ تەقدىرى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەندە مەيلى ئەرەپ جەمئىيىتىدە، مەيلى باشقا دۆلەت، باشقا قىتئەلەردە، ئاياللار قۇلنىڭ ئورنىدا كۆرۈلەتتى، مىراس ئالالمايتتى. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال يا شۇ ئەر بىلەن بىللە تىرىك كۆمۈلەتتى، ياكى شۇ ئەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قولىدىكى مال سۈپىتىدە قالاتتى. ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئۇ ئايالنى قانداق بىر تەرەپ قىلغۇسى كەلسە شۇنداق بىر تەرەپ قىلاتتى. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن دەۋرلەردە مەيلى ئەرەپلەردە، مەيلى باشقا مىللەتلەردە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى مەۋجۇت ئىدى. قۇرەيش كاتتىباشلىرىنىڭ ئونلارچە ئايالى بار ئىدى، رۇم پادىشاھلىرىنىڭ مىڭلارچە كېنىزەكلىرى، خىتاي ئىمپراتورلىرىنىڭ يۈزلەرچە خوتۇنى ۋە مىڭلارچە دېدەكلىرى بار ئىدى. پارس ئىمپراتورلىرىدا ئۆزىنىڭ سىڭلىسى، ئاچىسى، ھەتتا ئانىسى بىلەن نىكاھلىنىدىغان، ئۇنىڭدىن سىرت يۈزلەرچە ئايالنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا تۇتىدىغان ئادەت بار ئىدى.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ 99 ئايالى بار ئىدى. بۇ ھال ھەدىستە ئېنىق كەلگەن بولۇپ، قۇرئاندىكى توقسان توققۇز قويغا بىر قوينى قوشۇۋېلىش قىسسىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئىشارە قىلىنىدۇ.
نۇرغۇن ساھابىلەرنىڭ جاھىلىيەت ۋاقتىدا ئون نەچچە ئايالى بار بولۇپ، ئىسلام كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قۇرئاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ سانىغا تۆت بىلەن چەكلىمە قويۇلدى ۋە ئاياللارغا مىراس بېرىش، ئاياللارنى قولدىن قولغا ئۆتىدىغان مال قىلىۋېلىشنى ھارام قىلىش ھەققىدە ئايەتلەر نازىل بولدى. تۆت ئايال بىلەن چەكلىنىش بەلگىلىمىسى شەرىئەت قىلىنغاندا، ساھابىلەر ئارىسىدىكى تۆتتىن كۆپ ئايالى بارلار تۆت ئايالىنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلىرىنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا رەسۇلۇللاھقا 11 ئايال ئېلىشنى ھالال قىلغان. بۇ سان شۇ دەۋردىكى مۆتىۋەر زاتلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاز، يوق ھېسابتىكى سان ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ نىكاھلانغان ئاياللاردىن پەقەت ئائىشە ئانىمىزدىن باشقىسى ئىلگىرى بىر، ھەتتا بىر نەچچە تۇرمۇشلۇق بولۇپ تۇل قالغان، زور كۆپ قىسىمى قارىغۇچىسى يوق، ئاجىز، ئەمما ئېسىل ئاياللار ئىدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە پەقەت ئائىشە ئانىمىزلا قىز، باشقا ئاياللىرى چوكان ئىدى. ئەمما، شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە، شۇنداقلا شۇ دەۋردىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە بىر دۆلەتنىڭ، ھەتتا بىر قەبىلىنىڭ باشلىقىمۇ جۇۋان ئايالنى ئېلىشنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت ھېسابلايتتى. ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئىمپراتورلار جېنىغا ئىلگىرى توي قىلىپ باقمىغان ياش قىزلاردىنلا خوتۇن، كېنىزەك تاللايتتى ۋە قولىدىكى خوتۇنلىرىنى توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى.
ئەمما، رەسۇلۇللاھ 10 تۇل ئايال بىلەن ئۆيلەندى. رەسۇلۇللاھنىڭ بىر قىسىم ئاياللىرى ياشتا ئۆزىدىن چوڭ ئاياللار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۆزى بىلەن ئۆي تۇتقان بىرمۇ ئايالىنى قويىۋەتمىدى. خوتۇن يەڭگۈشلىمىدى، باشقا لېدىر، باشلىقلاردەك ياش قىزلارنىلا ئېلىش يولىنى تۇتمىدى. ھېچقايسى ئايالنى مەجبۇرىي نىكاھىغا ئالمىدى. ھېچقاچان قىز-ئاياللارنىڭ پېشىدە يۈگۈرمىدى. يەنى، رەسۇلۇللاھ ئايال مەسىلىسىدە ناھايىتى ئىپپەتلىك ۋە ئالىيجاناپ يول تۇتتى. ھەتتا رەسۇلۇللاھقا قارشى بىر ئۆمۈر جەڭ قىلغانلارمۇ رەسۇلۇللاھنى شائىر، ساراڭ، كاززاپ دېگەندەك يالغانلار بىلەن ئەيىپلىدىيۇ، ئايال مەسىلىسىدە ئەيىپلەپ باقالمىدى.
چۈنكى، ئەگەر ئايال مەسىلىسىدە ئەيىپلىنىشكە توغرا كەلسە، رەسۇلۇللاھ ئەمەس، بەلكى دەل ئاشۇ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى مۇشرىكلار ئەيىپلەنسە بولاتتى. چۈنكى، ئۇلار قول ئىلىكىدىكى سانسىز ئاياللارغا ماڭدامدا زۇلۇم سالاتتى، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى بەرمەيتتى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قېتىم «ماڭا ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرسىتىلدى، ناماز، ئەتىر ۋە ئايال» دېگەن ئىدى. بۇ سەھىھ ھەدىس بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال ساغلام ئەرلەرگە ئېنىقكى، ھەر قانداق ساغلام ئەردە ئايال كىشىگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت بولىدۇ. ئۆي تۇتۇپ باققان ئاياللارغىمۇ مەلۇمكى، ھەر قانداق ساغلام ئەر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئايال كىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەر پەقەتلا ئايال بولىۋېلىشنى خالايدىغان، ئەركەكلىكتىن ئەسەرمۇ يوق زەيپانە ئەرلەردۇر.
ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەر كىشىنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىنى، ئاياللار بىلەن ئۆي تۇتۇشىنى ۋە ئاياللارنى ياخشى كۆرۈپ، نىكاھىدىكى ئاياللارنى خۇش قىلىش ۋە بەخىتلىك قىلىشىنى ئەركەكلىكنىڭ مۇكەممەللىكى دەپ قارايدۇ.
كۈنىمىزدە نۇرغۇن دۇنياۋى ئاتالمىش رەھبەرلەرنىڭ جىنسىي سەتچىلىكى، ئاشنىدارچىلىقى ھەممە يەردە ئېقىپ يۈرىدۇ. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئاشنىدارچىلىقنى توغرا كۆرىدىغان جاھلىيەت، ئىش ئىسلامغا، رەسۇلۇللاھقا كەلگەندە بىر ئەرنىڭ بىر نەچچە ئايالنى ياخشى قوغداپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئىنتايىن قەبىھ تىللار بىلەن ئەيىبلەيدۇ.
رەسۇلۇللاھنى ئاياللارغا دۈم چۈشكەن قىلىپ تەسۋىرلەۋاتقان ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ھەقىقەتنى يۈزدە يۈز ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقتا. ئەگەر رەسۇلۇللاھ راستتىنلا ئاياللارغا دۈم چۈشكەن بولسا، ئۇ زاتنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى توي قىلىپ باقمىغان ياش قىزلار بولغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھ ئاياللارغا دۈم چۈشكەن بولسا، بىر ئايال بىلەن بىر نەچچە ھەپتە ئۆي تۇتۇپلا تالاق قىلىپ، يەنە باشقا ياش قىز-ئاياللارنى ئالغان، شۇ دەۋردىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ياش قىزلارنى ئىزدەپ، توختىماي خوتۇن يەڭگۈشلىگەن بولاتتى. ئەمما، ئاللاھنىڭ بۈيۈك پەيغەمبىرى بۇنداق چاكىنىلىقتىن پاك بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر توي قىلىشنى خالىمايدىغان ئاجىز، تۇل ۋە يېشى چوڭ ئاياللارنى نىكاھىغا ئالدى.
بىزنىڭ رەسۇلىمىز بىر ئۆمۈر راھەت-پاراغەتتىن، ئەيش-ئىشرەتتىن ئۇزاق ياشىدى. يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارغا بىر ۋادى توشقۇدەك ساناقسىز تۆگە قويلارنى بېرىۋەتكەن، ھەتتا ئۆزىدىن مال سورىغان كاپىرلارغىمۇ يېنىدىكى پۇل-مال تۈگەپ كېتىشتىن قورقمايدىغان دەرىجىدە سېخىيلىق بىلەن پۇل-مال بېرىدىغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئىش ئۆزىگە كەلگەندە كۈنلەرچە ئاچ قورساق ياشىدى، يەيدىغان نەرسىسى يوق قورسىقىغا تاش باغلاپ ياشىدى. بورىدا يېتىپ بىقىنلىرىغا ئىز چىقىپ كەتتى. كېچىلەپ ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كەتتى. ھاياتىدا كاۋاپ قىلىنغان پاقلان گۆشىنى، كېپىكى تاسقىۋېتىلىگەن ساپ ئۇندا قىلىنغان بۇغداي نېنىنى يەپ باقماي ئالەمدىن ئۆتتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى پۈتكۈل ئەھلى جاھانغا ئۈلگە بولىدىغان زاھىدلىق ۋە ئالىيجانابلىق ھاياتى بولۇپ، ئۇ زاتنىڭ ھاياتى زۇھد ۋە تەقۋالىقنىڭ ئەڭ ئۈستۈن پەللىسى ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم راھىبلاردەك دۇنيانى، ئايال كىشىنى ۋە جىھادنى تەرك ئەتمىدى. ساھابىلەر جەڭ ئەڭ قىيىن پەيتكە كەلگەن رەسۇلۇللاھ بىلەن دالدىلاندى. رەسۇلۇللاھ ھېچبىر جەڭدىن قېچىپ باقمىدى. رەسۇلۇللاھ چېلىشىپ ھېچبىر پالۋانغا يېڭىلىپ باقمىدى. ساھابىلەر «رەسۇلۇللاھتا يۈز ئەرنىڭ كۈچى بار» دېيىشەتتى. ھەقىقىي قەھرىمان ئەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ئۈلگىسى — دەل بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.
بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولغان، ئەمما پادىشاھ پەيغەمبەر بولۇشتىن قەتئىي ئۇزاق تۇرۇپ، بەندە پەيغەمبەر بولۇشنى تاللىغان بۇ ئۇلۇغ زات ساھابىلىرىگە باشلامچىلىق قىلىپ مۈرىسىدە كەپىش ۋە تاش توشۇپ قۇبا مەسجىدى ۋە مەسجىد نەبەۋىينى ئۆز قولى بىلەن سالدى. خەندەك ئۇرۇشىدا ئۆز قولى بىلەن خەندەك كولىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچبىر زامان ساھابىلىرىدىن ئالاھىدە بولۇۋالمىدى. بىر قېتىم بىر بەدەۋىي ئەرەپ رەسۇلۇللاھنى ئىزدەپ كەلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرى بىلەن ھالقا بولۇپ، سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ قايسى كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بەدەۋىي ئەرەپ «قايسىڭلار مۇھەممەد بولىسىلەر؟» دەپ سورىدى. يەنى، رەسۇلۇللاھ مەيلى كىيىنىشتە، مەيلى سورۇندىكى تۆر-پەگا جەھەتتە ساھابىلىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيتتى. رەسۇلۇللاھ ھەزىرتى ئەبۇ بەكرى بىلەن بىللە مەدىنىگە كېلىپ، بىر خورمىلىق باغقا كەلگەندە، مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنى قارشى ئالغىلى شۇ باغقا كەلدى، ئەمما زادى كىمنىڭ رەسۇلۇللاھ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قېلىشتى، بۇ ئەسنادا ھەزىرتى ئەبۇ بەكرى رىداسىنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىنى كۈندىن توسۇپ سايىداتقان ئىدى، سايىدىتىلىۋاتقان كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ ئىكەنلىكىنى بىلگەن مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا يۈگۈرەپ بېرىشتى ۋە رەسۇلۇللاھنى ھاياجان بىلەن تۇشمۇتۇشتىن قارشى ئالدى.
دۈشمەننىڭ تۆھمىتىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئاشۇ ھەدىستىكى ئايالمۇ رەسۇلۇللاھ يېنىغا كىرگەندە رەسۇلۇللاھنى تونىمىغان، ئۆزىگە ئۆگىتىلگىنى بويىچە ئاشۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى بولۇش شەرىپىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھەسرەت چەككەن.
فەتھۇل بارىدا ۋە باشقا مەنبەلەردە بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن بىرىدە ئۇ ئايالنى «ئېغىر ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى» دېيىلگەن.
رەسۇلۇللاھنىڭ خانىمى بولۇش، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىسى بولۇش، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى بولۇش بۈيۈك شەرەپ. بۇ شەرەپكە ھەممىلا ئىنسان نائىل بولىۋەرمەيدۇ.
يۇقىرىقىدەك، دىن دۈشمەنلىرىگە «دەسمىي» بولۇپ بېرىش خاراكتېرىغا ئىگە ھەدىسلەرمۇ دەل چىن مۆمىننى ساختىپەز مۇناپىقتىن ئايرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. چىن مۆمىن ئۇ خىل ھەدىسلەرنى ئوقۇغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۈيۈك پەزىلىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەدىسنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ، ۋەقەلىكنى ئەسلى ئورنىغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ، توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. رەسۇلۇللاھقا نىسبەتەن قىلچىلىكمۇ يامان گۇماندا بولمايدۇ. مۇناپىق ياكى قەلبىدە كېسىلى بار ئىمانى لىڭشىپ قالغان كىشىلەر ئۇ خىل ھەدىسنى كۆرگەن ھامان ئېزىش ۋە توغرا يولدىن چىقىشقا ئارانلا تۇرىدۇ.
مەيلى قۇرئاندا، مەيلى سەھىھ ھەدىسلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى قىزارتىدىغان بىرمۇ ئايەت، بىرمۇ جۈملە مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر بىر دىن دۈشمىنى ياكى غالچا ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەلۇم ھەدىسلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى قىزارتماقچى، شەرمەندە قىلماقچى بولۇۋاتقان بولسا، ئۇ ھەدىس يا شۇ غالچا تەرىپىدىن بۇرمىلىنىۋاتقان، ئۇ ھەدىسكە ئالاقىدار ئېنىق پاكىتلار غالچا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن يوشۇرۇلۇپ، ھەدىسنىڭ بەزى بۆلەكلىرى مەقسەتلىك يۇلۇپ ئېلىنىپ، قەستەن پىتنە چىقىرىلىۋاتقان بولىدۇ.
بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتسە يۈزىمىزگە سەت بولىدىغان بىرمۇ سەھىھ ھەدىسىمىز مەۋجۇت ئەمەس. ئەكسىچە، ھەدىسلەر قانچە كۆپ ئاشكارا بولۇپ، كىشىلەر ھەدىسلەرنى قانچە ياخشى بىلسە، جاھاندا ياخشى كىشىلەر ئاۋۇيدۇ، ئادالەت ھاكىم بولىدۇ، ئاجىزلار بوزەك قىلىنمايدىغان، زومىگەرلەر زوراۋانلىق قىلىشقا پېتىنالمايدىغان كۈنلەر كېلىدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ شەنىنى، ئىسلامنىڭ شەنىنى قوغداش ئۈچۈن ئېغىز مىدىتلىتىش، قەلەم تەۋرىتىش ئاللاھنىڭ يولىدىكى ئەڭ كاتتا جىھاد بولۇپ، دىن ساھىبلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە شۈكلەپ كەتمەي، تىل ۋە قەلىمىنى ئايىماي سەرپ قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئىسلامغا ۋە پەيغەمبىرىمىزگە قىلىنغان ئەنە شۇنداق سەۋىيەسىز، ئەرزان باھالىق، ئەمما سېستىمىلىق ھۇجۇملار سەۋەبلىك، شۇنداقلا بۇ خىل ھۇجۇمغا كۆكرەك كېرىپ جاۋاب بېرىدىغان «ئەركەكلەر»نىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار شەكسىزلا بارغانچە دىندىن سوۋۇش، دىندىن ئۇزاقلىشىش، دىندىن گۇمانلىشىش يولىغا ماڭىدۇ. دۈشمەننىڭ دىنغا قىلغان ھۇجۇمى داۋام قىلغان، دىن ئەھلىنىڭ تۈگۈلۈپ تۇرۇۋېلىشىمۇ داۋام قىلغان مۇددەتتە، دىندارلار تارتىدىغان ئازار ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىندىن گۇمانلىنىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ.
دىنغا قىلىنىۋاتقان بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ كەينىدە بىز پەرەز قىلالايدىغان تۈرلۈك سەۋەبلەر بولۇشى تەبئىي. بىز ئۇ خىل شەك-شۈبھەلەرگە جاۋاپ بەرمىگەن تەقدىردە، دۈشمەننىڭ دەۋاتقىنىغا ئىشىنىپ قالىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر دائىم مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېتىۋېرىدۇ. دىندارلارنىڭ تۈگۈلۈپ تۇرۇۋېلىشى — مىللەتنىڭ دىنسىزلىشىشى يولىنى، توغرىسى مىللەتنى دىنسىزلاشتۇرۇش يولىنى تېخىمۇ داغدام ۋە راۋانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئارىمىزدىن چىققان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە قىلغان ھۇجۇملىرىدىن بىئارام بولماسلىق، مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى جىمىي ئۇيغۇرلارغا توغرا ۋەرىشتە بىلدۈرۈشكە تىرىشماسلىق — دىن ۋە ئىلىم ئەھلى كىشىلەر ئۈچۈن يېتىپ ئاشقۇچە نۇقساندۇر.
مەن يۇقىرىقىلارنى دېيىش ئارقىلىق، دىندا ئۇزاق ئوقۇغان دوستلار ۋە ئۇستازلارنىڭ دىنغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ قارشىسىدا — ئۇنىڭغا سەل قاراپ — تۈگۈلۈپ تۇرۇۋالماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرىمەن.
ئوقۇغانلارغا ئايان بولۇشى لازىمكى، رەسۇلۇللاھنىڭ، ھەدىس-سۈننەتنىڭ شەنىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىلىم ئاساسىدا ئېيتىلغان ھەر بىر سۆز جىھادتۇر، بۇ يولدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ھەر بىر كىشى ئەڭ كەمىدە شۇ قەلەم تەۋرىتىۋاتقان پەيتتە ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدتۇر. بۇنداق مۇجاھىدنىڭ رەسۇلىمىزنىڭ شەنىنى قوغداش، بۇرمىلانغان ھەقىقەتنى يورىتىپ بېرىش يولىدا ئېرىشىدىغان ساۋابى — كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقان ئابىد كىشىنىڭ ئەجرىدىن يۈزلەرچە دەرىجە ئۈستۈن. بۇ ئەھلى ئىلىم ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلە بولۇپ، دىندا ياخشى ئوقۇغان كىشىلەر بۇ گەپنىڭ كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك شەرئ‍ىي دەلىللەرگە ئاساسەن دېيىلگەنلىكىنى ئوچۇق تونۇپ يېتەلەيدۇ.
بىز دىن دۈشمەنلىرى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتقان پىتنىلەرگە ھەر قانچە قۇلاق يوپۇرۇۋالساقمۇ، خەلق ئۇنى كۆرىۋېرىدۇ، ئۇنىڭدىن خەۋەر تېپىۋېرىدۇ. قەلبىدە كېسەللىك بارلار «مانا ئەمەسمۇ، ئىسلامنىڭ زادى بىر يېرى بىر قانداق» دېيىشىپ، قەلبىدىكى كېسەللىككە ئۆزىنىڭ شەك-شۈبھە ۋە جاھالىتىنى مەلھەم قىلىپ كېتىۋېرىدۇ.
بۇرمىلانغان ھەقىقەتلەرنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىش، شەنى بۇلغانماقچى بولىۋاتقان رەسۇلىمىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ بولالماس بۇرچى. تۇنجى قېتىملىق رەددىيەرىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، ئاۋام مۇسۇلمانغا ناھايىتى تەس كەلگەن بىر دىنىي مەسىلە دىندا ئوقۇغان، ئىزدەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن كۆپىنچە ھالدا ئىنتايىن ئاددىي مەسىلە بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق پىتنە بولغاندا، ئۇ ھەقتىكى توغرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئۇستازلاردىن، سالاھىيەت ئىگىلىرىدىن سوراپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىۋېلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ زۆرۈر مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
The post دىن دۈشمەنلىرىگە رەددىيە(2): رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ نىكاھى سەنلەر بۇرمىلىغاندەك ئەمەس first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post دىن دۈشمەنلىرىگە رەددىيە(2): رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ نىكاھى سەنلەر بۇرمىلىغاندەك ئەمەس appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرى توغرا يولمۇ؟
تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرى توغرا يولمۇ؟
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بىر خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:
مەن سىلەرگە يۇقىرىدا ئۆتكەنلەردىن باشقا، كىشىلەر يېڭىدىن پەيدا قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتتىن چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم ئىشلارنىمۇ بايان قىلىپ بېرەي.
كىشىلەر دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلغان ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن سوپىلىق تەرىقەتلىرىدۇر. مەسىلەن: رىفائىييە، نەقشىبەندىييە، تىجانىييە، مەرامىييە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلىرى ئىسلام شەرىئىتىدىن چىقىپ كەتكەن قانۇنسىز يوللاردۇر.
سوپىلار پەيدا قىلغان بۇ تەرىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە شەيتانىي يوللاردۇر، قەبىھ بىدئەتلەردۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تەرىقەتلەرنىڭ ھەر قايسى بىر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، بۇ يولدا مېڭىشىغا ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىغا بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋاجىپتۇر. چۈنكى ئاللاھ جەللە ۋەئەلا بىزگە ھېچكىمنىڭ تولۇقلىشىغا ئەسلا موھتاج بولمايدىغان، توغرا ۋە مۇكەممەل بىر دىننى شەرىئەت قىلىپ بەردى. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، بۇ دىن ئۆزىنىڭ شەرىئىتى، ھۆكۈملىرى، ئاساسلىرى ۋە تارماقلىرى بىلەن تولۇق ۋە مۇكەممەلدۇر.
خۇددى ئاللاھ جەللە ۋەئەلا ئېيتقاندەك: ﴿شۈبھىسىزكى، بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (باشقا) يوللارغا ئەگەشمەڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ﴾ (سۈرە ئەنئام 153-ئايەت).
(ئايەتتىكى) بۇ «يوللار» بولسا بىدئەتلەر ۋە شەھۋەتلەردۇر. ئاللاھنىڭ يولى ۋە ئاللاھ بەندىلىرىگە شەرىئەت قىلىپ بەرگەن دىن بولسا — ئاللاھ جەللە ۋەئەلانى تەۋھىدلەش، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) بۇيرۇغان ۋە توسقان ئىشلاردا پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتۇر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ يولىدۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ توغرا يولىدۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ دىنىدۇر.
ئەمما كىشىلەر پەيدا قىلغان، بۇنىڭغا خىلاپ بولغان تەرىقەتلەر، مەيلى ئۇ تىجانىييە، نەقشىبەندىيە، رىفائىييە، قادىرىييە، خەلۋەتىييە ياكى باشقىلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتىل يولدۇر، قەبىھ بىدئەتلەردۇر ۋە دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردۇر. كىشىلەرنى ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەرك ئېتىش ۋاجىپتۇر. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://youtube.com/shorts/R8r5urVgPaM?si=eiQKzX63npRjroRo
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ (سوپىلىقنىڭ) ھۆكمى نېمە؟
سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟
ماختىلىدىغان تەسەۋۋۇپ بارمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ئاشقۇن سوپىلار ئۆزىنى ئىلاھ دەپ قارامدۇ؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى
ئوپچە زىكىر قىلىش سوپىلار ئوتتۇرىغا چىقارغان بىدئەتتۇر | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن
تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ (سوپىلارنىڭ) مەسجىدىدە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى؟
The post تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرى توغرا يولمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرى توغرا يولمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەتمۇ؟
پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەتمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە، پروفىسور، دوكتور سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
شەيخ سالىھ ئەل فەۋزاننىڭ جاۋابى:
بۇنداق قىلىش دۇرۇس ئەمەس، پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم پەرز نامازلاردىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان.
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://youtu.be/I7Z5J36iJxg?si=LuU8eEUhM6Ic7-IT
ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە، ساھابە ئۇمەرە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنە ھاكىمى بىشىر ئىبنى مەرۋاننىڭ جۈمە خۇتبىسىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشىغا «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلغىنىنى كۆرمىدىم» قاتتىق قارشى چىققان ۋە بىشىر ئىبنى مەرۋاننى بۇ قىلىقى سەۋەبلىك سۆككەن.
وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)
سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۈمە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (ساھابە) ئۇمارە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مۇنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ (خۇتبىدە كۆتۈرۈلگەن) بۇ قوللارنى قۇرۇتىۋەتسۇن. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (جۈمە خۇتبىسىدە دۇئا قىلسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئەمەس، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ) مۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم.» ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇنداق دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. | hedisim.com (مۇسلىم 873؛ ئەبۇداۋۇد؛ نەسائىي 1413؛ تىرمىزىي 515 )
بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ مەلۇم بىر ئىبادەتنىڭ بىر بۆلىكىدە مەلۇم بىر ئەمەلنى قىلمىغان بولسا، ئەمما ئۇ ئەمەلنى باشقا بىر ئىبادەتتە قىلغان بولسا، مۇسۇلمانغا لازىم بولغىنى رەسۇلۇللاھ بىر ئىبادەتتە تەرك ئەتكەن ئەمەلنى تەرك ئېتىشى، باشقا بىر ئەمەلدە قىلغان شۇ ئەمەلنى قىلىشتۇر. رەسۇلۇللاھ قول كۆتۈرۈشنى تەرك ئەتكەن يەردە قول كۆتۈرۈش بىدئەت بولىدۇ. باشقا يەردە قول كۆتۈرگەنلىكى خۇتبىدە ياكى نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. مۇشۇ توغرا بولغان بولسا، بىشىر ئىبنى مەرۋانغا ساھابە ئۇمەرە يۇقىرىقىدەك قارشى چىقمىغان، سۆكمىگەن، بەددۇئا قىلمىغان بولاتتى. ساھابىلەر دىندا بىدئەت پەيدا قلىشنىڭ بەك قەبىھ ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ھەر جۈمە خۇتبىسىدە ئۈممىتىنى دىندا پەيدا قىلماسلىققا بۇيرۇپ، بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلاتتى، شۇ سەۋەبلىك خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى ساھابە ئۇمەرە ھەرگىز قوبۇل قىلماي دەرھال قارشى چىققان. خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشقا قارشى چىققان ساھابىلەر، نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشقا چوقۇم قارشى چىقىشى ئېنىق ئىدى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلغانلىقى خاتىرىلەنمىگەن. رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى قىلىش بىدئەتتۇر. بۇنىڭدا بىر مۇستەسنا باركى، رەسۇلۇللاھ بىر ئەمەلنى قىلمىغان، ئەمما ئۇنى تۆت خەلىپىدىن بىرەرسى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئۇ خىل ئەمەلمۇ سۈننەت ھېسابلىنىدۇ، بىدئەت ھسابلانمايدۇ. بەئەينى ھەزىرتى ئوسمان يولغا قويغان — جۈمەنىڭ تۇنجى ئەزىنىدەك. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ «مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بىر ئىشنى دىندا قىلىش بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر، بىر دىنىي ئەمەلنى قىلىشتا بىر ۋاسىتىگە ھاجەت تۇغۇلغان بولسا، ئۇ ۋاسىتە دىنىي ئەمەلنى قولايلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولسا، ئۇ ھالدا شۇ ۋاسىتىنى ئىشلىتىش بىدئەت ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن، مىكروفوندا ئەزان توۋلاش، نامازدىكى تىلاۋەتنى — جامائەتنىڭ ئېنىق ئاڭلىشى، يىراقتىكى جامائەتنى تىلاۋەتنى ۋە تەكبىرنى ئاڭلىيالماي قالماسلىقى ئۈچۈن ئاۋاز ياڭراتقۇدا تارقىتىش … دېگەندەك. چۈنكى، بۇنىڭغا كۈنىمىزدە كۈچلۈك ھاجەت بار. يۇقىرىقىلارنى ھېچكىم ئىبادەت، ساۋاب ھېسابلىمايدۇ، ئەمما ھاجەت بولغاچقا ئاۋاز ياڭراتقۇدا ئىمامنىڭ ئاۋازى تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭدا ھېچبىر چەكلىمە يوق. بىدئەتچى كىشىلەر ئۆز بىدئەتلىرىنى توغرىغا چىقىرىش ئۈچۈن كاللىسىنى شۇ قەدەر كۆپ ئىشلىتىشقا تىرىشىدۇكى، بىز ئۇلارنى خاتا ئىشقا كاللا ئىشلىتىشتىن خالاس قىلىش، كاللىسىنى ئېچىش ئۈچۈن يۇقىرىقىلارنى بايان قىلىشقا ھەقلىقمىز.
ئەسكەرتىش: بەزى كىشىلەر «ئەمىسە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تېلفۇن ئىشلەتمىگەن، ماشىنا، ئايروپىلانغا ئولتۇرمىغان، ئۇنداقتا بۇمۇ بىدئەتمۇ؟» دەپ ئۆكتە قوپىدۇ. بۇ بىر بولسا دىندىكى جاھالەتتىن، بىر بولسا خۇپسەنلىك قىلىپ ئۆز بىدئىتىنى توغرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بىدئەتننىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر، ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ» دېگەن. «بىدئەت» — رەسۇلۇللاھ دۇنيالىقتا قىلمىغان ئىشنى قىلىش بىدئەت ئەمەس، ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىش، مانا بۇ بىدئەتتۇر.
يەنى، بىر ئىش «بىدئەت» دېيىلگەندە، ئۇ دىنغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ قالغان ئىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق قىلىش ھارام. بىدئەت دىندا بولىدۇ، دۇنياۋى ئىشلاردا بولمايدۇ. ئەگەر رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىش دۇرۇس بولغان بولسا، رەسۇلۇللاھ ھەرگىزمۇ «بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق» دېمىگەن بولاتتى. رەسۇلۇللاھ دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنى ئازغۇنلۇق دېگەن ئىكەن، ئۇنىڭدىن قېچىش، بىدئەت-ئازغۇنلۇقتىن ئۇزاق تۇرۇش ھەممە مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. بىدئەتنى يوللۇققا چىقىرىشقا تىرىشىپ مۇغەمبەرلىك قىلىش گۇناھى كەبىرە ھېسابلىنىدۇ. پەرز نامازدىن كېين قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ بىدئەتلىكىنى بىلمەستىن مۇشۇنداق قىلغان كىشى بەلكىم ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما بىدئەت ئەمەلنى قىلىشنى يوللۇققا چىقىرىش ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىش — مانا بۇ ئەڭ قەبىھ گۇناھتۇر. شۇڭا، ھەر قانداق بىدئەت ئەمەلنى قانۇنلاشتۇرۇشقا، يوللۇققا چىقىرىشتىن ئۇزاق تۇرۇش ئاقىل كىشىنىڭ ئىشى، بىدئەتنى يوللۇققا چىقىرىشقا تىرىشىش نادان، شەقىي كىشىنىڭ ئىشىدۇر. — مۇجتەھىد تورى
The post پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەتمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەتمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
تەكىتلىك سۈننەت بىلەن مۇستەھەب سۈننەت ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟
تەكىتلىك سۈننەت بىلەن مۇستەھەب سۈننەت ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟
شەيخ ۋەلىيد سەئىيدان پەتىۋاسى
سوئال سورىغۇچى:
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سۈننەت بىلەن تەكىتلەنگەن سۈننەت (سۈننەت مۇئەككەدە) نىڭ پەرقى نېمە؟
شەيخ ۋەلىد سەئىيداننىڭ جاۋابى:
ئالىملار رەھىمەھۇللاھ سۈننەتنى ئۇنىڭ تەكىتلىنىش ياكى تەكىتلەنمەسلىكىگە قاراپ ئىككى قىسىمغا ئايرىغان:
بىرى، تەكىتلەنگەن سۈننەت (سۈننەت مۇئەككەدە)؛
يەنە بىرى، تەكىتلەنمىگەن سۈننەت (سۈننەت غەيرى مۇئەككەدە).
بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى سۈننەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. لېكىن، بىرى «تەكىتلەنگەن» دەپ سۈپەتلەنسە، يەنە بىرى «تەكىتلەنمىگەن» دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەسلى ۋە ماھىيىتى يەنىلا سۈننەتتۇر.
تەكىتلەنگەن سۈننەت بىلەن تەكىتلەنمىگەن سۈننەتنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ئورتاق بىر سۈپەت شۇكى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم قىلغان، ئەمما بۇيرۇمىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر؛ ياكى ئۇ زات بۇيرۇغان، ئەمما ئۇنى ۋاجىبلىقتىن سۈننەتلىككە ۋە مۇستەھەبلىككە چۈشۈرۈۋېتىدىغان بىرەر دەلىل كەلگەن ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
دېمەك، تەكىتلەنگەن سۈننەت (سۈننەت مۇئەككەدە) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ھەر دائىم، ئىزچىل تۈردە قىلغان ۋە ھەرگىز تەرك ئەتمىگەن سۈننەتلەردۇر.
ئەمما تەكىتلەنمىگەن سۈننەت (سۈننەت غەيرى مۇئەككەدە) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بەزىدە قىلىپ، بەزىدە تەرك ئەتكەن سۈننەتلەردۇر.
تەكىتلەنگەن سۈننەتكە مىساللار:
ۋىتىر نامىزى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ۋىتىر نامىزىنى سەپەردىمۇ، مۇقىم ۋاقتىدىمۇ ئىزچىل ئوقۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ھاياتىدا بىز بىلىدىغان ۋە نەقىل قىلىنغانلارغا ئاساسلانغاندا، بىرەر كېچىمۇ ۋىتىرنى تەرك ئەتمىگەن.
ئەلۋەتتە، ئالىملار رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەمنىڭ قۇربان ھېيت كېچىسى ۋىتىر ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان. توغرا قاراش شۇكى، ئەسلى قائىدە بويىچە، ئۇنى تەرك ئەتكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل كەلمىگۈچە، ئۇ زاتنىڭ شۇ كېچىسىمۇ ۋىتىر ئوقۇغانلىقىنى قوبۇل قىلىمىز. بىز ئۇ زاتنىڭ شۇ كېچىسى ۋىتىرنى تەرك ئەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىرەر دەلىلنى بىلمەيمىز. شۇڭا، ۋىتىر نامىزى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ئىزچىل ئوقۇغان، سەپەردىمۇ، مۇقىم ۋاقتىدىمۇ تەرك ئەتمىگەن تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىندۇر.
نامازلاردىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سۈننەت نامازلار (رەۋاتىب سۈننەتلەر.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بۇلارنى پەقەت سەپەردىلا تەرك ئەتكەن. سەپەردە پەقەت بامداتنىڭ سۈننىتىنىلا ئوقۇغان، باشقىلىرىنى تەرك ئەتكەن. سەپەردىمۇ، مۇقىم ۋاقتىدىمۇ بامداتنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتمىگەن.
نامازلاردىن كېيىنكى زىكىرلەر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بۇ زىكىرلەرنى ئىزچىل ئوقۇغان. ئۇ زاتنىڭ بىرەر قېتىم پەرز نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ، ئاللاھنى زىكىر قىلمىغانلىقى سابىت بولمىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىندۇر.
نامازدىن بۇرۇن مىسۋاك ئىشلىتىش:.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۈممىتىمگە مۇشەققەت بولۇپ قالمىغان بولسا، ئۇلارنى ھەر بىر نامازدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم.» شۇڭا، ئالىملار رەھىمەھۇللاھ مىسۋاك ئىشلىتىش ۋاجىبمۇ ئەمەسمۇ دەپ ئىختىلاپ قىلىشقان. بۇ نامازدىن ئىلگىرىكى مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.
تەكىتلەنمىگەن سۈننەتكە مىساللار:
تەكىتلەنمىگەن سۈننەت — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەمنىڭ بەزىدە قىلىپ، بەزىدە تەرك ئەتكەنلىكى سابىت بولغان سۈننەتلەردۇر.
نامازدىكى ئىستىراھەت ئولتۇرۇشى (جەلسەتۇل ئىستىراھە): ئالىملارنىڭ ئەڭ توغرا قارىشىغا ئاساسلانغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بۇنى بەزىدە قىلغان، بەزىدە تەرك ئەتكەن. شۇڭا، بىز ئىستىراھەت ئولتۇرۇشىنى تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر قاتارىغا كىرگۈزمەيمىز. بەلكى ئۇنى بەزىدە قىلىنىدىغان، بەزىدە تەرك ئېتىلىدىغان سۈننەتلەر قاتارىغا كىرگۈزىمىز.
چاشگاھ نامىزى (دۇھا نامىزى). بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، چاشگاھ نامىزىمۇ تەكىتلەنمىگەن سۈننەتتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ئۇنى ئىزچىل ئوقۇمىغان. بەلكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغاندەك، ئۇ زات پەقەت سەپەردىن قايتقاندىلا ئوقۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم بەزىدە ئوقۇپ، بەزى كۈنلەردە تەرك ئەتكەن. بۇ چاشگاھ نامىزىنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە باشقا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار نۇرغۇن.
خۇلاسىكالام، تەكىتلەنگەن سۈننەت — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەم ئىزچىل قىلغان ۋە تەرك ئەتمىگەن سۈننەتلەردۇر.
تەكىتلەنمىگەن سۈننەت — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەساللەمنىڭ بەزىدە قىلىپ، بەزىدە تەرك ئەتكەنلىكى سابىت بولغان سۈننەتلەردۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://youtu.be/fUdWOD_eAcU?si=N03tqWBJE_QIYsdf
The post تەكىتلىك سۈننەت بىلەن مۇستەھەب سۈننەت ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تەكىتلىك سۈننەت بىلەن مۇستەھەب سۈننەت ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
رەفئۇل يەدەين قىلماستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟
رەفئۇل يەدەين قىلماستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ
(ئەسكەرتىش: «رەفئۇل يەدەين» دېگەنلىك «ئىككى قولنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ نامازلاردىكى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىلىدىغان يۆتكىلىش ئورۇنلىرىدا ئىككى قولنى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ نامازغا كىرگەندە، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.)
سوئال سورىغۇچى:
پەزىلەتلىك شەيخ، سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: نامازغا كىرىش تەكبىرى (تەكبىر تەھرىمە) ۋە باشقا تەكبىرلەردە ئىككى قولنى كۆتۈرمەسلىكنىڭ ھۆكمى نېمە؟
شەيخ سالىھ ئەل فەۋزاننىڭ جاۋابى:
سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس، لېكىن ئۇ (بۇ ھەقتىكى) سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. (شەيخنىڭ پەتىۋاسى تۈگىدى)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=PDoZLYAgUig
مەشھۇر مۇھەددىس ئالىم ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
نامازخان ناماز ئىچىدىكى ھەر بىر تەكبىردە ئىككى قولىنى كۆتۈرىدۇ. لېكىن، بۇ قول كۆتۈرۈشلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن كۈچلۈكرەكتۇر.
نامازغا كىرىش تەكبىرى (تەكبىر تەھرىمە) دە قول كۆتۈرۈش، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قول كۆتۈرۈشتىن كۈچلۈكرەكتۇر.
رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قول كۆتۈرۈش بولسا، بىرىنچى تەشەھھۇدتىن ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا قول كۆتۈرۈشتىن كۈچلۈكرەكتۇر.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق تۈردىكى قوللارنى كۆتۈرۈش، باشقا تەكبىرلەردە قول كۆتۈرۈشتىن كۈچلۈكرەكتۇر.
يەنى، بۇ يەردە ئىككى خىل قول كۆتۈرۈش بار:
بىرى، تەكىتلەنگەن سۈننەت (سۈننەت مۇئەككەدە) بولۇپ، ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردۇر.
يەنە بىرى، مۇستەھەب سۈننەت (سۈننەت مۇستەھەببە) بولۇپ، ئۇ باشقا تەكبىرلەردە، مەسىلەن: سەجدىگە بارغاندا، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئىككىنچى سەجدىگە قايتقاندا، ئىككىنچى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا قول كۆتۈرۈشكە ئوخشاش.
بۇ تەكبىرلەردىمۇ قول كۆتۈرۈش مۇستەھەبتۇر. شەرىئەتتە كۆرسىتىلگىنى، ھەر بىر تەكبىر بىلەن بىللە قول كۆتۈرۈشتۇر. لېكىن، بۇنىڭدا «تەكىتلەنگەن سۈننەت» بىلەن «مۇستەھەب سۈننەت» نىڭ پەرقىگە دىققەت قىلىش كېرەك. (شەيخ ئەلبانىنىڭ پەتىۋاسى بۇ يەردە تۈگىدى)
مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=u-y6vXE0bus
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post رەفئۇل يەدەين قىلماستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post رەفئۇل يەدەين قىلماستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش زادى قانداق بولىدۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش قانداق بولىدۇ؟
مۇجتەھىد تورى
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ﴾
﴿ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىڭلار.﴾ [سۈرە ئەئراف: 158-ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ﴾
﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.﴾ [سۈرە ئال ئىمران: 31-ئايەت]
ئەللامە ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراك ھافىزەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش دېگەنلىك — ئۇ زاتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، توسقان ئىشلىرىدىن يېنىش دېگەنلىكتۇر؛ شۇنداقلا ناماز، روزا ۋە باشقا بارلىق پەرز-ۋاجىپ، سۈننەت-مۇستەھەب ئىبادەتلىرىدە ئۇ زاتنى ئۈلگە قىلىش دېگەنلىكتۇر.»
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىش ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى پەرز بولغان ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىش؛ يەنە بىرى مۇستەھەپ بولغان ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىشتۇر. كىشى پەرز بولغان ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىشنى تاشلاپ، مۇستەھەپ بولغان ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىشنىڭ ھەممىسىنى قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق كىشىنى رەسۇلۇللاھقا ئەگەشتى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇنداق كىشى ئەسلىدە رەسۇلۇللاھقا ھېچ ئەگەشمىگەن، ئەسلا ئىتائەت قىلمىغان بولىدۇ.
ئەگەر بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئەگىشىش پەرز بولغان ئىشلاردا چىڭ تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن، بولۇپمۇ دوزاخ بىلەن خەۋەر بەرگەن، لەنەتلىگەن چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرسا، قەتئىي رەۋىشتە بۇيرۇپ، ئۆزىمۇ ۋە باشقا ساھابىلەرمۇ قەتئىي ئەمەل قىلغان بۇيرۇقلىرىغا چىڭ يېپىشسا، مانا بۇنداق كىشى — رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش مۇستەھەپ ھېسابلانغان ئىشلاردىن بىرنىمۇ قىلمىغان تەقدىردىمۇ — رەسۇلۇللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگەشكەن ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي دوستى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقىقىي ئىخلاسمەن ئەگەشكۈچىسى بولغان بولىدۇ.
(1) پەرز ھېسابلانغان  ئەگىشىش \ ئىتائەت قىلىش.
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ﴾
{رەسۇلۇللاھ سىلەرگە نېمە ھۆكۈمنى بەرسە شۇنى تۇتۇڭلار. سىلەردىن نېمىنى چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.}
— سۈرە ھەشر، 7-ئايەت
بۇ ئايەت ۋە مۇشۇ مەزمۇندا كەلگەن ئونلارچە ئايەتلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسەم ئۇنىڭدىن يېنىڭلار، سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇسام كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداڭلار.» (بۇخارى)
بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، ئىتائەت قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم قائىدىلەردىن بىرىدۇر.
مۇسۇلمان كىشى ئۆمۈرۋايەت دىققەت قىلىپ قەتئىي ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك بولغان ئىشلار — ئاللاھ ۋە رەسۇلى چەكلىگەن، دوزاخ بىلەن خۇش خەۋرە بەرگەن ياكى لەنەت قىلغان ئىشلاردۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەسكىن رەۋىشتە چەكلىگەن، لەنەت قىلغان، دوزاخ بىلەن خەۋەر بەرگەن بىر قىلمىش بولسا، ياكى «مەندىن ئەمەس»، «بىزدىن ئەمەس» دېگەن لەۋزدە چەكلىگەن بىر قىلمىش بولسا، بۇ خىل چەكلىمىلەرگە قەتئىي رىئايە قىلىش پەرز ئەيندۇر. بۇ خىل چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغۇچى رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بولىدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جانلىق نەرسىلەرنىڭ (يەنى ئادەمنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ) سۈرىتىنى ياساشنى، ياكى ھەيكىلىنى ياساشنى ھارام قىلدى؛ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنى، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنى ۋە يالغان سۆزلەشنى ھارام قىلدى؛ باشقىلارنى سۆز ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئالداشنى ھارام قىلدى. ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنى ھارام قىلدى؛  ئايال كىشىنىڭ كىيىم كىيسىمۇ بەدىنىڭ چوڭقۇر پەس يەرلىرى بىلنىشىپ قالغۇدەك، يات ئەرلەرنى مايىل قىلىدىغان ھەر قانداق ئەزاسى بىلنىشىپ قالغۇدەك ھالدا كىيىم كىيىشىنى ھارام قىلدى؛ ئەر كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاچا بىلەن سىڭىلنى، ياكى ھامما بىلەن ئۇنىڭ جىيەن قىزىنى نىكاھىدا تۇتۇشنى ھارام قىلدى؛ دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنى ھارام قىلدى؛  ئىبادەتتە، ئەخلاقتا ۋە يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىنىشتە كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشنى قەبرىلەرنى ئىبادەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشنى ھارام قىلدى؛ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ خىل مىڭلارچە چەكلىمىلىرى بار. بۇلاردىن قايسى بىرىنىڭ ھاراملىقىنى، چەكلەنگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ، بىلىشكە قىزىقماي بۇ چەكلىمىلەرنى قىلغان كىشى رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىشتىن يۈز ئۆرىگەن بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە گۇناھكار، ئاسىي بولىدۇ.
(2) سۈننەت (مۇستەھەپ) ھېسابلانغان ئەگىشىش.
رەسۇلۇللاھ پەزىلەتلىك دەپ بايان قىلغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئەگىشىش سۈننەت ھېسابلانغان ئەگىشىشتۇر. سۈننەت ھېسابلانغان ئەمەلنى قىلغان ئادەم ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، ئەمما قىلمىغان ئادەم گۇناھكار بولمايدۇ. فىقھىي مەنىدىكى «سۈننەت» — «مۇستەھەپ» دېگەنلىك بىلەن ئوخشاشتۇر. مەسىلەن، تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئەر-ئايال بارچە مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن سۈننەت. كىشى تەھەججۇد نامىزىنى ئوقۇسا، بىر بۈيۈك ئىبادەتنى ئورۇندىغان بولىدۇ، بۈيۈك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. ئەمما ئوقۇمىسا گۇناھكار بولمايدۇ.
ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش سۈننەت. دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە روزا تۇتۇش سۈننەت. ئاشۇرا روزىسىنى تۇتۇش سۈننەت. قەبرە زىيارەت قىلىش سۈننەت. كىشى بۇلارنى ئورۇندىمىسا گۇناھكار بولمايدۇ. چاشگاھ (زۇھا) نامىزى ئوقۇش سۈننەت. كىشى سۈننەت ھېسابلانغان ئەمەللەرنى ئورۇندىسا بۈيۈك ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئورۇندىمىسىا گۇناھكار بولمايدۇ.
خۇلاسە، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش پەرز بولغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرمەي، ئەگىشىش سۈننەت بولغان، ئەگەشمىسە گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭرى تارقاپ كەتتى. دەۋەتچىلەر ھەتتا ئالىم ئاتالغانلار مۇسۇلمانلارنى رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن بارچە بىدئەتتى، شىركتىن ۋە ھارامدىن ئاگاھلاندۇرماي، ئۇلارنى مۇستەھەپ ئىشلارغا بۇيرۇپ قويىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋال بارچە ئىسلام دىيارلىرىدا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇرادىغا، دىننىڭ تەلەپ-تەقەززالىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس.
رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش، ئىتائەت قىلىش پەرز بولغان ئىشلارغا سەل قاراپ، رەسۇلۇللاھقا ئەگەشسە ساۋاب، ئەگەشمىسە گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالغۇچىنىڭ ھالى، قورسىقى قاتتىق ئاچقاندا ئالدىغا بىر چىنە پولو ۋە بىر كىچىك چىنىدە (تۆت چوكا چىققۇدەك) سالات (سوغۇق سەي) كەلسە، پولونى يېمەي، سالاتنى يېگەن كىشىنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ياكى دېڭىزدا كېتىۋاتقادا كېمىنىڭ ئاستى تېشىلىپ كەتسە، يېنىدىكى زاپاس ھاۋا بالونىغا يەل قاچىلىماي، زىكىر-تەسبىھ ئوقۇپ ئولتۇرغان، ياكى دېڭىز مەنزىرىسىنى ھەدەپ سۈرەتكە تارتىۋاتقان نادان ئادەمنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ.
رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش — ئۇ زات چەكلىگەندىن يېنىش، بۇيرۇغاننى قىلىش دېمەكتۇر. مانا مۇشۇنداق قىلغان كىشى رەسۇلۇللاھقا ھەقىقىي ئەگەشكەن بولىدۇ. مانا مۇنداق كىشىنى سۈننەت ساھىبى، تەقۋا كىشى دەپ ئاتايمىز. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە،سەھىھ سۈننەتتىكى پەزىلەتلىك ئەمەللەرگە ھېرىسمەن مۆمىن — كامىل، تەقۋا مۆمىندۇر.
رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىسىگە كۆڭۈل بۆلمەي، پەزىلەت بابىدىكى سۈننەت\مۇستەھەپ ئەمەللەرگە ئېسىلىۋالغۇچى ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن، دىننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىگەن بەخىتسىز كىشىدۇر.
مۇھىم ئەسكەرتىش:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئەرلەرنى ساقالنى قويۇپ بېرىشكە، بۇرۇتلارنى قىسقارتىشقا بۇيرۇدى. ئالدىغا كەلگەن پارس دۆلىتىنىڭ ساقالسىز ئەلچىلىرىدىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرۇقىغا كايىپ «رەببىم مېنى ساقالنى كامىل قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى» دېدى. مەيلى رەسۇلۇللاھ، مەيلى ساھابىلەر، مەيلى سائادەت دەۋرىدىكى مۇجتەھىد ئىماملار، مەيلى ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىرى ساقىلىنى (ئىككى ئۈچ سانتا قالغۇدەك قىلىپ) قىسقارتىپ ، كۆتمەك ساقال قويىۋالىدىغان ئىشنى قىلمىدى؛ مەيلى ساقالنى تولۇق چۈشۈرۈۋېتىپ ئاياللارغا ۋە غىتمەكلەرگە ئوخشىۋېلىش يولىنى تۇتمىدى. دەۋرىمىزدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ساقالنى بىر ئىككى سانتا قالغۇدەك دەرىجىدە قىسقارتىپ تۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇنى پاك-پاكىز چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇ قىلمىش رەسۇلۇللاھنىڭ «ساقالنى كامىل قويۇپ، بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپ. شۇنداقلا، «كىمكى (بىزدىن بولمىغان، يەنى مۇسۇلمان ئەمەس) بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇمۇ شۇلاردىندۇر» دېگەن ھەدىسىگە چۈشۈپ قالىدىغان قورقۇنچلۇق ئىشتۇر. بۇنىڭدىن سىرت رەسۇلۇللاھ ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان. ئاياللار ساقالسىز، ئەرلەر ساقاللىق بولىدۇ. ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈستى ئۈستىلەپ ھارامغا بىۋاستە چۈشۈپ قېلىش، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈش دېگەنلىكتۇر. مۇسۇلمان دىيارلىرىدا ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش فرانسۇز ۋە بېرىتانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئىسلام دىيارلىرىغا بۆسۈپ كىرىپ نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان، يېقىنقى بىر ئىككى ئەسىر مابەينىدە باش كۆتۈرگەن ئىش بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق مۇسۇلمان ئەر كىشى ساقال چۈشۈرمەيتتى.  ئىگلىرىكى ئەسىرلەردە باشقىلارنىڭ ساقىلىغا زىيان سالغۇچىغا ئەر كىشىنىڭ كۆركىنى يوق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ بەدىلىگە ئىقتىسادىي جازا تۆلەش تەلەپ قىلىناتتى. ھەتتا ئېغىر يامان ئىشلارنى قىلغانلارنى جازالاش يۈزىسىدىن ساقىلىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، خەلقىئالەمگە ئىبرەت قىلىدىغان ئىشلار بار ئىدى. ساقالنى كامىل قويۇش پەرز ئەيىن، ئۇنى بىر نەچچە سانتا ئۇزۇنلۇقتا قالدۇرۇپ، كۆتمەك ساقال بولىۋېلىش رەسۇلۇللاھقنىڭ بۇ جەھەتتىن بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە تۈپتىن زىت. ئەرلەرنىڭ ساقالنى كامىل قويۇشى، يەنى بىر غېرىچ، ئىككى غېرىچ كەلگۈدەك كامىل، ئۇزۇن قويۇشى پەرزدۇر.
The post پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش زادى قانداق بولىدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش زادى قانداق بولىدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.